bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 09:19:11

بىلىمخۇمار: يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 09:28  

يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئامېرىكىدا مايكۇل جوسېفسون (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر ئەخلاق مۇتەخەسسىسى بار. ئۇنىڭ «جوسېفسون ئەخلاق ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركىتى بار بولۇپ، ئۇ قىلغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى «ئەخلاق مۇھىم» (Character Counts) دېگەن پروجېكتتىن ئىبارەت. ئۇ نۇرغۇن چوڭ سورۇنلاردا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن، ھەمدە ھۆكۈمەت، شىركەت-كارخانا، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساقچى ئىدارىلىرى، ئاخبارات ئورۇنلىرى، قانۇن، ۋە ھەربىي ئورۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپ جەمئىي 100000 دىن ئارتۇق كىشىگە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى قىلىپ بەرگەن. ئۇ لوس ئانژېلىس رايونىنىڭ «KNX-1070» دېگەن رادىئوسىدا «ئەخلاق مۇھىم» دېگەن تېمىدا ئوبزور سۆزلىگىلى 15 يىلدەك بولغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئوبزورلىرىنى ئاڭلىغان، ھەمدە ئۇنى شۇ ئارقىلىق تونۇغان. ئۇ ھازىرغىچە ئەخلاق مەسىلىرىگە ئائىت كىتابلاردىنمۇ خېلى كۆپ كىتاب چىقارغان بولۇپ، تۆۋەندىكى 2-رەسىمدە مەن ئۇنىڭ 8 پارچە كىتابىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ قويدۇم. مېنىڭ ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ئوقۇرمەنلەرگە «ئامېرىكىدا ئەخلاق ھەققىدە مۇنداق كىتابلارمۇ بار ئىكەن»، دېگەننى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت بىرلا ئاپتورنىڭ كىتابلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەخلاقنى تېما قىلغان ئىنگلىزچە كىتابلارنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.


1-رەسىم: مايكۇل جوسېفسوننىڭ رەسىمى


2-رەسىم: مايكۇل جوسېفسون چىقارغان 8 پارچە كىتابنىڭ رەسىمى. مەن بۇ كىتابلارنى www.amazon.com دېگەن تور بەتتىن تاپتىم.

يۇقىرىدىكى كىتابلارنىڭ ماۋزۇسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۆۋەندىكىلەرگە يېقىن كېلىدۇ:

(1) ئاممىۋى خىزمەت ئەخلاقىنىڭ بەش پرىنسىپى
(2) سالامەتلىكتە ياخشىراق بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كېسەل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق
(3) ئەخلاقىي قارار ئېلىش ھەققىدە
(4) ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىڭىزدا
(5) ئاتا-ئانىلارنىڭ ئون نەچچە ياشلىق بالىسىدا ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشى
(6) ياخشى ئەخلاقنىڭ كۈچى
(7) ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئاجرىتىش ۋە ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئېلىشتىكى ئەخلاق: ساخاۋەتنى ياخشىلاش
(8) ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى ئەخلاقىي قىممەت، ئەخلاقىي پوزىتسىيە ۋە ئەخلاقىي ئىپادىلەر

مەن مايكۇل تەييارلىغان يېڭى نەرسىلەر ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا كېلىدىغان قىلىپ تىزىملىتىپ قويغان ئىدىم، بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن بىر تام گېزىتىنىڭ تېكىستى كەلدى . مەن ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ياشلارغا تونۇشتۇرۇپ قويۇش مەقسىتىدە مەزكۇر يازمىنى تەييارلىدىم.


1. يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت

مايكۇل تەييارلىغان «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن تام گېزىتى تۆۋەندىكى 3-رەسىمدە كۆرسىتىلدى. مەن ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلدىم:

(1) راستچىللىق ھەر قېتىم پايدا ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما يالغانچىلىق ھەر قېتىم زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
(2) بىر ئادەمگە بولغان ئىشەنچ تاشلارنى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قوپۇرۇلغان مۇنار بولۇپ، يالغانچىلىق ئاشۇ تاشلارنى ئەڭ ئاستىدىن باشلاپ سۇغۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ.
(3) مەخپىيلىك سىزنى قوغداپ قالالمايدۇ؛ پاش بولۇپ قالغان يالغانچىلىق بولسا بىر تەييار بولغان مىناغا ئوخشايدۇ.
(4) يالغانچىلىق ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى يالغانچىلىقلاردىن تەشكىل تاپقان قوغدىغۇچىلارنى تۇغىدۇ.
(5) يالغانچىلىق ئاشۇ يالغانچىلىقنى قىلغان ئادەم بىلەن ئاشۇ يالغانچىلىقنىڭ ئوبيېكتى بولغان ئادەمگە ئۆز-ئارا قەتئىي ئوخشاشمايدىغان شەكىلدە كۆرۈنىدۇ.
(6) بىر يالغانچىلىققا سەۋەب تېپىپ بېرىش، ئۇنى ئاقلاش، ياكى ئۇنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار پەقەت كىشىلەرنىڭ ئاشۇ يالغانچىغا بولغان ئىشەنمەسلىكنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
(7) ئەگەر بىرسى بىزگە يالغان سۆزلىسە، بىز «بۇ ئادەم بۇرۇن ماڭا يەنە قانداق يالغانچىلىقلارنى قىلغان بولغىيتتى؟» دەپ ئويلايمىز.
(8) بىرلا يالغانچىلىق سىزنى بىر «يالغانچى» قىلىپ قويىدۇ، ياكى سىزنى ئاشۇ يالغانچىلىق قىلغان كىشىگە ئىشەنمەس قىلىپ قويىدۇ.
(9) يالغانچىلىق قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەپۇ سورىسىڭىز، ئۇنىڭ ئازراق پايدىسى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئەپۇ سوراش يارىنى ساقايتالمايدۇ.
10. يېرىم راستچىللىق ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش بىلەن يالغانچىلىقلارنى نىقابلىيالمايسىز؛ يالغانچىلىق دېگەن يەنىلا بىر يالغانچىلىق.
11. يالغانچىلىق يالغۇز ساختىپەزلىكلا ئەمەس؛ ئۇ يەنە ھۆرمەتسىزلىك.
12. سىز باشقا بىر يالغانچىغا يالغانچىلىق قىلسىڭىز، سىز يەنىلا بىر يالغانچى بولۇپ تۇرۇۋېرىسىز.


3-رەسىم: مايكۇل تەييارلىغان «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن تام گېزىتى.

2. ئىشەنچنىڭ مۇھىملىقى

مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇرچىدا ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، ئۆزىنىڭ غايىسىگە بولغان ئىشەنچىسى، ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر دوستىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئۇ دوستىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە «ئىشەنچ» دېگەن بىرلا سۆز ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، ئىنگلىزچىدا ئۇنداق ئەمەس. ئىنگلىزچىدا بىر ئادەمنىڭ ئالدىنقى 3 نەرسىگە بولغان ئىشەنچى «confidence» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاخىرقى ئىككى نەرسىگە بولغان ئىشەنچ بولسا «trust» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، «trust» دېگەن سۆز «ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى» نى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ئادەملەرگە ئىشلىتىلىدۇ. مەزكۇر تېما كىشىلەرنىڭ راستچىللىقى بىلەن يالغانچىلىقى ھەققىدە بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىككىنچى كىچىك تېمىدىكى «ئىشەنچ» دېگەن سۆز «ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ» تىكى سۆز بولماستىن، بەلكى «ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى» نى ئىپادىلەيدىغان «ئىشەنچ» تۇر. ئىنگلىزچىدا بىر ئادەمنىڭ راستچىللىقى، ئۇنىڭ گېپىدە تۇرىدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۈپەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەيدىغان يەنە بىر سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ «credibility» دېگەن سۆز بولۇپ، مەن داۋاملىق بۇ سۆزگە ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى تېپىشتا قىينىلىمەن. ھازىرمۇ شۇنداق بولۇۋاتىمەن. يەنى ئىنگلىزچىدا «trust, credibility» دېگەن سۆزنى بىرلا ۋاقىتتا بىرلا كىشىگە ئىشلەتسە بولۇۋېرىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇرچىدا نېمە دەيمىز؟ بۇ يەردە «trust» دېگەن سۆز «ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى» نى كۆرسىتىدۇ، «credibility» بولسا «بۇ ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىسپاتلاپ بولغان ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى، گېپىدە تۇرىدىغانلىقى، ۋە راستچىللىقى ھەققىدىكى نامى» دېگەنلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۆۋەندە مەن «credibility» دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە «راستچىللىق نامى» دەپ ئالىمەن.

مايكۇل يۇقىرىدىكى «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» نى يېزىپ چىقىش بىلەن بىللە، 2014-يىلى 3-دېكابىر كۈنى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە بىر پارچە قىسقا يازما ئېلان قىلدى. مەن تۆۋەندە ئاشۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.

راستچىللىق ھەر قېتىم پايدا ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما يالغانچىلىق ھەر قېتىم زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىناۋەت، ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى ۋە راستچىللىق نامى بىر تەشكىلات يوقىتىپ قويسا قەتئىي بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم بايلىق بولۇپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلى يالغانچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىلاۋە: بۇ يەردە ئىنگلىزچە «organization» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئۇتتۇر مەنىسى «تەشكىلات» تىن ئىبارەت. ئەمما ئىنگلىزچىدا ئىدارە، مەكتەپ، شىركەت، كارخانا، ھەر خىل تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق نامى ئۈچۈن «تەشكىلات» دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ.

باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش خۇددى تاشلارنى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بىر مۇنار ياسىغانغا ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ مۇنار قانچە ئېگىز ۋە قانچىلىك پۇختا كۆرۈنسۇن، ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى بىر دانە تاشنى ئېلىۋەتسىڭىز، بۇ مۇنار چوقۇم ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. يالغانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇ كىشىلەرنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاساسىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.

يالغانچىلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىزنى بەزى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە پاش بولۇپ قالمىغان يالغانچىلىق بىزگە بەزى قىسقا مۇددەتلىك پايدىلارنىمۇ ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئەمما يالغانچىلىقنى مەڭگۈ مەخپىي ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. پاش بولۇپ قالمىغان ھەر بىر يالغانچىلىق، مەيلى ئۇ قانچىلىك كىچىك بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغان بىر مىناغا ئوخشايدۇ.

يالغانچىلىق ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا يېڭى يالغانچىلىقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق باش مىنىستىرى ۋىنستون چېرچىل (Winston Churchill, 1874 - 1965) مۇنداق دېگەن ئىدى: ھەر بىر يالغانچىلىق ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يالغانچىلىقتىن تەركىب تاپقان بىر قوغدىغۇچىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ياخشى نىيەت بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن يالغانچىلىقلارنى بىز «ئاق يالغانچىلىقلار» (white lies) دەپ ئاتايمىز. ئاشۇنداق ئاق يالغانچىلىقتىن بىرسى پاش بولۇپ قالغان ھامان، بىزنىڭ ئىناۋىتىمىز تۆكۈلىدۇ. يالغانچىلىق قىلغان كىشىنىڭ ئاشۇ يالغانچىلىققا بولغان قارىشى يالغانچىلىق قىلىنغان كىشىنىڭ قارىشىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. «مەن ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا سىز ماڭا يالغانچىلىق قىلىۋېرىڭ» دەيدىغان كىشىلەردىن قانچىسى بار؟

بىز ئۆزىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشى ئاسانراق بولسۇن ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىغا باھانە تاپساق، ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاقلىساق، ياكى ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى كىچىكلەشتۈرسەك بولۇۋېرىدۇ. ئەمما ئاشۇنداق ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى قوغدايدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر يارىمىزنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە ئىشەنمەسلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. سىز بىر «يالغانچى» دەپ ئاتىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن يالغانچىلىقتىن قانچىنى قىلالايسىز؟ سىز باشقا بىر ئادەمگە ئىشەنمەس بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قانچە قېتىملىق يالغانچىلىقىنى قوبۇل قىلالايسىز؟ بىز باشقا بىر ئادەمنىڭ ئۆزىمىزگە يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان ھامان، بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇن قىلىشقان پاراڭلارنى ئەسلەپ، «ئۇ بۇرۇن ماڭا يەنە قانداق يالغان گەپلەرنى قىلغان بولغىيتتى؟» دەپ ئويلايمىز. سىز باشقا بىر يالغانچىغا يالغانچىلىق قىلىپ، ئۆزىڭىز بىر «يالغانچى» بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالامسىز؟

بىز سادىر قىلغان يالغانچىلىقىمىزغا باشقىلاردىن ئەپۇ سورىشىمىز، ئۆزىمىزنى كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنۈشىمىز، ھەمدە ئىككىنچى يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى يالغانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان تارتۇقنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، ياكى بولمىسا پەيدا قىلغان يارىنى تولۇق ساقايتالمايمىز.

بىز يېرىم راستچىللىق قىلىش ياكى پۈتۈنلەي يوشۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى نىقابلاشقا ئۇرۇنۇشىمىز مۇمكىن. ئاشۇنداق قىلىقىمىزنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىز گوللاش، شەكلىنى ئۆزگەرتىش، خاتا ئىپادىلەپ قويۇش، ۋە ياسالمىلىق قىلىش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ قانداق سۆزنى ئىشلىتىشىمىز مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن قارىغاندا، يالغانچىلىق مەقسەتلىك ھالدا سەمىمىيەتسىزلىك قىلىش، ۋە بىر ئادەمنى راست ئەمەس بىر نەرسىگە قەستەن ئىشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ يالغۇز سەمىمىيەتسىزلىكلا ئەمەس، بەلكى ئەدەپسىزلىك ياكى ھۆرمەتسىزلىكمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مايكۇلنىڭ قىسقا يازمىسىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

3. راستچىللىق ۋە يالغانچىلىق ھەققىدىكى دىنىي قاراشلار

ياسىر قازى ئۆزىنىڭ «مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى» (Seerah of Prophet Muhammad) دېگەن ئالىي مەكتەپ لېكسىيىسىنىڭ 86- ۋە 87-قىسىملىرىدا «تەبۇك ئۇرۇشى» (Battle of Tabouk) نى سۆزلىدى. بۇ ئۇرۇش 630-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان «تەبۇك» دېگەن جايدا ۋىزانتىيە (Byzantine) ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 30000 مۇسۇلمانلار قاتنىشىدۇ . ياسىر قازىنىڭ دېيىشىچە قۇرئاندىكى سۈرە تەۋبە (9-سۈرە) ئاساسەن ئاشۇ ئۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىنغان ئىكەن. ئاشۇ ئىككى لېكسىيىدىن كېيىن، يەنى 88-لېكسىيىدە، ياسىر قازى كاب مالىك (Ka’b b Malik) ھەدىسىنى سۆزلەپ، ئۇنىڭدىن كۆپلىگەن ھېكمەتلەر (benefit) نى خۇلاسىلەيدۇ . مەن تۆۋەندىكى قىسقا مەزمۇننى ياسىر قازىنىڭ ئاشۇ 88-لېكسىيىسىدىكى سۆزلىرىگە ئاساسەن تەييارلىدىم.

كاب مالىك ھېكايىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن راستچىللىقنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈش كەم دېگەندە بىر خۇتبە لېكسىيىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەدىس بۇخارىدا خاتىرىلىنىشىچە، مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرگە مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرنى ھەممە ۋاقىتتا راست گەپ قىلىشقا بۇيرۇيمەن. چۈنكى، ھەقىقەتنى سۆزلەش تەقۋادارلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان سۈپەت (diety) بولۇپ، بۇ سۈپەت ئادەمنى جەننەتكە باشلايدۇ. ھەمدە بىر ئادەم ئىزچىل تۈردە ھەقىقەتنى سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرسا، ۋە ئاڭلىق ھالدا ھەقىقەتنى سۆزلىسە، ئاللاھ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى «سىددىق» دەپ تىزىملايدۇ (And a man continues to speak the truth, consciously speaks the truth, until the Allah writes him as a Siddiq). «سىددىق» دېگىنىمىز راستچىللار ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ ئۈستۈن سالاھىيەتتۇر. مەن سىلەرنى يالغان گەپ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىمەن. چۈنكى، يالغانچىلىق رەزىللىك (فۇجۇر) كە ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن رەزىللىك ئادەمنى جەھەننەمگە باشلايدۇ. دېمەك، پەيغەمبىرىمىز راستچىللىقنى بىۋاسىتە جەننەتكە باغلايدۇ، ھەمدە يالغانچىلىقنى بىۋاسىتە دوزاخقا باغلايدۇ.

ئىلاۋە: مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچىدە «Siddiq» دەپ يېزىلىدىغان سۆز بىلەن ئۇيغۇرچە «سىدىق» دەپ يېزىلىدىغان سۆز ئوخشاش بىر سۆز ئىكەن. مەن تاكى يېقىنغىچە ئۇيغۇر ئىسىملىرىغا ئىشلىتىلىدىغان «سىدىق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتىم. ياسىر قازى لېكسىيىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلدىم. ئۇ ئىسلامدا بىر قىسىم كىشىلەرگە بېرىلگەن بىر شەرەپلىك نام بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «راستچىل» ئىكەن. بۇ نام ئاياللارغا ئىشلىتىلگەندە «سىددىقاھ» (Siddiqah) دەپ يېزىلىدىكەن. بۇ ئىسىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بەزى كىشىلەرگە شەرەپلىك نام سۈپىتىدە بەرگەن ئىكەن . ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىرى تۇنجى قېتىم خەلىپە بولغان ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىدۇر. بۇ سۆزنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرمۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئۈچۈن ئىشلىتەمدۇ-يوق، مەن ئۇنى ياخشى بىلمەيدىكەنمەن. تورلارنى ئىزدەپمۇ بۇ ھەقتە بىرەر ياخشى ئۇچۇر تاپالمىدىم. ئەمما ئۇيغۇرلار ئىسىم قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. مەسىلەن، مېنىڭ دادامنىڭ ئىسمى سىدىق مەمەت بولۇپ، مېنىڭ ئاقسۇ 1-ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مۇدىرىمنىڭ ئىسمى مەمەت سىدىق (بۇ مۇئەللىم ھازىرمۇ ھايات، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام راستچىللىق جەھەتتىمۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ چاقچاق قىلغاندىمۇ راست گەپ قىلغان. مەسىلەن، ھەدىستىكى بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، بىر موماي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، «ئاللاھتىن مېنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ قويۇشنى تىلەپ، ماڭا بىر دۇئا قىلىپ قويغان بولسىڭىز»، دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا «چوڭ ئانا، قېرى مومايلارنىڭ جەننەتكە كىرمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟» دەپ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ موماي «ۋاي خۇدا، قانداق قىلارمەن» دەپ يىغلاشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئاللاھ ئالدى بىلەن سىزنى بىر ياش قىزغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ»، دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ يالغان گەپ قىلىپ باققان ئەمەس.

ھەممە يەردە راستچىل بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. ئېقىمغا ئەگەشمەي، راست گەپ قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ ھەدىس بىزگە ئاشۇنداق قىيىن پەيتلەردە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.

بىز كاب مالىكنىڭ ھېكايىسىدىن بىلەلەيدىغان يەنە بىر ھېكمەت شۇكى، ئەگەر بىر ئادەم سىزگە يالغان سۆزلەپ، ئاندىن سىزگە «مەن يالغان گەپ قىلمىدىم» دېسە، سىز ئۇنىڭ سۆزىنى شۇ بويىچە قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاللاھقا قويۇپ بېرىسىز. بولۇپمۇ ئەگەر بىرسى ئاللاھنىڭ نامىنى ئېغىزىغا ئېلىپ تۇرۇپ «مەن ئۇنداق قىلمىدىم» دەيدىكەن، سىز ئۇ قىلغان ھەقىقىي ئىش بىلەن ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئاللاھقا قويۇپ بېرىسىز.

ئەگەر بىر ئادەم يالغانچىلىقتا ئۆزى ئۈچۈن بىر يامان نامنى تۇرغۇزغان بولۇپ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئۇ كىشىگە نىسبەتەن بىر قىسىم چۈشەنچە شەكىللەنگەن بولسا، سىز پەقەت ئۆز چۈشەنچىڭىزنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ باشقىلارغا دەپ يۈرمىسىڭىزلا، بۇ ئىسلامغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولمايدۇ.


4. چەت ئەلدە نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇرلار-ئەكبەر شېرىپ، مىرشاد ئابدۇرېھىم

مەن ئالدىنقى 2 پارچە ماقالەمدە جەمئىي 5 نەپەر قېرىندىشىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم. مېنىڭ ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ۋەتەندىكىلەرگە خەلقئارا سەھنىلەردە مۇھىم رول ئېلىۋاتقان قېرىنداشلارنى قىسقىچە ۋە ئەينەن تونۇشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ۋەتەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ نىشانلارنى تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدە باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىغا ئەمەلىي مىسال كەلتۈرۈپ بېرىش. مەن تونۇشتۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى 3 شەرتنىڭ كەم دېگەندە بىرىنى قانائەتلەندۈرگەنلەر: (1) چەت ئەلدە ئوقۇپ، بىر يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. (2) چەت ئەلدە ئىشلەپ، بىر مۇھىم كەسپىي خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن. (3) چەت ئەلدە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان. مەن بۇ قېتىم ئىنىمىز ئەكبەر شېرىپ بىلەن مىرشاد ئابدۇرېھىمنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن. بۇ ئىككى ئۇكىلار ھازىر ئائىلىلەر بويىچە بىز تۇرۇۋاتقان لوس ئانژېلىس رايونىدا ياشايدۇ. مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، چەت ئەللەردە يۇقىرىدىكى 3 شەرتنىڭ كەم دېگەندە بىرىگە چۈشىدىغان قېرىنداشلاردىن بىرەر مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ كەم دېگەندە بىرسىگە چۈشىدىغان قېرىنداشلارنى بىلسىڭىز، ماڭا شۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى ماڭدۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يېزىپ ماڭدۇرۇپ بەرسىڭىز، ياكى ئۇنى ئۆزىڭىز بىۋاسىتە تورلارغا چىقارسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلار مەندىن يۇقىرىقىدەك قېرىنداشلارنى ئىمكانقەدەر تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق تەرجىمىھال قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى. مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىز ۋە قوللىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن ئەمدى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىنىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن.

(6) ئەكبەر شېرىپ



4-رەسىم: ئەكبەر شېرىپ 2013-يىلىدىن باشلاپ لوما لىندا ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى (Associate Professor) بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ رەسىم ئاشۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 2014-يىلى 5-ئايدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا تارتىلغان بىر كۆرۈنۈش.

ئەكبەر شېرىپ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان يازغۇچى ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى ئاكىمىزنىڭ ئوغلى. ئۇ بالىلىق ھاياتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئۇ قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى 1988-يىلى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، شىئەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ لەنجۇ شەھىرىدىكى غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە تەييارلىق بۆلۈمىدە ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1990-يىلى شىئەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرگەن، ۋە 1995-يىلى كلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. شۇ يىلى يۇرتىغا قايتىپ، ئۈرۈمچىدە تاشقى ۋە ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن. شۇ جەرياندا ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش تەييارلىقىنى قىلغان. 1999-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەن، ۋە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلغان. ئۇ 2001-يىلى لوس ئانژېلىستىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ (UCLA) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانت بولۇپ قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ يېتەكچى پروفېسسورنىڭ تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. نەتىجىسى ياخشى بولغانلىقتىن مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ۋە ئوقۇش خىراجىتىنى كۆتۈرۈۋېتىش پۇرسىتىگە نائىل بولغان. 2003-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «ئامېرىكىدىكى نېيسسېرىيە مېنىنگىت كېسىلى ئەھۋالىدىن دوكلات» ناملىق دىسسېرتاتسىيىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇنىڭ مەزكۇر ئىلمىي ماقالىسى تېببىي داۋالاش ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان «بالىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ 2003-يىل ئەتىيازدا لوس ئانژېلىس ناھىيىلىك تېببىي ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدىكى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش بۆلۈمىگە يۇقۇملۇق كىسەللىكلىكلەر مۇتەخەسسىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان (ئامېرىكىدا مەمۇرىي رايونلار شتات، ناھىيە ۋە شەھەر دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكىدەك «ۋىلايەت» مەۋجۇت ئەمەس. يەنى بىر شتاتتا كۆپلىگەن ناھىيىلەر بار بولۇپ، ھەر بىر ناھىيىدە نەچچە ئون شەھەرلەر بار. لوس ئانژېلىس ناھىيىسى نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىدە پەقەت نيۇ يوركتىنلا كېيىن تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ 15 مىليون نوپۇسى بار. بۇ كالىفورنىيەنىڭ 35 مىليون نوپۇسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ). شۇ يىلى، ئۇ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (UCLA) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان، ۋە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن دەرس ئېلىشقا باشلىغان. 2004-يىلى قىشتا ئۇ بوستونغا يىغىنغا بېرىش جەريانىدا دوستى قەيسەر مىجىتنىڭ خانىمى رىزۋانگۈلنىڭ دوختۇرلۇقتا مۇقىم دوختۇرلۇققا (medical residency) گە ئۆتكەنلىكىدىن تەسىرلەنگەن، ۋە بۇرۇنقى قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى كەسپى دوختۇرلۇققا قايتىشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ لوس ئانژېلىسنىڭ تېببىي ئىدارىسىدە ئىشلەش جەريانىدا شەھەردە يۈز بەرگەن سارس، يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى قاتارلىق كېسەللەرنى توسۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئەكبەر بۇ جەرياندا بىر يۈرۈش ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىدا بىر قانچە قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگەن. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ دوختۇرلۇق ئىمتىھانلىرىغا جىددىي تەييارلىق قىلغان. بوش ۋاقىتلىرىدا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (USC) دوختۇرخانىسىدا پراكتىكا قىلغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك تۆت چوڭ دوختۇرلۇق ئىمتاھانىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن، 2009-يىلى ئامېرىكىنىڭ نۇقتىلىق مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان لوما لىندا ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇقىم دوختۇر (resident physician) بولۇپ قوبۇل قىلىنىپ، دوكتور-ئاشتى تەربىيىسى (Postdoctoral-training) نى باشلىغان. 2012-يىلى ئۈچ يىللىق دوكتور-ئاشتى تەربىيىسىنى تۈگىتىپ، تولۇق ھوقۇقلۇق دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپى كېسەللىكلەر مېدىتسىنا گۇرۇھى «US Health Works» نىڭ تارماق دوختۇرخانىسىدا مۇدىر ۋىراچ ياكى تېببىي دىرېكتور (medical director) بولۇپ ئىشلىگەن، ۋە شۇ تارماق دوختۇرخانىسىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئەكبەر 2013-يىلدىن باشلاپ لوما لىندا ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى (Loma Linda University School of Medicine) نىڭ پروفېسسورى (Associate Professor) ۋە كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە (ئامېرىكىدا پروفېسسورلار 3 دەرىجىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىنگلىزچە «Assistant Professor»، «Associate Professor» ۋە «Full Professor» ياكى «Professor» دەپ ئاتىلىدۇ. «Associate Professor» 2-دەرىجىلىك پروفېسسور بولۇپ، ئۇ پەقەت «پروفېسسور» دىنلا كېيىن تۇرىدۇ. ھەمدە «Associate Professor» بولۇش ئۈچۈن 5 يىلدەك ۋاقىت داۋاملىشىدىغان «سىناق باسقۇچى» نى باشتىن ئۆتكۈزۈش شەرت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ، «Associate Professor» بولغانلار «ئۆمۈرلۈك پروفېسسور» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقلارنى مەكتەپلەر ئىشتىن چىقىرىۋېتەلمەيدۇ). ئۇ ھەم شۇ مەكتەپنىڭ كەسپىي كېسەللىكلەردە مۇقىم دوختۇر يېتىشتۈرۈش پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى (residency director) ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەۋاتىدۇ. ئەكبەر كەسپىي كېسەللىكلەر ۋە ساقلىق مېدىتسىناسىدىن ئىبارەت ئىككى مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ دىپلوملۇق مۇتەخەسسىسى. ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى كۆپ ۋاقىتلار كېسەل كۆرۈش، ياش دوختۇرلارنى تەربىيىلەش، دەرس سۆزلەش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن ئۆتىدۇ.


5-رەسىم: ئەكبەر شېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر. 2012-يىلى كۈزدە تارتىلغان.

پروفېسسور، دوكتور ئەكبەر شېرىپ ئامېرىكىدا ئوقۇش ۋە ئىشلەش جەريانىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق، «بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى» ، «كېسەللىكلەرنى كۆزىتىشتە تەرەققىياتلار» قاتارلىق ژۇرناللاردا «ئامېرىكىدا نېيسسېرىيە مېنىنگىت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم ھەققىدە ئومۇمى خۇلاسە»، «لوس ئانژېلىستىكى ئاپتوماتلاشقان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسى»، «2007-يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن لوس ئانژېلىستىكى چوڭ ئوت ئاپىتىنىڭ شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى» قاتارلىق 15 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.

ئەكبەر يەنە «بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى» ۋە «ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمى ژۇرنىلى» قاتارلىق غوللۇق ژۇرناللارنىڭ «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى» (reviewer) بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ئامېرىكا دوختۇرلار بىرلەشمىسى (AMA) ۋە كالىفورنىيە دوختۇرلار بىرلەشمىسى (CMS) قاتارلىق تېببىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى.

ئىنىمىز ئەكبەر ئامېرىكىدىكى لاياقەتلىك بولۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي كىنىشكىلىق دوختۇر بولالىغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئۇكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقىدەك بىر ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى يازسا، ئۇ بىر كىتاب بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتقىنىمغا 15 يىلدەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، ئۇ ياشاپ باققان بىر قىسىم جاپالىق تۇرمۇشلارنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. مەن ئۇنىڭ پولاتتەك ئىرادە باغلاپ، بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش روھىغا بارىكاللا ئوقۇيمەن، ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىنىدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن. ئامېرىكىدا رەسمىي دوختۇر بولغان ئۇكىلارنىڭ ھەممىسىنى يېقىندا ئىنىمىز قەيسەر مىجىت «ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئۇيغۇرلار» دېگەن يازمىسىدا ئازراق تونۇشتۇردى .

گەرچە ھازىر چەت ئەلدە ياشىسىمۇ، ئەكبەر ئۆز خەلقىگە تېببىي ساھەدە ياردەم قىلىشنى ناھايىتىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.

ئەكبەر كالىفورنىيەنىڭ رېدلەند (Redland) شەھىرىدە ئايالى مىھراي ۋە تۆت بالىسى بىلەن بىللە ياشايدۇ. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نەتىجىلىرىنى بىلەلەيسىز.






(7) مىرشاد ئابدۇرېھىم



6-رەسىم: مىرشاد ئابدۇرېھىم. 2014-يىلى 18-مارت كۈنى تارتىلغان.

