kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:01:15

چاچ – ساقال ئاقىرىش ۋە ئۇنى داۋالاش

چاچ – ساقال ئاقىرىش ۋە ئۇنى داۋالاش


بۇ، بىمارنىڭ چاچ ۋە ساقاللىرىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاقىرىپ كېتىشىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئەگەر بىمارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولسا، ئېغىزى قۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇق بولىدۇ، ئۆزى ئۇرۇق بولىدۇ.
【داۋالاش】
بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىقلار.


- شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ شىفائۇل قۇلۇپ(قەلبلەر شىپاسى)›› ناملىق ئەسەردىن


http://koknur.net/   توردىن

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:02:00

سىناپ باقايچۇ

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:02:55

چاچ – ساقال چۈشۈپ كېتىش ۋە ئۇنى داۋالاش


بۇ، بىمارنىڭ چاچ ۋە ساقاللىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئەگەر قاندىن بولسا، چاچ ۋە ساقال چۈشكەن ئورۇن قىزىل بولىدۇ. ئەگەر سەپرادىن بولسا سېرىق بولىدۇ، بەلغەمدىن بولسا ئاق بولىدۇ. سەۋدادىن بولسا قارا بولىدۇ.
【داۋالاش】
بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا ياۋا پىياز سۈركەپ بېرىلسە بولىدۇ.


- شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ شىفائۇل قۇلۇپ(قەلبلەر شىپاسى)›› ناملىق ئەسەردىن

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:03:15

چاچ – ساقال يېرىلىش ۋە ئۇنى داۋالاش


بۇنىڭدا ئاساسلىقى، بىمارنىڭ چاچ ۋە ساقىلىنىڭ ئۇچى يېرىلىپ(چېچەكلەپ) كېتىدۇ. ئەگەر مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولسا، ئېغىزى ۋە بۇرنى قۇرۇق بولىدۇ.
【داۋالاش】
شېكەرنى گۈلخەيىرنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ، چاچ ۋە ساقالغا سۈركەپ بەرسە بولىدۇ.


- شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ شىفائۇل قۇلۇپ(قەلبلەر شىپاسى)›› ناملىق ئەسەردىن

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:03:28

چاچ – ساقال چىگىلىشىپ قېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش


بۇنىڭدا ئاساسلىقى، بىمارنىڭ چېچى ۋە ساقىلى چىگىلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولسا، ھۆل سۇغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەر مەنپەئەت قىلىپ، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك نەرسىلەر زىيان قىلىدۇ.
【داۋالاش】
بادام يېغىنى ئىسپىغۇل لوئابى بىلەن قوشۇپ، چاچقا سۈركەپ بېرىلسە بولىدۇ.


- شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹ شىفائۇل قۇلۇپ(قەلبلەر شىپاسى)›› ناملىق ئەسەردىن

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:04:53

ئىكران تېۋىپ(داۋالاش مۇتەخەسىسى) سىستىمىسى



ئىكران تېۋىپ(داۋالاش مۇتەخەسىسى) سىستىمىسى- تىبابەت مۇتەخەسىسى (تىۋىپ، دوختۇر) لىرىنىڭ كىسەل كۆرۈش،دىئاگنوز قۇيۇش، رىستىپ يېزىش، داۋالاش تەجىربىلىرىنى كومپىيوتېر يۇمشاق دېتالى بىلەن مەشغۇلاتلىق قۇرۇلمىلاشتۇرۇپ كومپيۇتېردا ئىجرا ئىجراسى بىلەن بىمارنىڭ كىسىلىنى كۆرۈپ دىئاگنوز قۇيالايدىغان ۋە داۋالىيالايدىغان كومپيۇتېر يۇمشاق دىتالىنى كۆرسىتىدۇ. قوللىنىلغان تىبابەتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىكران تېۋىپ سىستىمىلىرىنىڭ كىسەل كۈرۈش داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھازىر قولىنىلىۋاتقان ئىكران تىۋىپ سىستىمىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى غەرىپ تىبابىتى  ئىكران تىۋىپى سىستىمىسىدىن ئىبارەت. مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنىڭ ئاساسى دوختۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەجىربىلىرى يەكۈنلەنگەن بىلىم ئامبىرى  بولىشى كىرەك. داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىغا سۈنئى ئەقىل- پاراسات تېخنىكىسىنى تەدبىقلىغاندا ئۆگۈنۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق بىلىم ئامبىرىنى تېخىمۇ بېيىتقىلى، بىمارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن تېخىمۇ ئىلمى دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىلىرى ئاساسەن مەلۇم بىر كىسەللىك ياكى مەلۇم بىر چوڭ تۈردىكى كىسەللىك كاتىگورىيەسىگە تەۋە كىسەللىكلەرنى داۋالايدىغان داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىلىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن :  «جىگەر كىسەللىكلىرى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى، نەپەس يوللىرى كىسەللىكلىرى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى،يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى، شەقىقەنى داۋالاش ئۇيغۇر تىبابەت مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى» قاتارلىقلار.



داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى



داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى كومپيۇتېرنىڭ كىرگۈزۈش-چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىلىكتىرونلوق ئۈسكۈنىلەر كومپيۇتېرغا بىۋاستە ئۇلىنىدۇ ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كومپيۇتېرغا ۋاستىلىك ھالدا كىرگۈزىلىدۇ. تاۋۇش بىرىكتۈرۈش، تاۋۇش پەرىقلەندۈرۈش ئۇسىلى بىلەن بىماردىن سوئال سوراپ، جاۋاپ ئېلىپ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئىگەللەيدۇ. تېلىكامىرا ۋە باشقا سىزىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق بەدەن ئەھۋالى ۋە جاراھەتكە نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئېرىشىلگەن جاۋاپ ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قۇرۇلمىلاشقان سانلىق ۋە لوگىكىلىق قىممەتلەرگە ئايلاندۇرۇپ ئىچكى قىسىمدىكى بىلىم ئامبىرىدىكى تەجىربىلەرگە تەدبىقلاپ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرىدۇ ياكى دىئاگنوز قۇيۇپ رىستىپ يازىدۇ.
داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى



1.     سىرىتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن خالى بولغىلى بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ روھى كەيپىيات ۋە پىسخىك ھالىتىنىڭ نۇرمال بولماسلىقى سەۋەبىدىن دىئاگنوز خاتا بولۇپ قېلىشى ياكى دىئاگنوز نەتىجىسىگە تەسىر يىتىشى مۇمكىن. بىراق داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى مۇتەخەسسىس دۇختۇرلارنىڭ ئەڭ ئىلمى داۋالاش تەجىربىلىرىنى يەنە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئارقىلىق سىستىمىلاشتۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ دىئاگنوز قۇيۇش، داۋالاش جەھەتتىكى كەمچىلىكى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرىلىدۇ. سىرىتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. مىخانىكىلىق، ئىلىكتىرىك تەسىرلەرگە ئۇچرىسا ياكى ۋىروسنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىسا نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ ياكى گەۋدىلىك خاتالىق ( ئىشىنىشكە بولمايدىغان نەتىجە) كېلىپ چىقىدۇ .
2.     دىئاگنوزنىڭ توغۇرلۇق دەرىجىسى يۇقۇرى بولىدۇ. داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى ئادەتتە شۇ ساھە بۇيىچە كۆزگە كۈرۈنگەن مۇتەخەسسىس دوختۇرلارنىڭ داۋالاش تەجىربىسىگە ئاساسەن ياسىلىدۇ. دىئاگنوزنىڭ توغۇرلۇق دەرىجىسى %98 تىن يۇقۇرى چەكتە كونترول قىلىنىدۇ.
3.      كۆپ ئادەم كىسەل كۆرسىتەلەيدۇ. ھەممىلا بىمارنىڭ بىر داڭلىق دۇختۇرغا كىسەل كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس. بىر دوختۇر ئۆزى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدىكى نۇرغۇن شاگىرىتنى تەربىيەلەپ چىقالمايدۇ ھەم چەكلىك ۋاقىتلا كىسەل كۆرەلەيدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت كىسەل كۆرسە چارچاش ھىس قىلىدۇ. ئەكسىچە بىر  داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنى نۇرغۇن كومپيۇتېرغا قاچىلاپ بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەم ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
4.      دوختۇرنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ. مەلۇم دەۋىردە مەلۇم ساھەدە  بىر ياكى بىرنەچچىلا داڭلىق شەخىس بولىدۇ. بىر تەجىربىلىك دوختۇر ھەرقانچە كۆپ كىتاپلارنى يازسىمۇ، نۇرغۇن شاگىرىتلارنى تەربىيەلىسىمۇ كىيىن شۇ دۇختۇر بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدىكى دوختۇرنىڭ چىقىشى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنى ئۇزۇن مۇددەت، ھەتتا مەڭگۈلۈك ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ.


ئۇيغۇر تىبابەت مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى


ئۇيغۇر تىبابەت مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسى- ئەجداتلىرىمىزنىڭ تىبابەت ئەنئەنىلىرىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن كومپيۇتېر يۇمشاق دىتال تېخنىكىسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى كإرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنى ياساشتىكى ئاساسلىق نوقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1.     پىشقەدەم، تەجىربىلىك تىۋىپلارنىڭ تىبابەت تەجىربىلىنى توپلاپ رەتلەپ كومپىيۇتېر قۇرۇلمىلاشقان تىل ئارقىلق پايدىلىنالايدىغان بىلىم ئامبىرى قۇرۇش. بۇ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنىڭ ئاساسى ھىساپلىنىدۇ.
2.     بىلىم ئامبىرىدىكى سانلىق مەلۇمات بىلەن سىرىتتىن كىرگۈزۈلگەن بىمارنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ دىئاگنۇز قۇيۇپ رىستىپ يازالايدىغان ( تەپەككۇر قىلالايدىغان) پىروگرامما قىسمىنى تۈزۈپ چىقىش. بۇ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق شۇنداقلا يادىرولۇق قىسمى بولۇپ لوگىكىلىق ھىساپلاش ۋە سۈنئى ئەقىل پاراسەت تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ.
3.     ئادەم بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغان قىلىش. يەنى تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىماردىن سۇئال سورىيالايدىغان, چۈشەندۈرەلەيدىغان؛ تاۋۇش پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىمارنىڭ جاۋابىدىن پايدىلىنالايدىغان قىلىش. ئۇيغۇر تىلىدا تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە تاۋۇش پەرىقلەندۈرۈش خەلقئارادا نىسبەتەن يۇقۇرى سەۋىيەدە تۇرىدۇ. بۇ تېخنىكىنى قوللانغاندا ئەنئەنىۋى سوراپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغىلى شۇنداقلا ماشىنا بىلەن ئادەم مۇناسىۋىتىنى يىقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
4.     كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىگە خاس بولغان كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپ چىقىش. ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى كىسەللىك تۇنۇش ئىلمىنىڭ بەش خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ قاراپ تەكشۈرۈشنى تىلىكامىرا ئارقىلىق، سۇراپ تەكشۈرۈشنى مىكرافۇن ۋە كاناي ۋاستىسى بىلەن تاۋۇش پەرىقلەندۈرۈش، تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تىڭشاپ تەكشۈرۈش بىلەن قۇشۇمچە تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ۋاستىلىك كىرگۈزۈشكە( كونۇپكا تاختىسى, مائۇس, ۋە باشقىلار) بولىدۇ. تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا ئوخشاش نىسبەتەن مۇرەككەپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئەسۋابى ( مەسىلەن: تۇمۇر تۇتۇش ئەسۋابى) ياساشقا توغرا كىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەت مۇتەخەسسىسلىك سىستىمىسىنى ياساش ئارقىلىق ئەجداتلارنىڭ تىبابەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغىلى، ئۇچۇر ئالاقە دەۋرىدىكى رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرغىلى، ئۇيغۇر تىبابىتىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلغىلى بولىدۇ.


بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالى تېخنىكومى ئىلمى ژورنىلى»نىڭ 2003-يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:35:42

مەن بەلغەم ئوخشايمەن.چىچىمنىڭ ئىككى چېكىسى چۈشۈپ تۇرىدۇ.ھەر يىلى چاچ چۈشۈرۈرتىمەن.چۈچ چۈشۈرتمەيدىغان ئۆستۈرۈپ يۇردىغان باللارنىڭ چىچى چۈشمەيدىكەن.مەن ھەر قىشتا چۈشۈرتەتتى.بۇنىڭمۇ چاچ چۈشۈشكە ياردىمى بولىدىغان ئوخشايدۇ،يەنى چاچنىڭ كۈچى تۆۋەنلەپ كىتەرمىكىن دەيمەن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 09:43:01

ما بالا مۇنبەرنىڭ ئىقتىدارىنى سىناۋاتقاندەك تۇرىدۇ، بىردەم گەپ قىستۇرماي تۇرۇڭلار
بەت: [1]
: چاچ – ساقال ئاقىرىش ۋە ئۇنى داۋالاش