ئامېرىكا ئىقتىسادى شىددەت بىلەن ئاشتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 10:56ئامېرىكا ئىقتىسادى شىددەت بىلەن ئاشتى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
مەنبە : شىنخۇا تورى | يوللىغان ۋاقىت : 25-12-2014
ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 5% كە يېتىپ، ئىلگىرى مۆلچەرلەنگەن %3.9 تىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ 2003-يىلىنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدىن بۇيانقى ئەڭ تېز ئېشىش سۈرئىتى ھېسابلىنىدىكەن.
سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ %70 تىنى ئىگىلەيدىغان شەخسىي ئىستېمالنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىلگىرى مۆلچەرلەنگەن %2.2 تىن ھازىرقى %3.2 كە ئۆسكەن، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئىستېمالنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمۇ تېزلەشكەن.
ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل 10-ئايدا 6 يىلغا سۇزۇلغان پۇلنى مىقدارلاشتۇرۇپ بوشاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ كومىتېتتىكى ئەمەلدارلار ۋە بازار تەھلىلچىلىرى كېلەر يىلنىڭ ئوتتۇرىدا بانكىلار تۇنجى قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن (Yellen) نىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كومىتېت كېلەر يىلى 3-ئايدىن بۇرۇن ئۆسۈمنى ئۆستۈرمەيدىكەن، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا باغلىق ئىكەن.
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(سىغىمى: ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB ):
روسىيەدە پاخاللاشقان بازار ئامېرىكىدا راۋاجلىنىپتۇ.بانكىلار ئۆسۈم قۇشسا پۇتىن نىمە بوپ كىتەر... بۇ روسىيەدىكى پاخاللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Heqqaniyet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 13:59
ئامېرىكا ئىقتىسادى ئېشىشى بولسا يېقىندا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ QE3 نى ئىجرا قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى. يەنى فىدىراتسىيە بانكىسى ئامېرىكىغا خەجلەيدىغان پۇل بەردى. ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق مەلۇم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. GDPمۇ ماس ھالدا ئاشىدۇ. يېقىنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا جوڭگونىڭ GDP سى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.(مەن مۇنازىرىغا قاتناشمايمەن. پەقەت خەۋەرنى يەتكۈزۈپ قويىمەن.)
http://rt.com/business/194264-china-surpass-us-gdp/
بىرسى پايدا ئېلىشى ئۈچۈن،بىرسىنىڭ زىيان تارتىشى زۆرۈر Heqqaniyet يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 13:52 static/image/common/back.gif
خەت يازساملام تەستىقلامسىلەر ھازىر؟
سەن خەت يازمىساڭمۇ بولىدۇ،سېنىڭ نىمە يازدىغىنىڭنى كۆپچىلىك بىلىپ بولدى، ئۇيغۇرچە تور بەتكىمۇ خېلى كىرىپ قويدىكەنسەن،قانچىلىك ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يېزىشنى ئۆگەنگەنلىكىڭنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ قارىغاندا رۇسلارمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىزغا قىزىقىدىغان ئوخشىمامدۇ Heqqaniyet يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 13:52 static/image/common/back.gif
ئامېرىكا ئىقتىسادى ئېشىشى بولسا يېقىندا فىدىراتسىيە ب ...
بۇ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىستاتىسكا ئىكەن،
بۇ گەپ خېلى بولغان، سېتىۋېلىش كۈچى جەھەتتە 1 يۈەن 1 دوللارغا تەڭ دەپ يۈرگىلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Heqqaniyet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 15:53
جوڭگو دۇنيادىكى 28 مەركىزى بانكا بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇش قىلغان. بۇ خەلىق پۇلىنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. روسىيە بىلەن 24مىليارد دوللار قىممىتىدىكى(بۇ يەردە دوللارنى ئۆلچەم قىلىپ پۇل ئالماشتۇرىدۇ ئەمما جوڭگو روسىيەگە خەلىق پۇلى بېرىدۇ روسىيە جوڭگوغا رۇبلى بېرىدۇ. ) پۇل ئالماشتۇرۇشقا پۈتۈشكەن.ئۇندىن باشقا جوڭگو خەلىقئارادا ئالتۇنى كۆپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يۈەننىڭ قىممىتىنىڭ تۇراقلىق بولىشى دوللاردىن ياخشى. يىغىپ ئېيتقاندا جوڭگو پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىدا باشلامچىلىق رولنى ئۆتەشكە ئاز تولا قەدەملەرنى ئالدى. جوڭگونىڭ كەلگۈسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. جوڭگو ئىقتىسادى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئاشقۇسى.
http://www.bloomberg.com/news/2014-12-22/yuan-ruble-swap-shows-china-challenging-imf-as-emergency-lender.html بىرتەرەپتە كۈن چىقسا بىر تەرەپتە كۈن پاتىدۇ دىگەن توغرا ئوخشايدۇ. بىردەمدە كۆرۈلۈپتۇ دوللارنىڭ كۈچى. بىزنىڭ يۇەنمۇ كۈچىنى كۆرسىتىدىغان كۇنمۇ بولۇپ مائاشىمىز ئۆسۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس{:90:} بۇ ئامرىكىنىڭ دەسلەپكى قەدىمى ئەگەر كىلەر يىلى ئۆسۈم قوشسا دوللار تىخىمۇ كۇچىيدۇ..مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغنى يۆتكەپ دوللارغا مەبلەغ سىلىش تۈرتكىسىدە ئالتۇن -كۆمۇشنىڭ ئۆسۈشى بىسىمغا ئۇچراپ يەنە خىلى چۈشىشى مومكىن..
روسنىڭ ھالىمۇ بۇنىڭدىن بەتتەر بولىدۇ ...پۇتىن تىشىدا ھىيىت ئويناپ تەن بەرمىگەن بىلەن دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ..... ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ تاشقى پىرۋۇت زاپىسى ھىچنىمىگە دال بولمايدۇ.....
جوڭگۇنىڭ ئىقتىسادى ھازىر كۈندىن كۈنگە چىكىنىپ .خەلق پۇلنىڭ دوللارغا ئايرىۋىلىنىش نىسپىتى يۇقىرلاۋاتىدۇ....يالغان سان سىفىرلار سۈپەتنى بەلگىلىيەلمەيدۇ...
خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتسە بۇ ئوت ئاخىردا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە تۇتىشى مومكىن...ئەمدىكى قەدەم بۇ كىلۋاتقان كىرزىستىن قانداق ساقلىنىشتا ۋە ئالدىنى ئىلىشتا...
بىزمۇ ئەلۋەتتە ئۇچ كويلۇق ناننى 5 كويغا ئىلىپ يىيىشنى خالىمايمىز...
Gulam615 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:47 static/image/common/back.gif
بىرتەرەپتە كۈن چىقسا بىر تەرەپتە كۈن پاتىدۇ دىگەن توغر ...
مۇئاشنىڭ ئۆسۈشىدىن ھازىرچە ئۈمىد كۈتمەڭ..http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=5857&extra=&page=1 ماۋۇ ھەققانىيەتچى جۇڭگۇ بىلەن روسىيەگە خىلى كۆڭۈل بۆلىدىكەن جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادى ئېشىۋاتامدا؟ ما گەپكە ئاشپەز ناۋايلارمۇ ئىشەنمەيدۇ. بازار بەك كاساتلىشىپ كەتتى. :( بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fayrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 19:23
…………)))((( ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى ئوخشىمىغان پىكىر قىلسا
ئۇلارنى چەتكە قاقساق نامەردلىك بولىدۇ. ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ چىقىشى ناھايتىمۇ نورمال ئىش ،پىكىرى ئوخشىمىغان كىشلەرگە ھۇجۇم قىلىش مەن ئەڭ ئۆچ ،ھەم بىزنىڭ پىكىرىمىزمۇ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمىسا باشقىلار بىزنى شۇ سەۋەب بىلەن چەتكە قاقسا ئادىللىق بولامدۇ؟ مىنىڭچە بۇ نوقتىنى ھەممەيلەن خېلى ئىنىق ئەمىلى ھىس قىلغانغۇ دەيمەن . شۇڭا ئوخشىمىغان پىكىرلەردە ئۆز كۆزقارشىمىزنى ساقلاپ ئوخشاشلىقىمىز
ئۈستىدە بىرلەشسەك تامامەن بولىدۇ. ئەگەر مەن بۇ مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان بولسام ھەي ئاللا بۇرۇن ئاۋۇ ھەقانىيوۋچنى ئۆچۇرۋەتكەن بۇلاتتىم