rahim123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 10:49:19

ياقمىدىم

ياقمىدىم
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
پۇلۇم بارىدادوسلارغا،ئەتىۋار ئىدىم شۇنچىلىك،
گەر پۇلۇمدىن ئايرىلىپ،مەن دوسلىرلارغا ياقمىدىم.
ئابروي تاپسام ئالىدىدا پەخىرلەنگەن مىنىڭدىن،
ئابرويىمدىن ئايرىلىپ،مەن دوسلىرلارغا ياقمىدىم.

سىنىڭ راس دەپ قانچىلاپ،خەجلىگەندە پۇلۇمنى،
ئايرىلمايمىز سىنىڭدىن دەپ، چىڭ سىققاندا قولۇمنى.
بار بىساتىن ئايرىلىپ،بولۇپ قالسام يالاڭئاچ،
كەچمەيمىز دەپ لاپ ئۇرغان،شۇ دوسلارغا ياقمىدىم.

قېرىنداشلار ئىدۇق بىز،تىلىمىز-قىنىمىز بىر ئىدى،
بايلىق ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە قىلۋاتقىنىمىز يۈز ئىدى.
قۇرۇق قول بارسام ئۆيگە،قېرىندىشىمنى ئۆز كۆرۈپ ،
شۇئان قاراپ قولۇمغا،ئۆز قېرىندىشىمغا ياقمىدىم.

دېھقان ئىدىم تەكتىمدىن،يىزىلاردا چوڭ بولغان،
ئوماچ ئىچىپ،زاغىر يەپ،ۋۇجۇدىمغا قان تولغان.
شەھەرلىكتىن يار تۇتۇپ،يۈرسەم مەن كەينىدىن،
بۇغداي پۇرىقىمنى بىلىپلا،مەن يارىمغا ياقمىدىم.
2014-يىلىدىن12-ئاينىڭ25-كۈنى ئۈرۈمچى
بەت: [1]
: ياقمىدىم