xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 22:45:02

كىتاپ ئوقۇش يىلى—كەچمىش(شەھلا)

    ئەسلى بۇ ياردەم سوراپ يازغان تېما.{:92:}


  ھەشنى پەش دىگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بۇ بىر يىل مېنىڭ ھەر قايسى يىللىرىمغا ئوخشاشلا ئاچچىق-تاتلىقى تەڭشىلىپ ئاياقلاشقان بولسىمۇ، يىلدىن يىلغا ئېرىشكەنلىرىممۇ يوقاتقانلىرىممۇ ئوخشاش ھاياتىمغا ئىز سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
كىچىكىمدىن شۇنچىلىك ھورۇن ئىدىمكى، ئاغزىمدىن گەپ چىقارماي كەچكىچە ئۇخلىساملا دەيتتىم، بۇ ھورۇنلىقىممۇ بىر پەزىلەت ئىدى، ئەگەر شۇنداق جىم يىتىپ ئۇخلاۋەرسەم ھەممىسى ئارام تېپىپ قالاتتى. شۇ خۇيۇم تا ھازىرغىچە قالمىدى، ھەر دائىم بىر ئىش قىلىشقا نىيەت قىلسام ئۇنتۇپ قالىمەن، ئۆزەمنى نوقۇپ تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى نۆۋەتتە نىمە قىلىدىغانلىقىمنى جاكارلاش. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مەن ئۆزەمنى نوقىماقچى.
قانداق نوقۇيمەن؟ بۇمۇ بىر ئىش بولدىغۇ، نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى يىل باشلانسا، يېڭى يىلدا قىلىدىغان ئىشلىرىمنى پىلانلىۋالسام دەپ ئويلىسام، ئۆزەمگە بىر خىل كۈلكىلىك تۇيۇلىۋاتىدۇ، مېنى تونۇيدىغانلار ياخشى بىلىدۇ، مىجەزىم بەكلا غەلىتە، ھەر قانداق ئىشقا قارشىسىدىن چىقىپ پىكىر قېلىپ باقىمەن، تۈز گەپ قىلىدىغان، كۆپچىلىك بىلەن پىكرىم بىر يەردىن چىقىدىغان ۋاقىتلار بەك ئاز.
كىتاپ ئوقۇش يىلى دىگەن چاقىرىقنى كۆرۈپمۇ، ھېچكىمگە دىمەي بىر مۇنچە مەسخىرە قېلىپ ئۈلگۈردۈم، شۇنداق بولسىمۇ ھازىرقى يىللىق پىلان تۈزۈش خىيالىمغا شۇ چاقىرىق تۈرۈتكە بولۇپ قالدى.
ھەممىڭلارغا ئايان خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ «كەچمىش» رومانى، ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ ئىچىدە خېلى نوپۇزلۇق رومان بولۇپ قالدى. ھازىر رومان توغۇرلۇق سۆزلەپ ئولتۇرغۇم يوق، بۇرۇنقى قاراشلىرىمنى پاك پاكىز سۈپۈرىۋىتىپ تۇرۇپ، مەزكۇر روماننى قايتا ئوقىماقچىمەن، ھەم ھاسىلاتلىرىمنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللاشنى ئويلىشىۋاتىمەن. مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە «كەچىمىش» ھەققىدە چوڭىراق ماقالە –ئوبزۇر تەييارلاشنى نىشان قىلدىم.   ئەگەر خالىساڭلار مېنى قوللاش يۈزسىدىن پىكىر قاتناشتۇرۇشىڭلارنى، ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 22:57:26

ما تېمىنى يېزىپ قويۇپ ئۇنتىقاسام ھە.{:92:}

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:07:26

ھەر قانچە بولسا قېرىپ ئ‍ۇ دەرىجىگە بارمىغانلا:lol

Tarim177 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:08:26

مەن بۇ روماننى ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىغانىدىم ،2015-يىلدا ئۇقۇماقچى بولغان كىتاپلىرىم قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم .شەھلا قىز نىڭ ئۇخلاپ تۇلۇق ئوقۇپ چىقىشىنى تىلەيمەن :)

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:08:34

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:07 static/image/common/back.gif
ھەر قانچە بولسا قېرىپ ئ‍ۇ دەرىجىگە بارمىغانلا

بىر نىمە دىمەك تەس جۇمۇ. قېرىمىساممۇ بېرىۋىرىمەن ئۇ دەرىجىگە.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:09:27

كىتابخانىغا بارسام كىتابچى «كەچمىش»نى ماختىغىلى تۇرۇپتىكەن. گەپلىرى قۇلىقىمغا ئىختىيارسىز كىرىپ قالدى. ئۇ ئادەمنىڭ رەسمىي ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ روماننىڭ تەرىپىنى قىلىشلىرىغا ئاخىرى چىداپ بولالماي سېتىۋالدىم. شەھلا بۇ رومان توغرۇلۇق چوڭراق ماقالە-ئوبزورنى ئېلان قىلسىلا چوقۇم ئوقۇۋېتىمەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:09:54

Tarim177 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:08 static/image/common/back.gif
مەن بۇ روماننى ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىغانىدىم ،2015-يى ...

قېنى شۇ ئاۋازلىق نۇسقىسى، مېن تېمىدا ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەڭلار دىگەن ئىدىم، ياردەم قېلىڭ!

مەقسەت پەقەت ئوقۇشلا ئەمەس، ماقالە تەييارلاش.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:10:35

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:09 static/image/common/back.gif
كىتابخانىغا بارسام كىتابچى «كەچمىش»نى ماختىغىلى تۇرۇ ...

كىلەر يىللىق پىلانكەن بۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:15:09

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:10 static/image/common/back.gif
كىلەر يىللىق پىلانكەن بۇ.

ئاپلا، سىز بۇ يىل يازماقچىمىتىڭىز؟

Tarim177 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:18:41

مەندە ئاۋازلىق نۇسخىسى بار ،قانداق ئەۋەتىپ بېرىمەن شەھلا قىز ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:20:07

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:15 static/image/common/back.gif
ئاپلا، سىز بۇ يىل يازماقچىمىتىڭىز؟

تازا بىلەلمەيۋاتىمەن، بۇ يىللىق كۈنلەر ئاياقلىشىپ قالغان تۇرسام، ئۈچ كۈندە ھېكايىمۇ يازغىلى بولماسمىكى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:20:27

Tarim177 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:18 static/image/common/back.gif
مەندە ئاۋازلىق نۇسخىسى بار ،قانداق ئەۋەتىپ بېرىمەن شە ...

2813058480

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:22:46

2014-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سىز بەكلا يوقاپ كەتتىڭىز ھەدە!؟
ژورناللاردا ئۇچىراتمىدىم پەقەتلا.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:23:19

كەچمىش رومانىنى ئوقۇپ باقمىدىم ،ئەمما بۇ يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈپ قويدۇم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:27:57

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:22 static/image/common/back.gif
2014-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سىز بەكلا يوقاپ كەتتىڭىز ھ ...

:lol مەن ئىزدىنىشتىغۇ ھەر دائىم، ژورناللاردىن نىسىۋىسىزىراق ئەزەلدىن، بۇندىن كېيىنكى يىللاردا يەنىلا ئىزدىنىشتا بولۇش ئارزۇيۇم بار. گەرچە قەلەم ھەققى بەرمىسىمۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:30:48

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:27 static/image/common/back.gif
مەن ئىزدىنىشتىغۇ ھەر دائىم، ژورناللاردىن نىسىۋىسى ...

ئاللاھ شۇ ئارزۇلىرىڭىزغا يەتكۈزەر !!مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا خۇدايىم بۇيرىسا!
لېكىن سىزگە ئاچچىقىم بار.:curse:

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:34:01

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:30 static/image/common/back.gif
ئاللاھ شۇ ئارزۇلىرىڭىزغا يەتكۈزەر !!مەنمۇ سىز بىلەن ئ ...

:o نىم بولدى؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:36:55

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:34 static/image/common/back.gif
نىم بولدى؟

نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئايالىمغا ئىزدىنىشتىكى بىر قورقۇنىچسىمان ھېكايىڭىزنى كۆرستىپ قويغان ئىدىم.مەن ئىدارىدا دىجورنىلىق قىلىپ تاڭ ئاتقاندا كەلسەم بىر كېچە ئۇخلىيالماپتۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:39:35

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:36 static/image/common/back.gif
نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئايالىمغا ئىزدىنىشتىكى بىر قورق ...

:lol ئاشناق ھېكايەممۇ بامىكەن.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:52:12

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 23:39 static/image/common/back.gif
ئاشناق ھېكايەممۇ بامىكەن.

ئەلۋەتتە،لېكىن بۇ بەلكىم ئۆزىڭىزگە ئۇنداق تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى ئۆزىڭىز ئويلاپ يازدىڭىز ئەمەسمۇ.:lol
مەن سىزنى ئادەتتە شۇ ھېكايىلەرنى يېرىم كېچىدە يازامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.{:220:}
بەت: [1] 2 3
: كىتاپ ئوقۇش يىلى—كەچمىش(شەھلا)