ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 09:45:15

2014-يىللىق ئون مۇنەۋۋەر CEO

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 09:47  

2014-يىللىق ئون مۇنەۋۋەر CEO

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 26-12-2014

سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى (CNNMoney) يېقىندا 2014-يىلىدىكى 10 نەپەر ئەڭ مۇنەۋۋەر CEO نى باھالاپ چىققان بولۇپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغىنى ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) تىم كۇك (Tim Cook) ئىكەن. كونكرېت رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك
ئالما شىركىتى يەنە بىر قېتىم ۋال كوچىسىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغاچقا، كۇك 2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر CEO بولۇپ سايلانغان. يېڭى نۇسخىدىكى iPhone ۋە Apple Pay نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە Apple Watch نىڭ كېلەر يىلى بازارغا چىقماقچى بولغانلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %40 ئۆسۈپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشقان.


ئىككىنچى، blackberry نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون چېن (John Chen)
جون چېن  blackberry شىركىتىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنى كۈچىنى يۇمشاق دېتال ساھەسىگە قاراتقان. بۇ يىل blackberry نىڭ پاي باھاسى %35 ئۆسكەن بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇشى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولغان.


ئۈچىنچى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتيا نادېللا (Satya Nadella)
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نادېللا ۋال كوچىسىغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نامزات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. مەبلەغ سالغۇچىلار نادېللانىڭ بۇلۇت سۇپىسى ۋە كۆچمە ئۈسكۈنە ئىستراتېگىيەسىنىڭ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ پاي باھاسىنى %26 يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىگە قىزىقىپ قالغان.


تۆتىنچى، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارى بېررا (Mary Barra)
بۇ يىل بېررانىڭ ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ سايلانغانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئايال CEO بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى زور كۆلەملىك كىرىزىسقا دۇچار بولغان. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەممىباب شىركىتىنى كارخانا مەدەنىيىتىنى قايتا ئويلىنىشقا يېتەكلىگەن.


بەشىنچى، ياخو (Yahoo) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارىسسا مېيىر (Marissa Mayer)
مېيىر پاي سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالى بابانىڭ بىر قىسىم مەبلىغىنى پايچېكلارغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قەسەم قىلغان بولۇپ، بۇ يىل ياخونىڭ پاي باھاسىنىڭ %25 ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئۇنىڭ قولىدىكى ئالى بابانىڭ پېيى ئىكەن.


ئالتىنچى، T-Mobile نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون لېگېر (John Legere)
  T-Mobileنىڭ پاي باھاسى بۇ يىل %25 ئۆسكەن.


يەتتىنچى، HP نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مېگ ۋىتمەن (Meg Whitman)
ۋىتمەن HP شىركىتىنى نەچچە بۆلەك شىركەتكە ئايرىپ ۋە كەڭ-كۆلەمدە قايتا قۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ۋال كوچىسىمۇ ۋىتمەننىڭ ئۇسۇلىنى ياقتۇرۇپ قالغان. بۇ يىل HP شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %40 تىن كۆپرەك ئۆسكەن.


سەككىزىنچى، زەنجىرسىمان ئاشخانا Buffalo Wild Wings نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سەلىي سېمىس (Sally Smith)
باشقا زەنجىرسىمان ئاشخانىلارغا سېلىشتۇرغاندا، سېمىس پەن-تېخنىكىدىن قانداق پايدىلىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، Buffalo Wild Wings ئاشخانىسى ئىستېمالچىلارنىڭ تاختا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ تاماق زاكاز قىلىشىغا يول قويغان.


توققۇزىنچى، ئەنئەنىۋى يېمەكلىك، مىلىچمال تىجارىتى شىركىتى (Kroger) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رودنىي مەكمۇلىن (Rodney McMullen)مەكمۇلىننىڭ داڭقى چىقمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ شىركەتنى تەرەققىيات يولىغا يېتەكلىشىگە تەسىر قىلالمىغان، بۇ يىل مەزكۇر شىركەتنىڭ پاي باھاسى %60 ئاشقان.


ئونىنچى، «ۋېكتورىيەنىڭ مەخپىيىتى» (Victoria’s Secret) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېس ۋېكىسنېر (Les Wexner)ۋېكىسنېرنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بۇ يىللىق پاي باھاسى %40 ئۆسكەن، ھەمدە تارىختىكى يېڭى پەللىگە يەتكەن.
مەنبە: http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1226/2875-38.html


ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(سىغىمى: ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB ):

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 13:26:25

ITساھەسى كۆپ سالماقنى ئېگىلەيدىكەن يەنىلا.
يېقىندا ئۈندىدرادا  ئون بىر خىل تىلدا سۆزلىگەن ئۇيغۇر يىگىتى ناملىق ماقالە ئېقىپ يۈرۈيدۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 13:49:39

1-سىنىڭ بەچچىۋازلىقىنى بىلگەن ۋاقتىمدىن باشلاپ ،ئۇ كۆزۈمگە بەك يوچۈن كۆرۈنىدۇ:@

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 22:52:37

تىم كۇك دىسە تىم كۆت دەپلا ئاڭلىنىدىغان بوپ كەتتى. بۇ كىشى توغۇرلۇق ھەرقانداق مەزمۇننى ئوقۇغۇممۇ كەلمەيدىغان بوپ قالدى.
پەخىرلىك ئۇيغۇرىمزىنىڭ زور تەتقىقاتى دەپ ئۈندىدارنى بىر ئاپتۇ ھاياجانلىق خەۋەرلەر. گوگىلدەك چوڭ شىركەتلەر تېخىچە يېزىق شەكىلىدە ناھايىتى مۇكەممەل تەرجىمە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمايۋاتسا، ئا يىتىم 11 خىل تىلنى ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇپ بىرىدىغان سېستىما ياساپ بوپتۇ. ھەقىقەتەن كاتتا تەتقىقاتكەن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 18:09:47

تىم كۆت ھاھاھا

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 12:56:45

غەرىب دۆلەتلىرىنىڭ بىر ئشى كۆزۇمەگە سىغمايدۇ زادى  مۇشۇ بەچچىۋازلىقنى قانۇنلاشتۇرغۇنى  ئەركىنلىكنىڭمۇ چېكى بۇلىدۇ  توۋۋا دەيمە  
بەت: [1]
: 2014-يىللىق ئون مۇنەۋۋەر CEO