aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 00:37:16

دۇنيانىڭ پايتەختىدىن مەنزىرەلەر(1)

دۇنيانىڭ پايتەختىدىن مەنزىرىلەر

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى


نيۇيوركقا بېرىش

   مېنى «كېننېدى» ئايرودرۇمىدىن بىر ئاغىنەم ماشىنىسى بىلەن كېلىپ ئالدى. برۇكلىنغا كېتىدىغان يولدا ئېزىپ قالدۇق. نامراتلار مەھەللىسى، ئىسكىلاتلار، كىسەكتىن قوپۇرۇلغان قۇرۇلۇشلار، كونا ماي قاچىلاش ئورۇنلىرى، سالپىيىپ تۇرغان بىنالار... گەرچە بۇلارنىڭ ئارىسىدىن مانخاتتاننىڭ ئۇ مەشھۇر سىماسى پات-پات چېلىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن خىيالىمدىكى نيۇيورك بۇ ئەمەس ئىدى. نيۇيوركنىڭ مانخاتتان ئەمەسلىكىكگە مۇشۇنداق ئاسانلا ھۆكۈم قىلىۋەتتىم. ئاغىنەمنىڭ تىپىك برۇكلىنچە ئۆيىگە بېرىپ نەرسە-كېرەكلىرىمنى قويۇپ قويدۇم، بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچىشتۇق، تاماكىلىرىمزنى تۇتاشتۇردۇق. كىچىك بىنا ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىمدىمۇ بۇ يەرنىڭ تېخى نيۇيورك ئەمەسلىكىنى ئويلاۋاتاتتىم.
خىيالىمدىكى بارماقچى بولغان يېرىم، ئارزۇ-ئارمانلار بىر ئاز نېرىدا، كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئىدى.
   بىر سائەتتىن كېيىن كۈن ئولتۇراي دەپ قالغان ئىدى. برۇكلىننى مانخاتتانغا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مەشھۇر برۇكلىن كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتاتتۇق. شەھەرلەرنىڭ قېلىپلاشقان، لېكىن يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان  بىر سىماسى بولسا ئەگەر، شۇ تاپتا كۆرگىنىم نيۇيوركنىڭكى ئىدى. ئىستانبۇلدا يەنە بىر رومان پۈتتۈرگەن ئىدىم، ئىشلار قىستاپ قالغان ئىدى، ئالدىراش ئىدىم، ئۇخلىمىغىلى 40 سائەت بولغان ئىدى، لېكىن كۆزلىرىم پال تېشىدەك ئوچۇق ئىدى. گويا يەرشارىدا بولۇپ ئۆتكەن پۈتۈن ئىشلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى يىللاردىن بېرى قۇرۇپ چىققان ئارزۇ-ئارمانلىرىمنىڭمۇ ئەسلى ماھىيىتىگە يەتكۈزىدىغان بىر ئاچقۇچ، ھازىر بىز ئىچىگە كىرگەن بۇ سىمانىڭ بىر بۇلۇڭىدا ۋاللىدە كۆزىمىزگە چېلىقىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. بەلكىم چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى كىشىدە مۇشۇنداق بىر خىل خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلسا كېرەك، لېكىن نيۇيوركقا كىرگەندە، ئادەم، بولۇپ ئۆتكەنلەرنىڭ ۋە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغانلارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ ھەقىقىيسى بىلەن ئۇچرىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىغا ئىستەر-ئىستىمەي ئىشىنىپ قېلىشقا باشلايدۇ. مانخاتتاننىڭ يوللىرى ۋە كوچىلىرىدا ماشىنىلىق ئايلىنىشقا باشلىغان چېغىمىزدا، كۆرۈۋاتقانلىرىم بىلەن خىيالىمدا قۇرۇپ چىققانلىرىمنى سېلىشتۇرىۋاتقان ئۆزۈمنى سەل پەسكويغا چۈشۈرۈشكە   ئۇرۇندۇم. ياق، ئەمدى بىز ماشىنا بىلەن ئارىلىرىدىن، ئىچىدىن ئۆتۈۋاتقان ئاسمانپەلەك بىنالارغىمۇ قىزىقمايۋاتاتتىم،  5- يول، دەۋر مەيدانى، 42-كوچا...بۇلارغىمۇ قىزىقمايۋاتاتتىم. قىستا-قىستاڭ كوچىلارنىڭ، كىشىلەر خۇددى بىر چۈش ئىچىدە كېزىۋاتقاندەك خاتىرجەم ۋە بىخارامان ئايلىنىپ يۈرگەن پىيادىلەر يولىنىڭ، ئادەتتىكىچە بىر ياز ئاخشىمىدىكى چىراق نۇرلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى نەرسىلەرگە قىزىقپ قېلىۋاتاتتىم مەن. شەھەر ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا ئايلىنىپ يۈرۈشتىن زېرىككەن ئاغىنەم بىرەر يەرنى تېپىپ ئولتۇرۇشنى تەۋسيە قىلدى، ئۇ ھەقلىق ئىدى: كۆزلىرىم تويمايتتى، چۈنكى كۆزلىرىم پۈتۈن ئۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سىرنى، كۆپ خىيال سۈرگەنلەر بىر كۈن چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ماھىيەتنى تېخىچە ئۇچرىتالمايۋاتاتتى. كەمتەر بولۇشنى قارار قىلدىم: نيۇيوركنىڭ سىرىغا پەقەت شۇ ئاددى پىيادىلەر يوللىرىنىڭ، چەت مەھەللىلەردىكى دۇككانلارنىڭ، كىچىك ھامبۇرگ بولكىسى دۇكانلىرىنىڭ ۋە كوچا چىراقلىرىنىڭ  ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان يورۇقلۇقى ئىچىدىن سەۋر بىلەن، تەۋەككۈل قىلىپ ئېرىشەلەيتتىم. ئەگەر شۇنداق بىر نەرسە راستتىنلا مەۋجۇت بولسا، خىياللرىمدا قۇرۇۋالغان ئۇ چوڭ ۋە ئومۇمى مەنانى ئاسمانپەلەك بىنالار ئارىسىدىكى بىر بۇلۇڭدىن ئەمەس، بەلكى سەۋر بىلەن يىغىپ چىققان كۈزىتىشلىرىمنىڭ ئىچىدىن تېپىپ چىقاتتىم.
   شۇنداق قىلىپ نەچچە سائەتتىن بۇيان تاماشا قىلغان كۆزلىرىم كۆرۈشكە باشلىدى. ماي قاچىلاش ئورنىدىكى شىلانكىلارنىڭ ۋە جوغىلارنىڭ رەڭگىنى كۆردۈم؛ دوقمۇشلاردىكى قىزىل چىراقتا توختىغان ماشىنىلارنىڭ ئەينەكلىرىنى سۈرتۈش ئۈچۈن كوچىلاردا يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەن قارا تەنلىكلەرنىڭ قوللىرىدىكى مەينەت لاتىلارنى كۆردۈم؛ كالتا ئىشتان ۋە رېزىنكە ئاياق كېيىۋالغان ئەرلەرنى، تېلېفون بوتكىلىرىنىڭ مېتالدەك پارقىرىتىۋېتىلگەن كاسالىرىنى كۆردۈم؛ تاملار، كىسەكلەر، يوغان ئەينەك پارچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمەكلىرى، قاۋاقخانا چىراقلىرى، پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولى، كوكا كولا ۋە مارلبورو ئېلانلىرى، تام يازمىلىرى، دەرەخلەر، ئىتلار، سېرىق تاكسىلار، پىشۇرۇق دۇكانلىرى...بۇلارنىڭ ھەممىسى، گويا بىرى ئالدىنئالا ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھىلەپ يەريۈزىگە مۇشۇنداق  جانلىق  پېتى  چۈشسۇن دېگەندەك، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى، كىسەك تام ياكى ماكچىيىپ كەتكەن بىر پىۋا قۇتىسى بولۇشقا سەۋر بىلەن چىداپ تۇرۇشاتتى. كوچىلار، مەھەللىلەر، بىز بىللە ئولتۇرۇپ پىۋا ياكى قەھۋە ئىچكەن ئاشخانىلارنىڭمۇ شۇ ئوخشاش ئارزۇ-ئارمان ئۈچۈن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.
ئادەملەرنىمۇ ئوخشاش شەكىلدە خىيال قىلدىم. چوققىسىدا ئازراقلا چاچ قالدۇرۇپ، قالغان چېچىنى پاكىز چۈشۈرتۈۋەتكەن، خىرۇم چاپان كىيگەن ياش يىگىت، ھەددىدىن زىيادە سېمىز بۇ ئايال بىلەن قىزى، مەن تەرەپكە قاراپ ئىلدام كېلىۋاتقان، كاستىيۇملۇق ئاۋۇ ئادەم، ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە چوڭ بىر ئۈنئالغۇلۇق رادىيو كۆتۈرۈۋالغان قارا تەنلىك، قۇلاقلىق تاقاپ مۇزىكا ئاڭلاپ كېتىۋاتقان ئۇزۇن پاچاق ئايال بىلەن ئىتىمۇ ئوخشاش مەقسەتتە پىيادىلەر يولىدا كېتىپ باراتتى. گويا نيۇيورك خىيالى قايىل قىلارلىق بولسۇن، دەپ ياسالغان كوچىلارنىڭ راستتەك بولۇشى ئۈچۈن، ئاشۇلارنىڭ بۇ دېكوراتسىيەلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈشى كېرەكتەك قىلاتتى.
كەچقۇرۇن ئاغىنەمنىڭ ئايالى ئىشتىن چۈشۈپ بىزگە قېتىلدى، بىر تورتخانىنىڭ ئىشىك ئالدىغا تىزىلغان تىقما-تىقماق ئۈستەللەردىن بىرىگە جايلاشتۇق. مەندىن تۈركىيە ھەققىدە سۇئاللار سورىغانلىقى ئۈچۈن، بىر نەرسىلەرنى دېيىشكە توغرا كەلدى، بىلگۈسى بار ئىدى، سۆزلەپ بەردىم. شۇنداق قىلىپ، ئىسسىق بىر ياز ئاخشىمىدا ئاۋازلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن خىيالىي بىر خىل تەسەۋۋۇردىن بەكرەك،  ئەت بىلەن سۆڭەكتىن يارالغان ئادەملار ئارىسىدا بۇ باشتىن تا ئۇ باشقىچە ياشاپ تۇرغان بىر شەھەرنىڭ ھاياتىغا قېتىلىپ كەتكىنىمگە ئىشىنىشنى ئىستەپ قالدىم. كېيىنچە بىر-بىرى بىلەن قانداق كۆرۈنۈش ۋە شەكىلدە كىسىشىدىغانلىقى ماڭا ئېنىق بولۇپ كېتىدىغان بۇ كوچىلارنىڭ ئاستا-ئاستا خىيالىمدىكى چۈشسىمان دېكوراتسىيىدىن رىئاللىقتىكى ئاسفالت كوچىلارغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. قايسىسىنىڭ ھەقىقىي نيۇيورك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيتتى.
ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇنۇتالمىغان بىر قانچە چۈشسىمان كۆرۈنۈش كاللامدا قالغانىدى: پىيادىلەر يولىدا بىز ئولتۇرغان ئۈچ پۇتلۇق ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ئاق رەڭلىك ياپقۇچ بار ئىدى، ئۈستىدە يېشىلغا مايىل پىۋا شېشىسى ۋە نوقۇترەڭ قەھۋە پىيالىلىرىمىز تۇراتتى. سوزۇلۇپ كەتكەن پىيادىلەر يولىنى ئالدى تەرىپىمىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان يېشىل مايكىلىق ئايالنىڭ كەڭرى دۈمبىسى توسۇۋالغان ئىدى. كىسەك ئۆيلەرنىڭ قاراڭغۇدا غۇۋالاشقان تاملىرىنى دەرىزىلەردىن چىققان  سۇس كاۋا چېچىكى رەڭگىدىكى چىراق نۇرلىرى كۆكۈش قىلىپ كۆرسىتەتتى. كوچا تار بولغىنى ئۈچۈن، قارشى تەرەپتىكى پىيادىلەر يولىنىڭ چىراق نۇرلىرى بىز تۇرغان تەرەپتىكى پىيادىلەر يولىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدا قالغان ئىدى؛ پىيادىلەر يولىنى بويلىتىپ توختىتىپ قويۇلغان چوڭ ۋە جىمجىت ماشىنىلارنڭ ئۈستىگە ، بۇ ئاقۇش نۇرلارنىڭ پات-پات چۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى كۆزۈمگە چېلىقاتتى.
پىيادىلەر يولىدىكى ئۈستەللەر بوش قېلىشقا باشلىغاندىن خېلى كېيىن، تورتخانا تاقىلىشقا باشلىغان چاغدا، ئاغىنەم ئەسنەپ تۇرۇپ سائىتىمنى نيۇيورك ۋاقتىغا توغرىلىغان-توغرىلىمىغانلىقىمنى سورىدى. ئون بەش يىللىق سائىتىمنىڭ ئايروپىلاندا بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى دەپ بەردىم، قولۇمدىن چىقىرىپ كۆرسەتتىم ۋە ئىككىنچىلەپ تاقىمىدىم.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 09:45:56

ئايپالتا ئەپەندى ئىسىل تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
سىز بىر ئىنكاسىڭىزدا ،ئوقۇغان ئەسلىمىڭىزدە تەرجىمانلىق ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزنى قامداپ كەلگەنلىكىڭىزنى
ئېيتىپسىز،سوراپ باقسام ئادەتتە كىتاپ ياكى ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلسىڭىز ئۈرۈمچىدەك قىممەتچىلىك
يىرىدە قانداقمۇ جان بېقىپ كىتەلىگەنسىز؟بۇ ھەقتىكى ئىشلىرڭىزنى بىلىپ باققۇم كەلدى.

gulbike يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 16:25:02

ئايپاتقغا رەھمەت ، باشقا پايتەخىتلەرگە بولغان مەنزىرىلەرمۇ بار ئوخشايدۇ ، شۇلارنىمۇ ئوقۇش نىسىپ بولسۇن ...{:112:}\
خىيالىمىزدا ئاجايىپ ئويلىۋالغان نەسىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولماي قالىدۇ ، مەنمۇ شۇنداق ئويلىۋىلىپ ئۇنداق بولماسلىقى كىرەكتى دەپ ئەسلىدىكى شۇ نەرسە ھەم موھىتقا كۆنەلمەي قالىدىغان چاغلىرىم كۆپ بولىدۇ ...

bastug يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:16:43

ھەققەتەن ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز، قولىڭزغا دەرت كەلمىسۇن!

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:19:52

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 09:45 static/image/common/back.gif
ئايپالتا ئەپەندى ئىسىل تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
سىز ...

بىر شېئىر بولىدىغان مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تەرجىمە قىلغان. بۈگۈن قايتا بىر تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. سۇئالىڭىزغا جاۋابەن.

كېتىشلەر پەسلى

جان يۈجەل

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت (ئايپالتا) ئىككىنچى قېتىم تەرجىمىسى

بۇكۈنلەردە ھەممە ئادەم كېتىشنىڭ كويىدا.
كىچىك بىر ساھىل بازىرىغا،
باشقا بىر دۆلەتكە، تاغلارغا، ئۇزاقلارغا...

ھاياتىدىن مەمنۇن بولغان ھېچكىم يوق.
كىم بىلەن پاراڭلاشسام ئوخشاش گەپ...
ھەممىنى، ھەممەيلەننى تاشلاپ كېتىش ئىستىكى.

ئۇنداق «يېنىغا ئېلىۋالغۇسى بار ئۈچ نەرسە» ۋاھاكازالار يوق.
بىر ئۆزىلا.
بۇمۇ يېتىدۇ ئەسلىدە
ھەممىنى، ھەممەيلەننى ئېلىپ ماڭدىڭ دېمەكتۇر.
كاشكى ئۆزىنى تاشلاپ كېتەلىسە ئىنسان
لېكىن بولمايدۇ شۇ.

قېنى ئۆزىمىزگە رازىمۇ دەيلى، يەنە بىر تەرەپمۇ قاملاشمايدۇ.
يەنى ھەممە نەرسىنى شۇ پېتى تاشلاپ قويۇشقا كۆز قىيمايدۇ.

مۇشۇنداق كېتىپ بارىمىز مانا.
بىر يېنىمىز «قوپ كېتەيلى»
يەنە بىر يېنىمىز «ئولتۇر» دەيدۇ.

«ئولتۇر» دېگەن ئۇتۇپ چىقىدۇ.
ئۇ تەرەپ كۆپ سانلىق چۈنكى...
ئىش، ئوقەت، مەسئۇلىيەت، بالا-چاقا، ئائىلە،
خاتىرجەملىك تۇيغۇسى...
ئەڭ يامىنى كۆنۈپ قېلىش.
كۆنۈپ قېلىش ئاتا قىلغان ئارامچىلىق،
جۇۋاز كالىسىدەك ئىزىمىزغا دەسسەپ كېتىپ بارىمىز.
قېلىۋاتىمىز...
قۇش بولۇپ ئۇچايلى دېگەنچە، دەرەخ بولۇپ يىلتىز تارتىۋاتىمىز.

توي قىلىشلار...
يەنە بىر بالىنىڭ تۇغۇلىشى...
قەرز بولۇپ قېلىشلار...
ئىش-ئوقەتنى كېڭەيتىشلەر
بىر ئىت جېنىدا بىزنى ئۇچۇپ كېتىشتىن توسۇپ قېلىۋاتىدۇ.

مەسىلەن مەن...
ئىشىكىمدىكى رەكىس(ئىت ئىسمى) نى تاشلاپ كېتەلمەيۋاتىمەن.
بۇ شەھەردىن كېتىش ئەمەس،
ئىككى كوچا نېرىغا كۆچەلمەيۋاتىمەن.
ئېلىپ كەتسەم كەلمەسكى...
پۈتۈن كوچىنىڭ ئىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،
ھەممەيلەن ئۇنىڭغا، ئۇ ھەممەيلەنگە ئامراق.
قايسىبىرىمىز بىلەن كەتسۇن؟

«بوينۇم قىلدا باغلاقلىق» دېگەن گەپ بار؛
شۇنداق ھەممىمىزنىڭ بوينى قىلدا باغلاقلىق،
ئۆزىمىز ياراتقان قىللاردا.
يالغاندىن ياشىغىلى بولماسكى بۇ دۇنيادا.
ئۆلۈم بار چۈنكى.
ئۆلۈم بىلەن قېرىشىپ چىڭ تۇرۇش لازىم،
قېرىشىپ تۇرۇپ يىلتىز تارتىش لازىم.

ھېچبولمىسا كىچىك قېچىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق.
بۇنداق قىلغانلارغۇ بار، لېكىن ئاز.
زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەنلەر.
ھەممەيلەن قاچالىغان بولساق...
كىرىم-چىقىم، ۋاقىت، تاماشا...تەڭ بولسا.
بىر كۈننىڭ ئىچىدە مەسىلەن...
كىچىك، كىچىك كېتىشلەرنى قىلالىساق.

قانداقمۇ مۈمكىن.
ئەتىگەن 9، ئاخشام 18
ئاندىن باشقا مەجبۇرىيەتلەر
قىسىلىپ قالدۇق.
پەقەت ۋە پەقەت يېيىش، ئىچىش، جان بېقىشنىڭ بەدىلى
بۇ قەدەر ئېغىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

ھايات قېلىش ئۈچۈن بىر ئۆمرىمىزنى بېرىۋاتىمىز.
بىر ئۆمۈرنى بەدەل قىلىۋاتىمىز، بىر ئۆمۈرنى يەنى.
نېمە دېگەن قاملاشمىغان...
بىزنى بۇ ھالغا چۈشۈرگەن باھارمىدۇر؟
بەلكىم.

مەن ھەر باھاردا ئاشىق  بولمايمەن لېكىن
ھەر باھاردا كەتسەم دەيمەن.
ھېچ كېتىپ باقمىدىم،
ئەمما كېرەك يوق...
ئىستەشمۇ گۈزەل.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:21:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 18:22  


Gitmelerin Mevsimi

Can Yücel
كېتىشلەر پەسلى

جان يۈجەل
Bugünlerde herkes gitmek istiyor.
Küçük bir sahil kasabasına,
Bir başka ülkeye, dağlara, uzaklara…
بۇكۈنلەردە ھەممە ئادەم كېتىشنىڭ كويىدا.
كىچىك بىر ساھىل بازىرىغا،
باشقا بىر دۆلەتكە، تاغلارغا، ئۇزاقلارغا...
Hayatından memnun olan yok.
Kiminle konuşsam aynı şey…
Herşeyi, herkesi bırakıp gitme isteği.
ھاياتىدىن مەمنۇن بولغان ھېچكىم يوق.
كىم بىلەن پاراڭلاشسام ئوخشاش گەپ...
ھەممىنى، ھەممەيلەننى تاشلاپ كېتىش ئىستىكى.
Öyle “yanına almak istediği üç şey” falan yok.
Bir kendisi.
Bu yeter zaten.
Herşeyi, herkesi götürdün demektir.
Keşke kendini bırakıp gidebilse insan.
Ama olmuyor.
ئۇنداق «يېنىغا ئېلىۋالغۇسى بار ئۈچ نەرسە» ۋاھاكازالار يوق.
بىر ئۆزىلا.
بۇمۇ يېتىدۇ ئەسلىدە
ھەممىنى، ھەممەيلەننى ئېلىپ ماڭدىڭ دېمەكتۇر.
كاشكى ئۆزىنى تاشلاپ كېتەلىسە ئىنسان
لېكىن بولمايدۇ شۇ.
Hadi kendimize razıyız diyelim, öteki de olmuyor.
Yani herşeyi yüzüstü bırakmak göze alınmıyor.
قېنى ئۆزىمىزگە رازىمۇ دەيلى، يەنە بىر تەرەپمۇ قاملاشمايدۇ.
يەنى ھەممە نەرسىنى شۇ پېتى تاشلاپ قويۇشقا كۆز قىيمايدۇ.
Böyle gidiyoruz işte.
Bir yanımız “kalk gidelim”,
öbür yanımız “otur” diyor.
مۇشۇنداق كېتىپ بارىمىز مانا.
بىر يېنىمىز «قوپ كېتەيلى»
يەنە بىر يېنىمىز «ئولتۇر» دەيدۇ.
“Otur” diyen kazanıyor.
O yan kalabalık zira…
İş, güç, sorumluluk, çoluk çocuk, aile,
Güvende olma duygusu…
En kötüsü alışkanlık.
Alışkanlığın verdiği rahatlık,
Monotonluğun doğurduğu bıkkınlığı yeniyor.
Kalıyoruz…
Kuş olup uçmak isterken, ağaç olup kök salıyoruz.
«ئولتۇر» دېگەن ئۇتۇپ چىقىدۇ.
ئۇ تەرەپ كۆپ سانلىق چۈنكى...
ئىش، ئوقەت، مەسئۇلىيەت، بالا-چاقا، ئائىلە،
خاتىرجەملىك تۇيغۇسى...
ئەڭ يامىنى كۆنۈپ قېلىش.
كۆنۈپ قېلىش ئاتا قىلغان ئارامچىلىق،
جۇۋاز كالىسىدەك ئىزىمىزغا دەسسەپ كېتىپ بارىمىز.
قېلىۋاتىمىز...
قۇش بولۇپ ئۇچايلى دېگەنچە، دەرەخ بولۇپ يىلتىز تارتىۋاتىمىز.
Evlenmeler…
Bir çocuk daha doğurmalar…
Borçlara girmeler…
İşi büyütmeler…
Bir köpek bile bizi uçmaktan alıkoyabiliyor.
توي قىلىشلار...
يەنە بىر بالىنىڭ تۇغۇلىشى...
قەرز بولۇپ قېلىشلار...
ئىش-ئوقەتنى كېڭەيتىشلەر
بىر ئىت جېنىدا بىزنى ئۇچۇپ كېتىشتىن توسۇپ قېلىۋاتىدۇ.
Misal ben…
Kapıdaki Rex’i bırakıp gidemiyorum.
Değil bu şehirden gitmek,
İki sokak öteye taşınamıyorum.
Alıp götürsem gelmez ki…
Bütün sokağın köpeği olduğunun farkında,
Herkes onu, o herkesi seviyor.
Hangi birimizle gitsin?
مەسىلەن مەن...
ئىشىكىمدىكى رەكىس(ئىت ئىسمى) نى تاشلاپ كېتەلمەيۋاتىمەن.
بۇ شەھەردىن كېتىش ئەمەس،
ئىككى كوچا نېرىغا كۆچەلمەيۋاتىمەن.
ئېلىپ كەتسەم كەلمەسكى...
پۈتۈن كوچىنىڭ ئىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،
ھەممەيلەن ئۇنىڭغا، ئۇ ھەممەيلەنگە ئامراق.
قايسىبىرىمىز بىلەن كەتسۇن؟
“Sırtında yumurta küfesi olmak” diye bir deyim vardır;
Evet, sırtımızda yumurta küfesi var hepimizin,
Kendi imalatımız küfeler.

Ama eğreti de yaşanmaz ki bu dünyada.
Ölüm var zira.
Ölüme inat tutunmak lazım,
İnadına kök salmak lazım.
«بوينۇم قىلدا باغلاقلىق» دېگەن گەپ بار؛
شۇنداق ھەممىمىزنىڭ بوينى قىلدا باغلاقلىق،
ئۆزىمىز ياراتقان قىللاردا.
يالغاندىن ياشىغىلى بولماسكى بۇ دۇنيادا.
ئۆلۈم بار چۈنكى.
ئۆلۈم بىلەن قېرىشىپ چىڭ تۇرۇش لازىم،
قېرىشىپ تۇرۇپ يىلتىز تارتىش لازىم.
Bari ufak kaçışlar yapabilsek.
Var tabii yapanlar, ama az.
Sadece kaymak tabakası.
Hepimiz kaçabilsek…
Bütçe, zaman, keyif… Denk olsa.
Gün içinde mesela…
Küçücük gitmeler yapabilsek.
ھېچبولمىسا كىچىك قېچىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق.
بۇنداق قىلغانلارغۇ بار، لېكىن ئاز.
زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەنلەر.
ھەممەيلەن قاچالىغان بولساق...
كىرىم-چىقىم، ۋاقىت، تاماشا...تەڭ بولسا.
بىر كۈننىڭ ئىچىدە مەسىلەن...
كىچىك، كىچىك كېتىشلەرنى قىلالىساق.
Ne mümkün.
Sabah 9, akşam 18
Sonra başka mecburiyetler
Sıkışıp kaldık.
Sırf yeme, içme, barınmanın bedeli
Bu kadar ağır olmamalı.
قانداقمۇ مۈمكىن.
ئەتىگەن 9، ئاخشام 18
ئاندىن باشقا مەجبۇرىيەتلەر
قىسىلىپ قالدۇق.
پەقەت ۋە پەقەت يېيىش، ئىچىش، جان بېقىشنىڭ بەدىلى
بۇ قەدەر ئېغىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى.
Hayatta kalabilmek için bir ömür veriyoruz.
Bir ömür karşılığı, bir ömür yani.
Ne saçma…
Bahar mıdır bizi bu hale getiren?
Galiba.
ھايات قېلىش ئۈچۈن بىر ئۆمرىمىزنى بېرىۋاتىمىز.
بىر ئۆمۈرنى بەدەل قىلىۋاتىمىز، بىر ئۆمۈرنى يەنى.
نېمە دېگەن قاملاشمىغان...
بىزنى بۇ ھالغا چۈشۈرگەن باھارمىدۇر؟
بەلكىم.
Ben her bahar aşık olmam ama
Her bahar gitmek isterim.
Gittiğim olmadı hiç,
Ama olsun…
İstemek de güzel
مەن ھەر باھاردا ئاشىق  بولمايمەن لېكىن
ھەر باھاردا كەتسەم دەيمەن.
ھېچ كېتىپ باقمىدىم،
ئەمما كېرەك يوق...
ئىستەشمۇ گۈزەل.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:37:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 18:38  

Gitmelerin Mevsimi

Bugünlerde herkes gitmek istiyor.
Küçük bir sahil kasabasına,
Bir başka ülkeye, dağlara, uzaklara…

Hayatından memnun olan yok.
Kiminle konuşsam aynı şey…
Herşeyi, herkesi bırakıp gitme isteği.

Öyle “yanına almak istediği üç şey” falan yok.
Bir kendisi.
Bu yeter zaten.
Herşeyi, herkesi götürdün demektir.
Keşke kendini bırakıp gidebilse insan.
Ama olmuyor.

Hadi kendimize razıyız diyelim, öteki de olmuyor.
Yani herşeyi yüzüstü bırakmak göze alınmıyor.

Böyle gidiyoruz işte.
Bir yanımız “kalk gidelim”,
öbür yanımız “otur” diyor.

“Otur” diyen kazanıyor.
O yan kalabalık zira…
İş, güç, sorumluluk, çoluk çocuk, aile,
Güvende olma duygusu…
En kötüsü alışkanlık.
Alışkanlığın verdiği rahatlık,
Monotonluğun doğurduğu bıkkınlığı yeniyor.
Kalıyoruz…
Kuş olup uçmak isterken, ağaç olup kök salıyoruz.

Evlenmeler…
Bir çocuk daha doğurmalar…
Borçlara girmeler…
İşi büyütmeler…
Bir köpek bile bizi uçmaktan alıkoyabiliyor.

Misal ben…
Kapıdaki Rex’i bırakıp gidemiyorum.
Değil bu şehirden gitmek,
İki sokak öteye taşınamıyorum.
Alıp götürsem gelmez ki…
Bütün sokağın köpeği olduğunun farkında,
Herkes onu, o herkesi seviyor.
Hangi birimizle gitsin?

“Sırtında yumurta küfesi olmak” diye bir deyim vardır;
Evet, sırtımızda yumurta küfesi var hepimizin,
Kendi imalatımız küfeler.

Ama eğreti de yaşanmaz ki bu dünyada.
Ölüm var zira.
Ölüme inat tutunmak lazım,
İnadına kök salmak lazım.

Bari ufak kaçışlar yapabilsek.
Var tabii yapanlar, ama az.
Sadece kaymak tabakası.
Hepimiz kaçabilsek…
Bütçe, zaman, keyif… Denk olsa.
Gün içinde mesela…
Küçücük gitmeler yapabilsek.

Ne mümkün.
Sabah 9, akşam 18
Sonra başka mecburiyetler
Sıkışıp kaldık.
Sırf yeme, içme, barınmanın bedeli
Bu kadar ağır olmamalı.

Hayatta kalabilmek için bir ömür veriyoruz.
Bir ömür karşılığı, bir ömür yani.
Ne saçma…
Bahar mıdır bizi bu hale getiren?
Galiba.

Ben her bahar aşık olmam ama
Her bahar gitmek isterim.
Gittiğim olmadı hiç,
Ama olsun…
İstemek de güzel

Can YÜCEL

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 19:34:47

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 18:19 static/image/common/back.gif
بىر شېئىر بولىدىغان مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تەرجىمە  ...

تەرجىمىڭىز بىر خىل ئازادە،يەڭگىل چىقىپتۇ.{:112:}

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 08:51:40

دۇنيانىڭ پايىتەختىدىن مەنزىرەلەر(2)

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى


ساقچى فىلىمى كۆرىۋاتقان ساقچىلار


   _ ماۋۇ يېڭى سائىتىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار، بالىلار،_ دېدى ساقچىلاردىن بىرى. بىلىكىنى ئارقا تەرەپكە ئۇزاتتى. ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا ئۈچەيلەن بار ئىدۇق. مەن ئوڭ تەرەپتىكى دەرىزىدە تۈۋىدە ئولتۇراتتىم، يېنىمدا پۇقراچە كىيىنگەن ئىككى ساقچى بار ئىدى.
_ قەيەردىن ئالدىڭ؟_ دەپ سورىدى يېنىمدىكى.
_ سەككىز دوللارغا كوچىدىن ئالدىم،_ دېدى ئالدىدىكى ساقچى.
-         24سائەتتىلا توختاپ قالىدۇ!_ دېدى يەنە بىرى.
_ ئىككى كۈن بولدى،_ دېدى سائەت ئالغان ساقچى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ. ئاندىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
خۇدسون دەرياسىنى بويلاپ، مانخاتتاننىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا قاراپ چۈشۈپ كېتىدىغان يۇقىرى سۈرەتلىك يولدا، سەھەر ۋاقتى بىلەن ئەدلىيە بىناسىغا كېتىپ باراتتۇق. بىر ئاي بۇرۇن بېشىمغا ئانچىكىم بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ بۇلانغان ئىدىم. تېخىمۇ قاملاشمىغان يېرى، بۇلاڭچىلارنىڭ يېڭىياچىلىقىنى چاندۇرۇپ تۇتۇلۇپ قېلىشى، مېنىڭ ئۇلارنى تونۇۋېلىشىم، ئۇلارنىڭ باشقا يەردىكى بۇلاڭچىلىقلىرى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن جىنايىتىنى تاپشۇرىشى، ئاندىن مېنىڭ مەھكىمىگە گۇۋاھلىققا چاقىرىلىشىم ئىدى. بىر كۈن بۇرۇن تېلېفوندا، ئادۋوكات خانىم مېنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن ئانچە خوشۇمنىڭ يوقلۇقىنى، بىر باھانە تېپىپ بارماي قويىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ ئەتىگەندە كېلىپ مېنى مەھكىمىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئىككىسى ئىتالىيان قان تىپىدىن، يەنە بىرى بولسا سېرىق چاچ، كۆك كۆز كەلگەن بۇ ساقچىلارمۇ گۇۋاھلىق بېرەتتى. ئۇ يېڭىياچى ۋە ياش بۇلاڭچىلارنى مەندىن كېيىن يەنە باشقا بىرىنى بۇلاش ئۈچۈن ئىككى كوچا نېرىسىدا كۈتۈپ تۇرغان يېرىدە بۇلار تۇتۇۋالغان ئىدى.
شەھەرگە كىرگەن چېغىمىزدا، ساقچىلار تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان، ساقچىلار ھەققىدىكى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ گېپىنى قىلىشقا باشلىغانىدى. گەپلىرىدىن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش نيۇيوركتا ساقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، بىز ھازىر ئولتۇرغان ، ئۈستىدە سىگنال چىرىقى بولغان ئاق-كۆك رەڭلىك ماشىنىلارنى ھەيدەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەنىدىم. خۇددى ئۆزلىرىنى ئوقۇغان رومانلىرىدىكى ئايال قەھرىمانلارنىڭ ئورنىغا قويۇۋالىدىغان 19- ئەسىردىكى سەھرالىق قىزلار ۋە بەختسىز، خىيالپەرەس ئائىلە ئاياللىرىغا ئوخشاش، ساقچىلارمۇ ئۆزلىرىنى فىلىمدىكى ساقچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تاكاللىشىشاتتى. ئېغىزىدىن چېقىۋاتقان گەپ-سۆزلەر فىلىمدىكىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتتى: پېچىتى بۇزۇلمىغان تىل-ھاقارەت سۆزلىرىنى يېڭى ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىدىم.
جۇڭگۇلۇقلار كوچىسىدىن ئۆتۈپ ئەدلىيە بىناسىغا كىرگەندە، ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان لىفىت سەپىرىدىن يەنە بىرىنى باشلىدۇق. ئاندىن مېنى ئادۋوكات خانىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىشتى. ئۇ ئادۋوكاتتىن بەكرەك كىشىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى، سىرلىرىنى ئورتاقلاشقۇسى كېلىدىغان، سۆيۈملۈك، ئامراق ساۋاقدىشىغا ئوخشايتتى. ماڭا ئوپۇل-توپۇل بىر نەرسىلەرنى دېگەندىن كېيىن، « ھازىرلا كېلىمەن» دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە قەغەزلەر تۇراتتى، بىكار تۇرغىچە ئوقۇپ تۇراي دېدىم: مېنى بۇلىغان قارا تەنلىكلەرنىڭ سوراق خاتىرىسى ئىكەن. قوللىرىدىكىنىڭ ھەقىقىي تاپانچا ئەمەسلىكىنى شۇ چاغدىلا ھېس قىلغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ يەنە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. مېنى « ئاق تەنلىك گۇي» دەپ تىلغا ئېلىشقان ئىدى. 20 دوللىرىمنى كوكائىنغا خەجلەپتۇ، بەك تىزلا جاجىسىنى يېيىشىپتۇ. بۇلارنى ئوقۇشنىڭ بەلكىم مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ جايىغا تاشلاپ قويدۇم، ئاندىن بىر چەتتە تۇرغان قېلىن بىر كىتابنى ۋاراقلاپ ئوقۇشقا باشلىدىم: «سوتچىلار ئۈچۈن سوراق قوللانمىسى».  بىر قاتىل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كۆمۈپ قويۇلغان جەسەتنىڭ يېرىنى ساقچىلارغا بىلدۈرمىگەن ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ جازاغا تارتىلمايدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى. ئادۋوكات خانىم قايتىپ كەلدى.
_گۇۋاھلىق بېرىشنى ئانچە خالىمايدىغاندەك كۆرۈنىسىز،_ دېدى.
ئىشخانىسىدىن چىقىپ كارىدوردا كېتىپ باراتتۇق.
_ بىچارە بالىلار،_ دېدىم.
_كىملەر؟
_ مېنى بۇلىغانلار.  قانچىلىك كېسىلەر؟
_ئەمما ئۇلار سىزنىڭ 20 دوللىرىڭىزنى ئېلىۋېلىشتى،_ دېدى،_ پۇلنى نېمىگە خەجلىگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
لىفىت بىلەن تۆۋەنگە چۈشتۇق، سوت زالى يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئاسمانپەلەك بىنادا ئىكەن. ئادۋوكات خانىم دەرس كىتابلىرىنى مەيدىسىگە يېقىپ كېتىپ بارغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك ماتېرىياللارنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى، بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ئوخشاش ياش ئادۋوكاتلار بىلەن سالاملىشاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن تاتلىق بىر خىل گەپدانلىق بىلەن ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى: نېۋادالىق ئىكەن، ئاركانساستا دېڭىز بىئولوگىيەسى كەسپىدە ئوقۇغانمىش، كېيىن بۇ كەسىپنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنمىش.
_ قايسى كەسىپنى؟_ دەپ سورىغىنىمدا، _ قانۇن،_ دەپ جاۋاپ بەردى ئېغىزىنى ئويماقتەك قىلىپ تۇرۇپ.
يەنە بىر لىفىت سەپىرىنى باشلىدۇق. ھېچكىم گەپ قىلمايتتى. ھەممە ئادەم لىفىتنىڭ چېكىسىدىكى رەقەملەرگە قارىغىنىچە كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. ئۈستىگە چىققاندا، ئادۋوكات خانىم مېنى كارىدوردىكى بىر ئورۇندۇقنىڭ تۈۋىدە توختاتتى.
_ باش سوتچى سىزنى چاقىرتقاندا ئىشنىڭ جەريانىنى ئۆتكەن قېتىم ماڭا دەپ بەرگەندەك دەپ بېرەرسىز،_ دېدى.
_ بۇ ئاخىرقى قېتىم كېلىشىم بولار، ئىنشائاللاھ!_ دېدىم.
كەتتى. مېنىڭ سوت زالىغا كىرىشىم چەكلەنگەنمىش. ئولتۇرۇپ ساقلاشقا باشلىدىم. بىردەمدىن كېيىن مېنى ئېلىپ كەلگەن ساقچىلار كېلىشتى، سوت زالىغا كىرىپ كېتىشتى، لېكىن ھايال ئۆتمەي يېنىپ چىقىپ كارىدوردا ساقلاشقا باشلىدى. قىزىقسىنىپ يانلىرىغا باردىم.
_جاۋاپكارلار بىناغا كەپتۇ، لېكىن لىفىت بۇزۇلۇپ قاپتۇ،_ دېدى ساقچىلاردىن بىرى.
_ نېمە ئۈچۈن ھەممە ئىشنى ئىقرار قىلغانلىقىغا ھەيران قېلىۋاتىمەن،_ دېدىم.
_ئۇلارغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدۇق، شۇڭا،_ دېدى ئىنچىكە بۇرۇت قويۇۋالغان ساقچى.
_شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى باشقا جىنايەتلىرىنىمۇ قوشۇپ ئىقرار قىلىشىنى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن،_ دېدىم،_  بۇنداق قىلسا تېخىمۇ جىق جازاغا ئۇچرىمامدۇ؟ قانچە يىل كېسىلىپ كېتەر؟
_ھەر قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ئۈچۈن تۆت يىلدىن، 28 يىل.
_ بىر ئادەم نېمە دەپ ئۆزىنى قوغدىمايدۇ؟
_ قارا بۇرادەر،_ دېدى يېڭى سائەت ئالغان ساقچى، سەل تېرىكىپ، _ بىز شۇ كۈن كېچىسى ئۇلارنىڭ بىر تال مويىغا چېقىلمىدۇق. ئۇ كۈنى ئاخشىمى، مەن تاماق يېمىدىم، ئۇلار يېدى، چۈشەندىڭمۇ؟
_ھەممىنى ئىقرار قىلساق، مېنى بېرىپ ئۇلارنىڭ ياخشى نىيەتلىرىنى سوتچىغا يەتكۈزىدۇ، سوتچى بۇنىڭ بىلەن بىزگە ئازراق جازا بېرىدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشتى،_ دېدى سېرىق چاچلىق ساقچى،_  سوتچىنى مېنىڭ ساۋاقدىشىم دەپ قالغان چېغى بار.
كۈلۈپ كېتىشتى.
يېڭى سائەت ئالغىنى سېرىق چاچلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،_ ئۇ سوراق رازۋىدچىكى،_ دېدى،_ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئېغىزلىرىنى قانداق ئاچقۇزۇشنى ئوبدان بىلىدۇ.
_ مەن ئۇلارنىڭ دوستى،_ دېدى سېرىق چاچلىق ساقچى.
يەنە كۈلۈشتى. قايتىپ كېلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. ساقچىلار سوت زالىغا كىرىپ كېتىشتى. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسا كېرەك، ئورۇندۇققا كۈن چۈشۈپ قالغان ئىدى. تەرلەپ كېتىپتىمەن. ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەڭرى ۋە ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە بوش ۋە ئۇزۇن كارىدوردا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىشقا باشلىدىم. كېيىن يەنە تۇرۇپ نيۇيوركنىڭ سىماسىنى تاماشا قىلدىم. گويا پۈتۈن كۆرگەنلىرىم، ئاسمانپەلەك بىنالار ۋە ئېلانلار تۇيۇقسىز يەر بىلەن يەكسان بولىدىغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. خېلىدىن كېيىن ئادۋوكات خانىم كەلدى.
_ تېخى كەتمىدىڭىزمۇ؟_ دېدى،_ لىفىت بۇزۇلۇپتۇ، جاۋاپكارلار پەلەمپەيدىن چىقىۋاتىدۇ. ساقلاۋاتىمىز.
بىرئازدىن كېيىن ساقچىلار يەنە كېلىشتى. بىر-بىرىگە نېمىلەرنىدۇر ديىشىۋاتاتتى. يىراقتىن ئىختىيارسىز قۇلاق سالدىم. بىر خىزمەتدېشى دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر ۋەقەگە شاھىت بولۇپ قاپتۇ، قاچقان جىنايەتچىنى تاپانچىسىنى چىقىرىپلا ئېتىپ ساپتۇ. تۇرغان ئۆيىنىڭ ئورنى ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، تەھدىت تېلېفونلىرى كېلىشكە باشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقا مەھەللىگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. يەنە ئاللىقانداق بىر نەرسىلەرنى دېيىشىپ كۈلۈشىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا ئالدىمدىن ئۆتۈپ سوت زالىغا كىرىپ كېتىشتى. بىر ھازاغىچە سىرتقا ھېچكىم چىقمىدى. كارىدورمۇ جىمجىت بولغىنى ئۈچۈن مېنى ئۇنتۇپ قالغان چېغى، دەپ ئويلىدىم. تورۇستىكى لامپىلار ۋە كارىدوردىكى بوش ئورۇندۇقلار يەردىكى مەرمەر پولدا ئەكس ئېتەتتى. ئاستا-ئاستا تەرلەشكە باشلىدىم. بىر چاغدا ئادۋوكات خانىم يەنە كەلدى.
_ مەھكىمە بىناسىغا كىرىپتۇ، لېكىن ئۇلارنى تاپالمايۋاتىدۇ،_ دېدى.
_ پەلەمپەيدىن چىقىۋاتاتتىغۇ؟
_ساقلاۋاتىمىز.
كەتتى. كېتىۋاتقان چېغىدا مەرمەرنىڭ ئۈستىدە بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر چۈشۈۋاتقان ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىغا قارىدىم. قەدەملىرى بارماقلىرى بىلەن مېڭىۋاتقان بىرسىنى دوراۋاتقان بىر قولنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشايتتى. سوت زالىغا كىرىپ غايىپ بولدى. ساقلاۋاتقان چېغىمدا نېمىشقىكىن سائىتىمگە قارىغۇم كەلمەيتتى، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى ھېچبىر زامان بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇزۇن  ۋاقىت ئورۇندۇقتا مىت قىلماستىن تەر ئىچىدە ساقلىدىم. ساقچىنىڭ يېڭى سائىتىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىغا رەسمىي ئىشەندىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىغان نيۇيورك سىماسىدىن  خۇددى ھور كۆتۈرۈلۈۋاتقاندەك قىلاتتى، بۇلۇتلاردىن بىر مەنا ئىزدىدىم. ئادۋوكات خانىم خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن، مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغاندا كەلدى.
_جاۋاپكارلار بىنادا يوقاپ كېتىپتۇ،_ دېدى،_ مەھكىمە بىناسىدىن تېپىلمىغاچقا سوتچى سوتنى كېچىكتۈردى. كەتسىڭىز بولىدۇ.
ئۇزۇن بىر لىفىت سەپىرىدىن كېيىن كوچىغا چىققىنىمدا يۈز-كۆزۈمنى يۇيغۇم كەلدى. بىر ئاشخانىغا كىردىم، كۈتكۈچى:
_سۇخانا پەقەت خېرىدارلىرىمز ئۈچۈنلا، بىر نەرسە بۇيرۇتىشىڭىز كېرەك،_ دېدى.
_ ھامبۇرگ بولكىسىدىن بىرنى،_ دېدىم ئۆرە تۇرۇپلا.
_ ئۆز تەمىدە بولسۇنمۇ؟
_ھەئە.
سۇخانىغا كىرىپ يۈز-كۆزۈمنى يۇدۇم.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 21:39:01

تەرجىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ!!!:)
بىر تەكلىپىم: يېڭى بىر ئابزاس باشلانغاندا ئابزاس بېشىدىن ئۈچ ھەرپ بوشلۇقى تاشلاپ يازسىڭىز. ‹ئابزاس ئايرىپ دىمەكچى›

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 08:44:23

بولىدۇ، دىققەت قىلاي. رەھمەت، پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 00:32:55

دۇنيانىڭ پايىتەختىدىن مەنزىرەلەر(3)

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى

برودۋەيدە ئۈچ قەرتچى(قويمىچى)لەر، ئاقكۆڭۈل ئادەم ۋە بىر تۈرك

   برودۋەي ئۇزۇن بىر يول. مانخاتتاننىڭ جەنۇبى ئۇچىدىن شىمالى ئۇچىغىچە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ جەنۇبىدا يولمۇ، كوچىلارمۇ تار. بۇ يەر ئازراق بىزنىڭ مەھمۇت پاشاغا ئوخشاپ قالىدۇ : داۋاملىق باھاسىنى چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان كېيىم-كېچەك ماگزىنلىرى، ئامبارلار، دەرىزىسىنىڭ ئەينەكلىرىگە يوغان رەقەملەر بىلەن لۆڭگە، كىرلىك، لامپا قاتارلىقلارنىڭ باھاسى يېزىپ قويۇلىدىغان دۇكانلار، ھەر خىل ھامبۇرگ بولكىسى ساتارمەنلىرى، ئىسكىلاتلار.
   نيۇيوركقا كەلگىنىگە ئۈچ يىل بولغان ئىدى. بىر كۈنى چۈشتە تۆۋەنكى برودۋەيدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. كۈز ئەمدىلا باشلانغان ئىدى، ھاۋا ئوچۇق ۋە سۆرۈن ئىدى. پىيادىلەر يولى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئىش يەرلىرىدىن چىققان كاتىپ قىزلار، ياش باشقۇرغۇچىلار، پىركازىچىكلار، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا چىققان  كىشىلەر توپى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. «باھار» كوچىسىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۈچ قەرتچىلەرنى كۆرۈپ، تۈركىيەدە ئانىسى ئىشكاپقا تاشلاپ قويغان بىر رەسىمنى تۇيۇقسىزلا كۆرۈپ قالغاندەك ھاياجانلاندى. توختاپ تاماشا قىلىشقا باشلىدى.
   پىيادىلەر يولىنىڭ بىر چېتىگە يوغان بىر يەشىكنىڭ ئۈستىگە ئىككىسى قىزىل، بىرى قارا ئويۇن قەرتلىرىنى ئېچىپ قويغان ئادەمنىڭ قوللىرى تېز-تېز ھەرىكەتلىنەتتى، لېكىن بەك تېزمۇ ئەمەس ئىدى. ئاغزىمۇ شۇنداق ئىدى، ئېغىر-بېسىق، ھاياجانسىز ۋە ھارغۇن ئاۋازىمۇ شۇنداق ئىدى. كېلىپ كېتىۋاتقانلارنى ئويۇنغا كۈشكۈرتكەندە بولسۇن، ياكى بېشىدا قاراپ تۇرۇپ تاماشا كۆرىۋاتقانلارغا چىتىرنىڭ تۇزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يوشۇرۇپ قويغاندا بولسۇن، قىلىۋاتقان بۇ ئىشتىن بىزار بولغاندەك كۆرۈنەتتى. قولىدا پۇرلىشىپ نەم تارتىپ قالغان دوللارنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تىكىلىپ تۇرغان قارا تەنلىكمۇ شۇنداق كۆرۈنەتتى، ئانچە ھاياجانلىنىپمۇ كەتمەستىن قەرتلەردىن بىرىنى كۆرسىتەتتى، چىتىرنىڭ تۇزىنى تېپىۋېلىپ، ناھايىتى ئاسانلا 40 دوللار ئۇتۇۋاتاتتى؛ چوقۇم ئۇلار بىلەن شىرىك ئىدى. ئىستانبۇلدىكىلەرگە ئوخشاش، نيۇيوركتىكىلەرنىمۇ پات-پات كىلىپ تاماشا قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 4-5 كىشىلىك بىر ئەترەت بولۇپ بۇ ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىر ئىككىسى كەينىدىرەك تۇرۇپ ساقچىلارغا دىققەت قىلىدۇ، قالغانلىرى خېرىدار سىياقىدا كېلىپ ئاسانلا پۇل ئۇتۇۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېلىپ-كېتىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئاچكۆزرەكلىرى ئۆزىنى تۇتالماي ئويناپ سالىدۇ.
   ئەمما قىستا-قىستاڭچىلىق ئىچىدىن بۇنداق ئادەملەر ھېچ كېلەي دېمەيتتى. ھەممىسى ئېھتىيات قىلىشاتتى. بىردەم تاماشا قىلغاندىن كېيىن، گۇمان بىلەن كېتىپ قېلىشاتتى؛ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇشاتتى: سولغۇن چىراي بىر ياپۇنىيەلىك، قاقۋاش ئوقۇغۇچىلار، كاستىيۇمنى قاتۇرۇپ كىيىۋالغان بىر سودىگەر، قەرتتىن جىقراق بىر-بىرىگە قارىشىۋاتقان سېرىق چاچلىق بەختىيار بىر جۈپلەر، قوللىرىدا ساندۋىچ، بارماقلىرىغا تۇخۇم سېرىقى ئېقىپ كەتكەن پىركازىچىك قىزلار...ئۇلارنىڭ بۇ نومۇسسىز ھاللىرىغا ئازراق غەزەپلىنىۋاتاتتى. گويا ساقچى سىگناللىرى، ماشىنىلىرى ۋە تىك ئۇچارلىرىنى كۆرسە قورقۇپ جېنى چىقىدىغان بۇ بىر توپ كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ ھاياتىنى ئۇلاردىن ياخشىراق تونۇيدىغاندەك قىلاتتى. ئۇلار تولىمۇ ئوبدان بىلىدىغان، لېكىن بۇ توغرۇلۇق جىق گەپ قىلمايدىغان بىر ئىش باردەكمۇ قىلاتتى. ئۆرۈلۈپ كېتىۋاتقان چاغلىرىدا:« بىز بۇ نيۇيوركنىڭ سەن بىلمەيدىغان سىرلىرىنى بىلىمىز» دەۋاتقاندەك قىلىشاتتى.
   شۇنداقتىمۇ بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى كۆرگەنلىرىگە دەرھاللا ئىشىنىپ قالاتتى. قەرتلەرنىڭ بىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئىشارەت قىلىپ سېلىۋاتقان قوللىرىنى باشقۇرالماي قېلىۋاتاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئالدامچىمۇ ياغلىما گەپلىرى بىلەن ئۇلارنى ئويۇنغا دەۋەت قىلاتتى، ئۇلار خىجىل بولغان ھالدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ئەتراپىغا قارايتتى. بەزىلىرى گۇناھكارلاردەك ئاستا قولىنى تارتاتتى. ئىككىنچىلەپ شەيتاننىڭ سەنىمىگە دەسسەپ قالمىسۇن، دەپ قوللىرىنى يانچۇقلىرىغا سېلىۋالغانلارمۇ بولاتتى. شۇ تاپتا  ئۇلارنىڭ ئالدامچىنىڭ گەپلىرىگە ئالدىنىپ، كېيىمىنىڭ ياكى سومكىسىنىڭ قانداقتۇر بىر بۇلۇڭلىرىغا تىقىشتۇرغان دوللارلىرىنى چىقىرىشىنى نە قەدەر ئارزۇ قىلاتتى-ھە! ئاندىن كۆرگەنلىرىنى چاچلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئاغىنىسىگە دەپ بېرىۋاتقاندا، پۇللىرىنى ئۈچ قەرتچىنىڭ چۆنتىكىگە تاشلاپ بەرگەن ئەقىلسىزلارنىڭ ھېكايىلىرىگە قانداق كۈلۈمسىرەيدىغانلىقلىرىنى بىلەتتى. كۆرگەن باشقا ۋەقەلەرمۇ ئەسلىرىگە كېلەتتى: پۇلدىن قۇرۇق قالغاندىن كېيىن بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن بىر جۈپلەر، نومۇستىن قىزىرىپ كەتكەنلەر، غەۋغا كۆتۈرگەنلەر، يەنە بىر قېتىم ئوينىغانلار؛ بۇلارنى برۇكلىندىكى كىچىك، ئەرزان ۋە مەينەت بىر ئۆيدە ياكى يېقىن ئەتراپتىكى بىر يەرلەردە، چۈچۈتۈلگەن ياغ پۇراپ تۇرىدىغان ئەرزان باھالىق ئاشخانىلاردا تاماكا چەككەچ بىر-بىرىگە سۆزلەپ بېرىشەتتى. بىر ئىككى قېتىم ئالدىغىراق بېرىپ ساددا كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويماقچىمۇ بولدى. نيۇيوركتا تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان ئىدى.
   ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم پورتمالىنى چىقىرىشى بىلەن، ئۈچ قەرتچىلەرنىڭ ئارىسىدا بىلىنەر-بىلىنمەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. بۇ كىشى ساغلام كۆرۈنەتتى، يۈزلىرى دۇنياغا ئىشەنچ بىلەن باقاتتى. خۇددى ساتىراشخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرغاچ ، «تەرمىلەر» ژورنىلىدىن ھاياتنىڭ ئازراقلا تىرىشچانلىقلار بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە تولۇپ كەتكەن، بەختكە ئېلىپ بارغۇچى يورۇق بىر يولدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوقۇپ ئىشىنىپلا كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭغا ئېچىندى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمىگە ئوخشاتتى، نېمە كۆرسە ئۆزىنىڭ شورى، دېدى. ئۇ ئاقكۆڭۈل ئادەممۇ ئۆزىنىڭ بېشىغا كىچىك بىر بالا-قازانىڭ كېلىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلدى: ئويۇنغا قېتىلىش ئۈچۈن 40 دوللارنى پورتمالىدىن چىقىرىپ كۆرسەتسىلا بولىدىغانلىقىنى ئۈچ قەرتچىدىن ئاڭلىغان ھامان ئىشىنىپ قالغان ئىدى ۋە پورتمالىدىن 20 دوللارلىق پۇلدىن ئىككىنى ئىشەنچ بىلەن چىقاردى. ئۈچ قەرتچى تەلىيىنى سىناپ بېقىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال پۇلنى بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئاچچىغى كەلدى. چىڭ سىقىمداپ تۇرغان پۇلنى بېرىش ئەمەس، خۇددى ئىشىكتىن كىرىش كارتىسىنى كۆرسەتكەندەك كۆرسىتىپ تۇرغۇسى بار ئىدى، ئويۇندىن ۋاز كېچەي دەپ تۇراتتى، ئىككى تەرىپىدىن ئىككى كىشىنىڭ يانچۇقلىرىدىن 40 دوللاردىن چىقىرىشىپ ئۈچ قەرتچىگە ئىشەنچ بىلەن بەرگەنلىكىنى كۆردى. نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى: ئېنىقكى ئۈچ قەرتچىدىن گۇمانلانسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى دەڭسەۋاتاتتى. ئاندىن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قاراشلىرىدىن نومۇس قىلىپ پۇلنى ئۈچ قەرتچىگە بەردى. پۇلنى بېرىپلا ھودۇقۇپ قالدى. ھودۇقۇش ئىچىدە يېپىق تۇرغان ئۈچ قەرتنىڭ ئىچىدىن بىرىنى ئالدىراش لېكىن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا تاللىدى. ئېچىلغان قەرتنىڭ چىتىرنىڭ ئەمەس بەلكى غىشنىڭ تۇزى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ داڭقېتىپ قالدى. ئاندىن ھوشىنى يىغىپ پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىكى سەمىگە سېلىنغاندا ۋارقىراپ-جارقىراشقا باشلىدى. كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشتى، بەزىلىرى بولسا ئۈچ قەرتچىلەر تەرەپتە تۇرۇپ كۈلۈشكىنىچە ئۇنى مازاق قىلىشتى. ئاقكۆڭۈل ئادەم بىردىنلا ۋاقىراشقا باشلىدى:
_ ھەممىڭلار بىر ئىكەنسىلەر، پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرمىسەڭلار ساقچى چاقىرىمەن، ساقچى! ساقچى!
ئۈچ قەرت سورۇنى بىردەمدىلا يىغىشتۇرۇلدى. قەرت ئاچقانلار بىلەن ئۇلارنىڭ شىرىكلىرى كىشىلەر توپى ئارىسىدا بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى. كۆزىگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەي قالغان ئۇ ئادەم يەنە بىر ھازا ساقچى چاقىردى، لېكىن پات-پات برودۋەيدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى توختىمىدى. بۇ چاغدا نيۇيوركتا تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان كىشى ئويۇننى تاماشا قىلىپ تۇرغان بۇلۇڭدىن بۇ ئادەمگە يېقىنلاشتى، غەلىتە بىر خىل پاراڭلىشىش ئىستىكى بىلەن ئېغىز ئاچتى:
-چىتىرنىڭ تۇزىنى ھېچبىر زامان تاپقىلى بولمايدۇ،_ دېدى،_ ھىيلە قول ھەرىكىتىدە ئەمەس، قەرتلەردە.
_برودۋەينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا، كۈپكۈندۈزدە بۇلاڭچىلىق قىلىشىۋاتىدۇ،_ دېدى يەنە بىرى،_ ساقچى! ساقچى!
_ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىدىكىلەر ئۇنىڭ شىرىكلىرى،_ دەپ داۋام قىلدى ئۈچ يىللىق نيۇيوركلۇق.
_سەن نەدىن بىلىسەن؟ سەنمۇ ئۇلارنىڭ شىرىكىمۇ-يا؟
-سېنى بىلىۋالسۇن دېۋىدىم.
_سەنمۇ ئۇلارنىڭ شىرىكى، ئۇلار بىلەن  بىللە ئىش قىلىسەن.
_مەن تۈرك،_ دېدى يەنە بىرى چارىسىز قېلىپ،_ ئويۇن كۆرۈۋاتاتتىم.
_ياپۇنچىمۇ بىلەمسەن؟ ساقچى!
ئۈچ يىللىق نيۇيوركلۇق ئالدىراش-سالدىراش يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتتى، يورۇقلۇقتىن قاچقان قۇرتقا ئوخشاش مېترو پەلەمپەيلىرىدىن يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 10:44:47

دۇنيانىڭ پايتەختىدىن مەنزىرەلەر(4)


پۇراقسىز پېچىنىلەر ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشلەر

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى


   پىشۇرۇق دۇكىنىدىن ئالغان پېچىنىلەرنىڭ، ئۈزۈملۈك پىشۇرۇقلارنىڭ، تورتلارنىڭ ئۆيگە ئاپارغاندىن كېيىن تەمىنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى دېۋىدىم، ھەممىسى ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتى. يامغۇرلۇق ۋە تۇتۇق بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنلىكى، چاي ئىچكەچ بۇ ئاخشام كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پروفېسسورلار-ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە بارايلىمۇ-بارمايلىمۇ دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇراتتۇق. ماڭا چۈشەندۈرۈشتى: پىشۇرۇق دۇكانلىرىنى خۇشپۇراق قىلغان، دۇكانغا كىرەر-كىرمەستىنلا ئىشتىھالارنى غىدىقلاپ، كۆزىمىز كۆرگەن ھەممە پىچىنە-پىرەنىكلەرنى دەرھال ئالغۇمىزنى كەلتۈرۈۋېتىدىغان ئۇ نەپىس، يۇمشاق، ئىشتىھا ئاچقۇچى خېمىر پۇرىقى، مەخسۇس ئۈسكىنىلەر بىلەن دۇكان ئىچىگە پۈركۈلىدىغان سۈنئى پۇراق ئىكەن. پۇرىقىغا ئالدىنىپ، كىشىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچى بىلەن تۇتۇپ باققۇسى كېلىپ كېتىدىغان ئۇ پېچىنە-پىرەنىك، بولكىلار سېتىلىدىغان دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەتتا بىرەر دوخۇپكىمۇ يوق ئىكەن. كونىلارنىڭ گېپى بويىچە «قارچۇغا ئالسام سا چىقتى» دېگەندەك ئىش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كۆڭۈلسىزلىك تۇيغۇسى. بەك بولۇپ كەتسە، كىشىنىڭ ئازراق كۈلگىسى كىلىدىغانلىقىنى دېيىش مۇمكىن.
   كۈلگىڭىزنى كەلتۈرىدىغان بۇ كۆڭۈلسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ، سىز كۆنۈپ، بىلىپ بولغۇچە نيۇيوركتىكى كۈندىلىك ھاياتىڭىزغا سىڭىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. قولۇمدىكى بۇ ھامبۇرگ بولكىسىدىكى گۆش قىيمىدىن قىلىنغانمۇ ياكى پۇرچاقتىنمۇ؟ كۆركەم فونتانلار سۇ چېچىپ تۇرغان، مەرمەر تەشتەككە كۆمۈلگەن بۇ كارانفىللەر(گۈل ئىسمى) ئەجىبا يالتىراقتىن ياسالغانمىدۇ؟ گېزىتتە ئىنتايىن ئەرزان سېتىلىدىغانلىقى يېزىلغان رەسىم ئاپاراتى مەن ئالماقچى بولغاننىڭ نەق ئۆزىمىدۇ؟
   بېتون تاملارنى قىزىلغا بوياپ، ئۈستىگە خىشلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ قويسا، بەلكى بۇنىڭغا بەك دېققەت قىلىپ كەتمەيمىز: ھەقىقىي خىش تاملار ھېلىھەم  ئېسىمىزدە بولغانلىقى، كۆپىنچىمىز خىش تاملارنىڭ قانداق قوپۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن خىش تام تەقلىت قىلىنغان بېتون تام بىزنى ئانچە بەك راھەتسىز قىلمايدىغان بىر چاقچاق ھېسابلىنىدۇ. لېكىن يوغان، يوغان بىنالارنىڭ ھېچ كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە سېلىنغانلىقىنى كۆرسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ بۇ كۈنلەردە نيۇيوركتىكى موگۇدەك ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق «پوستمودېرن» دەپ تەرىپلىنىدىغان قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى دەل مۇشۇ خىل مىمارچىلىقنى كۆرسىتەتتى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، مىمارلارنىڭ بۇ قۇرۇلۇشلارنى تەقلىت قىلىش تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىتەن لايىھىلەشلىرى ئىدى: بىنالارنىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە چوڭ قىلىپ ياسالغان ئەينەك تاملىرى، ئوتتۇرا ئەسىرنى ئەسلىتىدىغان ئەگرى-بۈگرى ئەگمىلەر بىلەن روياپقا چىققان بۇ قۇرۇلۇشلار ماڭا خۇددى ئۇلارنىڭ ھېچنىمە بولغۇسى كەلمىگەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ياكى بولمىسا ئۆزىدىن باشقا بىر نەرسە بولالاش ئۈچۈن كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىزنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
   ئىشنىڭ غەيرى تەرىپى، ئېلانلار، رادىئو تەشۋىقاتلىرى، غايەت زور ئېلان تاختىلىرى، تېلېۋىزورلاردىكى ئېلان گۈزەللىرىنىڭ سىزنى ئالداۋاتقان چېغىدا ھەتتا سىزنى ئالداۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇشنىمۇ ئارتۇقچە دەپ قاراشلىرى ئىدى. ماروژنىلاردىكى قىزىل نەرسىنىڭ بۆلجۈرگەن ئەمەس ، بەلكى بوياقنىڭ رەڭگى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. كىتابلارنىڭ كەينى مۇقاۋىسىدىكى بۇ كىتابنى ماختاپ يېزىلغان گەپلەرگە يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىسىز، 40  يىلدىن بۇيان سەھنىلەردە قاتراپ يۈرگەن ئارتىسنىڭ ياش ئەمەسلىكىنى، يۈز تېرىسىنى كەردۈرگەنلىكىنى، رونالد رېگاننىڭ نۇتۇق تېكىستلىرىنى باشقىلارنىڭ يېزىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىسىز. لېكىن مۇتلەق كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك سىرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. 5- يولدا ئالدىراش كېتىپ بارغان ھارغىن ۋەتەنداش مۇنداق ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى: «ھازىر كۆزلىرىمنى سىيپاپ ئۆتكەن گۈلنىڭ ھەقىقي ياكى يالتىراق گۈل بولىشى بىلەن نېمە كارىم؟ كۆزلىرىمنى سىيپاپ ئۆتتى، ئىچىم ئىللىدى، ماڭا بۇ يېتەرلىك.»
  نيۇيوركقا يېڭىلا كەلگەن بىرسنىڭ، نەرسە-كېرەكلەرنىڭ سېتىلىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بۇنداق كىچىك ھىيلىلەردىن تېخىمۇ بەتتەر ئاقىۋەتلەرگە قالغانلىقىغا ھەيران قالماسلىق كېرەك. ھە، راست، بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ خۇددى پىچىنە-پىرەنىك ۋە پىشۇرۇقلارغا ئوخشاش، كۈلۈمسىرەشلىرى، ئۇششاق-چۈششەك سۇئاللىرى، چاقچاقلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن دوپپامغا جىگدە سېلىۋاتقان بولمىسۇن-يەنە؟ نيۇيوركلۇقلار كۆنۈپ كەتكەن ئۇ ئۇزۇن بىر لىفىت سەپىرىدە بىر قېتىم، تۇيۇقسىزلا ماڭا بۇرۇلۇپ قانداقراق ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىغان ئادەم ھەقىقەتەن مېنىڭ قانداق ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلگۈسى كىلىپ سورىغانمىدۇ ئۇ سۇئالنى؟ ساياھەت شىركىتىدە مېنىڭ رەسمىيەتلىرىمنى بىجىرىپ بەرگەن قىز شەخسى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمنىڭ تەپسىلاتىغا ھەقىقەتەن سەمىمىيلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلگەندىمۇ ياكى خىزمىتى شۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلامدىغاندۇ؟ تۈركىيە توغرۇلۇق ئۇ ئەقىلگە يات، قاملاشمىغان سۇئاللارنى مۇنداقلا سوراپ قويغانمىدۇ ياكى بىلگۈسى كېلىپ سورىغانمىدۇ؟ نېمە دەپ ماڭا قاراپ ئۇنداق جىق كۈلۈمسىرەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنچىۋېلا كۆپ ئەپۇ سورايدۇ؟ نېمىدەپ ئۇنچىلىك دېققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ؟
   دۇكاندىن ئالغان ئۇ لاۋزا پىچىنىلەرنى بىللە يېيىشكەن شۇ يامغۇرلۇق چۈشتىن كېيىنلىكى بۇ كۆڭۈلسىز تۇيغۇلىرىمنى ئاڭلىغان دوستلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى ئويلىغانلىرىمغا قوشۇلمىدى. توغرا بىلەن خاتا، ياخشى بىلەن يامان ھەددىدىن زىيادە كۆپ ۋە ئورۇنسىز ھالدا قارمۇ-قارشى قىلىپ قويۇلغان بىر دۆلەتتىن كەلگەنلىكىم ئۈچۈنمىش. مەن ھەتتا تونۇمايدىغان، بىلمەيدىغان ئورگان ۋە ئورۇنلاردىن، غۇۋا ۋە ئۇزاقلاردىكى كۆرۈنۈشلەردىن، تېلېۋىزوردىكى ئاۋاز-سادالاردىن، كوچا-كويلارنى بىر قاپلىغان تۈگىمەس ئېلانلاردىن كىچىك بىر مەھەللىدىكى دوست-يارەنلەردىن كۈتۈشكە بولىدىغان سەمىمىيەتنى تاما قىلىۋاتقۇدەكمىشمەن. كىشىلەرنىڭ بۇ ئايىغى چىقماس تاۋارلار ۋە مۇناسىۋەتلەر دۇنياسىدا ئۆزلىرىنى خۇددى تاماكا ماركىلىرى، ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى، لەۋسۇرۇخ قاتارلىق نەرسىلەرگە ئوخشاش تونۇتىشى كېرەكمىش. كېيىن گەپ توغرا كېلىپ قېلىپ ھەممىمىز ئازراقمۇ يۈز خاتىرە قىلماستىن مازاق قىلغاچ بىر دوستۇمىزنى ئەسلىدۇق.
   دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار ئىدى، كەسپىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئىدى، كىتاب سارىڭى ئىدى، توختىماي سۆزلەپ تۇراتتى، پۈتۈن كىتاپلارنى سۇدەك ئىچىۋالغان ئىدى، مايمۇننىڭكىدەك كۈچلۈك ئىشتىھا بىلەن ئەڭ يېڭى جەمىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، ئېستېتىكا ۋە پەلسەپە ئېقىملىرىنى ھاپىلا-شاپىلا يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا قورسىقىغا قاچىلىۋالغانىدى. ئەتراپتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس ئۆتۈپ يۈرگەن قوڭالتاقلاردىن جىق ياخشى ئىكەنلىكىنى كۈلگۈمىز كېلىپ تۇرۇپ بولسىمۇ ئېتىراپ قىلاتتۇق، لېكىن نېمىشقىكىن –تاڭ  ئىش تاپالمايۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئايالى كۆڭلى يېرىم ھالدا دەپ بەرگەن ئىشنى بىزمۇ تەكرارلىدۇق: ئىش تېپىش ئۈچۈن، ھەممە ئىشىككە دوقۇرۇپ ئۆزىنى تونۇتىشى، خەت-ئالاقە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيىتقانلارغا مۇنداق دەپ يۈرگۈدەكمىش: « مەن ھېچكىمنىڭ قېشىغا بارمايمەن، ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا كىلىشسۇن.» ئۆيىگە بولسا بۇ خىيالىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىۋاتقان دوستلىرىدىن باشقا ھېچكىم كەلمەيۋاتاتتى. ئۇلارمۇ كېيىنچە زېرىكتى؛ ھۆرمەت بىلەن جىممىدە تۇرۇۋېلىشتى، ئۇ بۇنىڭغا ئامراق ئىدى.
ئۇنىۋېرسىتېتتىكى كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىش-بارماسلىق تارتىشمىسىمۇ مۇشۇنداق ئۇلغىيىپ كەتتى. ئولتۇرۇش بولىدىغان ئۇ يوپيورۇق يورۇتۇلغان سالونغا كىرگەن ھامان كۆڭلىمىزنى ئەنە شۇ خىل كۆڭۈلسىزلىكنىڭ قاپلايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلەتتۇق. كۆپچىلىككە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئىشىكتىن كىرگەن چېغىمىزدا ئۇ يەردىن چوڭ بىر ئەتىكەت(ئۈستىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار يېزىلىدىغان كارتا) ئېلىپ ئۈستىگە ئىسمىمىز ۋە فامىلىمىزنى يېزىپ ياقىمىزغا تاقىۋېلىشىمىز كېرەك ئىدى. سالون قىزارتىلغان بەرەڭگىنىڭ سېرىق رەڭگىدە يورۇتۇلغانىدى. كۆزئالدىمدا، قوللىرىدا رومكا كۆتۈرۈۋېلىشقان ھالدا بىر-بىرلىرىگە بېقىشىۋاتقان چارىسىز  لېكىن ئۈمىتۋار يۈزلەر مىغىلدايتتى. تاللا بازىرىنىڭ جاھازىلىرىغا تىزىلغان ماللاردەك ئۆزىمىزنى تونۇتۇشقا تېرىشاتتۇق ۋە قىسقىچە ئۆزىمىزنى تونۇشتۇراتتۇق: سۈپىتىمىز، ئالاھىدىلىكىمىز، مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرىمىز، سۆزلەش شەكلىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز، مىجەز-خۇلقىمىز، ماسلىشىشچانلىقىمىز ۋە ئاساسلىق كۈلتۈرىمىز ھەققىدە بىر-بىرىمىزگە بىر ئاز ئۇچۇر سۇنۇشاتتۇق. شۇنىڭ بىلەن،  خۇددى بىر شىشە شامپاننىڭ تۇخۇم تەملىك، كىسلاتا ياكى ئالما تەملىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ تۈرگە ئايرىغىنىمىزدەك، تاتلىق-تاتلىق كۈلۈپ تۇرۇپ بىر-بىرىمىزنى نيۇيوركنىڭ ئىجتىمائى پىرامىداسىدىكى ئورۇنلىرىمىزغا ئولتۇرغۇزۇشقا باشلايتتۇق.
مېنىڭ بۇ ئەر-ئايال دوستلىرىممۇ مەن بىلەن ئوخشاش ئىشلارنى چۈشىنىۋاتقاندەك يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، بىر ئادەم تەسەۋۇر قىلالايدىغان ھەممە نەرسىلەر تىزىلغان تاللا بازارلىرىنىڭمۇ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بىر يەرلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۈلۈشۈپ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدۇق. مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئەتىكەت، ئونمىڭلىغان خىل رەڭ، يەشىك-قۇتا، رەسىم، ھەرپ، رەقەملەر يوپيورۇق، خۇشپۇراق ۋە كەڭرى مەيدانلاردا كۆزلىرىڭىزگە تەقەززا بولۇپ تۇرىشىدۇ.
سىز ئۇ رەڭلەرگە ۋە  مال جاھازىلىرىغا كۆز يۈگۈرتىۋاتقان چاغلاردا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىلتاققا دەسسەپ قىلىش مۈمكىنچىلىكىڭىزنى، ئالدىنىپ قېلىش مۈمكىنچىلىكىڭىزنى بەك ئويلاپ كەتمەيسىز: سىز پەلسەپە كىتابلىرىدا ئوقۇغان ئۇ كونا «كۆرۈنۈش ۋە ماھىيەت» قارىشىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىسىز. ئۆزىڭىزنى بازار جەننىتىنىڭ جەلىپكار مەنزىرىسىگە تاشلىۋېتىپ كۆزلىرىڭىزنى تويدۇرۇۋاتقانسىز. پىشۇرۇقلارنىڭ دوخۇپكىدا پۇرىغاندەك مېززىلىك پۇرىشىنىڭ ئانچە بەك مۇھىم ئەمەسلىكىنى بىلىشكە ۋاقىت كېتىدۇ.
«بارايلىچۇ جېنىم،» دېگەنىدى ئاغىنەمنىڭ ئايالى ئاخىرىدا. « ھېچ بولمىسا كۆرۈپ كېلىمىز.»
بېرىشقا مانا مۇشۇنداق قارار قىلغانىدۇق.
ئولتۇرۇشلاردىن، تاللا بازارلىرىدىن قۇرۇق قول قايتىپ چىقىش مۇمكىن، لېكىن نيۇيوركتا كۆزلەرنىڭ تويماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.

Gvlret يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 08:47:10

داۋامىچۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 08:51:32

Gvlret يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 08:47 static/image/common/back.gif
داۋامىچۇ؟

داۋامى بار، يەنە بىر پارچە تەييار بولاي دەپ قالدى، پۈتكەندە يوللاپ قويىمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 22:56:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 22:57  

دۇنيانىڭ پايىتەختىدىن مەنزىرەلەر(5)

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى

مېترودا ئۇچرىشىپ قېلىش ياكى ئۆلمەي تۇرۇپ غايىپ بولغان...

   پۇل تۆلەش ئورنىدىن تېزلىكتە ئايرىلىپ، پەلەمپەيلەردىن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك پەسكە چۈشتۈم، لېكىن يەنىلا ئۈلگۈرەلمىدىم. ئىشىكلەر تاقىلىپ بولغان ئىدى. ۋاگونلار سۈرئىتى بارغانچە تېزلىشىپ ئۇزاقلىشىۋاتاتتى. چۈش ۋاقىتلىرىدا مېترولار ئازلاپ قالىدىغانلىقتىن، ۋوگزالدىكى ئورۇنداقلارنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپ كېلەركى مېترونى ساقلاشقا باشلىدىم. سىرتتا ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق ئىدى، ئاپتاپ چېقىپ تۇراتتى، بوش ۋە سالقىن ۋوگزال خويمۇ خوشياقتى. برودۋەينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پىيادىلەر يولىدىن ئېچىلغان تۈڭلۈكتىن يېقىملىق ۋە توپا-چاڭلىق شولا چۈشۈپ تۇراتتى. تارىختىن ئاۋۋالقى چاغلاردىن قالغان بىر ئۆڭكۈرنى يورۇتقان قۇياش نۇرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچىدىن جىنلاردەك ئۆتۈپ، بېكەت ئىچىدە مېڭىشىپ يۈرگەن كىشىلەرنى تاماشا قىلىشقا باشلىدىم. بىر چاغدا يېنىمدا ئولتۇرغان بىر جۈپلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىشكە باشلىدى.
-        لېكىن ئۇلار تېخى بەك كىچىك،- دەۋاتاتتى ئايال.
-        كېرەك يوق،- دەۋاتاتتى پۇتلىرىنى پۇلاڭشىتىپ ئولتۇرغان ئەر،- ئىشىكىنى تاقاش كېرەك ئەمدى.
-        لېكىن ئۇ بىچارىلەر تېخى بەك كىچىك ئىدى،- دەۋاتاتتى ئايال بىر خىل مىھرىبانلىق بىلەن.
   تۈڭلۈكتىن چۈشۈپ تۇرغان كۈن نۇرىنى كېسىپ ئۆتكەن ئۇ چىراينى بەلكىم دەسلەپتە شۇ چاغدا كۆردۈم، لېكىن تونۇيالماپتىمەن. كېيىن ھودۇقۇش ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا مېڭىشقا باشلىغان گەۋدىسىدىن تونۇدۇم. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم ئىدى، ئىستانبۇلدا ئىككى يىل ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇقۇغان، ئازراق سىياسىيغا  ئارىلىشىپ قالغان ۋە كېيىن تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتكەن ئىدى. ئامېرىكىغا كەتكەنلىكىدىن كېيىنچە خەۋەر تاپقان ئىدۇق، ئوغلىنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىپ قېلىشىنى خالىمىغان باي ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئامېرىكىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ، دېگەن گەپلەر بولغان ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ بەك باي ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم. كېيىن ئۇنىڭ نەدىلىكى ئېسىمدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، قاتناش ھادىسى دېدىمۇ، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ دېدىمۇ، ئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر گەپ بولغانىدى. ئۇنىڭ چىرايىغا بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتمەي سەپسېلىپ قاراۋاتقان چېغىمدا، نيۇيوركلۇق بىر تونۇشۇمنىڭ ئىستانبۇللۇق بىرسىنىڭ گېپىنى قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭ بىر ئېلېكتىر شىركىتىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى دەپ بەرگەنلىكى ئېسىمگە كەلدى. بۇنى ئاڭلىغانغىمۇ ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. نېمىشقىكىن بۇنى ئاڭلىغان چېغىمدا ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىم ئېسىمگە كەلمىگەن ئىدى. ئېسىمگە كەلگەن بولسىمۇ ھەيران قالمىغان بولاتتىم، خۇددى ھازىر قىلغىنىمدەك، بۇ ئىككى خىل گەپنىڭ بىرسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنىلا ئويلايتتىم-خالاس. بىر بۇلۇڭغا بېرىپ ئۈستىمىزدىكى ئۇ كەڭ يولنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يوغان پولات تۈۋرۈكلەرنىڭ بىرىگە يۆلىنىۋېدى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدىم،
ئىسمىنى چاقىرغىنىمدا ھەيران قالمىدى.
-yes?
تۈرك ئۇسلۇبى بىر  بۇرۇت قويۇۋالغانىدى، لېكىن نيۇيوركتا بۇ خىل بۇرۇت مېكسىكىلىقلارنىڭ بۇرۇتىغا بەكرەك ئوخشايتتى.
-        مېنى تونۇدۇڭمۇ؟- دېدىم تۈركچە، لېكىن چىرايىدىكى ھاڭۋېقىشتىن تونۇيالمايدىغانلىقىنى دەرھال چۈشەندىم. بۇ ھاڭۋېقىش ئۇنىڭ مېنىڭ ئون تۆرت يىل بۇرۇنقى ھاياتىمدا قالغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
   ئىسمىمنى دەپ بېرىشىمگە تونۇدى. شۇئان ئون ئىككى يىل بۇرۇنقى ھالىتىمنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆرىدىغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئاندىن بىر-بىرىمىزدىن ئۇنى بۇنى سوراشتۇق. خۇددى نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە، 116- كوچىدا، مانخاتتاندا بىر مېترو بېكىتىدە ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمىزنى بىر-بىرىمىزگە چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەكتەك قىلاتتى . توي قىپتۇ، ئېلېكتىر شىركىتىدە ئەمەس، تېلېفون شىركىتىدە ئىشلەۋېتىپتۇ، ئېنژىنىر ئىكەن، ئايالى ئامېرىكىلىق ئىكەن، ئۆيى يىراقتىراق __ برۇكلىندە ئىكەن، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۆيى ئىكەن.
-        يەنە بۇرۇنقىدەك رومان يېزىۋاتامسەن؟- دەپ سورىدى مەندىن. بۇ ئەسنادا مېترو مېنى ھېلىھەم ھەيران قالدۇرۇۋاتقان ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى گۈلدۈرلەشلىرى بىلەن بىكەتكە كىردى. ۋاگون ئىشىكلىرى ئېچىلىپ بىر دەم جىمجىتلىق بولۇۋىدى، يەنە بىر سۇئال سورىدى:
-        بوغۇز كۆۋررۈكى راستىنلا پۈتتىمۇ؟
   ۋاگوننىڭ ئىچىگە كىرگىنىمىزدە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم. ئىچى ئىسسىق ۋە قىستا-قىستاڭ ئىدى. خارلەم①دىن، كۋېنىس①تىن كەلگەن قارا تەنلىكلەر، لاتىن ئامېرىكىلىقلار، يالتىراق ئاياق كېيىشىۋالغان ياشلار، ئىشسىزلار... قوللىرىمىز ۋاگونلارنىڭ تورۇسىدىن يەرگىچە سوزۇلغان تۆمۈرلەرنى قېرىنداشلاردەك  يان-يانغا تىزىلغان ھالدا تۇتۇۋالغان بولسمۇ، لېكىن ۋاگونلار تاراق-تۇرۇق قىلىپ بىزنى سىلكىگەندە بولسا بىر-بىرىمىزگە ناتونۇشلاردەك باقاتتۇق. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان چاغلاردا، سامساق يېمەيدىغانلىقى ياكى تىرناقلىرىنى ئۇزۇنراق ئۆستۈرۈپ ياسىۋېلىش قاتارلىق ئادەتتىكى غەلىتە مىجەزىدىن باشقا كۆزىمىزگە غەيرى كۆرۈنىدىغان ھېچبىر يېرى يوق ئىدى. بىر نەرسىلەرنى دەۋاتاتتى، مەن بولسام ۋاگونلانىڭ تاراق-تۇرۇقلىرىدا ئاڭلىيالمايۋاتاتتىم. مېترو 109-كوچا بېكىتىدە توختىغاندا ئۇنىڭ نېمە دېگىنىنى چۈشەندىم.
-        بوغۇز كۆۋرۈكىدىن ئات ھارۋىلىرىمۇ ئۆتۈپ تۇرامدۇ؟
   يەنە بىر نەرسىلەرنى دېدىم، لېكىن بۇ قېتىم كۈلۈمسىرىمىدىم. مەن سورىغان سۇئاللىرىغا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ گەپلىرىمنى دېققەت بىلەن ئاڭلىشىغا ھەيران قېلىۋاتاتتىم: بىردەمدىن كېيىن ۋاگوننىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن مېنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلىيالماس بولدى، لېكىن تېخىچە ئاڭلاۋاتقاندەك، چۈشىنىۋاتقاندەك قىياپەتتە بېشىنى لىڭشىتقىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى. مېترو 103- كوچىدا توختىغاندا ئارىمىزدا نېرۋىمىزغا تەگكۈچى جىمجىتلىك ھۆكۈم سۈردى، بىر چاغدا بوغۇزىغا تۇيۇقسىزلا كەپلەشكەن غەزەپ بىلەن سورىدى:
