TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 15:04:07

تاشپولات: ئانا دىيار تەسىراتلىرى (4)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 15:23  

ئانا دىيار تەسىراتلىرى (4)

تاشپولات روزى


توكيو

ئىلاۋە: ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بايلىقى يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆپ زوردۇر، مۇبادا ئىنسانلار ئەقىل بايلىقىنى ئىشلەتمىسە، يەر بايلىقى قانچىلىك مول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر راۋاج تاپالمايدۇ. مەسلەن، يەر بايلىقى مول بولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئەقىلىنى ئىشلەتمىگەچكە، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن كۆپ ئارقىدا قالدى. ئۇلار ھازىرغىچە ئادەتتىكى بىر ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىمۇ مۇستەقىل ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ. ئۇلار پۇلى بىلەن باشقىلار ياساپ بەرگەن كاتتا ئايروپىلانلاردا ئولتۇرىدۇ، ئەمما پۇلى تۈگىگەندە نېمە قىلىشىنى ئەسلى ئويلاپ باقمايدۇ.  ياپونىيە  98 پىرسەنت ماددىي بايلىقنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان تۇرۇقلۇق، دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئامېرىكىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، دۇنيانى ئەقىللىقلەر ئۆزگەرتىدۇ، ئەقىللىقلەرنى مائارىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا مائارىپ ئاساس، مائارىپ ھالقا، مائارىپ ئۇل، مائارىپ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچى، مائارىپ مەشئەل، مائارىپ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىدىغان نۇرلۇق يول.  ---- تاشپولات روزى، قەلب خاتىرەمدىن

مەن ئالدىنقى يازمامنى ۋەتەن سەپىرىمدىكى گۈزەل غۇلجا شەھىرىدىن ئايرىلىپ، سۆيۈملۈك ئانا يۇرتۇم توققۇزتاراغا مېڭىش ئالدىدا تاماملىغان ئىدىم. بۇ يازمامنى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىققان ۋاقىتلىرىمدىن باشلايمەن.


نارىتا خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسى
مەن چاڭچۈندىكى شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونچە سىنىپىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچىدە ياپونىيەدىن كېلىدىغان مەكتەپ ئۇقتۇرۇشىنى 3 يىل ساقلىغاندىن كېيىن، 1990-يىلى 3-ئايدا ياپونىيە دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىمات فاكۇلتېتىنىڭ  ئىككى يىللىق تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ياپونيەگە ئوقۇشقا چىقىش توغرىلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم. شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق  رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان 25 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى خەلق  ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدا قوبۇل قىلىپ، بىزنىڭ ياپونىيەدىكى ئوقۇشىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، ياپونىيەدە ياخشى ئوقۇپ، بىلىم دائىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەن - خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىزنى، ئەگەر ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، يەنە يۇقىرىلاپ ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە قايتا چىقماقچى بولساق، تەستىقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەئىس تۆمۈر داۋامەت ئارقىدىن يەنە «ئەگەر سىلەر ياخشى ئوقۇپ كېلىپ، قايتىدىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولساڭلار، مائارىپ نازارىتى تەستىقلىماي قالسا، مېنى بىۋاسىتە ئىزدەڭلار» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. مەن شۇ چاغدا تۆمۈر داۋامەتنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش توغرىلىق قىلغان سۆزلىرىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەن ئىدىم.  بىز 25 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ياپونىيەگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ھۆكۈمەتتىن 6 ئايلىق تۇرمۇش پۇلىمىزنى بەردى. بىر ئادەمگە بىر ئايدا 8 تۈمەن ياپون پۇلى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ پۇلنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 4000 يۈەندىن ئاشاتتى. مەن چوڭ بولۇپ بۇنداق كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، يېنىمدا بۇ پۇللارنى ئېلىپ يۈرۈشتىن سەل قورقتۇم، ئەمما ئامالسىز بۇ پۇللارنى بېلىمگە چىڭ تېڭىۋالغان كىچىك ئاسما سومكامغا مەھكەم سېلىپ ئېلىپ ماڭدىم. ئوقۇش پۇلىمىزنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن كۆتۈرۈۋېتىدىغان بولغاچقا، بۇ پۇل بىزنىڭ بىر ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتىمىزگە يېتەتتى. مەن ياپونىيەگە يولغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا، ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم دوستلىرىم مېنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە چاقىرىتقانىدى. بىر كۈنى مېنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر دوستۇم ئۆيىگە چاقىرىپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە دوستلار بىلەن مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئىشىككە يېقىنلاشقىنىمدا، دوستۇم ئۆي ئىچىدىكى بالىلارغا قارىتىپ، «ماۋۇ داداش ياپونغا چىقىدۇ، خوش دەڭلار» دىۋېدى، بالىلارنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بىرى دوستۇمدىن «بۇ داداش ياپونيىەگە ياپونلۇقلارنى ئۆلتۈرگىلى چىقامدۇ؟» دەپ  سورىدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈۋەتتۇق. شۇ ۋاقىتلاردا تىياتىر ۋە تېلېۋىزورلاردا ياپونغا قارشى ئىشلەنگەن كىنولار كۆپ قويۇلغاچقا، كىچىك بالىلار «ياپونلۇقلار ھازىرغىچە ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ قالغانىكەن.  بۇ گەپنى ئاڭلىغان دوستۇم، ئۇ كىچىك بالىلارغا چۈشەندۈرۈپ «ھازىر ياپونلۇقلار ئەسكى ئەمەس، ئۇرۇشتىن كېيىن  ئۇلار ياخشى ئادەم بولۇپ ئۆزگەردى، ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېدى. ئەينى چاغدا مەندىمۇ «ياپونىيەگە بارسام، ياپونلۇقلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورۇنىتالەرمەنمۇ؟» دەيدىغان ئەندىشە بار ئىدى.


توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتى
1990-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 25 ئوقۇتقۇچى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ياپونىيەگە يول ئالدۇق. مەن ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ياپونىيەنىڭ قانداق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى ياپونلۇقلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى قاتارلىق ھەر خىل ئىشلارنى خىيال قىلىپ ماڭدىم. بىز ئايروپىلانغا چىقىپلا، ئايروپىلان ئىچىنىڭ بەكمۇ پاكىز ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئايروخانقىزلارنىڭ بېشىمىز لىڭشىپ كەتسىمۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىزدىن «سىزگە نېمە كېرەك؟» دەپ سوراشلىرى، بىزنىڭ ياپونلۇقلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قوزغىدى. بۇ ياپونلۇقلار ھېلىقى بىز كۆرگەن كىنولاردىكى ياپونلۇقلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. شۇ چاغدا «بۇلارمۇ ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن، ياپونىيەگە بارسام، ئۇلاردىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىسەممۇ بولىدىكەنغۇ» دېگەن ئويلار ماڭا كۈچ قۇۋۋەت بولدى. بىز ياپونىيەنىڭ نارىتا خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسىغا چۈشۈشكە يېقىنلىشىۋاتقىنىمىزدا، ئايروپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن ياپونىيەنىڭ مەنزىرىلىرىنى كۆزىتىشكە باشلىدۇق. ياپونىيە زېمىنى بىزگە گۈزەل كۆرۈندى.  بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان ساق - سالامەت ياپونىيە نارىتا ئايرىدىرومىغا قوندى. بىز بىرلىكتە ياپونىيە چېگرا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتۇق. بىز پاسپورتلىرىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېغىزىغا كەلگىنىمىزدە، ئالدىمىزدا ئولتۇرغان ياپونلۇق تەكشۈرگۈچى بىزگە «مەرھەمەت، ياپونىيەگە كەلگەنلىكىڭلارغا، سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن سالىمىنى بەردى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىزدە خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىقنىڭ ئالامەتلىرى مانا مەن دەپلا چىقتى. بىز چېگرا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ھەممىمىز ئۆتكەندىن كېيىن بۇ 25 ئوقۇتقۇچى ئايرودىروم ئىچىدىكى بىر يەرگە يىغىلىپ، ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتىنىڭ بىزنى ئېلىپ مېڭىشىنى ساقلاپ تۇردۇق. ئۇلار ئاللىقاچان بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ بوپتۇ. بۇ خادىملار بىز بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ھەممىمىزنى تەييار قىلىپ قويغان چوڭ ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، توكيودىكى ياپونىيە خۇسۇسىي مەكتەپ جەمئىيىتىگە ئېلىپ ماڭدى. مەن ئايرۇدىروم ئىچىدىكى پاكىزە مۇھىت، ياپونلۇقلارنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. ئىستانسا ئىچىدىكى ئوبۇرنىلارنىڭ پاكىزلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەمگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىكارلىق ئىكەنلىكى بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلدى. ئايرودىروم ئىچىدىكى ياپونلۇق خىزمەتچىلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ خۇش تەبەسسۇم بىلەن يۈرمىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بىزدەك تەرەققىي قىلمىغان ۋە دۇنيانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئازراقمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەر بۇنداق بىر زامانىۋىي دۆلەتكە كېلىپ قالسا، ئاجايىپ چۇڭقۇر تۇيغۇلارغا چۆمۈلىدىكەن.


بىز ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان چوڭ ئاپتوبۇسىغا چىقىپ توكيو شەھىرىگە قاراپ يول ئالدۇق. ئاپتوبۇس قوزغىلىشى بىلەنلا بىر ياپونلۇق كىشى ئاپتوبۇس ئىچىدىكى مىكروفون بىلەن بىزگە سالام بېرىۋەتكەندىن كېيىن، بارماقچى بولغان يېرىمىزنى ۋە يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى چۈشەندۈردى. بۇ نارىتا خەلقئارا ئايرىدىرومى بىلەن توكيونىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 67 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بىز ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاچ، ياپونىيە تېز سۈرەتلىك يولىنىڭ ئىككى تەرىپىنى كۆزىمىزنى ئۈزمەي كۆرۈپ كەلدۇق. شۇ ۋاقىت 4 - ئاي بولسىمۇ، يولنىڭ ئىككى تەرىپى بىز رەسىملەردىن كۆرىدىغان كۆرۈنۈشلەردەك گۈزەل ئىدى. بىز يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قالايمىقان تاشلانغان بىرەر ئەخلەت دۆۋىسىنى كۆرمىدۇق. بىز ئىككى سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت يول مېڭىپ توكيودىكى ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتىگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ جەمئىيەتنىڭ باش شتابى ئورۇنلاشقان بىنانىڭ ئىچىدە مېھمانخانىلارمۇ بار ئىكەن. بىز ماشىنىدىن چۈشۈپلا مېھمانخانا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. ئۇلار ھەر بىرىمىزنى ئايرىم - ئايرىم مېھمانخانا ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. مەن ئۆمرۈمدە ئۆزۈم يالغۇز بىر ئۆيدە يېتىپ باقمىغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمىزدا 8 ئادەم بىر ياتاقتا ياتاتتۇق. ئۆي ئىچىدە مۇنچىسىمۇ بار ئىكەن، ئادەمگە كېرەكلىك ھەممە نەرسىلەرنى تاپقىلى بولىدىكەن. ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىقىدىن ئادەم سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. بىز ياتاقلارغا ئۇرۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بىزنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتۇق. بىزنى زىياپەت ئاشخانىسىدا بۇ جەمئىيەتنىڭ سېكرېتارى سۈزۈكى ئەپەندى كۈتۈۋالدى. ئۇ بىزنىڭ ياپونىيەگە ساق-سالامەت كەلگەنلىكىمىزنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مۇلايىم سۆزلەر بىلەن قارشى ئالدى. تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ئۇ بىزگە ئارا بىلەن پىچاق ئىشلىتىپ تاماقلارنى قانداق يېيىش ئۇسۇلىنى ۋە ئارىنى قايسى قولدا پىچاقنى قايسى قولدا تۇتۇپ يېيىشنى ئۆگەتتى. مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر مۇشۇنداق كىچىك ئىشلارغىمۇ تەپسىلىي مۇئامىلە قىلىدىغان ئوخشايدۇ. قورساق راسا ئېچىپتىكەن ئارا بىلەن پىچاقنى قانداق تۇتۇپ تاماق يېيىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالدىم. ياپونلار تاماقنى ئىچىگە پىيالە ۋە تەخسە تىزىلغان تۆت چاسىلىق لېگەننىڭ ئىچىگە سېلىپ ئەكېلىدىكەن. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان تاماقلار ۋە قۇرۇغدۇلۇنۇپ كەتكەن تەخسە - چىنىلەرنى مۇشۇ تۆت چاسىلىق لېگەننىڭ ئىچىگە سېلىپ جوزىنىڭ ئۈستىنى پاكىز سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، قاچا تازىلاش ئورنىغا ئۆزىمىز ئاپىرىپ بېرىدىكەنمىز. سۈزۈكى ئەپەندى بىزگە «ياپونلۇقلار تاماقنى ئاساسەن ئاشۇرۇپ قويمايدۇ» دەپ ئەسكەرتىپ قويدى.  ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، كىچىك ۋاقتىم ئېسىمگە كەلدى، كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلار ماڭا «تاماقنى ئاشۇرۇپ قويساڭ يامان بولىدۇ» دەپ تەربىيە قىلاتتى. بىراق بىز ۋەتەندە چوڭلارنىڭ ئۇ خىل گەپلىرىگە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتۇق. بۇ قۇرۇقدىلىنىپ قالغان قاچا - قۇمۇشلارنى ئۆزىمىز يىغىشتۇرۇپ تازىلاش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىشنى مەن ياقتۇردۇم. بۇنداق بولغاندا ئاشخانا تازىلىقىغا كۆپ ياردەم قىلغانلىقتىن باشقا ئاشۇرۇپ قويغان تامىقىڭىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا قانچىلىك ئىسراپ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىشىڭىزغا ياردەمدىمۇ بولىدىكەن.


ئەتىسى ئەتىگەندە بىز بۆلۈنگەن ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىزنى ئۆز مەكتەپلىرىگە ئېلىپ ماڭدى. مەن توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەبىىي-پەن  ۋە ئىنژېنېرلىق تارماق شۆبىسىنىڭ فىزمات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ئىدىم. بۇ مەكتەپنىڭ باش شتابى توكيو شەھىرىنىڭ  ئاداچى دېگەن يېرىدە بولۇپ، 1907-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى ياسۇجىرۇ نىۋا ئىدى، ئۇ رەسىملىك تېلېگراف ماشىنىسىنى دۇنيادا بىرىنچى قېتىم ئىجات قىلغان كىشى ئىكەن. مەن بۆلۈنگەن مەكتەپ شۆبىسى توكيودىن تەخمىنەن 42 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سايتاما ناھىيەسىنىڭ خاتوياما دېگەن يېرىگە جايلاشقان ئىكەن. مەن ئەتىگىنى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاماقلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مېھمانخانا ئەتراپىدىكى دۇكانلارغا كىرىپ باقتىم. ئەتىگىنى بولغاچقىمۇ يولدا ئىشقا مېڭىۋاتقان كىشىلەر بەك كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى يۈگۈرۈپ، بەزىلىرى ناھايىتى ئىلدام مېڭىۋاتاتتى. ئۇ يەردە لاغايلاپ ئاستا ماڭىدىغان ئادەملەرنى ئۇچۇرتالمىدىم. دۇكانلارغا كىرسەم، دۇكان خادىملىرى ماڭا 90 گرادۇس ئېگىلىپ «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن» دەپ سالاملارنى بەردى. خېرىدارغا بۇنداق ھۆرمەت قىلىدىغان بۇ ياپونلۇقلارغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم. ماڭا يەنە بىر تەسىر قىلغىنى مېھمانخانا  ئەتىراپى ۋە دۇكانلارنىڭ پاكىزلىقى بولۇپ، يەردە بىرەر تال ئەخلەتنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئاۋۇ نارىتا ئايروپىلان ئىستانسىدىكى پاكىزلىق، ئادەملەرنىڭ خۇشخۇي چىرايلىرى، ماۋۇ مېھمانخانىدىكى ئاجايىپ مۇئامىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پاكىزلىقلار مېنىڭدە ھەرخىل سوئاللارنى تۇغدۇردى. شۇ چاغدا كاللامدا «ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئادەم سويغان بۇ ياپونلۇقلار قانداقسىگە كىشىگە بۇ دەرىجىدە مېھىر - مۇھەببەتلىك بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولۇپ كەتكەن ياپونلۇقلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ كەتكەندۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمىدۇر؟» دېگەن سوئاللار تۇغۇلدى. مېھمانخانا ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ مېنىڭ مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقتىمنىڭمۇ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، مېھمانخانا ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم ھەمدە مېنى ئېلىپ ماڭىدىغان مەكتەپ خادىملىرىنى مۇشۇ ئۆيدە ساقلاپ ئولتۇردۇم. سائەت دەل 10 بولغاندا ئىشىك چېكىلدى. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام بىر ئەر ماڭا سالام قىلىپ، مەن سىز بارماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل خادىمى، سىزنى مەكتەپكە ئېلىپ كېتىشكە كەلدىم، دېدى. مەنمۇ ئۇ كىشى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۈم. بىز سومىكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ ماشىنا قويۇلغان ئورۇنغا كەلدۇق. ۋەتەندىن ئەكەلگەن سومكىلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنىغا قاچىلاپ بولۇپ، مەن بارماقچى بولغان مەكتەپكە قاراپ يول ئالدۇق. شۇ چاغدا ھەيران قالغان يەنە بىر ئىشىم، بۇ ياپونلۇقنىڭ ئىشىكنى دەل سەھەر سائەت 10 دا چەككەنلىكى بولدى. ياپونلۇقلارنىڭ ۋاقىت قارشى بەك يۇقىرى بولۇپ، دېگەن يېرىگە كېچىكىپ كەلمەيدىكەن ياكى بالدۇرمۇ بارمايدىكەن. ئۇلار باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنى نومۇس دەپ قارايدىكەن. بىزدەك بىر-ئىككى سائەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ بارىدىغان يەرلەرگە بارىدىغان ئەھۋاللار ياپونىيەدە يوق دېيەرلىك ئىكەن. بۇمۇ ياپونىيەنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا قېتىلىشىدىكى بىر سەۋەبمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.


