ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ يەنە باش ۋەزىر بولۇپ سايلاندى
ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﺪﻯ2014-12-24
مەنبە :ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺗﻮرى
ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ 24-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ 24-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ 97-ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 470 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ 328ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺑﯧﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 240 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ 135 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺑﯧﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.
ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﺎﺑﯩﻨﺖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﺎﺑﯩﻨﺖ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻧﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﺎﺑﯩﻨﺖ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﺎﺑﯩﻨﺘﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻳﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻣﺎﭼﯩﻤﯘﺭﺍ ﻧﻮﺑﯘﺗﺎﻛﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﺪﻯ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﺟﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ، ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺩﺍﻓﯘ ﻛﺎﯞﺍﺑﺎﺗﺎ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.
12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ، ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 326 ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ %66 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﯞﻩ ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻧﺎﺗﺴﯘﺋﻮ ﻳﺎﻣﺎﮔﯘﭼﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15-ﻛﯜﻧﻰ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.
ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺰﺍﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ، ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺳﺎﻳﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ 2006-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ، 2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ. 2012-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺪﻩ: ﮪﺎﺟﯩﻢ
مەنبە:http://www.okyan.com/index.php?m=wap&siteid=1&a=show&catid=300&typeid=&id=7555 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dadash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-25 09:04
ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ مۇبارەك بولسۇن دەي دېسەم ۋەتەنپەرۋەرلىك بولمايدۇ، دىمەي دېسەم ئادىمىگەرلىك بولمايدۇ...:lol
ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭنىڭئەمدى بولسىمۇ دۇنيا تىنىچلىقى، رايۇن مۇقۇملۇقىۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئۈچۈن غىت قىسىپ يۈرۈشىنى ئۈمىد قلىمەن...
مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى: ئابى شىنزونى كۆپلىگەن ياپۇن خەلقى قوللايدىكەن،ئۇنىڭ يۈرگۈزگەن قانۇن - سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىدىكەن.
ئابى شىنزو بۇ قېتىملىق ۋەزىپە ئۈتەش مۇددىتىدە قوغدىنىش قىسمىنى ئارمىيەگە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.
يەتتە يىلدىكى يەتتە باش ۋەزىر ئابى شىنزۇ جوڭگۇ خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي باش ۋەزىر بولىۋاپتۇ. مېنىڭچە سايلامدا ساختىلىق بار. نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ياپۇندا باش ۋەزىر تازنىڭ تۇمىقىدەك تولا ئالمىشىدۇ؟ ئابى شىنزو دىسە بېلىق ئارىلى ئىسىمگە كىلىدۇ ،
ھەجەپمۇ غورۇرىغا تەگدى ئابى شىنزۇ ياپۇنىيەنىڭ ھەربى كۈچىنى ئاشۇرىۋاتىدۇ خەۋەر مۇلاھىزىلىدە ئابى شىنزونى ياپۇن خەلقى يەۋەتكىلى قوپتى دەپ بىرىدۇ بولمىسا :o يەنە باش ۋەزىر بوپتۇ مانا {:92:} ئەمدى روسلاردىن ھېلقى ئاراللارنى قايتۇرۋالدىغان ۋاقىت كەلگەندەك قىلىدۇ salambay يوللىغان ۋاقتى2014-12-25 09:45 static/image/common/back.gif
نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ياپۇندا باش ۋەزىر تازنىڭ تۇمىقىدەك تو ...
دىمكۇراتىيە دىگەن شۇ خەلق سايلىسا ئولتۇرىدۇ سايلىمىسا بىرىپ ئشكىنى باقىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا adil621 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-26 09:39
.........................
faxist يوللىغان ۋاقتى2014-12-25 11:52 static/image/common/back.gif
دىمكۇراتىيە دىگەن شۇ خەلق سايلىسا ئولتۇرىدۇ سايلى ...
ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل دەپ ئاڭلىغان ، ئەمما بىر يىلغا بارمايلا قايتا سايلام قىلىدىكەن ، بۇندا قىسقا ۋاقىتتا سايلام ئۆتكەزسە خەلىق بىلەت تاشلاش بىلەنلا ئۆتەمدۇ نىمە ilter يوللىغان ۋاقتى2014-12-25 12:42 static/image/common/back.gif
ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل دەپ ئاڭلىغان ، ئەمما ب ...
خەلىق بىۋاستە سايلىمايدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-25 14:22
بۇ شىن زۇڭكامنىڭبالىسى ئا بى سى دىيەنە نىمە ئۇيۇنلارنى ئۇيناركىن ئەمدى ؟ بۇ ئادەم يەنە قايسى ئاراللارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالار ئەمدى؟ dadash يوللىغان ۋاقتى2014-12-25 08:36 static/image/common/back.gif
ﺋﺎﺑﻰ ﺷﯩﻨﺰﻭ مۇبارەك بولسۇن دەي دېسەم ۋەتەنپەرۋەرلىك بو ...
مەنچە بوغاندا ئەدەمگەرچىلىك مۇھىم:lol ئۇ يېقىنقى يىللاردىنبۇيان تۇنجى قېتىم قايتا سايلىنالىغان باش ۋەزىر ھېساپلىنىدۇ .شۇڭا يامانكەن .:) مارەك بولسۇن.دۈشمىنىنىڭ غەلبىسىگىمۇ كۈلۈشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كەڭ قورساقلىق.. تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس باش ۋەزىرى -شاۋچۈەن چۈن يىلاڭ..
گازىر كۆز، ئۇزۇن چاچ.........
بەت:
[1]
2