ھىندىستاندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار 50 نەپەر ئاددىي پۇقرانى ئۆلتۈردى
سېپاراتىزم تەشكىلاتىغا تەۋە گۇمانلىق قوراللىقلار 23-دېكابر ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاسسام دېگەن چېگرىسىدا نۇرغۇنلىغان كەنتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئايال ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 50 نەپەر ئاددىي پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، ئاسسام چېگرىسىدا ئاز دېگەندىمۇ بەش رايون ئالتە كەنت ئارقا-ئارقىدىن قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچىلار «بودولان مىللىي دېموكراتىك سېپى» گە تەۋە ئىكەن.
ھايات قالغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللىقلار ئۇچىسىغا ھەربىي فورما كىيىۋالغان بولۇپ، كەنتكە پىيادە كىرگەن، ھەمدە ئارقىدىنلا كەنت ئاھالىلىرىنى قىرىشقا باشلىغان. بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى ئۆيدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، يېقىن ئارىلىقتا ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللىقلار ساختا قىياپەتتە سۇ كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ھەمدە تۇيۇقسىز ھالدا ئاپتوماتىك مىلتىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقارغان.
مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سودا شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى http://xjabs.com/show/?id=1960 «بۆلگۈنچى تەشكىلات» دېگەننى «سېپاراتىزم تەشكىلاتى» دەپتۇما نىمە؟ تەرجىمە قىلمايلا. خەۋەرلەردىن تۇلا ئاڭلايمەن سەۋەپسىزلا بىگۇناھ پۇخرالارنى قىرغىن قىلغان تەشكىلاتلارنى ئۇلار راسلا ئاشۇنداق ياۋۇزمىدۇ ياكى ئۇرۇشنىڭ ھەقىقى سەۋەبى خەۋەردە تىلغا ئېلىنمامدىغاندۇ . دائىملا بىگۇناھلارنىڭ ئۆلىدىغىنى ماڭا يۇچۇنلا تۇيۇلىدۇ كىم بىگۇناھ .... نەتىجىسىنى بىلسىڭىزلا بولدى، سەۋەبىنى كوچىلاپ سورىماڭ نەدە ئۇرۇش بولسۇن ئالدىن تالاپەتكە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا خەلىق بولىدۇ،بۇ ئىشلار تارىختىن بۇيان شۇنداق تەكرارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
بەت:
[1]