- ھازىرمۇ تېلېفونلارنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاۋاتامدۇ؟
ئاندىن مېنى چۆچۈتىۋەتكۈدەك ئەسەبىيلىك بىلەن قاقاھلاپ كۈلدى ۋە ۋارقىرىدى:
- دۆت گۇيلار!
   ئاندىن ماڭا يەنە بىر نەرسىلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى، لېكىن مېترونىڭ رەھىمسىز گۈرۈلدىشى يەنە باشلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيۋاتاتتى. تۆمۈر تۇتقۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرغان قوللىرىمىزنىڭ ۋە بارماقلىرىمىزنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈشمۇ ئىچىمنى پۇشۇرىۋاتاتتى. بىلىكىدە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نيۇيورك، لوندۇن، دۈبەي ۋە توكيۇدىكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىپ تۇرغان سائەت بار ئىدى.
   مېترو 96- كوچىدا توختىغاندا بىر قىستاڭچىلىق بولدى. ياندىكى ۋوگزالدا بىر تېز سۈرەتلىك مېترو بار ئىدى. ئالدىراش-سالدىراش مەندىن تېلېفون نومۇرۇمنى سورىدى، ئاندىن ئىككى مېترو ئارىسىدا قىستىلىشىپ ئورۇن ئالماشتۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا غايىپ بولدى. مەن چىققان مېترو بىلەن ياندىكى تېز سۈرئەتلىك مېترو تەڭلا قوزغالدى، ئۇنىڭ ھەيرانلىق، گۇمان ۋە مەسخىرە بىلەن قاراشلىرىنى بىزنى تېز سۈرئەتتە ئارقىدا تاشلاپ كېتىۋاتقان مېترونىڭ ئىچىدىكى يوپيورۇق نۇرلار ئىچىدە كۆردۈم.
تېلېفون نومۇرۇمنى ئۇنتۇپ قالدى ھەقىچان دەپ يۈرگەن ئىدىم ۋە ماڭا تېلېفون قىلمىغىنىدىن مەمنۇن ئىدىم، لېكىن بىر ئايدىن كېيىن يېرىم كېچىدە تېلېفون قىلدى. نېرۋىلارنى كاردىن چىقارغۇدەك  بىر سۇئال يامغۇرىدا قالدىم؛ ئامېرىكىلق بولغۇم بار-يوقلۇقى، بار بولسا نيۇيوركتا نېمە ئىشىم بارلىقى، قاراقول جەمىيەتلىرىنىڭ ئەڭ يېقىندا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىم، ۋال كوچىسىدىكى تېلېفون ۋە ئېلېكتىر شىركەتلىرىنىڭ پايچېكىنىڭ نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كېتىپ بارغانلىقىدىن خەۋىرىمنىڭ بار-يوقلۇقى دېگەندەك... چېلەكلەپ تۆكۈلۈۋاتقان بۇ سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىمنى دېققەت قىلىپ ئاڭلايتتى، جىنايەتچىنىڭ ئىقرارىدىكى زىتلىقنى تېپىۋالغۇسى كەلگەن ساقچىغا ئوخشاش تۇرۇپ-تۇرۇپ گەپلىرىمنىڭ بىر-بىرسىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى ئەيىپلەيتتى.
   ئون كۈندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلغىنىدا ۋاقىت تېخىمۇ كەچ، ئۆزى تېخىمۇ بەكرەك مەست ئىدى. ماڭا ئامېرىكىدىن پاناھلىق تېلىگەن ك گ ب جاسۇسى ئاناتولى زۇرلىنىسكىينىڭ ھېكايىسىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بەردى: ئۇ 42- كوچىدا CIA جاسۇسلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بىنانى گېزىتلاردىن بىلىۋالغانمىش، بېرىپ ئۇ يەرنى تەتقىق قىلغانمىش، مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بىر ساتراشخانىغا كىرىپ چېچىنىمۇ ياساتقانمىش ۋە ئاخىرىدا بۇ جاسۇسنىڭ بەزى كىچىك يالغانچىلىقلىرىنى بايقىغانمىش. خۇددى ئۇ ماڭا قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدىكى زىتلىقلارنى تىلغا ئېلىشىمغىلا قايناپ كەتتى. نيۇيوركتا نېمە ئىزدەپ يۈرگىنىمنى سورىدى، بوغۇز كۆۋرۈكى ھەققىدە مازاق ئارىلاش بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن قاقاھلاپ كۈلدى ۋە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلغىنىدا بىر تەرەپتىن مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ۋاقىتنىڭ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەمىگە سېلىۋاتقان ئايالى بىلەن تاكاللىشىۋاتاتتى. تېلېفون شىركەتلىرىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق تېلېفونلارنى ئاڭلىۋېلىشنىڭ مۈمكىنلىكىنى، دېمىسىمۇ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن تۇرۇپلا ئۇنىۋېرسىتېتتا تونۇشۇپ قالغان بەزى قىزلار توغرۇلۇق سوراپ كەتتى: كىمنىڭ كىم بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ۋە بولۇشى مۇمكىنمىش! مەن دەپ بەرگەن ئاخىرىدا بېرىپ توي قىلىش بىلەن تۈگەيدىغان تايىنى يوق ھېكايىلەرنى دېققەت بىلەن ئاڭلىدى ۋە ئاندىن مەسخىرە قىلدى.
-        ئۇ يەردە، ئۇ مەملىكەتتە ھېچبىر ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ ئەمدى،- دېدى،- ھېچ ئىش!
بەلكىم بىر ئاز ھاڭۋېقىپ قالغاندىمەن، مەندىن بىر سادا چىقمىغاندىن كېيىن غالىپلارچە بىر خىل تەلەپپۇزدا تەكرارلىدى:
- ئاڭلاۋاتامسەن قېرىندىشىم، ئۇ يەردە ھېچ ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ، چىقمايدۇ!
   بۇ جۈملىنى ئۇنىڭدىن كېيىن قىلغان ئىككى قېتىملىق تېلېفوندا ئاشۇ گېپىگە مېنىمۇ قايىل قىلىش ئۈچۈن ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپ تەكرارلىدى. جاسۇسلارنىڭ، قاراقول تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئوغۇرلۇقچە ئاڭلانغان تېلېفونلارنىڭ، ئەڭ يېڭى ئېلېكترونلۇق بايقاشلارنىڭ گېپىنى قىلاتتى. بەزىدە ئازار يېگەن ئايالىنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ قالاتتى. بىر قېتىم ھەتتا ئېرىنىڭ قولىدىن قەدەھنى ياكى بولمىسا تېلېفوننى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. كۆزئالدىمدا برۇكلىننىڭ ئارقا تەرەپلىرىدىكى ئېگىز ئولتۇراق بىنالارنىڭ كىچىك ئۆيلىرى كۆرۈنۈشكە باشلايتتى: يىگىرمە يىل مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلىگەندىن كېيىن ئۆي سىزنىڭ بولارمىش. بىر ئاغىنەم بىر ئۆيدىكى ھاجەتخانىدا سۇ ماڭغۇزۇلسا، بىر قەۋەتتىكى ئۆيلەردىلا ئەمەس، ئاستى ۋە ئۈستىدىكى سىمېترىك سەككىز ئۆيدە بىرلا ۋاقىتتا تۇرۇبىدىن چىققان يېقىمسىز ۋە ئازابلىق خارتىلداش ئاۋازىنىڭ ۋە شاقىراتما ساداسىنىڭ ئاڭلىنىلىدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈن سۈۋەرەكلەرنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. كېيىن ئۇنىڭدىن بۇنى سوراپ باقمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. ئۇ بولسا ئەتىگەن سائەت ئۈچتە تېلېفون قىلىپ مۇنداق سورىغان ئىدى:
-        تۈركىيەدە cornflakes چىقتىمۇ؟
-        <قوناق يارمىسى > دەپ چىقتى، لېكىن كېيىن ۋەيران بولدى،- دېدىم،- ئىستىمالچى ۋەتەنداشلار سۈتنى ئۈستىگە قىززىق پېتىلا قۇياتتى.
ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قاقاھلاپ كۈلدى، - ھازىر دۈبەيدە سائەت سەھەر ۋاقتى 11:00،- دەپ ۋارقىرىدى،- دۈبەيدە، ئىستانبۇلدا... ئاندىن خۇشال ھالدا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
   كېيىن يەنە تېلېفون قىلىدۇ، دەپ يۈرەتتىم. تېلېفون كەلمىگەنچە ئىچىم سىقىلدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىر چۈشتىن كېيىنلىكى يەنە شۇ تۈڭلۈكتىن پەسكە چۈشكەن خىيالسىمان شولىدا پەيدا بولغان ئۈچبۇلۇڭنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىش قارارىغا كەلدىم. بىر ئاز كاللىسىنى ئېلىشتۇرۇش، ئىچىنى پۇشۇرۇشنى خالاپ قالغان ئىدىم. برۇكلىننىڭ سېرىق دەپتىرىدىن تېلېفون نومۇرىنى تاپتىم. تېلېفوننى بىر ئايال ئالدى، لېكىن ئايالى ئەمەس ئىدى. ئىككىنچىلەپ بۇ نومۇرغا تېلېفون قىلماسلىقىمنى ئۆتۈندى. بۇ تېلېفوننىڭ بۇرۇنقى ئىگىسى بىر قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلگەنمىش.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-4 22:29:27

دۇنيانىڭ پايىتەختىدىن مەنزىرەلەر(6)

