korgv يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:21:15

ئالتۇن باھاسى ئۆسىدىغان ئۈچ چوڭ سەۋەب

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   korgv تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 16:47  

يېڭى بىر يىل 2015-يىل كىرىش ئالدىدا، بۇ يىلى ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى ئىدارىسى بىر بولسا ئۆسۈم ئاشۇرىدىكەن، ياۋروپا بانكىسىمۇ  QE ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئاستىلىتىدىغان ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قۇيىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

Daily Gains Letter ئانالىزچى Moe Zulfiqarنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى يازغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالتۇن ئېھتىمال ئۈچ چوڭ ئىشنىڭ تەسىرىدە تەدرىجىي باھاسى ئۆرلەيدىكەن، بۇ ئۈچ ئىش بولسا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى ئىدارىسىنىڭ ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشى، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ QE شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاستا بولۇشى ئىكەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى ئىدارىسىنىڭ ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشى ئالتۇن باھاسىنى چوقۇم تۆۋەنلىتىۋېتەمدۇ؟

ئەگەر ئامېرىكا ، فېدېراتسىيە زاپىسى ئىدارىسى ئەسلىدە بېكىتكەن پىلان بويىچە ئۆسۈمنى ئۆستۈرسە ، بازارغا ماسلىشالماسلىق ئېھتىمالى ناھايىتى كۈچلۈك، چۈنكى نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن ئۆسۈم مۇھىتىغا خېلىلا كۆنۈپ قالغان بولۇپ، تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىش ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويۇپ، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدىكەن.

بىراق يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى ئىدارىسىنىڭ زادى 2015-يىلى قايسى ۋاقىتتا ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشى تېخى ئېنىق ئەمەس. نۆۋەتتىكى بازارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، پاي بازىرى يەنىلا يېڭى يۇقىرى قىممەتنى ياراتقان بولۇپ، دۆلەت قەرزىنىڭ پايدا نىسبىتىمۇ تۆۋەن ھالەتنى ساقلاپ، بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى ئىدارىسى ناھايىتى تېزلا ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشكە تەۋەككۈل قىلالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى ئىدارىسى ئۆسۈمنى ئۆستۈرسە ياكى ئۆستۈرمىسە، ئالتۇن بەرىبىر ئوتتۇرىدىن پايدىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

ياۋرۇ رايون مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ ئاسانلىشىشى ياۋرونىڭ تېخىمۇ پاخاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىمۇ ئۆرلەيدىكەن.

2008-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى ئىدارىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈچ يۈرۈش. سىياسىتىنى ئوتتۇرا قويۇپ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرگەن، ھازىر كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.

يېقىندا ياۋروپا مەركىزى بانكىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بارلىق تەدبىر قوللىنىپ ياۋرو رايونىنى قوغدايمىز، بىراق بەختكە قارىشى كۆپ قىسىم ياۋرو رايونى يەنىلا مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلماي، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستىلاپ، پۇل قىسلىق بېسىمى ئىزچىل كۆپەيگەن.

بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئاللىبۇرۇن ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، TLTRO قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغان، بىراق ئۈنۈمى ئانچە چوڭ بولمىغان.

بۇ ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئاللىقاچان ھېچقانداق چېكىنىش يولىنىڭ قالمىغانلىقىنى، چوقۇم زايوم سېتىۋېلىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاستا بولۇشى بىلەن، ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرىدىغان مەبلەغ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشتەك قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىي ئېھتىمال ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئوسال ئەھۋالدا قېلىشى ، كېلەي يىلى ھەتتا تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

ھەر قايسى جەھەتتىن قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىلدىكى جۇڭگو سودىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىمۇ پەسكويىغا چۈشۈپ، ئاكسىيىنىڭ خىلاپلىق قىلىش خەتىرىمۇ چوڭ كۆلەمدە ئۆرلىگەن.

ئەگەر بۇ خىل ئامىللار جۇڭگودا ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، قالغانلىرى چوقۇم پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىرى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

بىراق، ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ خەتەرگە تاقابىل تۇرىدىغان مەبلەغگە تەبىئىيلا ئۈمىدۋار ھالەتتە قارايدىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.

2013-يىلى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى% 28 چۈشۈپ كەتكەن، گەرچە 2014-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ تۆۋەنلىگەن بولىسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا يەنىلا ئادەتتىكىدەك بولغان. ئەمما، 2015-يىلىغا كەلگەندە ئالتۇن باھاسى ئۇزاق مۇددەت ئۆسۈشى مۇمكىن.

جۇڭگو رەڭلىك مېتال سودا تورى باھا مەركىزى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15:13 گىچە، نەق مال ئالتۇن باھاسى بىر ئۇنسىيىسى 1220.60 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %0.57 تۆۋەنلىگەن.


يۇقارقى تەرجىمە ماتىرىياللارنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئەجداد خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى ئىقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى:
http://xjabs.com/show/?id=1885

korgv يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:47:37

:)

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:58:07

مۇشۇ ئىقتىسادنىڭ  چىكىنىش ئەھۋالى {:101:}

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:06:14

بۈگۈنمۇ ئالتۇن بىلەن  دوللارنىڭ گېپىنى قىلىشتۇق بالىلار بىلەن بىرەر ئوقەتكە دەسمايە سالماي دوللار ئالىنى دەيدىغان پىكىرلەر كۈچۈيىپ كېتىپ بارىدۇ .

korgv يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:26:40

ئالاقىدار بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىشقا قولۇم كۆكسۈمدە…
ئالاقىلىشىش نۇمۇرۇم: 15999311184
چ چ ، ۋىيشىن نۇمۇرۇم: 747328336

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 10:05:00

korgv يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 19:26 static/image/common/back.gif
ئالاقىدار بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىشقا قولۇم كۆكسۈمد ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تېما يوللىغۇچى ياخشىمۇ سىز ؟ سىز يوللىغان خەۋىرىڭىزدە 2015 - يىلى ئۆسۈشى مۇمكىن دەپسىز ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارغاندا ئالتۇن دەھشەت چۈشۋاتىدىغۇ ؟ :o

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 11:21:58

ئۆسۈشى مۇمكىنگە مەلۇم بىر پەرەز ئاساسى بارمۇ؟
بەت: [1]
: ئالتۇن باھاسى ئۆسىدىغان ئۈچ چوڭ سەۋەب