ئارمان ئەپ تەرجىمە قىلىش ياردەمچىسى(ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمئەپ تەرجىمە قىلىش ياردەمچىسىنىڭ ئىقتىدارلىدى تۆۋەندىكىچە:
1. ئىملا تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش، تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش (ئىملا ئامبىرى ئازراق، توغرىلاش نىسبىتى سەل تۆۋەن، بۇ مەسلىلەر پات ئارىدا ھەل قىلىنىدۇ).
2. Android نىڭ strings.xml, arrays.xml, prulars.xml timezone.xml ۋە smali قاتارلىق تىل ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش، ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تىل ھۆججەتلىرىنى توپ ئېچىش ۋە تەھرىرلەش.
3. IOS نىڭ strings, plist قاتارلىق تىل ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش، شۇنداقلار بارلىق سېستىما ھۆججەتلىرى ئىچىدىن تىل بولىقىنى ئايرىپ ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك تىل ھۆججەتلىرىنى توپ ئېچىش ۋە تەھرىرلەش.
4. سۆزلۈك ئامبىرى باشقۇرۇش.
5. apk ھۆججەتلىرىنى توپ يېشىش، توپ بولاقلاش، ئاپتۇماتىك ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇش(روم ئەپلىرىگە)، توپ تەرجىمە قىلىش، ئىمزا قويۇش، ئىمزا يۆتكەش، يېشىش ۋە بولاقلاش جەريانىدىكى خاتالىق ئۇچۇرلىنى خاتىرلەپ مېڭىش.
6. لاتىنچە ياكى سانلار ئۇيغۇرچە سۆزلەر بىلەن بىرگە كەلگەندە يانفۇندا ئورنى ئالمىشىپ كېتىش مەسلىسىنى ئاپتۇماتىك تۈزىتىش.
7. ئۇيغۇرچە روم، ئۇيغۇرچە ئەپلەردىن ئاپتۇماتىك سۆز ئامبىرى ئايرىش.
8. سۆزلۈك ئامبىرىدىن تەرجىمە قىلىش ۋە تەرجىمە قىلىنغان ئامباردە يوق مەزمۇنلارنى سۆزلۈك ئامبىرىغا زاپاسلاش.
9. خەنزۇچە ئۇيغۇرچە لوغەت.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار، ئىشلىتىش جەريانىدا بايقايسىز.
ئەسكەرتىش: دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئادەتتىكىچە ھېچقانداق گۈزەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىدى، دېتالنىڭ ئىقتىدارلىرى مۇقىملاشقاندىن كېيىن تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، كۆرۈنمە يۈزىگە ئېتبار بىرىدىغانلار ۋاقتىنچە توغرا چۈشىنىپ تۇرساڭلار، مەن يىغىپ ساقلىغان سۆزلۈكلەردە تەرجىمىسى مۇۋاپىق بولمىغان جايلار دەپ قارىغاچقا سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەنمىدى، ئەگەر ئۇيغۇرچە روم ياكى ئەپلەر بولسا، ئەپ ياكى روملارنى يەشكەندىن دېتالنىڭ ‹ئەپتىن سۆز ئامبىرى ئايرىش› ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سۆزلۈكلەرنى ئامبارغا قېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر يېتەرلىك ئامبار بولسا يېرىم سائەت ئىچىدە بىر رومنى تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ.
دېتالدا مەسلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر مەسلە بايقىساڭلار ياكى ئۆزەڭلار ئىھتىياجلىق ئىقتىدارلار يوق بولسا، تەكلىپ پىكىر بەرمەكچى بولساڭلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمد قىلىمەن.
سىنلىق دەرسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://115.com/lb/5lbeo650ju3d
يوۋكۇدا كۆرۈش ئادرېسى: http://v.youku.com/v_show/id_XODMwMjI0MDM2.html
دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: ArmanTerjimeYardamqisi.exe
115网盘礼包码:5lbbwwt74enx
http://115.com/lb/5lbbwwt74enx
http://pan.baidu.com/s/1pJHROhl
دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرى:
مەن ئىزدەپ يۈرگەن،ئارزۇيۇمدىكى دىتالكەن تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن . كاساپەت شىن ر دا ئېچىلمايدىكەن ئەمەسمۇ ئۇ بۇلۇت سۇپىلىرى :@ كۆرۈنمە يۈزلىرىمۇ ھېچقانداق ئەمەسكەنغۇ… ئالا بۇلىماچ بولغاندىن مۇشۇنداق چوڭ سۈپەت بولغىنى ئەۋزەل. تۇرىۋىرسۇن… ئىقتىدار جەھەتتىن كۈچەڭلار… ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تورداش، سىز خوتەن دېگەن يۇرت نامنى يازالمامسىز ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ harunjan يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:21 static/image/common/back.gif
ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تورداش، سىز خوتەن دېگەن يۇرت نامنى ...
يازالايدۇ 。 。 。 。 。 。 。 。 قانداق چۈشۈرىدۇ، بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار...... ئېسىل قورالدىن بىرسى روياپقا چىقىپتۇ، بۇ قورالنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ كۆپ قوللىنىشچان ئەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەكلىپ: OmegaT تەرجىمە ياردەمچىسىنىڭ بىرقىسىم ئىقتىدارلىرى مەزكۇر قورالنىڭ كېيىنكى نۇسخىسىدا مۇجەسسەملەنگەن بولسا ، جاپا تارتىپسىز ، كۆپ رەھمەت .
OmegaT :
http://idraksoft.com/index.php?m=wap&c=index&a=show&catid=13&typeid=44&id=658&remains=true
http://zh.m.wikipedia.org/wiki/OmegaT تىل بولىقى دېگەن زادى قانداق گەپ ؟
ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قانداق بىلىملەرنى ھازىرلاش كېرەك؟ harunjan يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:21 static/image/common/back.gif
ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تورداش، سىز خوتەن دېگەن يۇرت نامنى ...
ماشىنىغا قىزىقىدىغان چىراي:lol ما ئاداش XP ئىشلىتەمدۇ 2015 يىلدىمۇ تەرجىمانلار ئىشنى باشلاڭلار... ئىشلار بارغانسېرى ئاسانلىشىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېسىل ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىشىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ياخشى ! كېيىنكى نەشىرلىرىدە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ بارغۇسى {:112:} ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا، مۇشۇنداق يۇمتاللارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى تىلەيمەن. مەن توردىن چۈشۈرەلمىدىم، قارىغاندا ھىلىقى 115دىگەن توربەتكە ئەزا بولسام ئاندىن چۈشۈرەلەيدىغان ئوخشايمەن. مۇمكىن بولسا يۇمتالنىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرسىڭىز ھەمدە ئوچۇق(تېزىملاتمايدىغان)چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئۇلانما قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن. oyghunush يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 08:52 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا، مۇشۇنداق ي ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئىجرا مۇھىتى: windows
apk ھۆججىتىنى يېشىش، بولاقلاش ئۈچۈن jdk نىڭ 1.7 دىن يۇقىرى نەشرىنى قاچىلىشىڭىز كېرەك.
دېتال net 4.0 مۇھىتىدا ئىجرا بولىدۇ، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا net 4.0 بولمىسا دېتالنى قاچىلاش جەريانىدا ئاپتوماتىك قاچىلايدۇ.
بۈگۈن كەچكىچە مەن باشقا تور دىسكىسىغا يوللاپ قوياي، ئەگەر ئىشلىتىش جەريانىدا مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ياكى چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. چۈشۈرۈش مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arman26 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-29 16:04
pan.baidu.com/wap/link?shareid=921307340&uk=3241405174
بۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار!
بەت:
[1]