مىرشاد ئابدۇرېھىم شاھابىدىن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆستى. 1990-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا 10 يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 2000-يىلى ئاۋسترىيەنىڭ «Innsbruck University» غا ئوقۇشقا چىقىپ، ئاتوم فىزىكىسى كەسپىدە ئىككى يىل بىلىم ئاشۇردى. 2002-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن دەسلەپتە ئىنگلىز تىلى كەسپى مەكتەپلىرىدە ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. 2004-يىلى ئامېرىكىنىڭ «Overhoff Technology Corporation» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇقىرى تېخنولوگىيىلىك ئېلېكترونىكا شىركىتىدە «رادىئاكتىپلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەم ياساش ئىنژېنېرى» بولۇپ ئىشلىدى. مىرشاد بۇ شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا ئاساسلىقى رومانىيىنىڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئالاھىدە زاكاز قىلغان ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشىنى سېزىش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىش ھەم ياساپ چىقىش قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسىدا ئىشلىدى.

2006-يىلى «Ronan» دەپ ئاتىلىدىغان رادىئاكتىپلىق نۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سانائەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركىتىگە ئالمىشىپ، رادىئاكتىپلىق نۇردىن قوغدىنىش بۆلۈمىنىڭ نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ 2008-يىلى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارا ۋە ئامېرىكىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان «Rapiscan Systems» دەپ ئاتىدىغان شىركەتكە ئالمىشىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ مۇشۇ شىركەتنىڭ «رادىئاكتىپلىق نۇردىن قوغدىنىش ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش فىزىكىسى» بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ شىركەت خەلقئارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك گامما نۇرى ۋە ئېكس نۇرى (رېنتگېن نۇرى) بىلەن سۈرەت چىقىرىش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئەسۋابلىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە خەلقئارادىكى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ.


7-رەسىم: مىرشادنىڭ زىيانلىق رادىئاتسىيىنى تەكشۈرۈۋاتقان بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 30-ماي كۈنى تارتىلغان.

قىسقىسى، ئىنىمىز مىرشاد باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ھەممە ئوقۇشنى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ تاماملىغان بولسىمۇ، ئۆزى قاتتىق تىرىشىپ، ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر ئىنتايىن مۇھىم شىركەتنىڭ تېخنىكىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورنىغا ئېرىشتى. ھازىر ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا نۇرغۇن جايلىرىنىڭ ئايرۇدۇرۇملىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان، ئايروپىلانلارغا چىقىشتىن بۇرۇن يولۇچىلارنىڭ بەدىنى ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەكشۈرىدىغان گامما نۇرى ۋە ئېكس نۇرى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىنى مىرشاد ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركەت ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئىنىمىز مىرشاد ئاشۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشتەك بىر مۇھىم خىزمەتنى ئۆتەۋاتىدۇ. مەن ئىنىمىز مىرشادتىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.


5. ئاخىرقى سۆز

ماڭا خېلى كۆپ ياش دادا ۋە ياش ئانىلار خەت يېزىپ، مەندىن بالىلاردا ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ھەممىسىدە ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئەخلاقىغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئائىلە بىلەن مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى ناھايىتى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىلەردە بالىلار ئانچە-مۇنچە گەپ چۈشىنىدىغان بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، بالىغا ھەر بىر كىچىك ئىشتىن باشلاپ چوڭ ئىشلارغىچە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ۋە مەدەنىي ئەدەپ-ئەخلاقلارنى ئۆگىتىدۇ. ئومۇمىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، جەمئىيەتتە چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى ئەخلاقسىزلىق ئىشلىرىغا باشلايدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن يوق بولۇپ، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنى ھەر ۋاقىت ۋە ھەممە يەردە توسىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىر قوۋمنى ناھايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك ئەخلاقىي ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشتە مۇنداق ئىككى نەرسە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىرى قانۇن، يەنە بىرى دىن. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. قانۇندا ئادالەتسىزلىك يامراپ كەتكەن بىر جەمئىيەتتە بالىلارغا ئادالەتپەرۋەرلىكنى ئۆگىتىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمما ئائىلە ئىچىدىكى مۇناسىۋەت ۋە دوستلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا ئوخشاش بىر قىسىم ئىشلاردا ئائىلە تەربىيىسى ۋە دىنىي تەربىيە ئارقىلىق بالىلارغا نۇرغۇن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىدا گۈزەل ئەخلاق ۋە مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىكى بالا تەربىيىسى ھەققىدە بىر قاتار ئىلغار ۋە مۇكەممەل ئىدىيىلەر بار بولۇپ، مەن ئۇ جەھەتلەردە بىر قىسىم ياخشى ماتېرىياللارنى توپلىدىم. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەت ئۇنداق نەرسىلەرنى يېزىشقا ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنداق مەزمۇنلارنى يېزىپ تونۇشتۇرۇشنى كېيىنگە قالدۇردۇم. ئاللاھ خالىسا مەن كېيىنچە ئۇلارنىمۇ تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.

2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش تەشەببۇسى ئاستىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر قىسىم يېڭى ئىدىيىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە مەن تورداشلارغا تۆۋەندىكىلەرنى بىر ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن:

(1) 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى ئۈچۈن بىر قىزنىڭ تەكلىپى


(2) (كىتاب ئوقۇش يىلى) كىتاب توپ تارقىتىدىغانلار بارمۇ؟
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=61374#lastpost


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

Twelve Truths About Lying


Importance of Trust and the Insidiousness of Lying in Business and Life


Battle of Tabouk


Seerah of Prophet Muhammad 88 - Story of Ka'b b. Malik,  Dr. Yasir Qadhi.  3rd September 2014
https://www.youtube.com/watch?v=h8S98oEMDqY

Siddiq


قەيسەر مىجىت: «ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئۇيغۇرلار»
http://bbs.izdinix.com/thread-60964-1-1.html

ھەممە تورداشلارنىڭ 2015-يىلى يېڭى يىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!



8-رەسىم: بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىزنىڭ ئۆيدىكى بىر تاشتەك گۈل جانسىزلىنىپ، بىزگە زادىلا ئېچىلىپ بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇنى تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيماي، ئۇنى ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى بىر كىچىك گۈللۈككە تىكىپ قويدۇم. بۈگۈن (يەنى 2014-يىلى 23-دېكابىر كۈنى) قارىسام، ئۇ گۈل شۇنداق چىرايلىق ئېچىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ رەسىمىنى بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم. بۇ مېنىڭ سىلەرگە سۇنغان يېڭى يىللىق سوۋغىتىم بولۇپ قالسۇن.


9-رەسىم: 2014-يىلى 21-دېكابىر كۈنى كەچتە بىزنىڭ ئارقا ھويلىمىزدا تۇرۇپ تارتىۋالغان بىر كۆرۈنۈش.

