murxida يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 08:59:24

ھروسىيەدىكى كىرزىس تىخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى

ھەممىمىزگە مەلۇمكى،يىقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان،روسىيدە رۇبلى ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۇزلىنىپ، رۇبلىنىڭ قىممىتى كۇندىن كۇنگە چۇشۇپ كەتتى.ماي باھاسىمۇ ئىزچىل تۆۋەنلەپ نۆۋەتتىكى ئالتە ئاي ئىچىدە ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى 50%كە يىقىنلاشقان.روسىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۇم قوشۇش تەدبىرى قوللانغان بولسىمۇ رۇبلىنىڭ پاخاللىشىشىنى توسۇپ قالالمىغان. رۇبلىنىڭ چوڭ يۆنىلىشتە چۈشۈپ كىتىشى يەرشارىدا پۇل-مۇئامىلە بازىرنى بىر قاراڭغۇلۇققا باشلاپ كىردى. مەسلەن: بىرازىليە، ھىندونوزىيە...قاتارلىق يىڭىدىن راۋاجلىنىۋاتقان ئىقتىساد سىستىمىسنىڭ پۇل ۋە پايچەك بازىرنى قايتىدىن كاساتلاشتۇرۋەتتى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى بازارنىڭ خەۋىپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقرى كۆتۈردى.ئارقىدىنلا يەر-شارى پۇل-مۇئامىلە بازىرى بولۇپمۇ يىڭىدىن گۇللەنگەن بازارلار تىخىمۇ چوڭ جەڭگە يۈزلەندى.ئەگەر ئامىرىكا فىدراتسىيەسى يىراققا نەزەر سىلىش كۆرسەتمىسنى ئۆزگەرتىش ۋە ياكى باشقا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش سىگنالىنى كۆرسىتىپ تۇرسا،ئۇ چاغدا بازار ئىككىنچى قىتىم ئىغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ.بۇ يىل يىل ئاخىرىدا نىفىت ئىكىسپورت قىلدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلەپ چىقرىش مىقدارىنى ئازايتىش جەھەتتە بىرلىككە كىلەلمىگەن.شۇسەۋەپتىن روسىيە تىخىمۇ چوڭ بولغان خىيىم خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلشى مۇمكىن.
ئەسلى مەنبە  
http://www.xjabs.com/show/?id=1942

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 13:21:07

ئالە شەنى...

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 13:30:15

ھروسىيە دېگەن قايسى دۆلەت:lol

tiroy يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 15:44:46

http://www.nur.cn/news/2014/12/200742.shtml
جۇڭگو روسىيە نېفىت سودا كېلىشىمى ۋەتەن ساتقۇچ كېلىشىممۇ؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 15:46:09

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 13:30 static/image/common/back.gif
ھروسىيە دېگەن قايسى دۆلەت

ھروسىسيە ئەمەس ، روسىسيەدۇ؟:o

tiroy يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 15:55:17

جۇڭگۇ روسسىيەدىن خەلقارا نىفىت باھاسىدىن يېرىم ھەسسە يۇقۇرى دىگۈدەك باھادا نىفىت سېتۋېلىش ئارقىلىق  بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سۇقالىغۇدەك............روسسىيەگە ياردەم بىرىش ھەمدە نىفىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 16:02:40

قارىغاندا رۇسىيە ھەربى سانائىتىگە تايىنىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ  ، قولنى كەسمىگىچە قان چىقمايدۇ دەپ تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە  ئامىرىكىغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدىغان دۆلەت ياكى كۈچلەرگە قورال سېتىپ بېرىش ياكى يادرو مەخپىيەتلىكىنى سېتىپ بېرىش تەھدىتى ئارقىلىق ئامىرىكىنىڭ پەيلىنى ياندۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ بەلكىم .

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 16:17:30

توۋۋا بۇ  جۇڭگۇ نىم بوپ كەتتى  پۇتكۇل دۇنيادا نىپىت باھاسى چۇشسە ئەكىسچە قاراپ تۇرۇپ يۇقرى باھادا نىپىت سېتىۋاپتۇ  بۇ دۆلەت باشلىقلىرىغا گەپ قىلدىغان ئادەم يوقمىدۇ ھەي ئست ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ قېنىنى ئۆزى شوراۋاتىدۇغۇ بۇلا بارلىق زىيان شۇ پۇقرالارغا بۇلىدۇ ھۆكىمەت يىمەيدۇ ئۇ نىپىتنى بىزگە قەستەن قىممەت ساتىدۇ بۇ ھۆكۈمەت توۋۋا دەيمە توۋۋا

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 16:21:43

tiroy يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 15:44 static/image/common/back.gif
http://www.nur.cn/news/2014/12/200742.shtml
جۇڭگو روسىيە نېفىت سودا كېلىشى ...

