uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:22:59

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 12-24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-24 16:25

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودابازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.5   دوللارئەڭ يۇقىرى باھاسى 1224.4   دوللا ر ، ئەڭتۆۋەن باھاسى 1183.81   دوللا ربازار يېپىلىش باھاسى 1196.1      دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى90.13دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1178.6دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:   

تۈنۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولمىدى ، ئامېرىكا ئېلان قىلغانئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى دوللارنى يۇقىرى ئۆرلەتكەندىن كېيىن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى ئازراق چۈشۈش كۆرۈلدى. بۈگۈن روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپىسى ، چارشەنبە كۈنى گېرمانىيە ئىتالىيە شۋېيتسارىيە سودا بازىرى روژدېستۋو كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئالىدۇ ، فرانسىيە ئەنگلىيە ئامېرىكا بازىرى مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئالىدۇ . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا شۋېيتسارىيە KOF ئىقتىساد ئۈستۈن تۇرۇش كۆرسەتكۈچى ، ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسى قاتارلىقلار . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۈگۈن ئاساسى يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.تۈنۈگۈن ئالتۇن سودا بازىرى ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلدى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىدا تەۋرىنىش سۇس بولدى ، چۈنكى بۈگۈن روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپىسى ياۋرۇپا رايونىدىكى كۆپ دۆلەتلەردىكى سودا بازىرى ۋە ئامېرىكا سودا بازىرى دەم ئالغاچقا سودا بازىرى ئاساسلىق ئاسىيا بازىرىدا قالدى .

2. ئەتە روژدېستۋو بايرىمى سودا بازىرى پۈتۈن كۈنلۈك دەم ئالىدۇ . نۆۋەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى 90 نىڭ يۇقىرىدا بولدى ،روژدېستۋو بايرىمىدىن كېيىنمۇ مۇشۇ يۇقىرى باھانى ساقلاپ قالالامدۇ يۇق ، بۇ پۈتۈن خەلقئارا سودا بازىرى بۇ مۇقىم قىزىق نۇقتىغا دىققەت نەزىرى بىلەن قارىماقتا .


چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار1185-1183
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1170 ،1166

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1183-1170
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1170
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1185

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .





ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

      بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 90.10 ئەتراپىدا ئايلاندى ،خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1175 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، نۆۋەتتە خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 232.99 يۈەن بولدى ؛تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئامېرىكا 3 - پەسىللىك GDP ئاخىرقى قىممەت چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان مۆلچەرى ئاشقان ، شۇنىڭ بىلەن دوللار ئۆسۈپ9 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچرىغان ، بەختكە يارىشا نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك تىرەكلىك رول كۆرسىتىپ 1170 دوللاردىن چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالغان .بۈگۈن گېرمانىيە ئىتالىيە شۋېيتسارىيە سودا بازىرى روژدېستۋو كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئالىدۇ ، فرانسىيە ئەنگلىيە ئامېرىكا بازىرى مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئالىدۇ . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا شۋېيتسارىيە KOF ئىقتىساد ئۈستۈن تۇرۇش كۆرسەتكۈچى ، ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسى قاتارلىقلار . ئەگەر ئامېرىكا مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا قىسقا ۋاقىتتا دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتەئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى (گىرام ) باھاسى 232.99يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى (گىرام ) باھاسى 3.12 يۈەن ؛
1ئۇنسىيە 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





