kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:08:51

بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى

بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى
     بۇ تەبىئيتى ھۆل سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئېستىمال قىلىش، بەدەننى سوۋۇتقۇچى توڭ مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇز، يەل-يىمشلەرنى كۆپ ئېستىمال قىلىش، پېۋا قاتارلىق تەبىئىيتى ھارارەتنى تۆۋەنلەتكۈچى ئىچىملىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىچىش، سوغۇق سۇغا كۆپ چۈشۈش ۋە زەي جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەشتىن پەيدا بولىدىغان كىسەللك بولۇپ، باش ئېسىلىپ ئاغرىش ياكى قېيىش، مۇسكۇللار، پەيلەر بوشېشىپ كېتىش، ھەرخىل سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، ئۇيقۇ كۆپ، بەدەن ئىغىر ھەم ماغدۇرسىزلىق كۆرىلىىپ، روھى جەھەتتىن خامۇشلىشىپ، ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماس بولۇپ قىلىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش:
1- رېتسىپ:
پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ، بابۇنە يېغى ياكى گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ، ماڭلايغا چاپسا، بەلغامدىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
2- رېتسىپ:
تامىقىغا نوقۇت سۈيى، دارچىن، زەنجىۋىلگە ئوخشاش ئىسسىقلىق دورا سېلىپ، قىيما شورپىسى قىلىپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا داۋا بولىدۇ.
3- رېتسىپ:
ھەسەل بىلەن تەييارلانغان سېركەنجىۋىلدە ئاغىزىنى چايقاپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
گۇل بابۇنەنى قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا گۇل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، باشنى يۇيۇپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5- رېتسىپ:
يەسىمەن يېغىنى باشقا سۈركەپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
6- رېتسىپ:
قۇندۇز قەھرى، مەرزەنجۇشلارنىڭ سۇدا ئىزىپ بۇرۇنغا تېمىتسا، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7- رېتسىپ:
نوقۇت، ئوغرى تىكەن شېرنىسىنى پىشۇرۇپ يېسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
8- رېتسىپ:
بەدەننى جۆيۈز، زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، دارچىن، سۇمبۇل، گۇلسۇرۇخ قاتارلىق دورىلارنىڭ قايناتمىسى بىلەن يۇيۇپ بەرسە ۋە بۇلارنى دەملەپ، كۈندە 1-2 قېتىم ئىچىپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
9- رېتسىپ:
زەنجىۋىلنى سوقۇپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، باش ۋە پىشانىسىگە زىمات قىلسا، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
10- رېتسىپ:
ئىپار، ئەنبەر، يەسىمەن گۈلى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى تىپىلسا، ئۇنى پۇرىسا ياكى ئۇلارنىڭ ياغلىرىدىن بىرەرىنى تىپىپ بىشىغا سۈركىسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 19:00:45

پايدىلىنىش قىممىتى بار رىتسىپلا ئىكەن. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !!
بەت: [1]
: بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى