kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:31:17

مىللي كارخانلىرىمىز نىمە ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالمايدۇ؟

بىزنىڭ مىللي كارخانلىرىمىز نىمە ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالمايدۇ؟



ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت




ھەممىمزگە ئايان ھازىرقى دەۋرئۇچۇر دەۋرى، سودا دەۋرى. لېكىن بۇ ئۇچۇر ۋە سودا دەۋرىدە بىزنىڭ مىللىي كارخانلىرىمىز زادى قانچىلىك ئۇتۇق قازاندى؟ بىزنىڭ مىللىي كارخانلىرىمىز مۇشۇ ئۇچۇر ۋە سودا دەۋرىدىكى پۇرسەتلەردىن تۇلۇق پايدىلىنالىدىمۇ يوق؟ مانا بۇ سۇئاللار بىزنىڭ كەڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىزنىڭ كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىللەردۇر.
بىزنىڭ مىللي كارخانلىرىمىز نىمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟ ياكى بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزدا تەرەققىي قىلىش توغىرسىدا پىلان يوقمۇ؟ ياق، بىزنىڭ مىللىي كارخانلىرىمىزدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىي توغىرسىدا پىلان يوق ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىگە نىسبەتەن ناھايتى مۇكەممەل بولغان پىلانلار كۆپ، سىز مىللىي كارخانلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانلىرنى ئاڭلايدىغان بولسىڭىز كەلگۈسىدىكى سودا بازارلىرى بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىز تەرپىدىن ئېچىپ پايدىلانمىسا، تەرەققىي قىلمايدىغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىسىز ھەمدە ناھايىتى پەخىرلىنىپ كىتىسىز. لېكىن بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمز مۇشۇ پىلانلارنى نىمە ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ؟ ياكى بۇنداق پىلان ئىلگىرى بۇلۇپ باقمىغانمۇ؟ ۋە ياكى بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىزدا تۈزگەن پىلان بۇيچە تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى يوقمۇ؟
ياق، بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىزدا تۈزگەن پىلان بۇيىچە تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى ئەلۋەتتە بار. شۇنداقلا مىللىي كارخانچىلىرىمىزنىڭ تەرەقىقىيات پىلانلىرى بۇرۇندىن باشلاپ بۇلۇپ كەلگەن بۇ ھەرگىزمۇ يېقىنىقى مەزگىلدىكى ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا بىزنىڭ سودا ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قازىنىپ ئۆزىنىڭ بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان موسابايۇفلار مىسال بولالايدۇ. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا موسابايوفلاردا يېراقنى كۆرەر ئۆتكۈر كۆزى بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردا مۇكەممەل بىر سودا پىلانى بولمىغان ھەمدە شۇنچە زور ئۇتۇقلارنى قازىنالمىغان بولاتتى. نىشانسىز ھايات رولسىز كېمىگە ئوخشاش، پىلانسىز سودىمۇ دەل ئاشۇ رولسىز كېمىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر سودىدا كەلگۈسىگە بولغان مۇكەممەل پىلان بولمىغاندا، بىزنىڭ تەرەققىيات توغىرسىدا ئېيىتقانلىرىمىز بىر ئېغىزدا بار ئەمەلىيەتتە يوق ئىش بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. شوڭا بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا بۇرۇندىن باشلاپ مۇكەممەل بولغان پىلانلار بولغان ھەم بۇلىۋاتىدۇ.
ئەمما، بىز مەسىلنى ئىنچىكلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ كۆرسەك، شۇنى بايقايمىزكى؛ بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىزدا گەرچە ناھايتى مۇكەممەل تەرەققىيات پىلانى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ مۇكەممەل پىلانلارنى تۈزۈپ چىققان كارخانچىلىرىمىزدا ئىلمىي بولغان كارخانا باشقۇرۇش ئېڭى يوق، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش ئېڭى تۆۋەن. سودا ساھەسىدە بولسا، بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىز تېخى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىلمى ئېڭى ئاساسەن يوق دىيەرلىك. ئەگەر ھازىر خالىغان مىللىي كارخانچىلىرىمىزنى تېپىپ ئۇلاردىن ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىلىمى دېگەن نىمە دەپ سورىساق، پەرىزىمچە بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلەيدىغان كارخانچى تېخى بولمىسا كېرەك.(بۇ سۇئالغا ئارمان گوروھى بەلكىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن).بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىز سودا ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىلىم بولغان بۇ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىلىمىغا بولغان تۇنۇشى تېخى ئېنىق بولمىغاچقا نۇرغۇن مىللىي كارخانچىلىرىمىز شىركەت قۇرۇپ ئۆزىنىڭ شىركىتىنى پىلانى بۇيچە تەرەققىي قىلدۇرالماي ئەڭ ئاخىرى شىركەت ئېغىر زىيان تارتىش بەدىلگە شىركەتنىڭ تاقىلىش بىلەن ئىشىنى توختىتىدۇ.
بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىز راستىنلا تەرەققىي قىلالمامدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھازىر يامان ئەمەس تەرەققىي قىلۋاتقان مىلللىي كارخانلىرىمىزمۇ بار. مەسلەن؛ يىمەك-ئېچمەك ساھەسىدە ئارمان گوروھى، ئىخلاس شىركىتى، ئامىنە شىركىتى، كىيىم-كېچەك ساھەسىدە باشلامچىلىق رولنى ئويناپ كىلۋاتقان ئىلچى كىيىملىرى، يۇمشاق دىتال ساھەسىدە ئۆزىنىڭ بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ جەمىيئەتتە زور تەسىرگە ئېگە شىركەتلەردىن ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى، قارلۇق شىركىتى، ئېلىكتىرۇن ساھەسىدە ئېرپان شىركىتى، مۇئەللىم شىركىتى قاتارلىقلار دەل مىللىي كارخانچىلىرىمىزنىڭ نەمۇنچىلىرى. لېكىن بۇ ساناقلىقلا كارخانلار بىلەن بىزنىڭ مىللىي كارخانلىرىمىزنىڭ سانى چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ، چۇقۇم تېخىمۇ كۆپ مىللىي كارخانلار بارلققا كىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ مىللىي كارخانچىلىرىمىز چۇقۇم سودا ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، بۇلۇپمۇ ھازىرقى زامان سودا ساھەسىگە تۇلۇق ماسلىشىشى كېرەك. ھازىرقى زامان سودا ساھەسىگە ماسلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەل دۇنيا سودا ساھەسىگە يۈزلىنىپ، سودا ساھەسىدىكى مۇھىم ئىلىم ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىلىمىنى چۈشىنىشى، ئۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشى، شۇ ئارقىلىق زامان تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ سودا ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلىشى كېرەك.
ھازىر قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن يۇقىرى مەلۇماتلىق ئۇقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىقتىدارىغا تۇلۇق ئىشەنگەن، ئۆزىدە مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى ئىقتىدار ھازىرلىغانلىرى ئۇيغۇر كارخانلىرىغا كىرىشتىن باش تارتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر كارخانلىرىغا كىرىپ ئىشلىسە ئۆز ئىقتىدارىغا يارىشا قەدىرلىنىشكە مۇيەسسەر بولالمايمىز دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسەن خەنزۇ كارخانلىرىغا كىرىپ ئىشلىسە ئىشلەيدۇكى ھەرگىز ئۇيغۇر كارخانلىرىغا كىرىپ ئىشلىمەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى زامان كارخانا ئۇقۇمىغا ئېگە بولغان تۇنىشى ئايدىڭ بولمىغاچقا ئىقتىساس ئىگىللىرنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى مۇۋاپىق تارقاتماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئۇلاردىن قېچىش كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشگە سەۋەبچى بولغان. بەزى ئۆز ئىقتىدارىغا ئىشەنچ قىلالمىغان ياكى ئەمەلىي ئىقتىدارى ئانچە ياخشى بولمىغان ئۇقۇغۇچىلىرىمز خەنزۇ كارخانلىرىغا كىرسە ئۇلارنىڭ رەت قىلىنىشىغا دۈچ كەلگەن بولغاچقا ئۇيغۇر كارخانلىرىغا كىرىپ ئىشلەشكە بەل باغلىغان بولسىمۇ ئۇلارمۇ ئوخشاش مۇۋاپىق قەدىرلەنمىگەن بولغاچقا مىللىي كارخانلاردا بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كىيىن ئۆز يولىغا راۋان بولىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا مىللىي كارخانلار ئىقتىساس ئېگىللىرىنى تاپالماسلىق، ئىقتىساس ئېگىللىرى مىللىي كارخانلاردىن قېچىشتەك يامان خارەكتىرلىك ئايلانما ھالەت شەكىللىنىپ مىللىي كارخانلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شوڭا ھەقىقىي تۈردە تەرەققىي قىلماقچى بولغان بىر مىللىي كارخانا چۇقۇم ئىقتىساس ئىگىلىرىنى قەدىرلىشى، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى، تەمىنات ئىشلىرىنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇشى، بۇرنىنىڭ ئۇچىنى ئويلىماي نەزەر دائىرسىنى يىراققا تاشلىشى، كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلان ئۈچۈن ئاساس سېلىشى، ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق پايدىنى دەپ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى جايىدا بەرمەيدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقى، ئىقتىساس ئىگىللىرىنىڭ شىركەتتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تۇلۇق تۇنۇپ يىتىشى كېرەك. سودا جەريانىدا شىركەتنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن چۇقۇم ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىلىمىنى ياخشى قوللىنىشى، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىلىمنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ شىركەتنىڭ ئوبرازنى تىكلەپ، كەلگۈسى ئۇلۇغۋار تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساس سېلىشى كېرەك.