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 10:46:30

ياخشى تېما ئىكەن. بىلىمخۇمار ئەپەندىگە رەھمەت!
ئەجدادلىرىمىزمۇ بۇرۇندىن تارتىپ راستچىلىق ، سەمىمىيەت ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشنى ئىماندىن قالسىلا 2-ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن.ھەمدە بۇنى قوشاق  شەكلىدە ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا تارقىتىپ كەلگەن.«ئۇسۇلى دىن»ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. 80-يىللاردا  چوڭ بولۇپ ئانچە-مۇنچە دىنى تەربىيە كۆرگەن بالىلار «ئۇسۇلى دىن» نى بىلىدۇ.نەقىل:
«ئۇسۇلى دىن ئىرۇر سەككىز مۇنۇ بىل! مۇنۇنى بىلمەك ئۈچۈن جاننى پىدا قىل! ئەۋۋەل تەۋھىد بىر بىلمەك خۇدانى، ئىككىنچى ئەدلىي راستلىقنىڭ بايانى...........................................................».

shaylan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 11:40:05

شۇنداق ئاياپ ئوقۇساممۇ يەنە تۈگەپ قالدى....:'(

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 13:44:51

جۈمە كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ھۆرمەتلىك دوكتۇر بىلىمخۇمار ئەپەندىم. ھەقىقەتەن ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. مۇشۇنداق يازمىلارنىڭ كۆپلەپ يورۇق كۆرۈشى بىلەن، ئاللاھ خەلقىمىزنىڭ روھىيىتىگە شىپالىق بەرسە ئەجەپ ئەمەس.
جەمئىيىتىمىزدە ئانچىكى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك قاتارلىق يامان ئىللەتلىرىگە ، كۈنىمىزدىكى « پۇل ھەممىنى بەلگىلەيدۇ» - دەپ ، قارىلىۋاتقان تۇراقسىز ۋەزىيەت قوشۇلۇپ، ئۆز- ئارا ئىشەنچ قىلالماسلىق، سودىدا توختامغا ئەمەل قىلماسلىق، ئالدامچىلىق، قويمىچىلىق قاتارلىق بىرمۇنچە يامان ئىللەتلەرنىڭ خۇددى راك كېسىلىدەك ئاينىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە ئىشەنچ قىلالماسلىقىنىڭ تۈپ يىلتىزى يەنە شۇ يالغانچىلىق. يالغانچىلىق باشقىلارنىڭ ساداقىتىگە قىلىنغان خىيانەتتۇر.
ھۆرمەتلىك دوكتۇر بىلىمخۇمار ئەپەندىم، سىز خەلقىمىز ئىچىدە سودا- تىجارەت، ئېلىم، بېرىملەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باقمىغان بەلكىم. جەمئىيىتىمىزدە ئەڭ كىچىك ئېلىم بېرىمدىن تارتىپ، يەر سودىسى، پۇل ( دوللەرچىلىك) سودىسى، ئالتۇن، كۈمۈش تىجارىتىگىچە بارلىق سودا مۇناسىۋىتى يالغانچىلىق، قويمىچىلىق بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئىنساننىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ تۇرىدىغان كۈندىلىك ۋەھشى جىنايى ئىشلار دىلوسىغا نەزەر سالسىڭىزمۇ، دىلونىڭ يۈز بېرىشىدىكى تۈپ سەۋەپ يەنىلا يالغانچىلىق، قويمىچىلىق  بولۇپ چىقىدۇ.
يازمىڭىزدىن بەكلا سۆيۈندۈم. ياش، گۆدەك مۇخلىسلىرىڭىزنىڭ يازمىڭىزغا تەشنا بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ سىزگە يەتكۈزۈپ قويماقچى ئىدىم. ئامان بولغايسىز.  

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 14:11:45

شۇنداق ئاياپ ئوقۇساممۇ يەنە تۈگەپ قالدى

marjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 14:27:43

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن سېددىق ئاكا ،تىنىڭىز سالامات بولسۇن ،سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 14:34:21

يالغانچى پارادوكسى:
«يالغانچى» ئاتالغانلار ئەمەلىيەتتە يالغان سۆزلىيەلمەيدىغانلاردۇر. ئۇ يالغان سۆزلەشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، «يالغانچى» بولمىغانلىقى ئۈچۈن يالغىنى چېنىپ قالىدۇ-دە «يالغانچى» ئاتىلىپ قالىدۇ.
يالغاننى قاملاشتۇرالايدىغان، ھەقىقىي «يالغانچى» ئادەمنىڭ يالغىنى چانمايدۇ، «يالغانچى» ئاتالمايدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:06:51

راستچىللىق ھەر قېتىم پايدا ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما يالغانچىلىق ھەر قېتىم زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
----------------------------------------
بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە!
مەن 46 ياشقا كىردىم. يالغانچىنىڭ زىيان تارتقىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، راست سۆزلىگۈچىلەرنىڭ راستچىللىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرگىنىنى ھەم ئۇچراتمىدىم. بەزىدە ئۇنىڭ زىيىنى ئىنتايىن ئەجەللىك.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:29:20

بەلكىم پايدا ئۇقۇمىغا بېرىدىغان تەبىر ئوخشىمايدىغاندۇ.
ئەگەر راست سۆزلەپ، راستچىل بولۇشنىڭ ئۆزىنى پايدا دەپ ئويلىساق، ئۇنداقتا بۇ پايدىنى نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ ئېلىش مۇمكىن. ھەتتا بۇ بەدەلنىڭ ئىچىدە بىر توپ ئادەمنىڭ بىرلىشىپ سىزنى يالغانچىغا چىقىرىشى بىلەن سىزنىڭ يالغانچى دەپ نام ئېلىشىڭىزمۇ بار. شۇنىڭ بىلەن راستچىللىق پەقەت قەلبىڭىزدىكى يۇشۇرۇن پايدىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 19:36:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEWBE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 20:26  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:

بىلىمخۇمار ئاكىنىڭ بىزگە يەنە بىر ئىسىل يازمىنى سۇنغىنىغا خوشلۇقۇمنى بىلدۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە « راستچىللىق ۋە يالغانچىلىق ھەققىدىكى دىننىي قاراشلار» دىگەن ئىلاۋە ئاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئازراق قوشۇمچە بايان يىزىپ قويماقچىمەن، گۈل ئۈستىگە گۈل قونغاي.

كەئىب ئىبن مالىكنىڭ ھىكايىسى مۇنداق: تەبۇك غازىتى ھىجىرىيەنىڭ 9-يىلى رەجەپ ئىيىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، رۇملۇقلارنىڭ پادىشاھى ھىرەقىل رۇملۇقلارنى ۋە ئۇلارغا بىقىندى ئەرەب قەبىلىلىرىنى يېغىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى پىلانلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىنى ئۇرۇشقا تەييارلىنىشقا ، تەبۇكقا يۈرۈش  قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇشقا مۇناپىقلار چىقىشنى ئېغىر كۆرۈپ، ھاۋا قىززىقەي، ھوسۇل يىغاتتۇق، رۇمنىڭ ئاياللىرىنى كۆرسەك ھارامغا چۈشۈپ قالىمىز دىگەندەك تۈكى يوق باھانىلەر بىلەن جەڭگە چىقمايدۇ.
  كەئىب ئىبن مالىك مەشھۇر ئوھۇد جىڭىگە قاتناشقان ساھابىلەردىن ئىدى. رەسۇلۇللاھنى ۋە اللەنى ياخشى كۆرەتتى، ئەمما نېمىشقىكىن بۇ جەڭگە چىقماي قويىدۇ، رۇخسەتمۇ سورىمايدۇ. رەسۇلۇللاھ تەبۇك غازىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئەڭ ئاۋال مەسجىدكە كىرىدۇ. ئاندىن مۇناپىقلار بىر-بىرلەپ كىلىپ رەسۇلۇللاھقا يالغان ئىيتىپ، ئۆزىنىڭ چىقالماسلىقتىكى سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ.
كەئىب ئىبن مالىك بولسا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئۆزىنىڭ جەڭگە ھورۇنلۇق قىلغانلىقىنى، ھىچقاندان ئۆزرىسىز ھالدا جەڭگە چىقمىغانلىقىنى ئىيتىپ، گۇناھىنى بوينىغا ئالىدۇ. كەئىب ئىبن مالىكتىن باشقا يەنە ئىككى ساھابىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا بۇ ئۈچەيلەن بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق، سۆزلەشمەسلىك، ھەتتا سالاممۇ قىلماسلىق، ئاياللىرىنى بولسا ۋەلىيلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرىۋىتىشكە بۇيرۇيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچ ساھابىدىن ئىككىسى ئۆيلىرىدە يىغلىشىپ ئولتۇرىدۇ. كەئىب ئىبن مالىك بولسا جامائەت نامىزىغا چىقىۋىرىدۇ. ئەمما ھىچكىممۇ ئۇنىڭغا سۆز قىلمايتى. لىكىن ئۇ كاتتا ساھابە ئەبۇ قەتادە بىلەن كۆڭلى ياخشى ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ بوستانلىقىغا بىرىپ ئۇنىڭغا سالام قىلىدۇ، ئەبۇ قەتادە سالام قايتۇرمايدۇ. كەئىب اللە بىلەن قەسەم قىلىپ، ئەبۇ قەتادەدىن: رەسۇلۇللاھ مىنىڭ اللە ۋە اللەنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلەمدۇ؟ -دەپ سورايدۇ- ھەئە دىگەندە، بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كىتىدۇ.
بىر كۈنى كەئىب بازاردا كىتىۋاتسا، خىرىستىئاندىن بىرسى كىلىپ ئۇنىڭ قولىغا بىر خەتنى تۇتقۇزىدۇ. خەتتە  غەسساننىڭ پادىشاھى ئۇنىڭغا: «ئاڭلىساق دوستۇڭ سىنى تاشلىۋىتىپتۇ، سەن خارلىق ئۈچۈن يارىتىلمىغان، يىنىمغا كەلسەڭ لايىقىدا ھۆرمىتىڭنى قىلىمىز» دىگەن مەزمۇندا خەت ئىدى.  كەئىب غەزەبلىنىپ خەتنى كۆيدۈرىۋىتىدۇ.
  ئەلقىسسە، كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ، ھىچكىم ئۇلارغا سۆزلىمەس، ھىچكىم گىپىنى ئاڭلىماس بولۇپ 50 كۈن ئۆتكەندە، اللە يالغان سۆزلىمىگەن ئۈچەيلەننى ئاقلاپ، ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىدۇ. (سۈرە تەۋبە 118-ئايەت)
شۇنىڭ بىلەن كەئىب قاتتىق خۇشال بولغىنىدىن پۈتكۈل مال-دۇنياسىنى سەدىقە قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ :-بىر قىسمىنى ئەپ قالغىن، ئۆزۈڭگە ياخشى- دىگەندە، كەئىب: ئى رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن اللەتائالاھ مىنى راستچىللىقىم سەۋەبىدىن نىجاتلىققا ئىرىشتۈردى،  شۇڭا تەۋبەم ئۈچۈن بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۆمرۈمدە پەقەت ۋە پەقەت راست سۆزنىلا سۆزلەيمەن. ۋەللاھى، راست سۆزلەشتە اللەنىڭ بىرەرسىنى مىنى سىنېغاندەك سىنېغانلىقىنى بىلمەيمەن- دەيدۇ.

