batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 15:23:27

قەيسەر مىجىت:ئامېرىكىدا  خىزمەت تېپىش كەچۈرمىشلىرىم...



ئامېرىكىدا  خىزمەت تېپىش كەچۈرمىشلىرىم...
قەيسەر مىجىت

    ئىلاۋە: "شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق چاتما ئەسىرىمنىڭ خاتىمە قىسمىدا، "مەن ئامىرىكىدا نۇرغۇن - ئەگرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردۈم، جاپا-مۇشەققەتلەرنى چەكتىم"، دەپ يازغىنىم ئېىسىمدە.

*****************************

    ئەگرى-توقاي يوللارنى بېىش - بۇ يەردە ياشاشنىڭ يولىنى بىلمىگەنلىكتىن بولسا، جاپا-مۇشەققەتلەرنى چىكىش - يىتەرلىك ماددى ئاساسنىڭ يوقلىغىدىن ئىدى.
    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90--يىللىرىدا بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئامىرىكىغا ئوقۇش ئۈچۈن قەدەم بىسىشى خېلىلا قېيىن ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە بىر تەرەپتىن دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە تۇتقان سىياسىتىگە باغلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەخسلەرنىڭ شارائىتى جۈملىدىن ئىقتىسادى كۈچىگىمۇ باغلىق ئىدى.
      مەندەك 1996-1997 يىللىرى ئالى مەكتەپتە بىر ئايدا قولىغا 463 يۈەن تېگىدىغان (شۇ ۋاقىتتا بىر دوللار، 8 يۈئەن 29 تىيىن بولۇپ 55 دوللار 85 تىينغا تەڭ ئىدى) ياش ئالى مەكتەپ لىكتورىغا شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىدىن ئىبارەت ئامېرىكىنىڭ ئالى مەكتىۋى ئوقۇش  مۇكاپاتى پۇلى بەرمىگەن بولسا، بەلكىم يۇ گۇئاڭ يۈئەن، ۋۇ جىڭ لىئەن، جۇ شىياۋجى، لى يى نىڭ قاتارلىق جوڭگۇنىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ تەلىماتلىرىدىن "ئىلھام" لىنىپ جوڭگۇچە ئالاھىدىلككە ئىگە ئىلمى ماقالىلارنى يامغۇردەك قۇيۇۋەتكەن، بۇ ۋاقىتقىچە بەلكى پروفىسسور بولۇپ ئالى مەكتەپ مۇنبىرىدە دەرس سۆزلەپ يۈرگەن بولۇشۇم مومكىن ئىدى.
     مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇشتىن تارتىپ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگۈچە بولغان جەريانلارنى "شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق ئەسىرىمدە تەپسىلى بايان قىلدىم، يېقىندا ئويلاپ باقسام ئامېرىكىدىكى ھايات توغرىسىدىمۇ ئاز-تولا توختىلىپتىمەنۇ ئەمما بۇ يەردە خىزمەت تېپىش كەچمىشلىرىم ھەققىدە يىزىپ باقماپتىمەن.
    بۈگۈن مۇشۇ ھەقتە يازغۇم كېلىپ قالدى، بۇ ئىلھام دېگەن ئاجايىپ نەرسە ئىكەن. پۈتتۈرۈشكە تېگىشلىك نەرسىگە كەلمەيدۇ، ساقلاپ تۇرسىمۇ بولىدىغان نەرسىگە كىلىدىغان، خۇددى كۆڭۈلدەك يەنى ياقتۇرغاننى ياقتۇرمايسەن، ياقتۇرمىغاننى ياقتۇرىسەن، يېقىش ھەم ياقتۇرۇشنىڭ بىللە بولۇشى ئاز ئۇچرايدۇ. ئەگەر ھەمىشە بۇنداق ماس كىلىش بولسا، ئىلھاملىرى ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان ئادەم نىم بوپ كىتىدۇ- ھوي!

***************************************************************************************

     مەن بۇ ھەقتىكى يازمامنىڭ ئامېرىكىغا يېڭىدىن قەدەم باسقان ۋە بېسىش ئالدىدا تۇرغان ئىنى-سىڭىللەرگە ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.
    ئامېرىكىغا كىلىش بىر گەپ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ ياشاش يەنە بىر گەپ. ۋەتەندە ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەت تاپالمىساڭ ئۇنى مەلۇم سەۋەبلەردىن كۆرىسەن، ئەمما ئامىرىكىغا كىلىپ جاپا تارتىپ ئوقۇپ خىزمەت تاپالمىساڭ ئۇ يەنە بىر گەپ، ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان ئاجايىپ قاملاشمىغان بىر گەپ.
     مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باسقان 1997-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، بىلل كلىنتون ئامىرىكىنىڭ پرەزىدېنتى بولۇپ ئامىرىكا ئىقتىسادى ئومۇمەن ياخشى ئىدى، مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىپلا ھىس قىلغىنىم- جەمىيەتتە ئۈمىد، كىشىلەرنىڭ چىھرىدە خوشاللىق، ئەمما مىنىڭدە تېڭىرقاش بولدى. تېڭىرقاش - ئالدى بىلەن قىسىلىشتىن بولدى يەنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بولغىنىم ئۈچۈن سىرتتا قانۇنلۇق خىزمەت قىلالمايدىكەنمەن.
   مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەڭتۇشۇمدىن بىرسىدىن "قارا ئىش" قىلسام بولىدىغان بولمايدىغانلىغىمنى سورىسام "كۆچمەنلەر ئىدارىسى" بىلىپ قالسا چىگرىدىن چىقىرىۋىتىدۇ" دېدى. "قانۇنسىز ئىش قىلىپ قوغلىنىپ كىتىپ قالماي" دىگەن ئەندىشىدە باشقا يەردىن ئىش ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالماي بىراز قىينىلىپ قالدىم. ئۆزۈمغۇ كىتاپ خالتىسى ئەمەس ئىدىم، ئەمما كىتاپنى بەك جىق ئوقۇپ كەتسە ئادەمنىڭ ئويلايدىغىنى كۆپ بوپ كىتىپ ئىھتىياتچان بوپ قالامدۇ، ئىشقىلىپ قارا ئىش ئىزدىمىدىم. ئامىرىكىنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىدا "F-1 ۋىزا بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن خىزمەت تىپىپ ھەپتىسىگە 20 سائەت ئىشلىسە رۇخسەت قىلىدىكەن". بىرسىگە ئىش تىپىلغاندىن كىيىن، ئىجتىمائى سۇغۇرتا نومۇرىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن ("social security number").  ئەمما مەن ۋەتەندىكى كاشىلىلارنىڭ تۈپەيلىدىن مەكتەپكە كىچىكىپ كەلگەچكە كۈز مەۋسۈمىدە مەكتەپتىن ئىش تاپالمىدىم. يانچۇقۇمغا قارىسام، نامراتچىلىق ماڭقىسىنى ئېقىتىپ كۆڭلۈمنى ئىلىشتۈرگىلى تۇردى، مۇشۇ نامراتچىلىق كۆزۈمگە شۇنداق سەت كۆرىنىدۇ دىسە! شۇنىڭ بىلەن كۆرۈۋاتقان كۈنۈمنى  "ھۇ ئەجەڭدى، نە قىلساڭ قىلبايسىڭبى، باشىمغا نە كەلسە گۆرۈم" دەپ قىرغىزچە تىللاپ خەنزۇلارنىڭ يەكشەنبىلىك گىزىتىدىن  بىرنى سېتىۋىلىپ قارا ئىش ئىزدىدىم.
    ئارقىغا چىكىنىش يولۇڭ بولمىغاندىن كىيىنلا، رامكىلاردىن قۇتۇلۇپ ئالدىغا تەۋەككۇل قىلىپ ماڭىدىكەنسەن.
    شۇڭلاشقا قەدىمقى جەڭلەردە، پىشقان گىنىراللار جەڭدە دۈشمىنىنى مەغلۇپ قىلىپ مەلۇم پەللىگە يەتكەندە قالدۇق كۈچلەرگە چىقىش يولى بىرىشكەن ئىكەن، چۈنكى ھاياتقا ئۈمىدى قالمىغان ئادەملەردە جان-تىكىپ قارشىلىق قىلىش، تەۋەككۈلچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ، سىنى زور تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. مىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىمدا - ئۈمىدسىزلىكتىن تولاراق ئەنسىزچىلىك كۆپ ئىدى،. ئەنسىزلىككە چۆككەن ئادەم سەللا دىققەت قىلمىسا ئۈمىدسىزلىككە ۋە چۈشكۈنلۈككە قۇل بولىدۇ كۆپچىلىك، ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟.
    خەنزۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇش تارىخى ئۇزۇن. ئۇلار قايسى يەرگە بارسا شۇ يەردىن مەلۇم رايوننى كۆزلەپ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ مەھەللىرى ۋە بازارلىرىنى قۇرۇۋالىدۇ، يىڭىدىن كەلگەنلەرنى ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ئىگىلىكلىرىگە سىڭدۈرۈپ كىتىدۇ.
   مەن بىر تەرەپتىن گىزىتكە قاراپ ئاشخانىلارغا تىلىفۇن قىلىمەن، يەنە بىر تەرەپتىن چايناتاۋۇن (خەنزۇ بازىرى") غا بىرىپ ئىش ئىزدەيمەن. بوستوندا  مەندىن بۇرۇن كىلىپ يول ئاچقان بىرەر ئۇيغۇر بولسا بەلكىم مەن بۇ دەرىجىدە قىينىلىپ كەتمەس بولغىيتىم.