چاپلاپ قۇياي ھە      

ئەسلى مەنبەسى نۇر تورى  

12-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر خەۋەر پۈتۈن جۇڭگونى زىل-زىلىگە كەلتۈردى، بۇ خەۋەرنى تېمىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ: « روسىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلغان خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 90 دوللار، خەلقئارا باھادىن 50% يۇقىرى». ناۋادا بۇ راسىت بولسا، جۇڭگو روسىيەنىڭ خام نېفىت ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا كېلىشىمى سېپى ئۆزىدىن ۋەتەن ساتقۇچ كېلىشىمگە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان جۇڭگو نېفىت شىركىتى تەبئىيلا ۋەتەن ساتقۇچ، بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى پارازىتقا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟

بۇ قېتىملىق خەۋەرگە تەپسىلىي قاراڭ، ئەسلىدە :«بىلومبېرگ نەقىل قىلىپ يىغقان سانلىق مەلۇماتتا، جۇڭگو ئالدىنقى ئايدا روسىيەدىن سېتىۋالغان نېفىتنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى ھەر تۇڭى 90 دوللار، بۇ 2010-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا دېيىلگەن.»بىلومبېرگ بۇ باھادا ھېچقانداق ناتوغرىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتمىغان، ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار--ھازىر خەلقئارا خام نېفىتنىڭ باھاسى 60 دوللار، 90 دوللار باھادا روسىيەدىن خام نېفىت سېتىۋالسا 50% زىيان تارتمامدۇ؟ دەپ چۇقان كۆتۈرۈپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا باشلىغان.

ئويلاپ بېقىڭ، ئازراق توغرا بولماسلىق مەۋجۇتمىكەن. بۇ 60 دوللار نۆۋەتتىكى خەلقئارا نېفىتنىڭ قەرەللىك مال بازىرىدىكى باھاسى، قەرەللىك مال بازىرىدا باھانى بايقاش ئىقتىدارى بار، ھەردائىم نەق مال بازىرىدىكىدىن ئەۋزەللىككە ئىگە. نۆۋەتتە خام نېفىت بازىرى باھا چۈشۈش يۈزلىنىشىدە تۇرىۋاتىدۇ، چۈشۈش يۈزلىنىشىدە، قەرەللىك مال باھاسى ئادەتتە نەق مال باھاسىدىن تۆۋەن باھادا تۇرىدۇ. بۇ يەردە شۇنداق دىيىشكە بولىدۇ، سىز قانچىلىك تۆۋەنلەتسىڭىزمۇ بۇنداق كۆپ تۆۋەنلىتەلمەيسىز، 90 دوللار بىلەن 60 دوللارنىڭ پەرقى ناھايىتى كۆپ. بىراق خەلقئارا خام نېفىتنىڭ باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتتى، 11-ئايدىكى باھا دەرۋەقە ھازىرقى باھادىن يۇقىرى. ئىگەللىنىشىچە جۇڭگو روسىيە خام نېفىت ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا كېلىشىمىدىكى بەلگىلەنگەن نېفىت باھاسى بولسا (Brent oil) برېنت خام نېفىتى باھاسى ئاساسىدا بىر مۇرەككەپ فورمۇلا ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلغان، جۇڭگو تەرەپ بۇ فورمۇلادىكى پارامېتىر ئارقىلىق روسىيە تەرەپ بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۈشكۈل سۆھبەتنى ئېلىپ بارغان، ئەڭ ئاخىرىدا روسىيە تەرەپ خەلقئارا خام نېفىت بازىرىنىڭ ياخشى بولماسلىق ئەھۋالىنىڭ قىستىشى بىلەن چوڭ قەدەم بىلەن يول قويغان. برېنت خام نېفىت قەرەللىك مال سودىسى قىتئەلەر ئارا سودا ئورنى (ICE) ۋە ئامېرىكا تاۋار سودا ئورنىدا نۆۋەتتىكى باھا ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. خەۋەردە دېيىلگەن ھەر تۇڭى 60 دوللارلىق خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى دەل برېنىت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى.

