kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:10:58

سىنوۋدىن روسىيىدە قىز دوستى بىلەن ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرمەكتە


جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرى، خەۋەر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 23-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى ئىدۋارد سىنوۋدىننىڭ ئادۇۋكاتى ئاناتولى كۇچىلىيېنا (Anatoly ▪ Kuqieliena) ئالدىنقى كۈنى روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، سىنوۋدىن روسىيىدە ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر خىزمەت تاپقاندىن باشقا يەنە تېخى دوستلىرى بىلەنمۇ نورمال ئالاقىلىشىۋاتىدۇ.
ئاناتولى كۇچىلىيېنا مۇنداق دېدى:«سىنوۋدىن ئۆزىنىڭ كەسپى IT كەسپى بىلەن بىلەن شۇغۇلىنىۋاتىدۇ، يەنى ئۇ مەلۇم بىر شىركەتتە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ دائىم دېگۈدەك كوچىلارغا چىقىپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالىدۇ. سىنوۋدىننىڭ يەنە ئۆزىنىڭ ئايرىم بانكا ھېسابات نومۇرىمۇ بار، ھازىر ئۇنى قوللايدىغان كىشىلەر ئۇنى مەبلەغ ۋە ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.»



سىنوۋدىننىڭ شەخسى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا ئاناتولى كۇچىلىيېنا مۇنداق دېدى، سىنوۋدىن موسكىۋادىكى خىزمەتداش ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە روژدېتسىۋو بايرىمىنى ۋە يېڭى يىلنى كۈتىۋالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ ھازىر يالغۇز ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئۆزى خالايدىغان ۋە يېقىن ئۆتىدىغان دوستلار چەمبىرىكىنى قۇرۇۋالدى. ئۇندىن باشقا سىنوۋدىن دۇنيادىن بىخەۋەر ھالدا يالغۇز ياشىمايۋاتقان بولۇپ، روسىيىدە ئۆز ئالدىغا ئالاقە ئورنىتىشى ئۇنىڭ خىزمىتى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئۇ يەنە ئايرىم بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسى دوستلىرى بىلەن، قىز دوستى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ.
سىنوۋدىن 2013-يىلى 6-ئايدا «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» ۋە «قوغدىنىش گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ توردا پۇقرالارغا قارىتا نازارەت ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى مەخپى ماتېرىياللارنى ئاشكارلىۋەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن روسىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان ئىدى. 2014-يىلى 8-ئايدا سىنوۋدىن روسىيىدە ئۈچ يىل تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:14:32

ئۆزىنىڭ شەخسى دوستلىرى بىلەن، قىز دوستى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ.:lol  سىنوۋدىننىڭ روسىيىگە كېلىۋىلىشى بىلەن تەڭ روسىيىنى نەس باستىغۇ

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:22:33

بۇ گۇي ئامېركىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتامدۇ  ياكى  ئامېركىنىڭ  ئۇيۇنىمۇ  تېخى

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:52:06

شەخسىي دوستى دېگەن قىززىق گەپكەنغۇ ،بۇ گەپنىڭ تەتۈرى نېمە دىيىلىدۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:03:21

ER518 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 18:52 static/image/common/back.gif
شەخسىي دوستى دېگەن قىززىق گەپكەنغۇ ،بۇ گەپنىڭ تەتۈرى ن ...

خۇتۇننى شىركەتكە ئەمەس ئۆزىگە ئالىدۇ -شۇ...
خۇتۇن ئالغان پۇلنىمۇ شىركەت چىقىمىغا قۇشۇپ ھىساپلايدىغان ئەخمەق پىنگىۋىنلارمۇ بار...

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:13:01

ما سىنوۋدىن دېگەن بالىنىڭ ئا پالانىچى بىلەن ئىككەيلەن شېرىك ئاغىينە بوپ قويمايلىما دەپ بىرەرسى بىلەن شېرىكلەشكەن ئاغىينىدارچىلىقلىرى بار چېغىۋا شەخسىي دوستى دەپ ئايرىم ئەسكەرتىش بەرگەنگە قارىغاندا:lol:lol

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:19:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ER518 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 19:21  

تەرجىمىدە سۆز ئىشلىتىشكى مەسىلىمۇ يا ئەسلى خەۋەردىمۇ شۇنداق بولغىيمىتى؟
ئۆتكەندە قانۇن -پۇقرا پىروگىراممىسدا بىر قاتىللىق دېلوسى توغرۇلۇق دېلو ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ پالانىچى ئاينىڭ پالانىچى كۈنى خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش تېلىفونى ئۇشتۇمتۇت ئەنسىز سايراپ كەتتى دەيدۇ ،خۇددى ج خ ئىدارىسىنىڭ تېلىفونى قاتىللىق دېلوسىنى مەلۇم قىلىدىغان تېلىفون كەلسە ئەنسىز،باشقا تېلىفون كەلسە رومانتىك ،مۇڭلۇق سايرايدىغاندەك{:101:}{:101:}

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:27:34

بۇ گۇي توردا پۇل يۇيىۋاتامدىكى

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:55:26

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 18:14 static/image/common/back.gif
ئۆزىنىڭ شەخسى دوستلىرى بىلەن، قىز دوستى بىلەن كۆرۈشۈپ  ...

بارچە نەس بېسىشلا شۇنىڭدىن باشلىنىۋاتىدۇ دىمىسىمۇ:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 22:27:27

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 19:27 static/image/common/back.gif
بۇ گۇي توردا پۇل يۇيىۋاتامدىكى

مۇشۇ توردا پۇل يۇيۇش دەپ بەك جىق ئاڭلاپ كەتتىم، بۇ پۇل يۇيۇش دىگىنى نىمە دىگەن گەپ ئۇ زادى.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 22:49:09

نۇر تورىنىڭ تەرجىمىلىرى دەۋىر بۆلگۈچ خارەكتېرگە ئىگە {:92:}
http://www.nur.cn/news/2014/12/200230.shtml

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 11:36:07

ئامرىكا  روسيەنىڭ  بېقىنىغا گۈچ گۈچ قۇيۇشىغا نىم دەپ  جاۋاپ قايتۇراكى دىسەم، روسيە سىنۇدىننى چىقىرىپ شەپە بەرگىلى تۇرۇپتۇ...قايسى باشقۇرلدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلىۋاتامتى نىمە؟....نىمە قىلشساڭ قىلىشە ...

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 17:03:46

Tugrul يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 22:27 static/image/common/back.gif
مۇشۇ توردا پۇل يۇيۇش دەپ بەك جىق ئاڭلاپ كەتتىم، بۇ پۇل ...

ھارام پۇلنى ھالاللاش، يەنى قانۇنسىز تاپاۋەتنى قانۇنلۇق تاپاۋەتكە ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئاددى مىسال: بىر ئەمەلدار بەش مىليۇن پارە ئالدى، سىزگە بەش مىليۇنلۇق لاتارىيە مۇكاپاتى چىقتى. بۇ چاغدا ئاۋۇ ئەمەلدار پارە بەرگۈچىنىڭ قولى ئارقىلىق سىزدىكى مۇكاپات چىققان لاتارىيە بىلىتىنى سېتىۋالىدۇ، ئاندىن مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش ئورنىغا بېرىپ ئوچۇق - ئاشكارە ھالدا ئاۋۇ بەش مىليۇن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالغان پارە قانۇنلۇق تاپاۋەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. مۇشۇنداقراق چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 23:34:48

ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ ئويۇنى تېخى ئالدىمىزدا ئوخشايدۇ.
بەت: [1]
: سىنوۋدىن روسىيىدە قىز دوستى بىلەن ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرمەكتە