yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 21:39:11

سوتتىكى ھەزىللەر


سوتتىكى ھەزىللەر

ماسساچۇسىتس شتاتى (ئا ق ش) دا ئېلىپ بېرىلغان سوت جەريانلىرىدا سورالغان سوئاللارنى ئاڭلىسىڭىز، ئۇلارنىڭ راس ئېيتىلغىنىغا گۇمانلىنىسىز. ئادۋوكات گۇۋاھلار، دەۋاگەرلەر ۋە گۇماندارلاردىن سورىغان بۇ سوئاللار ماسساچۇسىتس شىتاتىدىكى ئاسساچاتىيون لاۋىرس ژورنىلىدىن ئېلىندى:

1. دوختور، ئەگەر ئىنسان چۈشىدە ۋاپات بولسا، بۇنى ئۇ ئەتىسى ئەتىگەنگىچە بىلمەيدۇ، توغرىمۇ؟

2. سىزنىڭ يىگىرمە ياشلىق ئوغلىڭىز نەچچە ياشتا؟

3. سىز ئۆزىڭىزمىدىڭىز ياكى يالغۇزمىدىڭىز؟

4. ئۇرۇشتا كىم ئۆلگەن ئىدى، سىزمۇ ياكى ئاكىڭىزمۇ؟

5. ئۇ سىزنى ئۆلتۈردىمۇ؟

6. ماشىنىلار سوقۇلغان پەيتتە بىر-بىرىدىن قانچىلىك يىراقتا ئىدى؟

7. سىز كەتكىنىڭىزگە قەدەر ئاشۇ يەردە بولغىنىڭىز راستمۇ؟

8. ئېيتىڭچۇ، گۇۋاھ، سىز نەچچە قېتىم ئۆزىڭىزنى ئۆلتۈردىڭىز؟

9. سوئال: ئۇ ئۈچ بالام بار، دېدىمۇ؟
جاۋاپ: ھەئە.
سوئال: ئۇلاردىن نەچچىسى ئوغۇل؟
جاۋاپ: بىرسىمۇ ئوغۇل ئەمەس.
سوئال: قىزلار نەچچە؟
جاۋاپ: ...

10. سوئال: سىز لىفىت گىرەمگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى دىمەكچىمۇ؟
جاۋاپ: ھەئە.
سوئال: ئۇنداقتا يۇقورىغا كۆتۈرۈلۈش مۇمكىنمىدى؟
جاۋاپ: ...

11. سوئال: ئەپەندى، سىز ئېيتىپسىزكى، شۇ پەيتتە ئاشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟
جاۋاپ: ھەئە،دەل شۇنداق.
سوئال: سىزنىڭ ياش خوتۇنىڭىزمۇ بىرگە بارغانمىدى؟
جاۋاپ: ...

12. سوئال: نىكاھىڭىز نىمىشقا توختىتىلدى؟
جاۋاپ: خوتۇنۇم ۋاپات بولغاندىن كېيىن.
سوئال: قايسى خوتۇنىڭىز؟
جاۋاپ: ...

13. سىزنى بىنانىڭ ئىچىدە سۈرەتكە تارتىۋاتقان پەيتتە سىز ئاشۇ يەردىمىدىڭىز؟

14. سوئال: سىز ئاشۇ ئادەمنى تەسۋىرلەپ بېرەلەمسىز؟
جاۋاپ: ھەئە. ئۇ كىشى ئوتتۇرا بويلۇق، ساقاللىق ئىدى.
سوئال: ئايالمىدى ياكى ئەرمىدى؟
جاۋاپ: ...

15. سوئال: سىزدىن نىمە سورالسىمۇ، ئاغزاكى جاۋاپ بېرىڭ، بولامدۇ؟ خوش، قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان ئىدىڭىز؟
جاۋاپ: ئاغزاكى.

16. سوئال: دوختور، سىز جەسەتنى يارغان پەيتىڭىزدە ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈردىڭىزمۇ؟
جاۋاپ: ياق.
سوئال: قان بېسىمىنى ئۆلچىدىڭىزمۇ؟
جاۋاپ: ياق.
سوئال: نەپەس ئېىشىنى تەكشۈردىڭىزمۇ؟
جاۋاپ: ياق.
سوئال: دىمەك، بىمار جەسەت يېرىلغان پەيتتە تىرىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەندە؟
جاۋاپ: ياق.
سوئال: نىمىشقا بۇنداق ئىشەنچ بىلەن ئېيتىسىز؟
جاۋاپ: چۈنكى ئۇنىڭ مىڭىسى ئۈستەل يېنىدىكى ساندۇقچە ئىچىدە ئىدى.
سوئال: شۇنىڭغا قارىماي، بىمار تىرىك بولۇشى مۇمكىنمىدى؟
جاۋاپ: ئەگەر ئۇ ئادۋوكات بولسا!

مەنبە: ئۆزبېكچە «زىيائۇز» تورى
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ياقۇپجان

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 14:48:01

كۈلۈپ ئۈچىيى ئۈزۈلگىدەك گەپ سۆزلە باركەن

ئۆزبەك يېزىقى ئىلىپبەسى بولسا قالدۇرۇپ قويالارسىزمۇ ؟  ئۈستىدىكى توربەتنىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز .......

