borhan730 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 01:36:48

پەرۋانىلەر

يەھۇدىنىڭ قانداق قىلىپ نۇرغۇن ئۇڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ. ھازىرقى دۇنيادىكى غالىپلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالىغانلىقى. بەلكىم كۆپ كىشىگە سىر بولمىسا كىرەك،ئۆزۈمگە دائىم شۇنداق سۇئال قويۇپ كىلىۋاتقىلى خېلى بولدى. ئادەم ئىلغار مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنى ئۆلگە قىلىپ قىسقا ھاياتىغا بىر مەنا بېرىپ ياشاش يۇلىنى تاللىشى كىرەكمۇ؟ ياكى ئۆزىدىن قىيىن كۈنلەر ئىچىدە قالغان ۋە خورلۇق-زورلۇق زومبۇلۇق ئىچىدە قالغانلاردىن ئىبرەت ئېلىپ ھازىرقى كۈنىگە شۈكىرى قىلىپ تىپنىنىچ قورساق تويغانغا شۈكىرى دەپ بىرەر نەتىجە ياراتماي ياشاپ ئۈتۈپ كىتىش كېرەكمۇ؟بۇ تۇغۇرلۇق كىم قانچىلىك ئويلاندى ئۆزىگە نىمە دەپ تەلەپ قويدى بۇنىسى بىزگە جەمئىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كىشىلىرىنى ئىنىچكە كۈزەتكەندە جاۋابىنى ئۆزى بىرىدۇ، بۇ توغىرسىدا كۆپ خىيال قىلماي ئەمىلىيىتىمىزدىن يىراقلىشىپ باشقا بىز ئويلىنىش ھاجەتسىز ئىشلار توغىرسىدا ئويلىنىپ ۋاقىتنى كۆپ ئىسىراپ قىلماقتىمىز،مەسىلەن سەن قانداق ئويلايسەن دىسىڭىز مىنىڭ جاۋابىم ئاددى 
 ئەمدى دۇنيادىكى قايسىبىر بىچارە ھالى بەتتەر خاراپ كىشىلەر توغىرسىدا پىكىر قىلىپ ياخشى نىيەت ھىسسىياتىمنى ئىپادىلەپ كۆڭۈل بۈلۈشكە بەلكىم مىنىڭ ۋاقتىم (كۆڭۈل بۈلۈپ غەم يىگەن تەقدىردىمۇ بەلكىم ھىچنىمىگە پايدىسى تەگمەسلىكى مۇمكىن) ئىسسىراپ بۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن، نىمە ئۈچۈن دىگەندە مەن ئۆزۈمنىڭ مىللىتى ۋە ئىھتىياجى توغىرسىدا ئويلانماي بىزدىن نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراق كىشىلەرنىڭ غىمىنى يەپ ئەسەبىلىشىپ كىتىش بەلكىم ئۆز خەلقىگە خايىنلىق قىلغان بىلەن كۆپ پەرىقلەنمىسە كىرەك،بەزى خەلقىئارا خەۋەرلەردە ئىراقتا. سۈرىيەدە. پەلەستىندە. مىسىردا، دىگەندەك مۇسۇلمانلار ۋە باشقا.ۋەھاكازار ئۈچۈن يىتەرلىك ھەتتا-ئاشۇرۇپ (خۇددى شۇ جايغا بىرىپ شۇ لار ئۈچۈن بارلىقىنى خەيرى ئىھسان قىلىۋىتىدىغاندەك) ئاچچىق ئاھۇزار بىلەن قايغۇرۇپ كىتىش قايسى تۈردىكى غەمغورلۇق-ئاق كۆڭۈللۈك، ياكى نەرچە خىلدىكى نادانلىق تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى. قانداق قىلىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە قانداق سەۋەپلەر تۈپەيلى سىڭىپ كەتكەنلىكى. تەپەككۇرى ئۇچۇق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قاراڭغۇ ئەمەس،
