[تەرجىمە فىلىم] تېۋىپ ئىبنى سىينا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-24 21:30بۇ ئەلى سىينا
ئەسلىي نامى:- بو على سينا
ئۇيغۇرچە نامى:- بۇ ئەلى سىينا
خەنسۇچە نامى:- 伊本·西拿
ئېنگىلىزچە نامى:- AVICENNA
ئىشلىگەن دەۋلەت:- ئىران
ئىشلىگەن ۋاقتى: 1984-يىلى
تىلى:- پارسچە
خېتى:- ئۇيغۇرچە
تۈرى:- تارىخىي، ھېكايە
ئۇزۇنلۇقى: 1 سائەت 48 مىنۇت 58 سىكۇنت
يازغۇچىسى ۋە رېژىسسورى:- كېيھان رەھگوزار
مونتاژ:- مەقسۇد قائېم
كومپوزىتور:- فەرھاد فەخرېددىنىي
گېرىمچىك:- ئەمىر ئېسكەندەرىي
ئوپېراتور:- فەرروخ مەجىدىي
روللاردا: ئىبنى سىينا:- ئەمىن تاروخ
سولتان مەھمۇد غەزنەۋىي باش ئەلچىسى:- فىيرۇز بېھجەت موھەممەدىي
پارس ئەمىرى نۇھ ئىبنى مەنسۇر سامانىي:- ئېسمائىل مېھرابىي
نۇھ ئىبنى مەنسۇرنىڭ ئوتتۇرانجى ئوغلى:- چەنگىز ۋوسۇقىي
ئالى زىيار ئەمىرى قابۇس ۋوشمگىر:- ئېنايەت بەخشىي
جەمشىد لايېق ۋە ھاكازا.
مەزكۇر فىلىم 1984~1985-يىللىرى كېيھان رەھگوزارنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مەشھۇر دانىشمەند، پەيلاسوپ، دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە ھەكىم ئەبۇ ئەلى سىينانىڭ ھاياتىي پائالىيىتى تەسۋىرلىنىش بىلەن بىللە، ئەينى دەۋردىكى ئىران مەملىكىتىنىڭ ئىچكىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوشنا ئەللىرى بىلەنكى مۇناسىۋەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي ھېكايە فىلىم. ئىشلىتىلگەن فىلىم ھۆججىتىنىڭ ئۈن سۈپىتى تەلەبكە لايىق ئەمەسلىگى، ھەم كەسبىي تىل مىقدارىنىڭ كۆپراق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، تەرجىمىسىدە گاھ نۇقسانلارنىڭ مەۋجۇد بولۇشى تەبىئىي. ھەمساۋاقلارنىڭ تولۇقلاش ۋە تۈزۈتۈش ھەققىدىكى سەمىمىي پىكىر-تەكلىپلىرى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش: مەزكۇر فىلىم پەقەت تىل ۋە تارىخقا نىسبەتەن ئىشتىياق يۈزىسىدىن، سىناق ئۈچۈن كۆرۈشكىلا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، فىلىمنىڭ بارلىق ھوقۇقى فىلىمنى ئىشلىگەن ئورۇنغا مەنسۇب. ھەرقانداق شەخس ياكى ئورۇن تەرىپىدىن سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىلسە، ۋە ياكى ھەرقانداق ۋاسىتىلەر بىلەن نامۇۋاپىق پايدىلىنىپ، سەلبىي ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، تامامەن شۇ كىشى ياكى شۇ ئورۇن ئۆزىلا مەسئۇل بولىدۇ. چۈشۈرگەن بولسىڭىز 24 سائەت ئىچىدە يۇيىۋېتىڭ.
فىلىمغا دائىر سۈرەتلەر:
بىۋاسىتە كۆرۈش:
http://v.youku.com/v_show/id_XODU1Njc4NzA0.html
نورمال قويۇلمىسا بۇ ياقتىن كۆرۈڭ سۈزۈك نوسخىسى يوقما چۈشۈرۈپ كۆرىدىغانغا ؟
كەسمە كۆرۈنۈشتە تۈز خەت تۇرىدۇ. يوۋكۇدا ئاچسام باشقا خەت نۇسقىسى چىقىۋاتىدۇيا.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 08:58
نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، گېرمانىيىدە ئىشلىگەن سىرلىق تىۋىپ (the physician)ناملىق بىر كىنونى كۆرگەن، خېلى تەسىرلىك ئىشلەپتىكەن .
ئەسلى ئىسمى ‹ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا› ئىدىغۇ. ئۈچۈرلۈپ كەتتىمۇ نىمە ؟ ھەئە،بىزمۇ شۇنداق ئۆگەنگەن تىبابەتتە.ئىسمى ‹ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا› ئىدىيا،قېنى كۆرۈپ چىقاي بۇفىلىمنى! pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 08:53 static/image/common/back.gif
نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، گېرمانىيىدە ئىشلىگەن سىرلىق تىۋ ...
بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈش ئادرىسىنى يوللىۋەتسىڭىزچۇ؟ sad~da يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 10:00 static/image/common/back.gif
ئۈچۈرلۈپ كەتتىمۇ نىمە ؟
نورمالكەن. باشقا تور كۆرگۈدە ئېچىپ بېقىڭ. xarifa يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 10:04 static/image/common/back.gif
بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈش ئادرىسىنى يوللىۋەتسىڭىزچۇ؟
http://xunleihao.com/oumeidianying/shenyi_dianying_.html ياخشى كىنو ئىكەن ، ئۆزىڭىز پارىسچىدىن تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ ؟ مەن يەنە بىرسىنى كۆرۈپتىكەنمەن.
ئىسىم مەسىلىدە مەنچە خاتالىق يوق، بۇئەلى، ئەبۇ ئەلى سىينا ، ئىبىنسىنا ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا دېگەندەك تۈرلۈك ناملاردا ئاتىلىپتىكەن. سامانىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىمىدى؟
تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى قىسقىچە سۆزلەپ بەرساڭلار pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 08:25 static/image/common/back.gif
سۈزۈك نوسخىسى يوقما چۈشۈرۈپ كۆرىدىغانغا ؟
فىلىمنىڭ ئىشلەنگەن يىل سانىغا قاراڭ. مۇشۇم نۇسخىسىمۇ تەستە قولغا كەلدى. pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 08:53 static/image/common/back.gif
نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، گېرمانىيىدە ئىشلىگەن سىرلىق تىۋ ...
باشقا دۆلەت ئىشلىگەن بولغاچقا ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا ئۆرۇپ ئادەتلەرنى بەكلا خۇنەكلەشتۇرۋىتىپيتۇ.
ئۇلارنىڭ قىرغىن قىلىشى ئادەمنى بىرخىل قىلىپ قويىدىكەن.
SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 12:45 static/image/common/back.gif
فىلىمنىڭ ئىشلەنگەن يىل سانىغا قاراڭ. مۇشۇم نۇسخىسىمۇ ...
يەنىلا كونا ئىشلىگەنلىرىگە يەتمەيدۇ.
ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن كىلاسسىك فىلىم بۇ
رەخمەت مەن كۆرۇپ باقاي. بۇ كىنونى ھازىر تولۇق كۆرۈپ بولدۇم ، كىنودا ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنانىڭ بالىلىق ۋاختىدىكى زېرەكلىكى، ئىلىم ئەھلىگە خاس قەيسەرلىكى ، ئىلىم ئۈچۈن پىداكارلىقى ياخشى ئىپادىنلىپتۇ، كىنونىڭ مۇزىكىسىمۇ ياخشى ئىشلىنىپتۇ،
تېما يوللىغۇچى سياۋۇشنىڭ بىزنى مۇشۇنداق قىممەتلىك بىر تارىخي كىنو بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىغا كۆپ رەھمەت،
مۇمكىن بولسا پارىس تىلىدىكى يەنە باشقا بىز ئۇچراشمىغان كىنو-فىلىم ۋە ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ يوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ئۇيغۇرچە خەتلىكنى كۆرگىلى بولمىدى. مەنبەدىن ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ.
ئاستىدىكىنى چۈشۈرۈپ بولدۇم. كۆرىۋاتىمەن... بولىدىغاندەكمۇ تۇرىدۇ...:) Aqsu يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 14:53 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە خەتلىكنى كۆرگىلى بولمىدى. مەنبەدىن ئۆچۈرۈلگە ...
مەنبەدىكى ساقكەن. تور كۆرگۈڭىزنى يەڭگۈشلەپ بېقىڭ. SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:20 static/image/common/back.gif
مەنبەدىكى ساقكەن. تور كۆرگۈڭىزنى يەڭگۈشلەپ بېقىڭ.
سىزمۇ كورۇك ئەپەندىمگە ئوخشاش بىر تەرجىمە كىنو توربىتىگە كۇچەپ بىقىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا بارىكاللا ئالدىنقى قىتىم يوللىغان سەپەردارلارنى تاپالمىدىم قانداق كورەلەيمەن .
بەت:
[1]
2