  ھەدىس بۇخارىدا كەلتۈرۈلگەن ھەدىس بولسا:
«راستچىللىقنى لازىم تۇتۇڭلار، ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ، ياخشىلىق بولسا جەنەتكە يىتەكلەيدۇ. كىشى راستچىللىقنى تاشلىمايدىكەن، ۋە راستچىل بولۇشقا تىرىشىدىكەن، الەنىڭ دەرگاھىدا سىددىق( راستچىل) دەپ يىزىلىدۇ. سىلەرنى يالغانچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرىمەن. يالغانچىلىق گۇناھقا يىتەكلەيدۇ، گۇناھ بولسا دوزاخقا يىتەكلەيدۇ. كىشى يالغانچىلىقنى تاشلىمايدىكەن، ۋە يالغانچىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىكەن، اللەنىڭ دەرگاھىدا يالغانچى دەپ يىزىلىدۇ» .

ھەدسنىڭ ئەرەبچىسىنى كۆچۈرۈپ كىلەي دىسەم، چاپاق چىقىۋالدى. سۆزلەرنى لۇغەت ۋە شەرھىسىگە قاراپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلدىم.

بەزى ئىسىملارنىڭ توغرا يىزىلىشىنى قالدۇرۇپ قوياي.

Ka’b b Malik   كاب مالىك    - كەئىب ئىبن مالىك.
سىددىقاھ» (Siddiqah          - سىددىقە

ئايىغىدا، بىلىمخۇمار ئاكىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە يەنە بىر قىتىم تەشەككۈر ئىيتىمەن، ئىزچىل ھالدا بىزگە ئېسىل ماقالىلىرىدىن سۇنۇپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 19:59:36

ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.ئەكپەر ئاكىمىز ئەسلى ئىسلامجان شېرىپ ئاكىمىزنىڭ ئوغلى ئىكەندە.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 00:29:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 00:41  

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 18:06 static/image/common/back.gif
راستچىللىق ھەر قېتىم پايدا ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئ ...

مەن 46 ياشقا كىردىم. يالغانچىنىڭ زىيان تارتقىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، راست سۆزلىگۈچىلەرنىڭ راستچىللىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرگىنىنى ھەم ئۇچراتمىدىم. بەزىدە ئۇنىڭ زىيىنى ئىنتايىن ئەجەللىك.
       بۇ سۆزلەر راستچىللار يالغانچىغا چىقىرىلىدىغان ۋە يالغانچىلار راستچىل دىيىلىدىغان (ئىشەنچ يوقالغان) جەمىيەتتە شۇنداق. ئىنسانلار جەمىيىتى مەيلى ھەر قانچە رەزىللىشىپ ھەق-ناھەق ئاستىن-ئۈستۈن بوپ كەتسىمۇ بەرىبىر بۇ قىسقىغىنە ھايات ئاخىرلىشىپ، راسچىللارنىڭ راسچىللىقى مەڭگۈ پايدا يەتكۈزۈشكە باشلايدىغان ۋە كاززابلارنىڭ تىل ھەم قوللىرى بىلەن قىلغان جىنايەتلىرى تەگسىز ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر ھايات باشلىنىدۇ. شۇڭا بىز بۇ زاھىرىي بىنورماللىقلار ئالدىدا ماددىي ئۆلچەم بويچە پايدا-زىيانغا باھا بەرسەك ئەشۇنداق خاتالىق كېپ چىقىدۇ. كائىناتتا ھۆكۈم سۈرىدىغان ھەقىيقەت بىردۇر، ھەقىيقەت ئىگىسىنڭ پايدا-زىيان ئۆلچىمى بويىچە رىئاللىققا مۇئامىلە قىلساق، گەرچە داۋاملىشىشى قىسقا ھەم يۈزە زىيانلارنى تارتساقمۇ ئاخىرقى مەڭگۈلۈك نىجاتلىق ئۈچۈن بۇ ھىچنىمە ئەمەس. خۇددى ئوپىراتسىيە ئۈستىلىدىكى بىمار ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق ئاغرىقى بەدىلىگە ئۆمۈرلۈك ساقلىقىنىڭ كېلىشىگە شەكسىز ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەي قورسىقىنىڭ يېرىلىشىغا رازى بولغاندەكلا بىزمۇ كىيىنكى ھاياتتا ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشىش ئىشەنچىسىدە بۇ ھاياتتىكى ۋاقىتلىق زىيانلاردىن قورقماي راسچىللىقىنى دوست تۇتمىقىمىز ماھىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ تۈپكى مەنپەتىنى دوست تۇتقىنىمىز بولىدۇ.
        ئەمەلىيەتتە كىشى ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بۇ ھاياتتا راسچىللىقتىن ئالىدىغان پايدا-نەسىۋىسىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ، بەزى جەمىيەتلەردە بۇنىڭ پايدىسى ناھايتى كۆپ كۆرۈلىدۇ، بەزى جەمىيەتلەردە سىز دىگەندەك ئەجەللىك زىيانلارمۇ كۆرۈلىدۇ.غەرپ جەمىيەتلىرىدىكى راسچىللىق ئىمان ئاساسىدىكى راسچىللىق بولۇشى ناتايىن، ئەمما رىئاللىقتا بۇنىڭ ماددىي پايدىسىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكتىن شۇنىڭ يۈزسىدىن بولسىمۇ بۇنىڭغا تەرغىپ قىلىدىغان ۋە راسچىللىقىنى ھاياتىي ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرىدىغانلار خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. بىز مۇسۇلمانلار بۇ خىسلەتنى ماددىي پايدىنى كۆزلىمەي بەلكى ئالەملەرنىڭ ئىگىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش يۈزسىدىن ئۆزلەشتۈرسەك ئاندىن بىزگە ۋەدە قىلىنغان سائادەت نىسىپ بولىدۇ.
      (بۇلار سىزنىڭ پىكرىڭىزنى تەنقىت قىلغىنىم ئەمەس، بەلكى ئۆز چۈشەنچەم بويىچە تولۇقلاپ باقتىم، ھەرگىز باشقىچە ئويلاپ قالماڭ-ھە :) :handshake )