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 15:52:12

ئازدۇرۇپ سوراش سوت مەيدانىدا قانونسىز ھىساپلىنىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 15:56:36

ئازدۇرۇش ،ئەگەر جاۋاپ بەرگۈچى راسىت يالغان سۈزلەۋاتقان بولسا ،مۇشۇنداق سۇئاللاردىن ئىزىپ كىتىپ راستىنى دەۋىتىشى مۇمكىن.
بىز بۇيەردە ۋەقەنىڭ باش ئاخىرىنى بىلمەيمىز،كىسىپلا ئالغاچقا ،شۇنداق قىزىق بىلىدۇ.:lol

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 22:01:19

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 14:48 static/image/common/back.gif
كۈلۈپ ئۈچىيى ئۈزۈلگىدەك گەپ سۆزلە باركەن

ئۆزبەك يېزى ...

www.ziyouz.com

ئۆزبېك ئېلىپبەسى يوق. ئەمما ھىس قىلىشىمچە، ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبەسى بىلەن ئۆزبېك ئېلىپبەسى يۈزدە يۈز ئوخشاش. ئەمما ئۆزبېكچىدىكى  ئو ھەرىپى ئۈستىگە چېكىت قويۇلمىغان بولسا ئا دەپ، چېكىت قويۇلغان بولسا ئو دەپ ئوقۇلىدۇ، ئۆزبېكچىدىكى ئا ھەرپى بىزچە ئە دەپ ئوقۇلسا ئومۇمەن توغرا بولىدۇ ھەم ئۇدۇللىشىدۇ. مەسىلەن بىزدە كۆپتىن بېرى بوجالار گۇرۇھى دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كېلىۋاتقان سۆزنى باجەلەر گۇرۇھى دەپ ئوقۇساق توغرا بولىدۇ، بۇ بىزدىكى باجىلار (بىر تۇغقان ئاچا سىڭىللارنىڭ ئەرلىرى) دىن تەشكىللەنگەن ناخشا گۇرۇپپىسى مەنىسىدە بولىدۇ.
سىز زادى ئۆزبېك لاتىن يېزىقىنى بىر ئۆگەنسەم بولاتتى دەپ قالسىڭىز، سىزگە ياخشى بىر ئامالنى تونۇشتۇراي: ئاۋال بىزدىكى ئۇيغۇر ئېدىت يۇمتالىنى چۈشۈرۈڭ (تاپالمىسىڭىز مەن ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ) ، ئاندىن بىر پارچە ئۆزبېك لاتىن يېزىقىدىكى تېكىسىتنى ئۇيغۇر ئېدىت دېتالىغا چاپلاپ، بۇ يۇمتالنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزبېك لاتىن يېزىقىدىكى تېكىسىتنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئايلاندۇرۇۋېلىڭ. ئاندىن ئۆزبېك لاتىن يېزىقىدىكى تېكىسىت بىلەن ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئايلاندۇرۇلغان يېزىقنى ۋوردقا چاپلاپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەڭ. ئاۋال سىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان، خەت نۇسخىسى تەڭشەلگەن تېكىسىتنى ئادەتتىكى باشقا ئۇيغۇرچە ماتىرىياللارنى ئوقۇش سۈرئىتىڭىز بويىچە ئوقۇپ بېقىڭ ۋە تەڭ قەدەمدە چۈشىنىشكە تىرىشىڭ (ئىشىنىمەنكى يۈزدە توقسان توققۇز پىرسەنت چۈشىنەلەيسىز). ئاندىن ئوقۇپ بولغان تېكىسىت بىلەن ئەسلى ئۆزبېك لاتىن يېزىقىدىكى تېكىستنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇڭ. شۇ چاغدا سىز ئۆزبېك لاتىن يېزىقىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئېلىپبە كەتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يېتەلەيسىز.
ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبەسىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئۆزبېك لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئايلاندۇرماي تۇرۇپ چۈشىنىش ھېچ گەپ ئەمەس ئەلۋەتتە...

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 22:05:39

4-قەۋەت تۆپىسىدىما؟ دىگەندەك سوئال بوپتۇ؟

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 23:11:10

16.سۇئال قالتىس كەن

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 12:39:00

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تەرمىلەر ژورنىلىدىمۇ ئىلان قىلىنغان بۇ مەمۇنلار

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 19:28:54

yaxar0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 22:01 static/image/common/back.gif
www.ziyouz.com

ئۆزبېك ئېلىپبەسى يوق. ئەمما ھىس قىلىشىمچە، ئ ...

ئۆزبەك كىنولىرىنى تولا كۆرۈپ ئاسەسەن پەرق يوقلىقىنى ھىس قىلغان شۇڭا يېزىقىنىمۇ ئۆگۈنۈپ يەنى ئۇلارنىڭمۇ كىتاپ ماتىرىياللىرىدىن پايدىلىنىش ئويۇم باتتى . يول كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت . ئاۋۇ دىتالنى ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ ؟
ئېلخەت isyankar@outlook.com

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:01:43

كوپى ئامالسىزلىقتىن سورالغان سۇئاللار
بەت: [1]
: سوتتىكى ھەزىللەر