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى


تاماكا پۇرىقى

   مەن بەلكىم ئۇ چاغلاردا يازغان رومانلىرىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن، بىر ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ پۇرۇلدىتىپ تاماكا چېكىۋاتقان بولسام كېرەك، كۆرمىگەنىدىم. ماڭا سۆزلەپ بېرىشتى: ئۆلۈمىدىن ئۇزاق ئۆتمەي داڭلىق ئارتىس يۇل بريننېر تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا پەيدا بوپتۇ. مەن فىلىملىرىنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئانچە بەك ياقتۇرمايدىغان يوغانباش بۇ ئارتىس دوختۇرخانا كارىۋىتىدا پەرىشان ھالدا ياتارمىش، مىڭ مۇشەققەتتە نەپەسلىنىپ تۇرۇپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقانمىش:
«بۇ پروگىراممىنى كۆرۈۋاتقان چېغىڭلاردا مەن ئۆلۈپ كەتكەن بولىمەن. ھازىر ئۆپكە راكى تۈپەيلىدىن سەكراتقا چۈشۈپ قالدىم. پۈتۈن گۇناھ مەندە. قانچە قىلساممۇ غەلبە قىلالمىدىم، تاماكىنى تاشلىيالمىدىم. بەك پۇشايمان قىلىمەن. مانا ئازاب ئىچىدە ئۆلۈۋاتىمەن. ھالبۇكى باي ئىدىم، ھاياتتا ئۇتۇق قازانغان ئىدىم، يەنە خېلى ئۇزۇن ياشىيالىشىم، ھاياتنىڭ پەيزىنى تېخى يەنە بىر مەزگىل سۈرەلىشىم مۇمكىن ئىدى، لېكىن مىڭ ئەپسۇس، تاماكا سەۋەبىدىن مۇمكىن بولمىدى. سىلەردىن خوش بوپ قالاي، مەن قىلغاننى سىلەر بولساڭلارمۇ قىلماڭلار، تاماكىنى دەرھال تاشلاڭلار، بولمىسا مەندەك ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەي مەينەتچىلىك ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىسىلەر.»
   سىنئالغۇ لىنتىسىنى كۆرۈپ ماڭا ئىسسىقىدا بۇلارنى سۆزلەپ بەرگەن ئاغىنەمگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مارلبورو ماركىلىق تاماكامنى سۇندۇم، بىرەر تالدىن تۇتاشتۇردۇق. ئاندىن بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىغا قارىدۇق، لېكىن كۈلەلمىدۇق. تۈركىيەدە پەرۋايىمدا يوق چەككەن تاماكىلارنىڭ نيۇيوركتا بېشىمغا بالا بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇنچىلىك بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.
   ئەمەلىيەتتە نيۇيوركتا تاماكىنى بېشىمغا بالا قىلغان نەرسە رادىيودىن، تېلېۋىزوردىن، گېزىت-ژورناللاردىن ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىم ئەمەس ئىدى. ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن كۆنۈپ قالغان ئىدىم. ئىسلىشىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن ئۆپكىنىڭ رەسىملىرىنى، كىشىنىڭ ئېسىگە كوكۇس مېيىغا مىلەنگەن سېرىق بۇلۇت پارچىسىنى سالىدىغان تاماكا چەككەن ئۆپكىلەرنىڭ مودېللىرىنى، تومۇرلارنى خائىنلارچە توسۇۋېلىپ يۈرەكنى توختىتىپ قويىدىغان نېكوتىن داغلىرىنىڭ گىرافىكلىرىنى، تاماكا چېكىلگەندە چىرقىراپ كېتىدىغان بەختسىز يۈرەكلەرنىڭ رەڭلىك رەسىملىرىنى بۇندىن بۇرۇن يەتكۈدەك كۆرگەن ئىدىم. ژورناللارغا بېسىلغان تاماكا چېكىۋاتقان باش سۆڭەك رەسىملىرىگە، قارنىدىكى بوۋاقنى لەنەتتەككۈر ئىس-تۈتەكلەر بىلەن زەھەرلەۋاتقان ھامىلدار ئاياللارغا ۋە ھەممە يەردىن تاماكا ئىسى تۈتەپ تۇرغان مازارلىقلارغا تاماكامنى پۇرقىرىتىپ چەككەچ پەرۋاسىزلارچە قاراپ قوياتتىم. تاماكا ئېلىپ كېلىدىغان ئۆلۈم، مەن ئۈچۈن خۇددى كونا بىنالارنىڭ چوڭ كوچىغا قارايدىغان تاملىرىغا چىقىرىلغان Marlboro ۋە PAN-AM ئېلانلىرى ۋە تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان كوكا كولا ۋە ھاۋاي مەنزىرىلىرىدىكى ھاياجانلارغا ئوخشاش ئانچىكىم بىر ئىشتەك بىلىنەتتى. ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ ئۆلۈم ۋە ھايات مەنزىرىلىرى كۆزىڭىزنى تويدۇراتتى-يۇ، لېكىن، ئەقلىڭىزگە تەسىر قىلمايتتى. تاماكا نيۇيوركتا  باشقا ئىشلار تۈپەيلىدىن بېشىمغا دەرت بولدى: پىۋا، بەرەڭگە قىزارتىلمىسى، مېكسىكا پەمىدۇر قىياملىرى مول راستلانغان بىر ئامېرىكىچە ئولتۇرۇشقا قاتناشقان ئىدىم، تاماكا ئىسىنى پەرۋاسىزلارچە پۈۋلىشىمگە كىشىلەرنىڭ مىكروپ تارقىتىۋاتقان ئەيدىز بىمارىغا يۇلۇقۇپ قالغاندەك قېچىشلىرىنى كۆرۈپ چۈشەنگەندەك بولدۇم.
   تاماكا ئىسلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان راكتىن ئەمەس بەلكى تاماكىدىن، تاماكا چەككەن كىشىدىن قېچىشىۋاتاتتى. تاماكامنىڭ ئۇلارغا ئىرادىسىزلىكنى، مەدەنىيەتسىزلىكنى، قالايمىقان بىر ھاياتنى، ئۆزىنى تاشلىۋېتىشنى،  بىغەملىكنى، قىسقىسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقنى خاتىرىلىتىۋاتقانلىقىنى كىيىنچە چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. كېيىنچە، ئامېرىكىدا بەش يىل تۇرۇپ چېچىدىن تىرناقلىرىغىچە ئۆزگەرگەنلىكىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەيدىغان، لېكىن بىر تۈرككە ئوخشاش ھە دېسىلا سىنىپىي ئايرىمىچىلىق قىلىپ، باش-كۆز يېرىپ، تەشكىلات ۋە جەمىيەتلەرنى قۇمدەك «تۇغۇپ» تاشلايدىغان بىر تونۇشۇم ماڭا نيۇيوركتا پەقەت ئىككىلا سىنىپنىڭ، يەنى تاماكا چېكىدىغانلار ۋە چەكمەيدىغانلارنىڭ بارلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى. تاماكىلىرى بىلەن بىللە پىچاق ياكى تاپانچا ئېلىپ يۈرگەن بەڭگىلەرنىڭ، كوچىلاردا ھودۇقۇش ئىچىدە يۈرگەن تاماكا چەكمەيدىغانلارنى قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا ياكى بەزىدە كۈپكۈندۈزدىلا قىستاپ كېلىپ بۇلىۋېلىشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ئىككى سىنىپ ئارىسىدا ھېچقانداق بىر كەسكىن سىنىپىي كۆرەشكە گۇۋاھ بولالمايسىز. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، تاراتقۇلار ھەر مەھەللىدە ۋە دۇكانلاردا باھاسى ئوخشاش بولمىغان تاماكىلار تۈپەيلى بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇ ئىككى سىنىپنى ئېلانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تېرىشىۋاتاتتى. ئېلانلاردا پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىۋاتقان ساھىبجاماللار بەڭگىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىشى-كۈچى، ئەقلى-بېشى جايىدا، ئىرادىسى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىدا مەسىلە يوق ئۇ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا بەكرەك ئوخشايتتى. تاماكا چەككەنلەر سىنىپىدىن تاشلىغانلار سىنىپىغا كۆچكەنلەرنىڭ تاتلىق ۋە خۇشال ھېكايىلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
   چېچىدىن تىرناقلىرىغىچە ئۆزگەرگەن ھېلىقى تونۇشۇم بىر قېتىم، تاماكا تاشلاش ئۈچۈن بىر تەشكىلات بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. خۇمارى تۇتۇپ تولغۇنۇپ كەتكەن ئۇ دەسلەپكى كۈنلەردە، چىدىيالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ياردەم ئۈچۈن تەشكىلاتقا تېلېفون قىلىپ تۇرغانمىش. تېلېفوندىكى تاتلىق ۋە مېھرىبان ئاۋازنىڭ ئۇنىڭغا تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن قانچىلىك بەخىتلىك بولىدىغانلىقىنى، يەنە ئازراق چىشىنى چىشلەپ تۇرىشىنىڭ لازىملىقىنى، بۇ چەككەن ئازابلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك ھەتتا مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئۆزىگە قانداق چۈشەندۈرگەنلىكىنى ماڭا دەپ بېرىۋاتقاندا چىرايىدا كۈلۈمسىرەشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. مەن ئۇنى ساراسىمگە چۈشۈرگەن ۋە ماڭا بولغان ھۆرمىتىنى ئازلىتىۋەتكەن تاماكىنى تۇتاشتۇردۇم. مادىسون كوچىسىدىكى تاماكا تىلەپ يۈرگەن قارا تەنلىك تىلەمچىگە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ تاماكا ئالغۇدەك پۇلى يوقلۇقىدىن ئەمەس، تاماكا چەككەنلىكى ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. دېمەك بۇ قارا تەنلىك ئىرادىسىز ۋە مەدەنىيەتسىز ئىدى، ھاياتتا ئېرىشمەكچى بولغان ئۇنچىۋالا مۇھىم بىرەر نەرسىمۇ يوق ئىدى. تاماكا چېكىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئادەمنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشىغا ھەيران قېلىپ يۈرمەيلى ئەمدى. ئىچ ئاغرىتىش __ نيۇيوركتا بارا-بارا مودىدىن قېلىۋاتقان بىر تۇيغۇ.
   ئوتتۇرا ئەسىردە كىشىلەر ۋابا كېسىلىنى تەڭرى ياخشى بىلەن ياماننى، گۇناھكار بىلەن گۇناھسىزنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، دەپ ئىشىنەتتى. ۋابا يۇقۇپ قالغانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ يۇقىرىقى قاراشقا جان-جەھلى بىلەن قارشى چىققانلىقىنى پەرەز قىلالىسىڭىز، تاماكا چەككەن ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ياخشى كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا شۇنچىۋالا كۈچەپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز. يىغىنلاردا بولسۇن ياكى ئىش ئورنىدا بولسۇن، بىر بۇلۇڭغا، بىر كۈلداننىڭ چۆرىسىگە ياكى ئەگەر تاماكا چېكىش ئۆيى بولسا، شۇ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا توپلىنىشقان ئۇ لەنەتتەككۈر بەڭگىلەر ھەمىشە تاماكا تاشلىماقچى بولۇشىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ناھايىتى ياخشى پۇقرالار ئىدى، لېكىن ئىرادىسىز، مەدەنىيەتسىز ۋە يارىماسلار قىلىدىغان بۇ ئىشقا بىر ئۆزرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋاقىتلىق كۆنۈپ قېلىشقانىدى. ھەربىرىنىڭ كاللىسىدا بۇ گۇناھكارلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئېنىق بىر ۋاقىت بولاتتى: لايىقلىرى بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىن  كېيىن، ھېچ پۈتەي دېمەيدىغان دوكتۇرلۇق ماقالىسىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ياكى بىرەر ئىش تاپقاندىن كېيىن، بۇ لەنەتتەككۈر خۇمارنى تاشلاپ، ئەقلى بېشىدا بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئارىسىغا قايتىپ بېرىشاتتى. بەزىلىرى بولسا، كۈلدان بېشىدىكى بۇ گۇناھكار ھەمكارلىقتىنمۇ بىئارام بولۇشاتتى، قىلغان –ئەتكەنلىرىنى ئالدىراش-سالدىراش ئاقلاشقا ئۇرۇنىشاتتى: ئەمەلىيەتتە پەقەتلا چېكىپ باقمىغانلىقىنى، لېكىن ھازىر سەل ئاچچىغى كېلىپ قالغانلىقىنى دېيىشەتتى، چەككەن تاماكىلارنىڭ نىكوتىن مىقدارى تۆۋەن ئىدى، كۈندە ئۈچ تاللا چېكەتتى ۋە خۇددى سىزمۇ كۆرۈپ تۇرغاندەك يېنىغا سەرەڭگە، چاقماقلارنىمۇ سېلىپ يۈرمەيتتى...
لېكىن مەينەت ئىشلار قىلىنىدىغان بەزى جايلاردا گۇناھلىرىدىن مەغرۇرلۇق بىلەن پەخىرلىنىدىغانلارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ ھەر ۋاقىت. ئىش ئوقىتى ياخشى، مەدەنىيەتلىك، تۇرمۇشى خاتىرجەم ۋە ئىرادىلىك تۇرۇپمۇ تاماكىنى ئەمدى تاشلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇزۇن بىر ۋاقىتتىن بېرى چېكىپ كېلىۋاتقان چوڭلارنىڭ چىرايىدىن تاماكا تۈپەيلىدىن باشلىرىغا كېلىدىغان ئۆلۈمگە تەييارلىنىپ بولغاندەك بىر خىل راھەتلىك ۋە ئازادىلىكنى كۆردۈم. بۇلارنىڭ بەزىلىرى، ئىش ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى چەكلىگەن ياش ۋە ئىقتىدارلىق سودىگەرلەر بىلەن قاراملىقتىن ئۆتە، تاماكا چېكىش پۇرسىتىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ تىركىشىشەتتى. بىر كۈنى مەندىن خېلىلا چوڭ بىر يازغۇچى بىلەن بىر ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ، دەرىزىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تاكسىلارنىڭ ئۈستىدىكى تاماكا ئېلانلىرىغا قاراپ، تاماكىلارنىڭ تەمى ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاراڭلاشقانلىقىمىز ئېسىمدە. ئۇمۇ خۇددى ئىتالىيەلىكلەرنىڭ گېپى بويىچە: «بىر تۈرك كەبى» تاماكا چېكەتتى. ئېسىل شاراپلارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان سۇنغان ئاقسۆڭەكلەرگە ئوخشاش،  Camel ماركىلىق تاماكىنىڭ ئۇزۇن ۋە قوپاللىقى، ئاسانلا تويدۇرۇپ قويىدىغانلىقى ياكى Kent نىڭ ئىنچىكە ۋە خۇشپۇراق پۇرىقى توغرىسىدا پاراڭلاشقان چېغىمىزدا، ئەمەلىيەتتە خاتالىقلىرىمىزنى پەرۋاسىزلارچە بوينىمىزغا ئېلىپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىۋاتاتتۇق. ھايات سۆيگۈسى ۋە ئۆلۈم قورقۇنچىىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان ھەرقانداق بىركۆز قاراشتا بولغىنىغا ئوخشاش، نيۇيوركتىكى تاماكا ئىدىئولوگىيىسىدىمۇ دىنىي بىر خاھىش بار.

Gvlret يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 14:47:13

داۋامىنى يوللاشتىن يالتىيىپ قالمىغايسىز!
ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن تۈركچە بىلمىگىنىم ئۈچۈن تەرجىمەڭلەرنى ساقلاشقا مەجبۇرمەن. مېنى بەك تەقەززا قىلىۋەتمىسەڭلار بوپتىكەن.

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:24:10

برۇكلىنغا كېتىدىغان يولدا ئېزىپ قالدۇق

بۇ جۈملىدىن چاتاق چىقىپتۇ. تۈركچىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىگە كېتىپ قاپتۇ.

مەنچە توغرىسى: بىرۇكلىنغا ماڭىدىغاندا ئېزىپ قالدۇق.
بەت: [1]
: دۇنيانىڭ پايتەختىدىن مەنزىرەلەر(1)