بىز ماشىنا بىلەن توكيو شەھىرىنى ئارىلاپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق. توكيو شەھىرىدىكى بىنالار بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن، ئەگەر يەر تەۋرەپ بۇ بىنالار غۇلاپ چۈشسە ئادەم قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمىغىدەك. توكيو  ئېگىز بىنالار بىلەن ئورالغان بولسىمۇ ئاشۇ بىنالارنىڭ ئەتراپلىرىدا يېشىل دەرەخلەر قويۇق ئۆسكەن ئىكەن. ئېگىز بىنالارنىڭ ئەتراپىدا ئادەملەر دەم ئالسا بولىدىغان باغچىلار، ئورۇندۇقلار قويۇلغان ئىكەن. پويىزلار ئېگىز بىنالارنىڭ ئۇستىدىمۇ قۇشقاچتەك ئۇچۇپ يۈرگەندەك كۆرۈندى. پويىز، ماشىنا ۋە ئادەم يوللىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ خۇددى ئۆمۈچۈك تورلىرىغا ئوخشايدىكەن. بىز تېز سۈرەتلىك ماشىنا يولىغا چىققاندىن كېيىن مېنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ياپونلۇق بىلەن تازا قىزىپ پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئۇنىڭ ئىسمى تاكاخاشى ئىكەن. ئۇ  قىلغان سۆزلىرىنى مېنى ئۇقالماي قالمىسۇن دېدىمۇ ئېيتاۋۇر، ناھايىتى ئاستا ۋە چۈشىنىشلىك ئاددىي گەپلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭدىن ياپونىيە مائارىپ سىستېمىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداقسىگە بۇنداق دۇنياغا تونۇلغان بىر ئىقتىساد دۆلىتى بولۇپ كەتكەنلىكىنى سورۇدۇم.  تاكاخاشى مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ 6 يىل، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3 يىل، تولۇق ئوتتۇرا 3 يىل، ئالىي مەكتەپ 4 يىل قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ سىستېمىنى ياپوندا «6-3-3-4» فورما دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ياپونىيە مائارىپ سىستېمىسى ئامېرىكا مائارىپ سىستېمىسىنى ئۈلگە قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئىكەن. ياپونىيە مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادا ساۋاتسىزلار سانى نۆلگە يېقىن بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىش نىسبىتى 2 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 46 پىرسەنتى ئالىي مەكتەپكە ياكى ئىككى يىللىق تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە بارىدىكەن. ياپونىيە مەكتەپلىرى يىلىغا 3 مەۋسۇم بولۇپ، يېڭى ئوقۇش ۋاقتى ھەر يىلى 4-ئايدا دەرس باشلاپ، يەنە بىر يىلنىڭ 3-ئېيىدا ئاخىرلىشىدىكەن. ياپونىيەدە تۆۋەن يىللىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، بىر  ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6 سائەت  ئوقۇيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار يازدا 6 ھەپتە، قىشتا بىر  ھەپتە، باھاردا بىر ھەپتە دەم ئالىدىغان بولۇپ، بىر يىلدا جەمئىي 8 ھەپتە دەم ئالىدىكەن. ياپونىيەدە دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا خېلى كۆپ تاپشۇرۇق بېرىدىكەن. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىمۇ ناھايىتى ئالدىراش ئۆتىدىكەن. ياپونىيەنىڭ نوپۇس زىچلىقى دۇنيا بويىچە يۇقىرى بولغاچقا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ سانى 40 تەك بولىدىكەن. ياپونىيە مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشلۈك تاماقنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار تاماقنى سىنىپتا يەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار  مەكتەپتە  ئوخشاش كىيىم فورمىسىنى بىردەك كىيىدىكەن. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب باي بىلەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە ئوخشاش تاماق ۋە ئوخشاش كىيىم كىيىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كەمسىتىلىشىنى يوق قىلىش ئىكەن.  بولۇپمۇ پۇلى بار بايلارنىڭ باللىرىغا قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كەمبەغەل بالىلارنىڭ روھىغا زەربە بېرىشنى توسۇش ئىكەن. ئامېرىكا مەكتەپلىرى ھەر-بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش نۇقتا قىلسا، ياپونىيە مەكتەپلىرى گۇرۇپپا رولىغا ئاساسەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىدىكەن. يەنە ياپونىيە گۇرۇپپىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىمۇ يېتەكلەپ ماڭىدىكەن. ئۇ ياپونىيەنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى مۇنداق بايان ئەيلىدى: ياپونىيە مائارىپنى  بۇرۇندىنلا مۇھىم ئورۇنغا قويغان دۆلەت، مائارىپ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭغا سەل قارىغان مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ مائارىپ سەۋىيىمىز ئەدو دەۋرىدىلا ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ياپونلۇقلارنىڭ مۇشۇ دەۋردە ساۋاتسىزلىق نىسبىتى يەنە خەت تونۇش نىسبىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىكەن. ياپونىيەنىڭ ئەدو دەۋرى دېگىنىمىز 1603-يىلدىن 1868 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ دەۋردە ياپونىيەدە كىتاب ئوقۇش ۋە سەنپەن ئىشلىتىپ ھېسابلاش ئېلىپ بېرىش قىزغىنلىقى قوزغالغان ئىكەن. ياپونىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىشىمۇ مۇشۇ دەۋردە تەرەققى قىپتىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياپون خەلقى بۇرۇندىنلا مائارىپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نەرسىلەرنى قۇراشتۇرۇپ ياساپ چىققان ئادەملەرنى مىللەت سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مىجى ئىنقىلابىنىڭ ياپونىيە دۆلىتىنىڭ تەرەققى قىلىش ھۇلىنى قۇرۇپ بەرگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى. ياپونىيەنىڭ مىجى ئىشىن دېگىنى 1868-يىلىدىن 1912-يىلغىچە بولغان ئارىلىق بولۇپ، بۇ چاغدا كۆپلىگەن ياپولۇقلار ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ بىلىم ئېلىپ، ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ياپونغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىر ئارال دۆلىتى بولغانلىقتىن، ئەتراپىنىڭ ھەممىسى دېڭىز، شۇڭا تارىختا بۇ دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۆلەتلە ئاساسەن بولمىغان، ياپونىيەنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدا ئارال دۆلىتى بولغانلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ يەنە دۆلىتىمىز كىچىك ۋە يەر بايلىقى بولمىغاچقا، بۇرۇنقى دۆلەت ئەربابلىرى بايلىقنى باشقىلارنى بوزەك قىلىش ئارقىلىق سىرتتىن ياپون زىمىنىغا ئەكىرمىسەك بولمايدۇ، دەپ قاراپ خاتا ھالدا باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئويلىغان. بۇ خاتا كۆز قاراش ياپونىيەنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلق تۇرمۇشىنى ئەڭ  قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: بىزنىڭ بۇنداق تەرەققىي قىلىشىمىزغا ئۇرۇشتىن ئالغان تەجرىبىمىز ۋە ئامېرىكىنىڭ بىزنى بېسىۋېلىش جەريانىدا بىزگە بەرگەن پۇرسەتلىرىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، دېدى.


مېنىڭچە، ئىنساننىڭ ئەقىل بايلىقى يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆپ زوردۇر. ئىنسان ئەقىل بايلىقىنى ئىشلەتمىسە يەر بايلىقى قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەرىبىر يوق بىلەن ئوخشاش. دۇنياغا نەزەر سالساق، شۇنى بىلىمىزكى، يەر بايلىقى بىلەن تولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئەقىلىنى ئىشلەتمىگەچكە، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن كۆپ ئارقىدا قالدى. ئۇلار ھازىرغىچە ئادەتتىكى بىر ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىمۇ ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ.  ئۇلار پۇلى بىلەن باشقىلار ياساپ بەرگەن كاتتا ئايروپىلانلاردا ئولتۇرسىمۇ، بىراق پۇلى تۈگىگەندە نېمە قىلىشىنى ئەسلى ئويلاپ باقمايدۇ.  ياپونىيە  98 پىرسەنت ماددىي بايلىقنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان تۇرۇقلۇق، دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتتۇر. دېمەك، دۇنيانى ئەقىللىقلەر ئۆزگەرتىدۇ، ئەقىللىقلەرنى مائارىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، مائارىپ ئاساس، مائارىپ ھالقا، مائارىپ ئۇل، مائارىپ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچى.


توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇستىدىن تارتىلغان رەسىمى

بىز ماشىنىدا بىر سائەتتىن كۆپرەك مېڭىپ مېنى ئورۇنلاشتۇرغان ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق. مەن ياتماقچى بولغان ياتاق تاكاساكا مەھەللىسىدىكى 6 قەۋەتلىك بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى بىر ئېغىزلىق ئۆي ئىكەن.  «تاكاساكا» دېگەن بۇ مەھەللە خىگاشىماتۇياما شەھىرىدە بولۇپ، 11000 نوپۇسقا ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھايۋاناتلا باغچىسى بولۇپ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن. مەن ياتقان ياتاق بىناسىدىن تاكاساكا پويىز ئىستانسىغا پىيادە 6 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدىكەن. مەن قوبۇل قىلىنغان مەكتەپكە مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن ماڭسا 15 مىنۇتلا كېتىدىكەن. بىنانىڭ يېنىدىلا يېمەك-ئىچمەك ساتىدىغان كىچىك بىر دۇكان ۋە ياپونلۇق دېھقان ئېچىۋالغان يەرلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان كىچىك دۇكانمۇ بار ئىكەن. بىز مەن ئېلىپ كەلگەن سومكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ ياتاق ئۆيىگە كىردۇق. ياتاق بىر ئېغىزلىق بولۇپ، ئىچىدە ئاشخانا ۋە مۇنچا قاتارلىق ئادەمگە كېرەكلىك ھەممە نەرسە بار ئىكەن. بۇ بىنا يېڭى ياسالغان بولغاچقا، ئىچىدىكى ھەممە نەرسە يېپيېڭى ئىكەن. مېنى ئېلىپ كەلگەن تاكاخاشى ئەپەندى، ياتاقتىكى ھەممە نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ياتاق پۇلىنى 2 يىل مەكتەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن ھەم بۇنىڭدىن سىرت، مەكتەپ مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئۈچۈن 3 تۈمەن ياپون پۇلى بېرىدىكەن. مېنىڭ تاماق ئېتىپ يېيىشىم ئۈچۈن قازان-قومۇچ ۋە يوتقان قاتارلىق بارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ تەييارلاپ قويۇپتۇ. ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا مۇشۇ ياتاقچىلىك بىر ياتاقتا بىر ئائىلە كىشىلى ياتقان ئىدۇق، مەن تاكاخاشى ئەپەندىمدىن «مەن بۇ ياتاقتا يالغۇز ياتامدىم ياكى باشقىلار بىلەن بىرگە ياتامدىم؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا «بۇ ياتاق سىزگىلا تەييارلانغان، ياپونىيەدە بىرنەچچە ئادەم بىر ياتاقتا ياتمايدۇ» دەپ كۈلۈپ كەتتى. مەكتەپنىڭ مەندەك ئاددىي بىر تەتقىقاتچىغا بۇنداق ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغىنىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم  ھەم تەسىرلەندىم.  تاكاخاشى ئەپەندى مېنى  پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى مەكتەپنىڭ ئاپتوبۇس توختاش ئورنىغا باشلاپ بېرىپ، مەكتەپكە بېرىش يوللىرىنى، بىنا ئەتراپىدىكى ماگىزىن ۋە ئاپتوبۇس ۋاقىت جەدۋىلىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى ھەمدە  مەن بىلەن خوشلىشىپ مەكتىپىگە قايتىپ كەتتى.


مەن ياتقان ياتاق بىناسى

(داۋامى بار)

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز، ئانا دىيار تەسىراتلىرىنىڭ (1)، (2)  ۋە (3) نى ئوقالايسىز.

http://bbs.izdinix.com/thread-60702-1-1.html

http://bbs.izdinix.com/thread-60044-1-1.html

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 00:44:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yuksel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 00:46  

مېنىڭچە، ئىنساننىڭ ئەقىل بايلىقى يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆپ زوردۇر. ئىنسان ئەقىل بايلىقىنى ئىشلەتمىسە يەر بايلىقى قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەرىبىر يوق بىلەن ئوخشاش. دۇنياغا نەزەر سالساق، شۇنى بىلىمىزكى، يەر بايلىقى بىلەن تولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئەقىلىنى ئىشلەتمىگەچكە، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن كۆپ ئارقىدا قالدى. ئۇلار ھازىرغىچە ئادەتتىكى بىر ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىمۇ ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ.  ئۇلار پۇلى بىلەن باشقىلار ياساپ بەرگەن كاتتا ئايروپىلانلاردا ئولتۇرسىمۇ، بىراق پۇلى تۈگىگەندە نېمە قىلىشىنى ئەسلى ئويلاپ باقمايدۇ.  ياپونىيە  98 پىرسەنت ماددىي بايلىقنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان تۇرۇقلۇق، دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتتۇر. دېمەك، دۇنيانى ئەقىللىقلەر ئۆزگەرتىدۇ، ئەقىللىقلەرنى مائارىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، مائارىپ ئاساس، مائارىپ ھالقا، مائارىپ ئۇل، مائارىپ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچى.