2015 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئالتۇن باھاسى

       Incrementum AG نىڭ فوند دىرېكتور Ronald-Peter Stoeferle نىڭ قارىشىچە ، 2015 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئالتۇن باھاسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ قارىغان .
       بۇ يىل قىممەتلىك مېتاللار ئەھۋالىدىن قارىغاندا نىسبەتەن ئارىلاشما ھالەت بولغان بىر يىل ھېسابلىنىدۇ ، بىر جەھەتتىن ئالتۇن باھاسى تۇراقلىق بولغان ، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆتكەن يىلى ھاسىل قىلغان سودا ئارىلىقى ئىچىدە تەۋرەندى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان . بىراق يەنە بىر جەھەتتىن ، كۈمۈش ۋە كان-كارخانا پاي چېكى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن . بۇنداق بولىشى پۇل پاخاللىشىشقا قارىشى بولغان بېشارەتنى كۆرسىتىپ بەردى ، بۇ قىممەتلىك مېتالغا پايدىسىز ، Stoeferle قارىشىچە يۇقىرىقى ئەھۋال 2015 - يىلدىكى ئالتۇن باھاسى يۆلىنىشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
       ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا ، ھەرقايسى دۆلەت پاي چېكى بازىرىنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش بولمىغان ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە پاي چېكى بازىرى باشقا ئاساسلىق 5 رايونىنىڭ پاي چېكى بازىرىدىن يۇقىرى بولغان ، لېكىن ئاساسلىق 5 رايونىنىڭ ئالتۇن باھاسى ياخشى بولغان .
       Stoeferle قارىشىچە ، يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئالتۇن باھاسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ ، چۈنكى پۇل سىياسىتى ۋە ئىقتىساد مۇھىت ئالتۇنغا پايدىسىز دەپ قارىغان .





ئامېرىكا 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى تۈرتكىسىدە دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى

تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكىنىڭ 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى تۈرتكىسىدە دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى ، ياۋرو تۆۋەنلەپ 2 يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
بۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشچە ، ئامېرىكىنىڭ 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى تۈرتكىسىدە دوللار كۆرسەتكۈچى ۋە ئامېرىكا پاي چېكى يۇقىرى ئۆرلەپ ، نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىدى ؛
ئامېرىكىنىڭ 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى ۋاقتىنچە نېفىت باھاسىغا تىرەش كۈچى بولۇپ ، ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىدى .





2015 - يىلى دوللار كۆرسەتكۈچىداۋاملىق ئۆرلەيدۇ دەپ قاراشتىكى 4 چوڭ ئامىل

1 . ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاز دېگەندە 25 ئاساسى نۇقتىغىچە ئۆستۈرسە ، بۇ ئەھۋال دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ ؛
2 . ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئۆستۈرسە ، دوللار كۆرسەتكۈچى 10% ئۆرلىشى مۇمكىن ؛
3 . ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسى 50 ئاساسى نۇقتىغا يەتسە ، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش ئاساسى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن ، ھەم دۇنياۋى مەبلەغ بازىرىغا ئەگىشىپ كەڭ دائىرلىك تەرتىپكە سېلىنىشى مۇمكىن ؛
4 . كەڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كەڭ سىياسىتى تەسىرىدە دوللار 5% ئەتىراپىدا ئۆرلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئامېرىكىنىڭ 5 يىللىق مۆلچەرىدىكى پۇل پاخاللىقى قىممىتىنى ساقلاش زايۇمنىڭ پايدىسى 0.5-1% بولغان ؛





دوللار ئۆرلەپ دوللاردىن باشقا پۇللار بېسىمغا ئۇچرىشىدىكى سەۋەپ

12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى 90.10 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئۇدا يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، ئاخشامقى ئەڭ يېڭى يۇقىرى نۇقتىسى 90.13 ئەتىراپىدا بولدى ؛ بۈگۈن ئاسىيا - تىنىچ ئوكيان ۋاقتىدا ۋاقتىنچە 90.00 ئەتىراپىدا ئايلاندى .
ئالدىنقى سودا كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ قايتا ئۆرلىشىدىكى سەۋەپ ئاساسلىقى يېڭىدىن ئىلان قىلىنغان ئامېرىكا 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى كۈچىيىپ ئامېرىكا ئىقتىسادى جانلاندى ، شۇنىڭ بىلەن دوللار يۇقىرى ئۆرلەپ دوللاردىن باشقا پۇللار بېسىمغا ئۇچرىدى ؛





24 - دىكابىردىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

       جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1247 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.4848 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.0975يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78949 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5368يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى4.9842 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7457 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6371 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛1 كانادا دوللىرى 5.2711 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56843 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان،1 يۈەن خەلق پۇلى 8.7954 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6742 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3739 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 12-24