روسىيەنىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپىسى
روسىيەنىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپىسى كېلەر يىلى 350 مىلىيارد دوللارغا چۈشۈپ قالىدۇ
(Renaissance Capital) گۈللىنىش كاپىتالىنىڭ ئانالىزچىسى ئولىگ كوزمىن ۋە چارلىس روبېرتسون 23- دىكابىر سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر نۇسخا دوكىلاتىدا، ناۋادا غەرب دۆلەتلىرى روسىيەگە قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى ساقلاپ قالسا روسىيەنىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپىسى كىلەر يىلى 350 مىلىيارد دوللارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، 2016-يىلى مۆلچەردە داۋاملىق چۈشۈش 300 مىلىيارد دوللارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر ھەپتىدە روسىيەنىڭ تاشقى پېرىۋوت ۋە ئالتۇن زاپىسى 414 مىلىيارد 600 مىلىيون ئىكەن. گەرچە بۇ ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرىدىكى 509 مىلىيارد 600 مىلىيون دوللاردىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا روسىيەنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ئېمپورت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، بۇ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى دەپ قارالغان ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتكەن.
گۈللىنىش كاپىتالىنىڭ دوكىلاتىدىن قارىغاندا، گوروھلار ئارىسىدىكى قەرزنى قايتا تەكرار ھېسابلىغانلىقتىن، ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان روسىيە كارخانىسى، بانكا 2015-يىلى قايتۇرىدىغان 119 مىلىيارد دوللار تاشقى قەرز سانلىق مەلۇماتى بەلكىم يۇقىرى مۆلچەرگەنگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمىلىي پۇل سوممىسى 75 مىلىيارد دوللارغا يېقىنلىشىدىكەن.
بۇ ئانالىزچى دوكىلاتىدا، روسىيە باشقا يول ئارقىلىق تاشقى قەرزنى قايتۇرىدۇ، پەقەت نېفىت باھاسى ھەر تۇڭى 50 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسىلا، روسىيەنىڭ دائىملىق ھېساباتىدا ئوڭ پەرق كۆرۈلىدۇ، روسىيە بانكىسى يەنىلا 40-70 مىلىيارد دوللار ساپ مەبلەغكە ئىگە بولىدۇ دەپ يازغان.
روسىيە ئەمەلدارلىرى تاشقى پېرىۋوت زاپىسىنىڭ زىيادە تېز خوراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، ئەكىسچە سىرتقى ساھەدىكىلەر روسىيەنى كىلەر يىلى ئىقتىساد چېكىنىش قاينىمىغا كىرىدۇ دەپ مۆلچەرلىمەكتە. روسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى 2008-2009-يىلىدىكى ۋاقىتتىكىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا روسىيەنىڭ تاشقى پېرىۋوت زاپىسىنىڭ كۆلىمى 600 مىلىيارد دوللار بولۇپ، تاشقى قەرز ۋە جامائەت قەرزىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئاشقان.
گۈللىنىش كاپىتالىنىڭ دوكىلاتىدا دېيىلىشىچە، رۇبىلىنىڭ قىممىتى چۈشكەندىن كېيىن روسىيە قايتا زور مىقداردىكى تاشقى پېرىۋوت زاپىسىنى ئىشلىتىپ رۇبلىنى قوغداشنى ئويلاشمىغان.
گۈللىنىش كاپىتالىنىڭ مۆلچەرىچە، روسىيە مەركىزىنىڭ بانكىسىنىڭ ھەريىلى قەرز قايتۇرۇشنى قوللاش ۋە رۇبلىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىدىغان تاشقى پېرىۋوت سوممىسى 30 مىلىيارد دوللاردىن ئاشمايدىكەن.
روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئالدىنقى ھەپتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، روسىيەنىڭ قىممىتى 415 مىلىيارد دوللارلىق تاشقى پېرىۋوت زاپىسىنىڭ كىرزىسقا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى، ئەمما يىنىكلىك بىلەن ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسيەنىڭ ئامالى بوپ قالا بولمىسا يەنە بىر قانچىگە پارچىلىنىپ دۇنيادىكى دولەت سانى كۆپىيدۇ شۇ {:92:} بىر دۆلەتنىڭ تاشقى پىرۋورت زاپسى قانچە بولسا بولار.يا بۇ ئىنىق بەلگىلەنمىگەنمۇ. مىنىڭچە بۇ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىق بىلگەيتىسنىڭ بايلىقى 81000000000 دوللار ، يەنى 81 مىلىيارد دوللار ئىكەن بەلكىم ئامېرىكا ۋە ياۋروپا رۇسىيەنىڭ ئاشۇ تاشقى پىرۋوت زاپىسىنى ئىشلىتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندۇ. ئەگەردە ئىشلىتىپ قالسا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ماس ھالدا يەنە ھۇجۇم پىلانىنى يۈرگۈزىشى مۇمكىن. رۇسىيەمۇ تاشقى پىرۋوت زاپىسىنى ئاسانلىقچە ئىشلەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئۆزى بىر توزاق بولۇشى مۇمكىن. نۇر تورىدىكى ئادېرىسى مانا، بىر تال چېكىتمۇ كەم ئەمەس
http://www.nur.cn/news/2014/12/200365.shtml مەنبە ئەسكەرتىلمىسە بۇ ئوغرىلىق بولىدۇ.
بەت:
[1]