==========================================


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپۇلاتكا، داۋامىغا تەشنا بىز. {:140:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 06:09:19

25 يىل بۇرۇنقى ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭىزغا رەھمەت.

oyghunush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 08:53:10

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 06:09 static/image/common/back.gif
25 يىل بۇرۇنقى ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشق ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولاتكا،
سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدەك يازمىڭىزنى ئوقۇپ بۇندىن 2 يىل بۇرۇنقى چەتئەلدە ئوقۇش قىزغىنلىقلىرىمغا قايتىدىن ئوت تۇتاشتى، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ پۇشايمىنىم تولۇق كۇرۇستا كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئوقۇماي، پەقەت تىل ئۈگىنىشكىلا بىرىلىپ كەتكىنىم بولدى، .......ئاللاھ خالىسا پۇل تاپسام ساياھەت قىلىش پۇرسىتنى قولغا كەلتۈرسەم دەيمەن...
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، داۋامىغا تەشنامىز.

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 09:35:36

يەر بايلىقى بىلەن تولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئەقىلىنى ئىشلەتمىگەچكە، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن كۆپ ئارقىدا قالدى. ئۇلار ھازىرغىچە ئادەتتىكى بىر ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىمۇ ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ.  ئۇلار پۇلى بىلەن باشقىلار ياساپ بەرگەن كاتتا ئايروپىلانلاردا ئولتۇرسىمۇ، بىراق پۇلى تۈگىگەندە نېمە قىلىشىنى ئەسلى ئويلاپ باقمايدۇ.
*************************************************************************
ئەرەبلەر ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە بايانلىرىڭىز مىنى ئۈمدسىزلەندۈردى. ئەرەبلەرنىڭ نېفىت بايلىقىنى باشقا بايلىقلارغا ئايلاندۇرۋاتقانلىقى توغۇرلۇق خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ. ئەرەبلەر توغۇرسىدىكى سەلبى خەۋەرلەرنى بەك كۆرۈپ كىتىپسىز.

nachuq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 13:00:38

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تاشپولاتكا، شۇنچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ۋاقىت چىقىرىپ «ئانا دىيار تەسىراتلىرى»نى كۆپچىلىككە سۇنغانلىقىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. داۋامىنى ساقلايمىز.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 14:37:51

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزگە قول قويدۇم ئاكا.
مۇشۇ ياپوۇنچە ئىسىملارنى بىز ئۆزپېتى ئىشلىتىكەنمىز،ئەمما خەنزۇچىغا باشقا مەنە بىلەن تەرجىمە قىلىنىدىكەن،
بولسا قانداق تەرجىمە قىلىنىدۇ چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار؟
زىيالى بولسا سىزمۇ ياپۇندا ئوقۇش سۈزگۈرەشتىلىرڭىزنى بىز يازمامسىز ؟
زىيالى سىز قايسى ئونىۋېرسىتىتا ،نېمە كەسىپتە ئوقۇۋاتىسىز؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 16:04:38

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 14:37 static/image/common/back.gif
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزگە قول قويدۇم ئاكا.
مۇشۇ ياپو ...

بىلىشىمچە، ياپونچە ئاتالغۇلارنى خەنسوچىغا تەرجىمە قىلغاندا، يېزىلىشى ياپونچىغا ئوخشاپراق كېتىدىغان خەنسوچە خەتلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ياپونچە ئاتىلىشى بىلەن خەنچە ئاتىلىشى پەقەتلا ئوخشىمايدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 17:24:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 17:26  

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 14:37 static/image/common/back.gif
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزگە قول قويدۇم ئاكا.
مۇشۇ ياپو ...

مەسلەن،ياپۇنىيەنىڭ پايتەختى توكيونى ياپۇنچىدە 東京 دەپ يازىدۇ،توكيو دەپ ئوقۇيدۇ.
خەنچىدە بولسا شۇ پېتى 東京  ياكى东京 دەپ يازىدۇ.بۇ خەتلەر خەنزۇچىدە دوڭجىڭ دەپ ئوقۇلىدۇ.
بۇ ئىككى خىل تىلدا خەن خېتى بولغانلىقى ئۈچۈن،خەنزۇ تىلىغا ياپۇندىكى خەنچە خەتلەر كىرگەندە ياپۇنچىدە قانداق ئوقىلىشىدىن قەتئى نەزەر،خەنچىدە قانداق ئوقىسا شۇنداق ئۇمۇملاشتۇرغان.
ياپۇنىيەدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ.شىنجاڭنىڭ ياپۇنچە خەنچە خېتى،خەنزۇچە خەنچە خەت بىلەن ئوخشاش،ئەمما شىنكيو دەپ ئوقۇيدۇ.يەنە بىر خىل ئەھۋال يەنە بىر قىسىم يەر ناملىرى قانداق ئۇمۇملاشقان بولسا شۇ پېتى ئوقۇپلا خەنچە خېتىنى يېزىپ قويىدۇ.مەسلەن 上海 خېتىنى ياپۇنچىدىمۇ شىياڭخاي دەپ ئوقۇيدۇ.ئەمما بۇ ئىككى خەتنى ياپۇنچە لوغەتتىن ئىزدىسىڭىز، شىياڭ ،خاي دەپ ئوقۇلىشلىرى يوق.

ئۇيغۇرچىدە خەنچە بولمىغاچ،خەلىقارالىق ئۆلچەم بويىچە قارشى تەرەپنىڭ ئۆز تىلىدا قانداق ئوقىسا بىزمۇ شۇنداق ئوقىغىنىمىز توغرا بولىشى كېرەك.ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى سەۋەپلىك ھەممىمىزنىڭ دىگۈدەك خەنچە يېزىقتىكى ئىسىمىمىز بار.مىنىڭمۇ ھەم شۇنداقپاسپورتىمغا خەنچە خەت چۈشۈرۈلگەن بولغاچ نوپوس ياكى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغاندا خەنچە خېتىم تىزىمغا ئېلىنىدۇ.بۇ خەتلەرنى ياپۇنلارنىڭ ئەسلى قانداق ئوقىشى بەرىبىر.شۇ خەتلەرنى يېزىپ قويۇپ ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن كىلىدىغان ئوقۇلۇشنى ئىسمەم دەپ قوللىنىمەن ھەم ئۇلارغا بۇ خەنچە خەتلەرنى قانداق ئوقۇش كېرەكلىكىنى دەپ بېرىمەن.:lol

ئۈزەم توغۇرلۇق مەنمۇ 20 يىللاردىن كىيىن ئەسلەپ يازاي ھە:lol

borluq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 19:42:03

تاشپولات ئاكا، ئەمگەكلىرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت. قوللىرىڭىز ھارمىغاي.

ھۆرمەت بىلەن قوشۇلالمايدىغان بىر نۇقتام ئەرەبلەر توغرىدىكى ئېتقانلىرىڭىز. پۈتۈن دۇنيادا 420 دىن 450 مىليونغىچە ئەرەب ياشايدۇ. 22 ئەرەب دۆلەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ دۆلەتلەرنى بىراقلا بىر -ئىككى نۇتىدىن شېلىشتۇرۇپ ئەقىل ئىشلەتتى ياكى ئىشلەتمىدى دەپ ئېيتىش لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەمدۇ قانداق. مەلۇم ئادەمگە نىسبەتەن ئەقىل ئىشلەتتى دېسەك بولىدۇ، لېكىن دۆلەتلەرنى ئەقىل ئىشلەتتى ئىشلەتمىدى دىگىلى بولمايدۇ.

بەلكىم بۇ سىزنىڭ 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى ھىسياتىڭىزمۇ بىلمىدىم؟

ھازىر ياپونىيە ئىختىسادى جەھەتتىن 3- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

okojan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 20:14:18

ئىقستادى جەھەتتىن ئەمەس بەلكى بىر پۇتۇن تەرەققيات جەھەتتىن دىگەندەك قلامدۇ نىمە ... ؟

   ماقالنىڭ بىشدىكى ئابزاسى  بىلەن ئەرەپلەر توغۇرسدىكى يىرى بەك توغىرا يىزىلپتۇ ...   ھەققەتكە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ .

tordos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 14:45:03

داۋامىغا تەشنامىز....{:112:}

SARGARDAN يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 11:42:23

ئەرەبلەر توغىرسىدا ئېيتىلغان گەپلەر خاتا ئەمەس.ئۇلار دەرۋەقە پەن-تېخنىكا ،ياساش جەھەتتە كىيىن تۇرىدۇ.بىزگە ئوخشاش.

Anar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 22:42:39

«ئانا دىيار تەسىراتلىرى» نىڭ ئالدىنقى ئۈچ قىسمىنى ئوقۇپ بەك تەسىرلەنگەنتىم . بۇنى كىيىنرەك كۆرۈپ قاپتىمەن،ياپۇنىيەگە يېڭى چىققان چاغدىكى تەسىراتلىرىڭىز ئوخشايدۇ ، چوقۇم بەك ئىسىل {:112:}تەپسىلىي ئوقۇپ چىقاي.

Anar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 20:01:50

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 17:24 static/image/common/back.gif
مەسلەن،ياپۇنىيەنىڭ پايتەختى توكيونى ياپۇنچىدە 東京 دە ...

بىزنىڭ ئسىملىرىمىزنىڭ خەنچە يېزىلىشىنى ياپۇن تىلىدا ئوقۇسا ئەمەسلا بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالامدۇ نىمە:lol  
زىيالى ئەپەندىمنىڭ ئىسمىنىڭ ياپۇنچە ئوقۇلىشىنى ئاڭلاپ باقساقمۇ بوپتىكەن;P:lol

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 09:02:03

nuzgum يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 09:35 static/image/common/back.gif
يەر بايلىقى بىلەن تولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئەقىلىنى ئىش ...

ئۇلارنىڭ بايلىقنى ئەقىلگە ئايلاندۇرۋاتقىنىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ئۇلار بايلىقنى بايلىققا ئالماشتۇرىۋاتىدۇ.

alper999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:00:38

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تاشپولاتكا  رەھمەت
بەت: [1]
: تاشپولات: ئانا دىيار تەسىراتلىرى (4)