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 00:55:21

ساھابە ئەپەندىم، راستچىللىق غەربتىمۇ شەرىقتىمۇ ئوخشاشلا راستچىللىقتۇر. يالغان غەربتىمۇ شەرىقتىمۇ ئوخشاشلا يالغان.
دىنىمىزدا ھارام پەقەت چوشقا گۆشىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، يالغاننىمۇ كۆرسىتىدۇ. چوشقا گوشى غەربتىمۇ شەرىقتىمۇ ئوخشاشلا ھارام بولغاندەك، يالغانمۇ غەربتىمۇ شەرىقتىمۇ ئوخشاشلا ھارام!

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 00:56:49

بىزدىن سەمىمىيەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەكلا ھېس قىلىمەن. ھەممە ئىش تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا قالغاندەك، قەلبنىڭ بىز بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋېتى قالمىغاندەك...

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 01:06:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Heqqaniyet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 01:09  

راست گەپ سەۋەبلىك بەلكىم ئاز قىسىم ئادەملەر ئۇۋالچىلىق تارتىشى مۇمكىن، ئەمما پايدىسى كۆپچىلىككە بولىدۇ.
بارنى بار، يوقنى يوق دېيىش كېرەك.ئۆزىگە پايدىلىق بىلىنسە دەپ، زىيانلىق بىلىنسە يۇشۇرۇپ ئولتۇرماي. قالغىنىغا ياراتقۇچى بار.

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 01:21:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Heqqaniyet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 02:59  

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 00:55 static/image/common/back.gif
ساھابە ئەپەندىم، راستچىللىق غەربتىمۇ شەرىقتىمۇ ئوخشا ...

مەنچە، راست گەپ قىلىدىغانلار جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە بار. راست گەپ قىلىدىغانلاردا بىرخىل ئورتاق ئالاھىدىلىك باركەن. ئۇلار ھەممىسى بەك ئەقىللىق، بەك باتۇر.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 09:42:01

بۇ ماقالە ئەخلاقنىڭ مۇتلەق ياكى نىسپىي بولىدىغانلىقىنى تالاش- تارتىش قىلىشتا ئوبدان بىر تاشلانما بولۇپ قالغۇدەك. ھەرقانداق نەرسىنى مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىش دوگمىچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مايكولنىڭ مەزكۇر تىزمىسىنى ھەقىقەت دەپ چىقىرىپ قويغىنىغا قارىغاندا بۇ ئادەم ناھىيىتى سادىق بىر كانتچىدەك قىلىدۇ. راستچىللىق بىلەن يالغانچىلىقنى ئايرىشتا a,b,c ھەممىسىنىڭ چىنلىقىنى ئايرىش كېرەك. a ئۈچتۇرپان ئامبىلىنىڭ سىيىت نوچىغا يېزىپ بەرگەن ئۆلۈم خېتى، b سىيىت نوچىنىڭ خەتنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرتۈپ باقمايلا قەشقەر ئامبىلىنىڭ قېشىغا ئەمەل تاما قىلىپ يۈگۈرىشى، c قەشقەر ئامبىلىنىڭ سىيىت نوچىغا بىرمۇنچە يالغان- ياۋىداق بىلەن تەسەللى بېرىپ ئاندىن ئۇنى ئېتىپ تاشلىشىنىڭ ھەممىسىدە يالغانچىلىق ۋە نادانلىق تولۇپ يېتىپتۇ. گەرچە سىيىت نوچىنىڭ «ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق» ھەرىكىتى گۈزەل ئەخلاق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئامانەتنىڭ خارەكتىرىنى بىلەلمەسلىگى، بىلگەن تەقدىردىمۇ بىرەر پۇچۇق ئەمەلگە ئېرىشىپ قېلىش تاماسىدا بولىشى ئاۋۇ گۈزەل ئەخلاقنى بېسىپ كېتىدىغان بىر نادانلىق ۋە رەزىللىكتۇر.
‏شۇڭا راستچىللىق بىلەن يالغانچىلىقنى ئايرىشتا ئەخلاق مۇتلەق بولىدۇ، دەيدىغان بۇنداق دوگما پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىۋالماي ھەر بىر نۇقتىلارنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بېكىتىش كېرەك دەپ قارايمەن. 100ئەينەك شارنىڭ 99 سېرىق، بىرسى كۆكۈش بولسا مېنىڭ شارلىرىمنىڭ ھەممىسى سېرىق دەيدىغان ئىشلار بىلەن تولغان جاھان بۇ. بىز ئادەتتىكى كۈزىتىشتە ئېرىشكەن ھەقىقەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسى مەلۇم بىر خىل شەيئىيىنىڭ پەقەت مەلۇم بىر خىل ھالىتىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ھەقىقەتنىڭ ھەممىسى بولالمايدۇ. ھەقىقەتكە يەتمەك ئوڭاي ئەمەس، بىز يەتتۇق دېگەن نەرسە ئەڭ ياخشى بىر ھالەت بولىشى مۈمكىن. شۇڭا ئەخلاقنىڭ مۇتلەقلىقىنى تەشەببۇس قىلىشمۇ دوگمىچىلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە مايكول ئۆزىنىڭ مەزكۇر ھەقىقىتىنى پايدا- زىيانغا چېتىپ قويۇپتۇ. مۇتلەق ئەخلاقچىلىققا ئەمىلىي پايدىنى چېتىش پايپاققا ناھەل قاققاندەكلا بىر ئىش.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 10:08:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 10:13  

    ئىككى ئادەمنى(ياكى ئىككى گوروھنى) ياراشتۇرۇش مەقسىدىدە قىلىنغان يالغانچىلىق،  ئەرنىڭ ئايالىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان يالغانچىلىق ۋە ئۇرۇش ھالىتىدە ھەربىي تاكتىكا يۈزسىدىن دۈشمەنگە قارىتا قىلىنغان يالغانچىلقلار  شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغاندۇر، ئويلاپ باقىدىغان بولساق بۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان ئاجايىپ زور ئىجابىي ئۈنۈمگە ۋە پايدىغا نىسبەتەن ئۇ يالغاندىن كېلىپ چىققان زىياننى ئېتىبارغا ئالغۇسىز ئىكەن. بۇنىڭ ھېكمەتلىرىنى دەپ كەلسەك گەپ ئۇزراپ كېتىدۇ.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 11:51:55

TEWBE يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 19:36 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:

بىلىمخۇمار ئاكىنىڭ بىزگە يەنە بى ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام تەۋبە ئۇكام،

سىز تەمىنلىگەن تولۇقلىما مەزمۇن ۋە تۈزىتىش ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 13:34:06

Yuksel يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 00:56 static/image/common/back.gif
بىزدىن سەمىمىيەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەكلا ھېس قىلىمەن. ھ ...

نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق ھە!  ساتارمەن  ئالارمەنگە، ھۈنەرۋەن خېرىدارغا، ئېرى ئايالىغا، ئايالى ئېرىگە، بالا ئاتىغا يالغان سۆزلەۋاتقان، ئىشقىلىپ پۈتۈن بىر جەمئىيەت يالغانچىلىق بىلەن بويالغان. راست سۆزلىگۈچى كۆزىمىزگە ساراڭدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى.  
بەت: [1] 2
: بىلىمخۇمار: يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت