waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 22:04:28

تەڭرىتاغ كوماندىسى چوڭ نۇمۇر بىلەن شاڭخەي كوماندىسىنى يەڭدى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە ئۈچۈنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا،  شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى غۇللۇق ئەزالار مەيدانغا چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا سىباستئان تېلفىر  20 نومۇر،  4 قېتىم ياردەمچى پاس چىقىرىشى ۋە بەش ئەزانىڭ قوش خانىلىق نومۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 102-82 نەتىجە بىلەن رەقىبى شاڭخەي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقەتەڭرىتاغ كوماندىسىغا نىسپەتەن قىيىنچىلىق مەزگىلى بۇلۇپ لىيۇۋىي، سۇۋىي ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ يارلىنىپ سەپتىن چۇشۇپ قالدى، شىرئەلىجان ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدىكى قول ئىشارىتى سەۋەبىدىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىپ مەيدانغا چىقالمىدى، تەڭرىتاغ كوماندىسى مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ئەھۋالدىمۇ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇردى.
    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 18 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  20 نومۇرئالدى،  4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 16 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  قىرانبېك ماقان 15 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ تاڭجىڭدۇڭ 19 نومۇر،5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ساۋفىي  8 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لىيۇشۇنەن 6 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى .
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى  داۋاملىق مىھمان مەيدانىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى چوڭ نۇمۇر بىلەن شاڭخەي كوماندىسىنى يەڭدى