تېخىمۇ قىززىقى شۇ ئامباردىن ئىقىپ چىققان، قىش كۈنلىرىئۈستى ئازراقلا مۇزلاپ ئاستى مۇزلىماي سۇ ئىقىپ تۇردىغان ئۆستەڭ بويىدا قۇرۇغان ئوت چۆپ ۋە دەرەخ غازاڭلىردا قوي باققاچبىر بىرىمىزنى ئوغۇل بالىچىلىق ۋە نوچىلىقتا بەس -بەسكە سېلىپ ،ئەتىيازغا يېقىن ھاۋا ياخشى كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىم مۇزنى يېرىپ ئۆستەڭگە سۇغا چۈشەلەيدۇ دىسە مەن ،مانا مەن دىيىشىپ مەيدىمىزگە مۇشلاپ، ئاقىۋەت ئاتقان پوغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قۇرۇق يانتاقنى دۆۋىلەپ ئوت يېقىپئوتنى تازا ئۇلغايتىپ قويۇپ شۇ سۇغا سەكرەپ ئاندىن جالاقلىغان پېتى ئوت سۇنغان قارا يۇمۇردەك ئىشلىرىمىز يادىمغا يەتتى.
بۇ ئىشلىرىمىزنىڭ بۇ يەردە يېزىپ يۈرۈشكە بولسىمۇ ئەسقاتقىنىدىن خۇش بولىۋاتىمەن:lol «ئوغۇللارنى قۇتقۇزىۋېلىش» ھەققىدىكى ئىنكاسلار نىمانچە قىس؟ بۇ كىتاب كىتابخانىدا يوقكەن ،باشقا تىلدا يېزىلغان كىتاب ئوخشايدۇ؟
@Birzat@
RE: ‹‹ئوغۇللارنى قۇتقۇزىۋالايلى›› -بىرزات
بىرزات ئەپەندى تېما مەزمۇنىنى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق «ئوغۇللار مۇشۇنداق بولىدۇ» دىگەننى كۈچلەندۈرمەكچىمۇ ياكى تېمىدىن چەتنەش ئارقىلىق زىل نۇقتىلارنىڭ مەيدانغا چۈشۈپ قىلىشىدىن يانداپ كەتمەكچى بولۋاتامدۇ؟ قارىغاندا بىرزاتكام ئۆز ئوغۇللىرىنى «قۇتقۇزۇپ» بولغان چېغى، باشقا ئوغۇللارنىڭ دادىلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ-نىمە؟(چاقچاق) قېنى ئاۋۇ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى يانفوندا يوققۇ؟ ئەمدى ئوغۇل بالا بولۇشمۇ گۇناھ بولىدىغان بولۇپ قالدىما :lol چېڭلوڭ باش بىلەن ئۈچەي ئىشتانلار يوقىسۇن دىگەندۇ، توغرا چۈشىنەيلى.ئوغۇللارنى تەنتەربىيەگە قىزىقتۇرايلى، تەن ساغلام بولسا روھىمۇ ساغلام بولىدۇ. Bigaan يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 14:05 static/image/common/back.gif
بىرزات ئەپەندى تېما مەزمۇنىنى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقى ...
ئەسلىدە ھىلىقى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقنى قوزغاشنىڭ گېپى بولۇپ بەزى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ تېمىلار يوللانغاندىن كىيىن مەنمۇ بۇ كىتابنى تورداشلارغا بىر تەۋسىيە قىلىپ قوياي دەپ باشلىغان ئىدىم. بالىلىقتىكى كەچۈرمىشلىرىمىز مېنىڭچە تەڭتۇشلىرىمىزنىڭ ئاساسەن ئوخشاش دېگۈدەك ئۆتكەن بولىشى مومكىن. ئۇلارنى ئەسلەپ ئۆتىشىم كىتابنىڭ ‹‹روھى›› غا ئاساسەن بولغاندا ئەشۇ ۋاقىتتا بىزلەر بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ساپ تەبىئەت، ئوغۇللارغا خاس ئويۇن، كەپسىزلىك ، قاراملىق دېگەندەكلەرگە ھازىر شارائىت يوق، ياكى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دادىلار بۇ ئەھۋالغا كۆپرەك باش قاتۇرۇپ بالىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشى، ئۈلگە بولىشى، ئوغۇللارنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلگۈدەك تەربىيلەش ھەققىدە ئىزدىنىشى كېرەك ئىكەن دېمەكچى ئىدىم، كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىغان ھەم ئوغۇللىرىمنى ئويناتقان ۋاقىتتا ھېس قىلغانلىرىمنى تېمىغا يانداشتۇرۇپ يازماقچى ئىدىم. ۋاقىت مەسىلىسى سەۋەبلىك تېما ئاشۇنداق چالا بولۇپ قالدى. ئاخىرىدا ھەر-بىر دادا بولغۇچىلارغا، مۇئەللىم-مۇئەللىمەلەرگە ‹‹ئوغۇللارنى قۇتقۇزۋالايلى›› دېگەن كىتابنى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. :handshake ehsan99 يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 10:57 static/image/common/back.gif
بۇ كىتاب كىتابخانىدا يوقكەن ،باشقا تىلدا يېزىلغان كىت ...
