ھەقىقى ئەرنىڭ ھازىرقى جەمىيەتتىكى ئۆلچىمىنى قانداق بولىدۇ
ئەي ئوغۇللار، نېمىدىگەن بىچارە سىلەر!!!! دەپ توۋلىغۇم كەپكەتتى
ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشىنىڭ مەنئىي قىلىنىشى، جىنىس ئايرىپ ئوقۇتۇش... دىگەندەك بىر قاتار ئەنئەنىۋىي تۈزۈملەرنىڭ يىمىرلىشى دەل ئوغۇللارنى جىدىي قۇتقۇزۇش گىردابىغا ئەكەپ قويغان مۇھىم ئامىللار ئىكەنلىكى مانا ئەمدى ئاشكارىلانغىلى تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەۋەپلىرىدىن يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئىستىمال بۇيۇملىرىدىكى خىميىلىك بۇلغىنىش مەسىلىسىمۇ بار. ئەرلەرنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەپكار مۇھىم ئامىللار يەنىلا نورمال ئەرلىك پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىش ۋە راۋاجلىنىش شارائىتلىرىنىڭ بوغۇپ تاشلانغانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ .
بىرزات ھەكىم بىلوگىڭىز ئىچىلمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ بىر ئوڭشاپ قويسىڭىز بەكمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.
دەرياغا چۈشۈپ باقماپتىكەنمەن ، بەك كىچىك چاغلاردا ئۆستەڭگە چۈشەتتۇق ، كىيىن كۆلگە ، سۇ ئامبارلىرىغا چۈشەتتۇق ، دەريادا سۇ ئۇزگىلى بولمايدىغاندۇ ؟
ئامال قىلىپ ئوغۇل بالىلىرىمىزنى بىرزات ئەپەندىمنىڭ بىلۇگىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشقا يېتەكلەپ قىززىقتۇرۇپ قويساق بولاتتى. 80 خالتا بىلۇگىدا ياشلارنىڭ جىنسىيەت ھاڭلىرىغا چۈشۈپ بالدۇر خاراپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نىسبەتەن خېلى يېتەرلىك ئىلمىي مەزمۇنلار كۆپ ئىدى. دادىلارنىڭ بەزى مەسىلىلەرنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈشى بىئەپ بولغاچ، مۇشۇنداق ۋاستىلەر ناھايتى ياخشى ئەسقاتار دەپ قارايمەن. شەخسەن مېنىڭ تۆت ئوغلۇم بار بولغاچ بۇ جەھەتتىكى غېمىممۇ كۆپرەك...
مەنغۇ دەريادىن بۆلەك يەردە سۇغا چۆمۈلۈپ باقماپتىمەن
Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 21:17 static/image/common/back.gif
سىلىنىڭ ھىكايىلەردىن ئاڭلىساق بولىتتى.
ما گەپتىن ئىلھاملىنىپ كېچىچە ئۇخلىماي بىر نەرسە يېزىپ يوللاپ قويغانىدىم، نەسىرىي ئەسەرلەر سەھىپىسىگە.
aypalta يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 10:45 static/image/common/back.gif
ما گەپتىن ئىلھاملىنىپ كېچىچە ئۇخلىماي بىر نەرسە يېزى ...
تەستىقلاش رايۇنىدىن سىلىنىڭ يوللىغان تېمىنى تاپالمىدىم. سىستېما كاشىلىسىمىدۇ ياكى باشقا بىر ئىشمۇ بىلمىدىم. ئەگەر يازغانلىرىنى ساقلىۋالغان بولسىلا، قايتا بىر يوللاپ باققان بولسىلا!
Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 13:10 static/image/common/back.gif
تەستىقلاش رايۇنىدىن سىلىنىڭ يوللىغان تېمىنى تاپالمى ...
مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم مۇشۇنداق بولۇشى، مەن ئاچسام تېما كۆرۈنىدۇ، «سىزنىڭ 1 دانە تېمىڭىز تەستىق كۈتۈۋاتىدۇ، چېكىپ كۆرۈڭ» دەپ خەت چىقىدۇ. باشقۇرغۇچىلارغا بولسا كۆرۈنمەيدىكەن. قارىغاندا سېتىمىدا كاشلا كۆرۈلگەن بولسا كېرەك. قايتا يوللاپ قوياي
رەھمەت ..مەنمۇ بىر ئەسلىۋالدىم بالىلىقىمنى،،،مەىنىڭ ئۆيۈم زەرەپشان بويىدا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qassap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 19:06
بۇ قېتىم قۇربان ھېيىتتا يۇرتقا كىرىپ شۇ خۇمدانلارغا قاتتىق ئۆچلۈكۈم كەپ كەتتى. چوڭ ئۆينى يېڭىلاپ سالغان. ئارقىسىدا بىرەر يۈز مىتىر يېنىدا بىر خۇمدان باركەن. ئىش بېسىقراق كۈنلىرى ھەممە يەرنى توپا قاپلاپ كىتىدۇ. ئازراق شامال چىقسىغۇ بولدى، ئۆيىمىزنى توپىغا كۆمۈپلاۋىتىدۇ. ئاپام ئۈچ كۈن بۇرۇن كىرىپ ئاران تازىلاشتۇرۇپ بوپتۇ. مەنغۇ مەيلى تازلىۋەتسەم بولىدۇ. لىكىنزە، خۇمدان ئەتراپىدا ئېتىزلىقى بار كىشىلەرگە ھەممىدىن ئۇۋال بولدى. بۇ يىل ئاساسەن ھوسۇل ئالاماپتۇ. دادۈيگە دىسىمۇ كارى بولماپتۇ. قائىدە بويۇنچە خۇمداننىڭ ئىگىللىرى تۆلەم بىرىشى كېرەك ئىدى.
يەنە ئاۋۇ بېلىق كۆلىدىكى كەلكۈندىنىڭ ئىتى باھاردا بىر بالىنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. بىچارە بالا تۆت ياشتا ئىكەن. ئاتا ئانىسى توي قىلىپ سەككىز يىل پەرزەنىتلىك بولالماي، ئاندىن ئاشۇ بالىسى توغۇلۇپتىكەن. ئىچى قان بولۇپ كەتتى. ئانىسى سەل سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى. مەرەز كەلكۈندىنىڭ خەق ئوغۇلاپ قاچقۇدەكمۇ بىرنىمىسى يوق بولمىسا. بىلىق كۆلەمگە مەن يوق ۋاقتىدا خەخلەر كىلىپ بېلىقىمنى تۇتىۋالىدۇ دەپ قويۇپ بىرىدىكەن لالمىلىرىنى. كىيىن سوتتىن يوقلا بىر پۇلنى بىرىپ بۇ ئىشمۇ تۈگىدى. ھەر قېتىم شۇ كۆلنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولىدۇ...
ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 09:41 static/image/common/back.gif
دەرياغا چۈشۈپ باقماپتىكەنمەن ، بەك كىچىك چاغلاردا ئۆس ...
بولىدۇ.مەن كىچىكىمدىن ئىلى دەرياسىدا چۆمۈلۈپ چوڭ بولغان.
مەن كىچىكىمدىن يۇرۇڭقاش دەرياسىدا چۈمۈلۈپ ئوينايتىم
قاسساپ ،سىز قاسساپ تۇرۇپ ئاشۇ ئىتنى جايلىيالمىدىڭىزما ،ياشلىق شاشلىق دەپ تاغلارغا چىقسىڭىز بۆرىگە خىرىس قىلغۇدەك ئوۋ ئىتى ياكى پادىچىلار ئىتى كۆپ پادىچىدىن يامىننىڭ كۇچىكىدىن بىرنى ئەكىلىپ تالىتىپ ئۆتتۈرۋەتسىڭىز بولىدىكەنغۇ ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان چارىغۇ بۇ . پەقەت بولمىسا شالغۇت پىتىر نەسلىدىن بىرنى باقسىڭىزمۇ ئۇ ئادەمگە قىزىقمايدۇ ،ئامما ئىتنى تالاشقا سەت ھەۋىسى بار ئىت نەسلى
مەن تۇغلۇق ئاغىنەمنىڭ ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە باغاندا شۇ خۇمداننىڭ كەينىدە بىر يە باركەنتۇق شۇيەگە بىرىپ سۇغا چۈشكەن ،بىزنىڭ تكەنبىشىنىڭ گىپىنى قىلمايلا قوياي بولدى كىچىكىمىزدە قويباقىدىغان شال تىرىيدىغان يەرلىرىمىزنى موچەن بەمەي سىتىۋىتىپ ھەتتا بىز ماندا چىرىپ سۇغا چۈشىلى دىسەكمۇ مەيدىمىزدىن ئىتتىرىپ ھەيدەپ چىقىرىدىغان بولدى ،نەچچە قىتىم قويلىرىمىزنى تاتىۋىلىپ پۇل تۆلەپ ياندۇرۇپ چىقتۇق سۇغا چۈشىدىغان يەلىنىمۇ دەريا قىنىنى ئۆزگەرتىپ تىزغا كەلمەيدىغان قىلىپ قويدى ھازىر چۈشىدىغانلا بەش چاقىرىم كۆۋرۈك تەرەپكە بىرىپ چۈشىدۇ .ئىشقىلىپ دەپ كەسەك گەپ جىق ،
ئۇ ئاتالمىش مىللى ئۆرىپ ئادەت باغچىسىدا بولاۋاتقان بۇزۇقچىلىق ،ھەيييييييييييييييييي ھايۋاناتلا باغچىسى دەيمىز ئادەتتە مەخسۇس قىمارۋاز پاھىشۋازلا كىردىغان يە بولاپ قالدى بۇرۇن ياخشىتى بىز سەل بۇرۇنقى ۋاخلىرىمىزدا باساق ئۇرۇپ قوغلايتى ئىتلار ئىتسىمانلار
qassap يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 19:04 static/image/common/back.gif
بۇ قېتىم قۇربان ھېيىتتا يۇرتقا كىرىپ شۇ خۇمدانلارغا ق ...
بىزنىڭ ما يەردە بىرسىنىڭ قويىنى ئاۋۇلار باققان ياۋا ئىتلار تالاپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتىكەن،مال دوختۇردىن دورا ئېلىپ گۆشكە تېمىتىپ شۇ ئىتلارغا تاشلاپ بېرىپ يوقاتتى
kaman1 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 15:21 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ما يەردە بىرسىنىڭ قويىنى ئاۋۇلار باققان ياۋا ...
ئىتنىڭ يامان دورىسى قايسى دورىدىۋۇلا؟
otanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 11:59 static/image/common/back.gif
قاسساپ ،سىز قاسساپ تۇرۇپ ئاشۇ ئىتنى جايلىيالمىدىڭىز ...
مەن يۇرتتا جىق تۇرمايمەن.