     قولۇمدا ئۈرۈمچىدە ئايرۇپىلانغا چىققاندا بەرگەنمۇ ئىشقىلىپ بىرسى بەرگەن قىزىل رەڭلىك ئاسما سومكا بار، ئۇنى مۈرەمگە ئىسىۋىلىپ جوڭگۇ بازىرىدىكى ، "كەلگىن كۆرۈپ باقايلى" دىگەن يەرلەرگە - كۆپىنچىسى ئاشخانىلارغا كىرىمەن، ئۇلار مىنى كۆرىدۇ، نىمە ئىش قىلالايسەن دەيدۇ، "مەن پۇل يىغىپ بەرسەم، كۈتكۈچىلىك قىلسام بولىدۇ، بولمىسا قاچا يۇيساممۇ بولىدۇ" دەيمەن -ئۇلار كىيىن كەل ئۇ ئورۇنلارغا ئادەم تولۇق دەيدۇ. سومكامنى ئىسىۋىلىپ بۇ دۇنيانىڭ پۈتمەس غەملىرىنى بوينۇمغا ئىسىۋىلىپ كىرمەي يەرلەرگە كىرىپ كىتىپ قاپتىمەن دىسە...يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنى كۆرۈپ كۆزلىرىم پولتىيىدىن، يۈرىگىم قىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولغىنى بىلەن ماۋۇ ئۇيغۇرلۇق ئەدەپ-ئەخلاق زور كۈچ زور تورمۇزكەن دەيمەن.! يااللاھ ، ئەگەر مىنىڭ ئورنۇمدا ئەمرۇللا بولغان بولسا پۈتۈن پۇلىنى قىزلارغا خەجلىۋىتىپ ساددا ئىسپانلارنى شىلاپ جىنىنى بىقىپ كىتەمتىكىن دەيمەن.
     شۇ يىلى كەچكۈزنىڭ  سوغۇق شامىلى قاتتىق چىققان كۈنلەر  ئىدى، چاپاننى يىلىڭ كىيىۋاپتىكەنمەن، كۈنلەپ ئىش ئىزدەپ ھەم ھارغىنلىق ھەم غەم غۇسسە ھەممىسى قوشۇلۇپ ئاغرىپمۇ قالدىم. ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەن ئادەمنىڭ ئاپىسى -ئەھۋالىمنى سوراپ چىقىپ ئويغىتىپ ئۆزۈمنىڭ قازان ۋە قاچامدا "تۇخۇم شورپىسى" قىلىپ بىرىپ ئىچۈرۈپ قاراپ قويمىغان بولسا ئۆلۈپ قالاتتىممىكىن تاڭ، ئۇنى خۇدا بىلىدۇ. ھەر ھالدا باشقا ئېرق ۋە باشقا دىن بولسىمۇ شۇ موماينىڭ ئىنسانلىق خىسلىتىگە رەھمەت!
     شۇ چاغلاردىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىسەم ھازىرمۇ تىنىم جۇغۇلدايدۇ. مەن ئۇ چاغدا بەئەينى دەرەختىن سارغىيىپ پاتقاققا چۈشۈپ كەتكەن يىگانە، بىچارە ياپراق ئىدىم.....
   تىنىمگە ماغدۇر كىرىپ ئازراق ئوڭشالغاندىن كىيىن يەنە ئىش ئىزدەشكە باشلىدىم. ئاخىرى فۇجىئەنلىك بىرسىنىڭ بوستوندىن يىراق بىر يەرگە قۇرۇۋالغان تەنزىسىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتنى تاپتىم. "سائىتىڭگە بەش دوللار نەق پۇل بىرىمەن" دىدى ئۇ ئەمما كەتكەن ۋاقىتنى ھىساپلاپ كۆرسەم  سائىتىمگە 3 دوللار ئەتراپىدا توغرا كەپتۇ.
    شۇنىڭ بىلەن روجدىستىۋا بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىدە ئاز-تولا پۇل تىپىۋالدىم. دىمەك شارائىتلا بولىدىكەن، يولنىلا تىپىۋالىدىكەن، ھاياتتا  نۇرغۇن كىشى تۇرمۇشىنى ئىزىغا سىلىپ كىتەلەيدۇ.
    1998-يىلى يانىۋاردا مىنىڭ ئامىرىكىدىكى ئوقۇشۇم رەسمى باشلاندى، ئوقۇش باشلىنىش بىلەنلا دەرسكە بىرىلىپ كەتتىم، چۈنكى مىنىڭ پۈتۈن ئەس-خىيالىم ياخشى ئوقۇپ سىنتەبىردە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىش ئىدى. شۇڭا مەكتەپتىن ئىش ئىزلەشكە كۆڭۈل بۆلمەي قاپتىمەن. بىر ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ئىش ئىزدىسەم ، ئىش قالماپتۇ. مەكتەپ ئىچىدىكى ئىشلار ياكى كومپۇتېر تەجىربىخانىسىدا، ياكى بىنا ساقلايدىغان ياكى كۈتۈپخانىغا كەلگەن خەت چەكلەرنى ئايرىيدىغان ئىش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن سوغۇق سۇ ئىچىپ چىش كوچىلىغاندەك يانچۇغۇمدىكى بارغانسىرى تۈگەپ كىتىۋاتقان پۇللىرىمنى ئاۋايلاپ خەجلەپ شۇ يىلى ئىيۇندا ۋەتەنگە ساق-سالامەت كىتىۋالدىم.
    ۋەتەن دىگەن ۋەتەن-دە. ئۇ يەردە ئاچ قالمايسەن، يىقىلىپ چۈشسەڭ يۆلەپ قويىدىغان ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىڭ، خەلقىڭ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەمدىلا 27 ياشتىن ھالقىپ 28 گە قاراپ ماڭغان ئىدىم.
   مەن بىلەن يۈرگەن قىز ھەم مىنىڭ قايتىپ كىلىشىمنى كۈتۈۋاتقان ئىدى. شۇ يىلى ئىيۇلدا يۇرتقا قايتىپ بىرىپلا خوشال-خوراملىققا چۆمگەن توي مۇراسىمىمىزنى ئۆتكۈزدۇق.
    ئۆرپ ئادىتىمىز، دىنىمىز - ياش ئوغۇللار بالاغەتكە، قىزلا بويىغا يەتكەندە نىكاھ ئوقۇش ئارقىلىق تويلىشىشنى بۇيرۇيدۇ. چۈنكى ئائىلىنىڭ بەرىكىتى ئۇلۇغدۇر.