يېقىنقى بىر زامانلاردىن بىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىز بۇرۇنقى بىر نەچچە ئەسىردە قالغان نادانلىق دىنى-خۇراپاتلىقتىن كۆپ خوشلاشتى بىراق تامامەن ئەمەس،مەن ئەقىلىمنى بىلىپ ھېس قىلغىنىم. مۇشۇ يېقىنقى زامانلارنى مىسالغا ئالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن بىرنەچچە ئالتۇن پەسىل دەپ ھىساپلانغان ۋاقىتلارمۇ كەلگەن بولدى ئارقىدىن نۇرى ئۈچۈپ يەنە سۇسلاشقا باشلىدى؛شۇنچە كۆڭۈل سۈيۈنگۈدەك جەمئىيەتنىڭ ئورنىنى ئادەم كۆڭلىنى غەش قىلدىغان پاسىپ روھى ھالەت. ناچار قىلمىش، پەس ئىشلارنىڭ ئىگەللىۋالغىنى بەك كۆڭۈلسىز ئىش بولدى،ئەمما ئۈمىتسىزلىنىش ئىچىدە قېلىۋېرىشنى ھىچكىم خالاپ كەتمەسلىكى ئىنىق.،ئالاھازەل ئىلگىرى كىيىن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ سۈيىدە ئېقىشنى نىيەت قىلغانلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپلىگەن خوشاللىق ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى كۈتىرىلىشىگە ئاساس بولغان ئەمىيلى ھەركەت ۋە يېڭىچە ئىدىيەلەر سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى،بۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر خۇرسەن بولدى ئەلۋەتتە،لىكىن ئادەمنى قايغۇغا مۇپتۇلا قىلدىغىنى بۇنىڭغا پاسسپ ھالەتتە تۇرۇپ قالايمىقان باھا بىرىپ. بىر ئوپدان تەرتىپلىك كىتىۋاتقان ئىشنى ئاستۇن-ئۆستۈن قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقىنى
بەزىبىر نادان قېرىنداشلىرىمغا كۆپ ئېچىنىدىن، قاچانمۇ قان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاز تۇلا مىھىر شەپقەت يەتكۈزۈشنى خىيال قىلدىغان بۇلارسىلەر؟دەپ كۆڭلۈمدە نارازى بۇلۇپ نالە قىلدىم،
ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۈردىغىنى شۇكى ئۆزىمىزگە ئەمىسە قانداق قايسى ئۇسۇلدا نىمىىگە باش قاتۇرۇپ كۆڭۈل بۈلۈپ ئويلاش كىرەك دىگەن سۇئالنى ئوتتۇرغا قويغاندا بەلكىم كۆپ قىسىم قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەت ھىسابىنى بويلاپ ‹‹پاسىپ›› پىكىر قىلىپ جاۋاپ قايتۇرىشى ئىنىق ھەم ئەپسۇسلىنارلىق، ئارىدىن مىللەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىنى ئويلاپ پىكىر قىلدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، مۇھىم مەسسىلە شۇكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىيىنكى مىللەتكە-جەمئىيەتكە پايدا ۋە روھى كۈچ قۇۋەت بۇلدىغان ياخشى ئىش-لارنى بىلىپ يىتىش ۋە شۇنىڭغا ئاز-تولا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشۇش ئۇياقتا تۇرسۇن. ئەڭ ئىچىنىشلىق بولغىنى شۇ يوللارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قان-قېرىنداش دەپ سانىلىپ كەلگەن كىشىلىرى تەرىپىدىن ئىتىلىپ قېلىشىدۇر،
دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا (ئەمىلىييەتتە ئۇيغۇرلار كۇچىسى ۋە ئۇيغۇر سۇدەك ئاقىدىغان ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئۆستەڭ دىسەكمۇ بۇلدۇ)  مۇشۇ قەھىرىتان قىشنىڭ سۇغۇق كۈنى پىيادىلەر يۇلىدا ئىككى چاقلىق ھاراۋا بىلەن گازىر سىتىپ تۇرغان ياشانغان جۇل بوۋاي مومايلارغا كۆزۈم چۈشكىنىدە ( ئەتراپىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدىغان مۇھتاجلىك جىڭىدىكى كۆرەشچىلەر) مۇشۇ سۇغۇقتا تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن  چىداپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى، ئالاھازەل يېرىم سائەتكىچە كۆزۈمنى ئۈزمۈدۈم، ئەمما شۇ ۋاقىتقىچە بىرەر ئادەم بىر نەچچە سوملۇق سودىسىنى قىلىپ ماڭاي دىمىدى، ئەمدى ھەرجايلاردا نۇتۇق لىكسىيە سۆزلەپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ بىلىتىنى سېتىۋېلىپ شۇ كىشىلەرنىڭ بۇ ساھەنى تەرەققى قىلدۇرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگىنىنى كۆرۈپ كۆپ سۈيۈندۈم ۋە شۇلار ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەرەپلەرنى چۈشۈنۈپ يىتەلمىگەن بەزى قېرىنداشلىرىمدىن كۆپ ئۈكۈندۈم،بىراق لىكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى كۆپ ھۆرمەتلىمىسەممۇ. ئەمما شۇلارنىڭ لىكسىيەلىرىنى پۇلغا سىتېۋېلىپ ئاڭلاۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا نېسپەتەن ھۆرمىتىم يۇقىرى بولدى،نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئويلايدىغانلىقىمنى چىچەن قىرىنداشلىرىم ئاللىقان چۈشەندى بولغاي،
ھازىر ئەۋىج ئالغان لىكسىيە نۇتۇقلارغا بولغان بىر قىسىم قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرتەرەپلىمە كۆز قاراشلىرىنىڭ پايدىسىدىن زىينى كۆپ بولدىغانلىقىنى ئىنىق چۈشەنسەك.بۇ توغىرسىدا كۆزقارشىمىزنى  ئۇتتۇرغا قويغاندا ئورۇنسىز قۇرۇق دەتالاش قىلىشمىساق،
مەسسىلەن بۇرۇنقى ئەدەبى كىلاسسىك ئەسەر چۆچەكلىرىمىزدە، باش پىزسۇناژ ياكى مەلۇم شەخىسنىڭ. ھېكمەتلىك سۆز ياكى شۇنىڭغا لايىق قىممەتلىك بولغان مەلۇم مەنىدىكى سۆزلىرىنى نورغۇن تىللا ۋە كۆپ پۇلغا ساتقان ۋەقەلىكلەرنى بىز كۆپ ئۇقۇغان،شۇ چاغدىكى مەزمۇنلارنى كۆرگەندە ئۇقۇغاندا شۇ سۆزنى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىلىم-ھىكمەتنىڭ قەدرىگە يىتىدىغان بىر ئوبرازى كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بۇلدۇ،   
ساتقۇچىنى ئۇلۇغ بىلىش كېرەكمۇ؟
 ياكى سېتىۋالغۇچىنىمۇ؟
بىز ھېكمەتلىك سۆز ساتقۇچى توغىرسىدا كۆپ توختالدۇقمۇ؟
ياكى سىتىۋالغۇچى تۇغىرسىدىمۇ؟ 
يۇقىردىكى ئىككى پىرسۇناژنىڭ ئوبرازى ئىچىدە بىزنى ھۆرمەت تۇيغۇسىنى بىلەن كۆپ ئويلاندۇردىغىنى ئەلۋەتتە ھېلىقى ھېكمەتلىك سۆزنى سىتىۋالغان كىشىدۇر،
باغداتتا ئۆتكەن ھۈكۈمران نۇشىرۋان ئادىلنىڭ زامانىسىدا.بىر ئادەم ھېكمەتلىك سۆز ساتماقلىقىنى ئاڭلىغاندا ئۇ كىشىنى ئوردىسىغا چاقىرتىدۇ. ھېكمەتلىك سۆز ساتقۇچىنىڭ قويغان باھاسى بۇيىچە سېتىۋىلىپ ئاڭلايدۇ، ئاڭلاپ بۇلۇپ نۇشىرۋان دىيىشكەن باھا بۇيىچە بەرگەن پۇلىنى ئۇ كىشى ئالمايدۇ بۇنىڭغا ئەجەپلەنگەن نۇشىرۋان نىمىشقىلىقىنى سورىغاندا ئۇكىشىنىڭ مەقسىدىنىڭ زامانىمىزدا ھېكمەتلىك سۆزنى پۇلغا سىتىۋالدىغان كىشىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ھۈكۈمرانغا بايان قىلدۇ ۋە زامانىسىدا ھېكمەتلىك سۆزنىڭ يەنىلا پۇلغا يارايدىغانلىقىدىن سۈيۈنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ،،
مىنى بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئويغا سالغان تەرىپى شۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ پادىشاھتىن بۇرۇن بىرەر ئادەمنىڭ سېتىۋالمىغىنى،، ماددى بايلىقنىلا بايلىق دەپ ھىساپلاپ مەنىۋى روھى بايلىق ئۈچۈن ئاز تۇلا دەسمى سالغانغا ۋايسىغان ۋە شۇ خىلدىكى كىشىلەرنى كۆرگەندە، شۇ بىر ئەلدىكى پادىشاھتىن بۇرۇن شۇ كىشىدىن ھېكمەتلىك سۆزىنى سېتىۋېلىپ ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەر كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ
بىز ئۇيغۇرلار بىر-بىرىمىزنى ھەقىقى قېرىنداش دەپ ھىساپلايدىكەنمىز شۇنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يىتەيلىكى ھەم ئىسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلاركى قىرىنداشتىن قىرىنداشقا نەپ كىلىپ كىتىپ تۇرمىسا ئۇ قانداقمۇ ھەقىقى بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان كۈيۈندىغان قېرىنداشلار قاتارىدىن بۇلالايدۇ؟ مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تەرەققى قىلسۇن دىسەك چۇقۇم بىر-بىرىمىزگە ياردەم قىلىشقا يۈلەشكە روناق تاپقۇزۇشقا تىرىشىشىمىز كىرەك،شۇندىلا بىز ئارزۇ قىلغان كىلىچەك' ئۇيقۇمىزدىكى شىرىن چۈش ھەم كاللىمىزدىكى ئەمىلىييەتتىن يىراقلاشتۇرۇلغان قۇرۇق خام خىيالغا ئايلىنىپ قالمايدۇ،
ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۈردىغىنى شۇكى بەزى مەسىلىلەرگە قانداق قايسى ئۇسۇلدا باش قاتۇرۇپ قايسى تەرىپىگە كۆڭۈل بۈلۈپ  ئويلاش كىرەك دىگەن سۇئالنى ئوتتۇرغا قويغاندا بەلكىم كۆپ قىسىم قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەت ھىسابىنى بويلاپ ‹‹پاسىپ›› پىكىر قىلىپ جاۋاپ قايتۇرىشى ئىنىق ھەم ئەپسۇسلىنارلىق، ئارىدىن ئومۇمى مەنپەئەت مىللەت ۋە جەمئىيەتنى ئويلاپ پىكىر قىلدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە، مۇھىم مەسسىلە شۇكى كىيىنكى مىللەتكە-جەمئىيەتكە پايدا ۋە روھى كۈچ قۇۋەت بۇلدىغان ياخشى ئىش-لارنى بىلىپ يىتىش ۋە شۇنىڭغا ئاز-تولا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشۇش ئۇياقتا تۇرسۇن. ئەڭ ئىچىنىشلىق بولغىنى شۇ يوللارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قان-قېرىنداش دەپ سانىلىپ كەلگەن كىشىلىرى تەرىپىدىن ئىتىلىپ قېلىشىدۇر،

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 17:09:20

نىمە دېيىلمەكچىلىكىنى تازا ئاڭقىرالمىدىمغۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 10:23:46

تىرىشىڭ دەپتۇ
بەت: [1]
: پەرۋانىلەر