برېنىت خام نېفىت قەرەللىك مال سودىسىنى ھېساب ئۈزۈش ئېيىنىڭ 15-كۈنى كەلگەندە ھېساب ئۈزۈش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، ئابونىتلار نەق پۇل ھېساب ئۈزۈشنى تاللىسىمۇ ياكى نەق مال ھېساب ئۈزۈشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ناۋادا نەق پۇل ھېساب ئۈزۈشنى تاللىسا 15 كۈندىن كېيىنكى بىر كۈندىكى برېنت قەرەللىك مال سودا باھاسى بويىچە ھېساب ئۈزۈلىدۇ. شۇڭا بۇ كۈندىكى باھا ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتە نەق مال توختامى تەرىپىدىن ئۈلگە ئېلىنىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا سودا دائىم ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىدۇ، شۇڭا كۆپ قىسىم ئەھۋالدا يېرىم ئايلىق ھېساب ئۈزۈش باھاسى بويىچە نەق مال باھاسى ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكىسى بولسا برېنىت خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسىنىڭ بىر يىللىق مەزگىلدىكى يۈزلىنىش سىخمىسى، بىز 10-ئايدىكى برېنت خام نېفىت قەرەللىك مال ھېساب ئۈزۈش باھاسىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ 86.76 دوللار ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. جۇڭگو روسىيە خام نېفىت ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىمىدىكى باھا ھېسابلاش فورمۇلىسى ئاشكارلانمىدى، بىز 11- ئايدىكى جۇڭگو روسىيە خام نېفىت سودىسىنىڭ كونكىرت قايسى باھا بويىچە ھېسابلانغانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىز، ئەمما 10-ئايدىكى برېنت خام نېفىتى ھېساب ئۈزۈش باھاسى بويىچە، بۇنىڭغا باج ۋە يۆتكەش ھەققىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ھەرتۇڭى 90 دوللارلىق باھا ناھايىتى نورمال، جۇڭگو ھەرگىزمۇ زىيان تارتمىدى. ئەمىلىيەتتە ھازىرقى چۈشۈپ كەتكەن باھا بويىچە ئىلگىرىكى كېلىشىمدىكى سودىنى سېلىشتۇرۇپ، زىيان تارتتى دىيىش ئەسلىدىنلا بىر ھاماقەتلىك.

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 16:25:32

نىپت باھاسى چۇشسە ئەرزانلاشسا خەلىققە پايدا  پۇلنىڭ يېرىمى يانچۇقتا قالىدۇ  بۇلا  نىمدەپ  ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى ئايىمايدىغاندۇ  ئۆزىنىڭ خەلىقىنىڭ يانچۇقۇنى بۇلاۋاتىدۇ بۇلا  بارچە زىيان پەقەت بىزگىلا بۇلىدىغان بولدى پۇل بىكا قالدىمۇ بىز جۇڭگۇلۇقلاردا  ئامىركىمۇ  جۇڭگۇنىڭ  تانابىنى بىر  تارتىپ قويمىسا  بوممىغۇدەك  قەستەنەگە ئۆزىنىڭ خەلىقىگە زاڭلىق قىلغاندەك نىلىتنى قىممەت قىپپەگىننى  توۋۋا ھەي  بولدىلا  جىق سۆزلىمەي

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 19:46:18

روسيەدىكى بۇرادەرلىرىمگە ئېغىر زەربە بولمىسا بولاتتىغۇ.....:(

878989 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 20:19:55

بۇ نىمە  قىلىق ھە ؟ نىمە دەپ باھاسى چۈشكەن نېفىتنى يۇقۇرى باھادا  ئالىدۇ ما جۇڭگۇدا؟  پۇخرالارنىڭ قان تەرى بەدىلىگە رۇس ئىشەكلىرنى يۈلەۋېتىپتۇدە… مۇشۇ يۇقۇرى باھادا نىفىت ئالغان نېفىت شىركىتى بىلەن ، تەستىقلىغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك،بىز بۇ كىلىشىمگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرمىز،شى رەئىسنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمۈت قىلمىز:@:@:@:@

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 21:17:03

2020-يىلغىچە بۇ دۇنيادا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ.

murxida يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 09:14:39

ھەممىمىزگە مەلۇمكى 12- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەلقىئارا خام نىفىت باھاسى 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى.  رۇسىيە رۇبىلىسىمۇ %13 چۈشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇنيا پاي چىكى بازىرىمۇ چۈشۈش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋال ئالتۇن بازىرىغا داۋاملىق تۈردە تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق!؟ تەسر كۆرسەتسە قانداق تەسرلەرنى كۆرسىتىدۇ!؟
مىنىڭچە ئالتۇن بازىرىدىكى كىرزىسلارنى مۇنداق ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ.
1. خام نىفىت: خەلقارا خام نىفىت باھاسى چۈشۈپ بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى. نىيۇۋيورۇك خام نىفىتى قەرەللىك ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم 55 ئامرىكا دوللارلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا خام نىفىت باھاسى بىلەن ئالتۇن باھاسى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.
2. ئامرىكا بىرلەشمە زاپاس پۇل كومتىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسپىتى قارارىنى ئېلان قىلىشى.   بۇ قارارنىڭ ئىلان قىلىنىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ياردەمچى بولدى.
3. رۇبىلى باھاسىنىڭ چۈشىشى دوللارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە شەرت –شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
http://www.xjabs.com/show/?id=1948

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 17:32:56

روسىيە تىزراق  يەر بىلەن  يەكسەن بۇلا  خۇدايىم  ھەر ۋاخ نامزىمدا تىلەيمە شۇندا بۇلۇشنى ئامىن
بەت: [1]
: ھروسىيەدىكى كىرزىس تىخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى