Bootstrap نىڭ ئۇيغۇرچىسى v3.3.1 نەشرىگە كۆتۈرۈلدى
بۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن twitter شىركىتىنىڭ تور بەت ئىجادىيەت سۇپىسى Bootstrap نىڭ 2- نەشرىنى ئۇيغۇرچە قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئوچۇق كودلۇق تۈرلەرنى ھەمبەھىرلەش تور بىكىتى github تا تارقاتقان ئىدىم. توربەت ياسىغۇچىلار، بولۇپمۇ يانفون تور بېتى ياسىغۇچىلار بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى. يېقىنقى بىر يىلدىن بويان Bootstrapنىڭ ئەسلى كودىدىمۇ نورغۇن ئۆزگۈرۈش، يېڭىلىنىشلار بولدى. نۇرغۇن خاسلىقلىرى ئۆزگەردە. شۇنداقلا ئىشلىتىشكە تېخىمۇ قولايلىق قىلىندى. Bootstrap نىڭ ئورگان تور بىكىتىدىمۇ پايدىلىنىش قوللانمىسىدا ماس ئۆزگىرىشلەر بولدى. شۇ سەۋەبتىن Bootstrap نىڭ كونا نەشرىنى ئىشلەتكۈچىلەر كود بىلەن قوللانما ماس كەلمەيدىغان ئاۋارچىلىققا يولۇقتى.
يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ قېتىم Bootstrap نىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشى v3.3.1 نى ئوڭدىن سولغا يۈنۈلۈشنى قوللايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
ئوڭدىن سولغا يۈنۈلۈشنى قوللايدىغان قىلىندى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قىستۇرۇلدى.ttf,eot,woff,svg ڧورماتىدىكى خەت نۇسخىسى قىستۇرۇلۇپ، google chrome,Microsoft IE, Mozilla FireFox, Apple Safari تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغان قىلىندى. خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئەلكاتىپ تور خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى.
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى.يۇلغۇن تورى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىلدى.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://github.com/Sarwan/bootstrap-uyghur
سىناق ئادرىسى: http://lab.uyghurdev.net/bootstrapuyghur/bootstrap-uyghur-master/Test.html
تەشۋىقات بېتى: http://lab.uyghurdev.net/bootstrapuyghur/default.aspx
تېمىنىڭ ئەسلى ئادرىسى: سارۋان بىلوگى بولسا مۇشۇ رامكىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا ئازراق دەرسلىك ئىشلەپ قويغان بولسڭىز. ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، سىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر. uyghur2014 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 20:32 static/image/common/back.gif
سىز ھىلىقى پىروگىراممىر توربىكىتنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ ياك ...
شۇنداق، مەن شۇ. رەھمەت.ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن!
بەت:
[1]