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتاب ئىكەن. umudwar0998 يوللىغان ۋاقتى2014-12-29 20:24 static/image/common/back.gif
قارا چاشقاننى جايلايدىغان بىردۇرا بار ئون يۇۋەنلىك مۇ ...
جاھاندا ناچار ئادەملەرلا ھايۋانلارنى قەستلەيدۇ... ئەتىراپلىق ئىزدىنىشلەرنىڭ مەسۇلىدۇ بۇ ھە! !! Birzat يوللىغان ۋاقتى2014-12-31 16:15 static/image/common/back.gif
ئەسلىدە ھىلىقى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقنى قوزغاشنىڭ گېپ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم قانداق ئەھۋاللىرى سالامەت تۇرلىمۇ ؟ سىلى بىلوگقا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلمەس بوپ قاللىغۇ يىڭى تىمىلارنىڭ يوللىنىنىشى بەك ئۇزۇندا بولىۋاتىدۇ بەك ئالدىراش بوپ كەتلىمۇ قانداق ؟ munir يوللىغان ۋاقتى2015-1-1 11:01 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم قانداق ئەھۋاللىرى سا ...
شۇنداق بولىۋاتىدۇ. جىق تاشلىنىپ كەتتى بلوگىم. :funk: ئاخىرىنى قاچان كورىمىز ئەمدى:(:) ablimitt يوللىغان ۋاقتى2014-12-31 18:07 static/image/common/back.gif
جاھاندا ناچار ئادەملەرلا ھايۋانلارنى قەستلەيدۇ...
ئۇنداق دەپ كەتمەيلى! ablimitt يوللىغان ۋاقتى2014-12-31 18:07 static/image/common/back.gif
جاھاندا ناچار ئادەملەرلا ھايۋانلارنى قەستلەيدۇ...
بۇيەردە خەقنىڭ بالىسىنى تالاپ ئۆلتۈرۇپ قويغان ئىتلارنىڭ گېپى بولاۋاتىدۇ غالجىر لالما ئىتلارنى ئەسلى كۆرگەنلا يەردە ئۆلتۈرگۈلۈكتى،بىراق ئۇنداق قىلىش ئۇنچە ئاسان بولمىغاچ، كىشىلىرىمىز پەقەت ئاۋۇنىڭدەك يىرتقۇچلۇق قىلىپ ئادەم تالىۋەتكەن ئىتلارغىلا «قەست» قىلىشى ئەلۋەتتە يوللۇق ۋە زۆرۈر!تېگىدىن سۈرۈشتۈرگەندە زۆرۈرىيەتسىز ئىت بېقىش(گەرچە ئۇ ئىت ساغلام بولسىمۇ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن چەكلەنگەن. نەق مۇشۇ تېمىدا ئۆتكەن يىلى تەڭرىتاغ ژورنىلىدا خېلى ئۇزۇن يېزىلغان ماقالە ئېلان قىلىنىپ كېيىن مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرىمۇ راىئودا زىيارەت قىلىنغان ئىدى، بۇ كىتاپ تەرجىمە ئەسەر ئوخشايدۇ، شۇ ماقالىدە نۇرغۇن يەرلەردە مۇشۇ كىتاپدىن نەقىل ئېلىنىپتىكەن،