    مەن ۋەتەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدىن خىزمەت تاپتىم، سائىتىمگە شىتاتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى بەردى(شۇ چاغدا 5 دوللار 25 تىيىن ئىكەن، ھازىر 8 دوللار). شۇنىڭ بىلەن ھەپتىسىگە 20 سائەتتىن ئىشلەشكە باشلىدىم. بىر تەرەپتىن  ئىشلەپ يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى ئوقۇپ شۇ مەۋسۈملۈك نەتىجەمنى يۇقۇرى كۆتۈردۈم. نەتىجىدە مەن ئوقۇشقا كىرىپ ئىككى مەۋسۈمدىن كىيىن فاكۇلتىت ماڭا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بەردى. يەنى ھەپتىسىگە 20 سائەت ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇراتتىم، كورىيەلىكلەر پۇشتىدىن بولغان پروفىسسور كىم دىگەن كىشىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس تەكرارلاپ بىرەتتىم ياكى تاپشۇرۇق ئىشلەشتە قىينالغان بالىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ ماڭا ئىككى ھەپتىدە بىر قىتىم يەتتە يۈز دوللاردىن جىقراق پۇل بېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادى ئەھۋالىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئىگەمگە مىڭ قەترى شۈكرى.
    پۇل بېرىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسى- بولۇپمۇ  مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئىشلىگەن ئىش ھەقىقى مەنىدىكى خىزمەت ھىساپلانمايدۇ.
ئامىرىكىنىڭ ئالى مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامىرىكىدا خىزمەت تېپىش جەريانى مۇنداق بولىدۇ:
   ئۇنۋاننى ئېلىشقا ئاز قالغاندا خىزمەت ئىزدەشكە باشلايسىز، سىزنى بىرەر ئىدارە ياكى شىركەت خىزمەت سالاھىيىتىڭىزنى ھەل قىلىپ بىرىش شەرتى بىلەن ئىشقا ئالسا ئۇ چاغدا سىزنىڭ تەلىيىڭىزنىڭ ئوڭ كەلگىنى.
    ئۇ چاغدا سىزنىڭ ۋىزىڭىز ئوقۇغۇچىلىق ۋىزا - F-1 دىن خىزمەت ۋىزاسى H1-B غا ئۆزگىرەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بىر يىلللىق optional practical training (ئىختىيارى ئەمىليەت تەربىيىسى) پروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلىسىز.
    ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بۇ خىل تاللاشنى بىرىشى - بىر خىل دانا سىياسەت ئىكەن. چۈنكى  ھەر خىل ئارقا كۆرۈنۈشكە ۋە ھەر خىل ئىقتىدارغا ئىگە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالغان دىپلومى ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما تىل، كەسپى ۋە ئەمىلى خىزمەت ئىقتىدارىدا پەرق بولغانلىقتىن، ھەم ھەقىقى ماھارەت ئەمىليەت جەريانىدا يىتىلىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇلارغا ئامىرىكىنىڭ ئالى مەكتەپلىرىدە ئىگەللىگەن  بىلىملىرىدىن بىر يىل پراكتىكا قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بىرىدىكەن.
   مەن كەلگەن فاكۇلتىت دوكتۇرلۇق پروگراممىسىنى ئىككى يىل بۇرۇن توختىتىپ قويغىنى ئۈچۈن  ھەم مەن بۇ يەردىكى ئىقتىساد ئىلمىنىڭ دوكتۇرلۇق پروگراممىلىرىنى ياخشى بىلىپ كەتمىگىنىم ئۈچۈن غەربى قىرغاقتىكى ئىككىلا مەكتەپنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىگە ئىلتىماس قىلغان ئىدىم بۇلارنىڭ بىرى -  Claremount Graduate University مىنى دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا  قوبۇل قىلىپلا قالماستىن يەنە مىنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى كۆتۈرىۋەتتى-يۇ ئەمما تۇرمۇشۇمغا خەجلەشكە پۇل بەرمىدى، ئۇ يىلى ئايالىم يىنىمغا كىلىدىغان بولغىنى ئۈچۈن ھەم مەن ئۈرۈمچىدىمۇ كۆپ ئوقۇپ كەتكىنىم ئۈچۈن ئەمىلى خىزمەت تەجىربىسىنى يتىلدۈرۈشنى لايىق كۆرۈپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشتىن ۋاز كىچىپ بوستون ئەتراپىدىكى شىركەتلەردىن خىزمەت ئىزدەشكە چۈشتۈم. چۈنكى ئامىرىكىدا ئۇنۋاندىن خىزمەت مۇھىم ئىكەن. مەن تەقدىرىم ھەققىدە يىڭى قارار چىقارغاندىن كىيىن  ئالدى بىلەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە  ئىختىيارى ئەمىليەت تەربىيىسى ئىلىشىمنى تەستىقلىسۇن ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندۇمدە خىزمەت ئىزدەشكە چۈشتۈم،،.
    ئامىرىكىدا خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن مۇناسىۋەت كەتمەيدۇ. ئالدى بىلەن قىسقىچە تارىخىڭنى بىر بەتكە مېغىزلىق  قىلىپ يىزىپ چىقىسەن. بۇ بىر بەتكە سەن ئۆزۈڭنىڭ مائارىپ تەربىيەسى، ئۇنۋانىڭ، مەكتەپتە ئوقۇغان مۇھىم دەرسلىرىڭ، ئوتتۇرىچە نەتىجەڭ، خىزمەت تەجىربەڭ، ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجەڭ ۋە ھەمدە كومپۇتېر بىلىملىرى سەۋىيەڭ، ئىلمى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى ياكى ئەمەسلىگىڭ دىگەندەكلەرنى يازىسەن ئاندىن  ئۆزۈڭ قىزىققان خىزمەتكە نىمىشقا شۇ شىركەتكە شۇ خىزمەتكە قىزىققانلىغىڭنى بايان قىلىدىغان خەتنى تەييارلاپ بۇلارنى ئەۋەتىسەن. ئەگەر بىرەر ئورۇن ساڭا قىزىقسا سىنىڭ كىملىگىڭ، خاراكتىرىڭ، قابىلىيىتىڭ ھەققىدە باشقىلاردىن 2-3 پارچە تونۇشتۇرۇش خېتىنى  ئېلىپ  كىلىشىڭنى سورايدۇ. يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىققانلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ دەرس ئۆتكەن پروفىسسورلىرىدىن سورايدۇ، ئازراق خىزمەت تەجىربىسى بارلار ئۆزىگە مەسئۇل بولغان ئادەمدىن سورايدۇ.
   ئامىرىكىدا كىشىلەر بىر ئادەمگە تولۇق ئىشەنمىسە ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئالدىراپ يىزىپ بەرمەيدۇ. جۈملىدىن مەنمۇ شۇنداق. چۈنكى ئۇلار ناتونۇش ياكى ئىناۋىتى دۇرۇس بولمىغان ئادەمنى ياخشى يەرگە تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گىپىنىڭ جەمىيەتتە ئەرزىمەس بولۇپ قىلىشىنى خالىمايدۇ.
    ۋەتەندە مەن ئۇ ئىشلارغا يولۇقۇپ باقمىغاندىن كىيىن، ئەتراپىمدىكى باشقىلار قانداق قىلسا شۇنى دورىدىم. يەنى ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ "خىزمەت مۇلازىمەت مەرگىزى" گە باردىم. ئۇ يەردىكى ماتېرياللارغا قاراپ بوستوندىكى قايسى شىركەتلەر ئىقتىساد كەسپى ئوقۇغان ئادەملەرنى خىزمەتكە ئالىدۇ ئۇنى خاتىرلەشكە باشلىدىم، ئاندىن قىسقىچە تارىخىم (resume) نى باشقىلارنىڭكىگە قاراپ تۇرۇپ يىزىپ چىقتىم. ئۆزۈڭ يىڭىلىق يارىتالمىغاندىن كىيىن دوراشقا مەجبۇر بولىدىكەنسەن.
      ئاندىن Monster.com دىگەن توردىن خىزمەت ئىزدەپ كۆڭلۈمدە ماڭا مۇۋاپىق دەپ قارىغانلار خىزمەتلەرگە ئىلتىماس قىلىشقا باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەكتەپنىڭ چوڭلار مائارىپ ئىنستىتوتىدا دەرس ئۆتۈشكە ئىلتىماس قىلىپ قويدۇم. بىراق كىيىنكىسى ھەپتىدە ئۈچ سائەتلا ئۆتىدىغان دەرس بولۇپ ئۇنىڭدىن كىرگەن پۇل بىلەن ئۆي ئىجارىسىنى كۆتۈرگىلى بولاتتى.  چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتىدىكىلەر مەن بىلەن كۆرۈشۈپ سوئال سورىغاندىن كىيىن شۇ يىلى يازدىن باشلاپ دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى، "ئۇھ" دىدىم. شۇ ئەسنادا مىنىڭ بىر يىللىق پراكتىكا قىلىشىمغا رۇخسەت  كەلدى. ئۇنى ئىلىپ تېخىمۇ دادىل خىزمەت ئىزدىدىم. بوستون رايوندىكى بىر نەچچە بانكا ۋە شىركەت مىنى ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بىقىشقا تەكلىپ قىلدى، ئەمما ھەر بارغىنىمدا ياكى تەجىربىسىزلىكتىنمۇ ياكى كۆپ بىلەرمەنلىك قىپ كەتتىممۇ ياكى ئۇلار ماڭا خىزمەت ۋىزاسى بىجىرىپ بىرىشنى ئىغىر كۆردىمۇ (چۈنكى ئىدارە خىزمەت ۋىزىسى بىجىرسە چىقىم تارتىدۇ)، ئىشقىلىپ ئوڭۇشلۇق  بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن روبېرت-خالف ئىنتېرناشىيال دىگەن شىركەت چىقارغان بىر ئىلانغا ئىلتىماس سۇندۇم، ئۇلار مىنى دەرھاللا ئىدارىسىگە چاقىردى ۋە ئىككى ئايال بىر ئەر مەن بىلەن سۆزلىشىپ باققاندىن كىيىنماڭا خىزمەت بىرىدىغان بولدى، يەنى ئۇلار سائىتىمگە 13 دوللار 83 تىيىندىن ھەق بىرىدىغان بولدى. ھىساپلاپ كۆرسەم ھەپتىسىگە قولۇمغا باجنى چىقىرىۋىتىپ 500 دوللاردىن تەگسە ئىيىغا ئىككى مىڭ دوللار تېگىدىكەن . ئۇ چاغدا دوللار 8 يۇئەن 30 تېيىن. تېخى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ۋەتەندە ئېيىغا 56 دوللار ئالىدىغان ماڭا بۇ ھەق كۆپ بىلىندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلار مائارىپ ئىنستىتوتىدىن كىلىدىغان ھەق بار تېخى.
    مەن ئۇلار بەرگەن خىزمەتنى قوبۇل قىلدىم. كىيىن ئۇقسام بۇ بىر ۋاستىچى شىركەت بولۇپ بۇلار ئىدارە جەمئيەت ۋە شىركەتلەر قىسقا مۇددەتلىك ئادەم كىرەك بولۇپ قالغاندا شۇلارغا ئادەم تىپىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلىدىكەن، يەنى باشقىلار مەن قىلغان ئىشقا ھەر سائىتىگە 20 -25 دوللار ئەتراپىدا بۇ ۋاستىچى شىركەتكە تۆلەيدىكەن، بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ ھەققىنى تۇتۇۋىلىپ ئاندىن ماڭا 13.83 بىرىدىكەن.
     بۇلار مىنى خىرىستىيان دىنىدىكىلەرنىڭ خەير-ساخاۋەت ئورگىنى بولغان "salvation army" (قۇتقازغۇچىلار ئارمىيەسى) دىگەن يەرگە ئىشلەشكە ئەۋەتتى. بۇ يەردە دىنى كەيپىيات كۈچلۈك ئىكەن.  بۇ ئورگان ھەربى تۈزۈم بويىچە باشقۇرىلىدىغان بولۇپ كادىرلىرى - كوماندىر، كاپىتان دەپ ئايرىلىدىكەن. ئاساسلىق مۇلازىمىتى - كىشىلەر، ئىدارە ئورگانلار، شىركەتلەر ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددى ئەشيالارنى جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى نامراتلارغا ۋە ئاجىزلارغا تەقسىملەپ يەتكۈزىدىكەن.
     مۇسۇلمان بولساممۇ، مەن بۇ يەردە ئىشلىمەيتتىم دىمىدىم. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، دىمەك بۇ مىنىڭ تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئالدى بىلەن ئىنسان. ئادەم دىگەن ئۆزىدىن باشقا ھەممىنى چەتكە قاقسا، ئۆچ كۆرسە بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە
ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشمۇ -ئادىمىلكنىڭ بىر شەرتىدۇر. چۈنكى، بىزمۇ باشقىلاردىن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۈمىت قىلىمىز ئەمەسمۇ؟
بۇلار ھەر كۈنى ئىشقا چۈشۈشتىن  بۇرۇن بىكردە دۇئا ئوقۇيدۇ، مەن ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرىمەن، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان كىشىلەر كونسىرۋاتىپراق كىلىدىكەن، خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى كۈلكە چاقچاقمۇ يوق، ياش قىزلىرى ھىلىقى بىز كىنولىرىدا كورىدىغان قىزلارنىڭ ئەكسىچە.
      مىنىڭ خىزمىتىم - ئەڭ دەسلەپتە بۇ ئىدارىنىڭ مالىيە خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان ئاننىې چەكىجىئان دىگەن ئەرمەن ئايالغا ياردەملىشىش بولدى. ئۇ مىنى ھەر تۈرلۈك ئىشقا سالىدۇ. پۇل ساناتقۇزىدۇ، ھىساۋات قىلغۇزىدۇ، خەقتىن كەلگەن خەت چەكلەرنى ئاچقۇزىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئىشقا بىرىپ بىر ئىككى ئاينىڭ ئىچىدىلا ھىرىپ چارچاپ  قالدىم، كىيىنچىرەك بۇ ئايال مىنى بوغالتىرلىقنىڭ ئىشىغا سالغىلى تۇردى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە قىلىۋاتقان ئىشىمغا نىسبەتەن ھەقنىڭ ئاز ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ مىنى قوبۇل قىلغان باش شىركەتكە تىلىفۇن قىلىپ خىزمەتتىن توختايمەن دىدىم.
-نىمىشقا دىدى، ئۇلار.
-كۆپ ئىشنى قىلغىنمغا چۇشلۇق ئىش ھەققى ئاز.
-ئۇنداقتا سائىتىگە ئىككى دوللار ئارتۇق بەرسەك ئىشلەمسەن؟
     مىنى تەييار ساقلاپ تۇرىدىغان ئىش نەدە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يەردە ئىككى ئايلا ئىشلىدىم دەپ قىسقىچە تارىخىمغا يازساممۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بولىدۇ دەپ يەنە داۋاملىق ئىشلەۋەردىم.
   بىر كۈنى مۇنداق ئىش بولدى.
   بۇ يەرگە ئەۋەتىلگەن ئىئانە پۇل ئاۋال بىرسىنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ ئاندىن بىزگە كىلىدىكەن. مەن قولۇمغا تەككەن پۇللارنى ساناپ خاتىرلەپ ئاخىرىدا مەلۇم قىلدىم، نىمىشقىدۇر دەل 10 دوللار كەم چىقتى. قايتا قايتا سانىسام يەنە شۇ پۇل كەم، بىر قارىماققا 10 دوللار ھىچ گەپ ئەمەس، ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە 10 دوللاردا  ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىدە ئىدى. مەن ئەھۋالنى ئالدى بىلەن ئاننىېە دىگەن ئايالغا مەلۇم قىلدىم ۋە دىدىم، "ئۇقمىدىم، نىمە بولدى ئەمما 10 دوللار كەم چىقتى مەن تۆلەپ بىرەي". مىنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىمغا قاراپ ئاننىې نىڭ ئىچى ئاغرىدى بولغاي دەرھال ئىدارىنىڭ باشلىقىغا مەلۇم قىلدى. ئۇ كىشى بىر دەمدىن كىيىن يىنىمغا كىلىپ دىدى:
- بەلكىم باشقا بىرەيلەن خاتا ھىساپلاپ كەتكەن چىغى، بىز بۇنى كۆتۈرىۋىتەيلى (write-off) شۇنداق دىدى -دە بىر قەغەزنى ئېلىپ يەنە بىر باشلىق ئايال بىلەن ئىككىسى ئىمزاسىنى قويدى.
   لىكىن مەن شۇ كۈنى  ئۆيگە چىۋىن يەۋالغاندەك بوپ قايتتىم.
   مېنىڭ شۇ ئىشتىكى ئەستايىدىللىقىم ئاننىې دىگەن ئايالغا تەسىر قىلغان چېغى، شۇندىن كىيىن بۆلەكچىلا يىقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۆزى 50 لاردىن ئاشقان ئايال بولۇپ باشقا بىر خىزمەتچىنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە "بۇ ئايالنىڭ بوستوندىكى ياخشى رايون ۋاتېرتاۋن دا چوڭ ئۆيى بار ئىكەن، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى خىزمەتتە ئىكەن".
    ئاننىې ئۆزى ئەرەپكە ئوخشايدىغان ئايال بولۇپ ئىئوردانىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەرمەن پۇشتىدىن ئىكەن، يولدىشى تۈركىيەدىن كەلگەن ئەرمەن بولۇپ ئۇلارمۇ دەسلىۋىدە ئامىرىكىغا كەلگىنىدە بەك جاپا تارتقان ئىكەن. ئۇ مىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىمنى سورىۋىدى، ئۇيغۇر دىسەم بىلەمدىغان. موڭغۇللارنى  بىلەمسەن دىسەم "ھە ئە " دەيدۇ، "ھە بىز شۇلارغا يىزىق ئىجاد قىلىپ بەرگەن خەق". دىسەممۇ يەنە ئۇقمىدى، تۈركى خەلق بىز دىيىشتىن ئىھتىيات قىلدىم. چۈنكى ئاڭغىچە تۈركلەر بىلەن ئەرمەنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تارىخى زىددىيەتنى بىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. ئامىرىكا ھەر قانچە ئوچۇق بولسىمۇ ئەمما ئايرىم شەخسلەر يەنىلا بىتەرەپلىمىلىكتىن خالى ئەمەس. شۇڭا يەنىلا ئىھتىيات قىلغانغا يەتمەيدۇ بەزى ئىشلاردا. ھازىرقى دۇنيادا موڭغوللارنىڭ دۇشمىنى يوق ئىكەن. بۇ ئايال مىنى موڭغولغا ئوخشاش خەلق دەپ ئويلاپ قالدىمۇ خىلىلا قىزغىن بولۇپ ھەتتا ئامىرىكىلىقلارنىڭ "رەھمەت ئىيتىش بايرىمىدا" ئۆيىدە ئۆتكۇزمەكچى بولغان ئولتۇرۇشقا مىنىڭ ئايالىمنى ئىلىپ بىرىشىمنى تەكلىپ قىلدى. لىكىن بىز بارمىدۇق.
    بىر كۈنى پاراڭ ئارىلىغىدا مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىگىمنى ئىيتتىم ۋە چىراي ئىپادىسىگە قارىدىم. ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش يوق. چۈنكى ئۇ ئىئوردانىيەدە مۇسۇلمانلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسكى ئەمەسلىگىنى بىلىدىكەن.
    شۇ يىلى 1999-يىلى تۈركىيەدە يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى. بۇ خەۋەر شۇنداق تارىلىشى بىلەن بۇ ئايال ئىشخانىدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلدى:
- بۈگۈن تۈركىيەدە يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى، بىز خۇدادىن ئۇلار ئۈچۈن ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلايلى.
   شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇردۇق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنجىلدىن بىر نىمىلەرنى ئوقۇدى، مەن ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ دۇئا قىلدۇق.
   مەن شۇ ئىشتا ئاننىنىڭ ئىنسانلىق كۆڭلىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈردۈم.
    مەن بۇ يەردە يېرىم يىلدەك ئىشلىگەندىن كېيىن بۇنى قىسقىچە تارىخىمغا ئالاھىدە قىلىپ يازدىم ۋە ئۇنى نۇرغۇن يەرلەرگە ئەۋەتىشكە باشلىدىم. يەنە ئىدارىلەر ۋە شىركەتلەر مىنى ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بىقىشقا تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى،  ھەي مىنىڭ تەنتەكلىگىم!. مەن ئۇلاردىن مىنى خىزمەتكە ئالغانلىق ئۇقتۇرىشىنى ئالماي تۇرۇپلا "ئالايلىمۇ بۇ بالىنى" دەپ ئويلاۋاتقان چىغىدا "مەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچى، ماڭا خىزمەت ۋىزىسى بىجىرىپ بەرمىسەڭلا بولمايدۇ" دەپ قاچۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ! "بالا كىچىك ئىشتان ئالتۇن رەڭگىدە!" دىگەن مۇشۇ دە!
   كىيىن بۇ ئىشتىن ساۋاق ئالدىم-دە يەنە بىر قىتىملىق پۇرسەتتە ئۆزۈمنىڭ خىزمەت قىلىش سالاھىيىتىنى ئىغىزغا ئالمىدىم.
    بۇ شىركەت ماڭا مىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش خېتىنى ئەۋەتكەن، مەن ئۇنى قوبۇل قىلدىم دىگەن ئىمزانى يېزىپ ئۇلارغا قايتۇرغاندىن كىيىن ھەمدە مەن ھىلىقى پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن ئالغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە ئاي ئىشلەپ ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتتە ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىگىمنى ئىيتىپ ئۇلارنى دەسلەپتە ھاڭ -تاڭ قالدۇرغان بولسام "بۇ چىقىملارنى ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالىمەن" دەپ خوش قىلدىم. چۈنكى ئۇلار يىگىرمە نەچچە خىزمەتچىسى بار كىچىك شىركەت بولۇپ مەن تۇنجى چەتئەللىك خىزمەتچىسى ئىكەنمەن.
     مەن ھازىرمۇ  مىنىڭ 2000- يىلى،  يىلىغا $45،000  دوللارلىق مۇئاش ۋە باشقا قوشۇمچە پاراۋانلىغى بار پۈتۈن كۈنلۈك رەسمى خىزمەتنى تېپىشىمدا ئاننىې چەكىجىئان دىگەن ئايال بىلەن بىللە ئىشلىگەن 6 ئايلىق خىزمەت تەجىرىبەم مۇھىم رول ئوينىدى دەپ قارايمەن.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-25 20:24):
ئەسكەرتىش : ئۇشبۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 21:22:30

داۋامى باردەك ،

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:19:59

شۇ چاغدا 463سوم ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.دادام 350سوم مائاش بىلەن بىزنى گۈلدەك باقاتتى.

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 04:11:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Heqqaniyet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 04:17  

قەيسەركام بىر نەرسە يازسا زادى ئوقۇغىنىم ئوقۇغان. ئىزدىنىشقا كىرمەمدىكە :lol ئىشقىلىپ يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇردەكلا يازىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. نەچچە قېتىم كۈلۈپ كەتتىم ئوقۇۋېتىپ. قەيسەركامغا مەندىن سالام.

«ھۇ ئەجەڭدى، نە قىلساڭ قىلبايسىڭبى، باشىمغا نە كەلسە گۆرۈم» دەپ ئىش باشلاپ كەتكىنى قىززىق. :lol   

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 09:00:43

مەن قەيسەر مىجىتنى، رىشات ئابباسنى تۇنۇشتۇرۇپ يازغان كۆكلەر چوققىسىدا زاپەر قۇچقان ئالىم (مۇشۇنداقراققۇ دەيمەن ئىسمى، لېكىن جەزىم قىلالمىدىم) ئەدەبىي ئاخباراتىدىن تۇنىغان ئىدىم. ئېسىل يازىدۇ بۇ يولداش {:92:}

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 09:01:16

98-يىلى خىزمەتكە چىققاندا مەنمۇ 463يۇەن مائاش ئالىدىغان،ئاساسەن يىتەتتى.تېخى بەش ئون يۇەندىن چىقىرىشىپ خزمەتداشلار ئىشتىن چۈشكەندە بىرەر ئۈستەل قورۇما چىقىرىشىپ غىزالىناتتۇق.ئاجايىپ ۋاقىتلار ئىدى...:lol

batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 16:14:57

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 09:01 static/image/common/back.gif
98-يىلى خىزمەتكە چىققاندا مەنمۇ 463يۇەن مائاش ئالىدىغان، ...

ئىككى موچەنگە لەڭپۇڭ كىلەتتۇغۇ ئۇ چاغلاردا ، بىر كۈن ئىككى كوي  بىلەن خېلى نورمال ئۆتەتتى ، ھازىر يىگىرمە كوي بىلەن ئاران ئۆتىدۇ

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:33:18

قەيسەر مىجىتنىڭ باغداشتىكى«كەپتەرلەر»دىگەن ئەسىرى ياخشىدى داۋامىنى ھىچ يوللىمىدى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 12:00:10

خاسكىي خاتىرلېرى دىگەن ھىكايىسىنىڭ داۋامى نەدىدۇ؟
بەت: [1]
: قەيسەر مىجىت:ئامېرىكىدا  خىزمەت تېپىش كەچۈرمىشلىرىم...