kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:18:28

چاشىيەن ئالاقە تور خەرىتىسىدىن 9سائەت يۇقاپ كەتتى

كورىيە بىرلەشمە ئاگنىتلىقى :چاۋشىيەن ئالاقە تورى 23-دېكابىر سەھەردە پالەچ ھالغا چۇشۇپ قىلىپ ،تور بىر مەزگىل ئۇلانمايدىغان ھالەتكە چۇشۇپ قالدى ،دەپ خەۋەر قىلغان .ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئالاقە تورى تىجارەت كارخانىسى dynrsearchشۇ كۇنى ئەتىگەندە چاۋشىيەن ئالاكە تورىنىڭ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ،بۇ قىتىمقى تور ئۈزۈلىشنى ئامېرىكا ئۆزى بىر قوللۇق قىلغانمۇ ؟توك ئۈزلۇپ قالغانغا ئوخشاشمۇ ؟SONYخاككېرلىرى ئامېرىكىنى خاپا قىلىپ قويغانلىقتىن ئامېرىكا ئاچچىقىدا تورنى ئېتىۋەتكەنمۇ؟دۆلەت ئېچىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا خادىملىرى مۇنداق دېدى .سىز ئاتالمىش ئالاقە تورىنى بىر ئۆمۇچۇك تورى دەپ تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز ،بۇلىدۇ .بۇ تورغا نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەر ئۇلانغان ،ئامېرىكىنىڭ بۇ تورنى ئېتىۋىتەلىشى مومكىن ئەمەس ،لېكىن خاككېرلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغىنى چاۋشىيەننىڭ سىرىت بىلەن ئۇلانغان چاتقۇچىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ،چاۋشىيەننىڭ سېرىتنىڭ تورىنى زىيارەت قىلدىغان سانلىق مەلۇماتىنىڭ يوللانماسلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش .خاككېرنىڭ ئۇسسۇلى كۆپ مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاپ ئۇلاش ئېغىزىنى تۇسۇپ قۇيۇش ،ئەلۋەتتە ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۇسسۇلدا ھۇجۇم قوزغاش مومكىنچىلىقى بار .شۇ يەر ۋاقتى 23-دېكابىر سەھەر سائەت ئىككىلەردە چاۋشىيەن ئالاقە تورى پۇتۇنلەي پالەچ ھالغا چۇشۇپ قالغان ،تور 9سائەتكە يىقىن ئۈزلۈپ قالغاندىن كىيىن ئەسلىگە كەلگەن ،لىكىن بۇنىڭدىن كىيىن تورنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدەك ئەھۋالنىڭ يەنە كۈرلۈشىنى بىر نىمە دىمەك تەس .بۇ كارخانىنىڭ ئالاقە تورى ئانالىز مۇتەخخەسسى دوگ مادۇلى ئامېرىكا بېرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا :ئۇنىڭ ھۆكۇم قىلىشچە ،بۇ قىتىم چاۋشىيەن تورىنىڭ ئۈزلىشى ئىككى خىل سەۋەپتىن كىلىپ چىققان ،بىرىنچىسى روتېرنىڭ كاشىلىسى ،ئىككىنچىسى تور ھۇجىمىغا ئۇچىراش ئېكەنلىكىنى ئېيىتقان ،
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارغاندا بەزى تەھلىللەردە كۆرسۇتىلىشچە ؛ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 20-دېكابىر SONY شېركىتىنىڭ خاككېرنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچىراش ۋەقەسىگە «مۇۋاپىق جاۋاپ قايتۇردىغانلىقى»نى بىلدۇرگەن .بۇنىڭدىن كىيىن چاۋشىيەننىڭ تورئۈزۈلۈش ھادىسى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ،ئامېرىكىنىڭ «ئۆچ ئېلىش »ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان بۇلۇشى مومكىن ئېكەن ،ئامېرىكىنىڭ كارخانىلارنى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيلىشىنكە يىتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل يەنە بىر شىركىتى «ئاربور توى »ئۆزلىرىنىڭ چاۋشىيەننىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرنى نىشانلىغان مۇلازىمەتىنى ئۈزۋېتىش ھۇجۇمىنى ئۆلچەپ تەكشۇرگەنلىكىنى بۇ ھۇجۇمنىڭ 20-دېكابىردىن 22دېكابىرغىچە داۋاملاشقانلىقىنى ئېيىتقان ،بۇ ھۇجۇم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مەلۇم بىر كومپىيوتۇرغا زىچ توپلانغان «مۇلازىمەت رەت قىلىش »تەلپىنى يوللاپ .نۇرغۇنلىغان تور مەنبەلىرىنى ئېگەللىۋېلىش ئارقىلىق ،تورنى پالەچ ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قۇيۇش مەقسىتىگە يېتشتىن ئىبارەت.

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:26:24

بۇنداق بولغاندا چاۋشىيەن  ھۆكۈمىتىگە قانداق پايدىسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:28:13

چاۋشىيەنلىكلەر ئۈندىدار ئوينىيالمايدۇ

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:40:51

دۆلەت سىرتىدا ئىتىۋالسا ئىچىدە ئۇلاپ ئىشلىتىۋەرسە بولىدىغان قىلىپ قۇيسا ھە.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:52:43

izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 18:40 static/image/common/back.gif
دۆلەت سىرتىدا ئىتىۋالسا ئىچىدە ئۇلاپ ئىشلىتىۋەرسە بول ...

بىزنى دەۋاتامسىز؟

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 01:05:17

ئامىرىكىنىڭ ھەرقانداق رايۇندىكى ئىنتېرنىتنى توسۇپ قۇيۇش ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. دۆلەت ئىچىدىكى مۇتەخخەسسىس جىق ئىچىۋالغاندەك قىلىدۇ{:92:}

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 17:58:09

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 18:52 static/image/common/back.gif
بىزنى دەۋاتامسىز؟

چاۋشەن(شىمالى كورىيە)نى دەيمەن.تورمۇ ئەجەپ بولىدىكەن.تورنى بىۋاستە كۇنتۇرۇل قىلىۋالغىلى بولسا دەيمەن.مەسلەن ئىككىمىز خۇشنا بولسا سىزنىڭ توكىڭىز ئۆچۈپ قالسا مىنىڭ يۇرىۋەرسە دەيمەن.لىكىن توك ماتۇرى ھەممە ئۆيدە بولىۋەرمەيدۇدە.
بەت: [1]
: چاشىيەن ئالاقە تور خەرىتىسىدىن 9سائەت يۇقاپ كەتتى