كۆكنۇر تورى ئىلاۋىسى:بۇ ئەسلى ياخشى بىر تىما ئىدى.ئەمما بۇنداق بىر تىمىنى تەكشۇرۇش قىلماي ،ئۆزىدە بۇ تېمىنى قولغا ئالالىغىدەك ئۇقۇم ئاساسى ھازىرلىماي ئولتۇرۇپلا خىيالغا كەلگەن گەپلەرنى تىزىپ قويساق بولمايدۇ.بىزنىڭچە دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىيالى مەۋقەدىن رەسمى ھالدىكى ئەرلىك مەۋقەسىگە ئۆتەلمەسلىك بىزنىڭ كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلماسلىغىدىكى ئەڭ تۇپكى سەۋەپ.مەيلى بالا ئوقىتىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردا بولسۇن ياكى ئوقىۋاتقان،ئوقۇپ چىققان شۇنچە كۆپ ستودېنتلاردا بولسۇن بۇ يىتەرسىزلىك مانا مەنلا دەپ تۇرىدۇ.ھەممىسى ئورتاق ھالدا ئۆزىدە نىمە بارلىغىنى دەڭسىمەيدۇ،بەلكى خەق بەرگەن دىپلوم،خەق بەرگەن ئۇنۋان خەقنىڭ تىلى بىلەن بىلەن ئۆزىنى يوغان ھىساپلايدۇ.ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىش قىلالاۋاتقانلىغى ۋە بىلىۋاتقانلىغى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ.دىپلومغا قارىمايۋاتقانلىغىدىن خاپىلايدۇ.ئۇمۇتسىزلىنىدۇۋاھاكازا.خەير گەپنى قىسقارتىلى بىللە ئىزدىنىلى.بۇ تېمىدا چوڭقۇرلىشىڭلارغا تۇرتكە بولسۇن ئۇچۇن سىلەرگە مۇنۇ  ئىككى خەنزۇچە ماقالىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛




来源:每日经济新闻
毛建国
所有人都知道乔布斯会有离开的这一天,只是没有想到,这一天会来得这么快;人们也早就做好了乔布斯离开的准备,只是没有想到,这一天会来得这么痛。在“后盖茨时代”,乔布斯已经成了职业经理人的一个神话,他已经赢得了一个职业经理人所能赢得的一切荣誉、声望、尊敬,或许未来会有人创造他的职业神奇,但很难有人创造他的声望神奇。
显然,乔布斯是职业经理人的一面镜子。他的成功不是偶然的,他的商业智慧与商业伦理,都值得中国职业经理人学习。
先说商业智慧。很多时候,我们感慨中国缺少苹果这样的企业,其实,我们缺的不是苹果,而是乔布斯。十多年前的苹果也曾经布满霉斑,面临亏损;而今天苹果金光四溢,已经成为全球最大市值公司,苹果的凤凰涅槃,关键就在于它有了乔布斯。乔布斯的每一次决策,都是那么的富有智慧,他总是能站在市场的最前沿,总是能先人一步发现商机。卓绝眼光,让人惊叹。当他发现商机后,总是能够最快地化为产品,迅速地占领市场。现在iPad平板电脑独霸市场,但在当初,并不是仅仅苹果一家发现这个市场,就在几年前,国内也有厂商推出过平板样机。但最终成功却只有乔布斯,这就是创新力、执行力叠加的商业智慧。正是靠着这样的商业智慧,苹果一直在引领市场,乔布斯在引领职业经理人。
再说商业伦理。这些年来,我们已经习惯了某些为富不仁,可抬起头,却在不经意间发现,乔布斯似乎从来没有曝出过什么丑闻劣迹,他总是以一种智者、勇者、德者的形象出现,总是给社会传递一种正面的引导。很多人不理解,身患重症的乔布斯为何不享受人生,为何能屡屡挑战极限创造一个又一个奇迹?在乔布斯身上,集中体现着负责、正直、勇敢的商业伦理,他真正做到了对股东负责、对员工负责、对市场负责。这样的商业伦理,赋予了乔布斯与众不同的人格魅力,他今天的影响力,也早已经从工商界扩散到整个社会领域。这充分说明,人们喜欢这种商业精神,更希望看到这种商业精神。
没有人能脱离别人的目光而存在。一定意义上,乔布斯活在人们的期望中,他也满足了人们的极大期望。乔布斯给我们的最大启示是,一个成功的职业经理人,一定是商业智慧和商业伦理的集合体。我们的职业经理人,如果不能“两条腿走路”的话,像乔布斯一样既有商业智慧又有商业伦理,那么就很难拥有乔布斯的成功,我们也很难拥有苹果这样的明星企业。







乔布斯的传奇能否复制


来源:中国青年报 作者:张遇哲



8月24日,苹果公司董事会正式宣布,乔布斯辞去CEO并由COO库克接任。但乔布斯并没有完全离开苹果,而是进入董事会担任主席。对苹果而言,乔布斯是灵魂人物,他辞去CEO给苹果的未来增添了不稳定感。(《羊城晚报》8月25日)
很少有哪一位CEO的离职如此引人注目。24日,乔布斯登上各大门户网站的醒目位置,议论纷纷的人们认为“乔布斯的离去,象征着一个时代的终结”。1974年,当21岁的乔布斯与朋友合伙在自己的车库成立苹果电脑公司时,恐怕最富想象力的人也无法预知一个伟大品牌从此诞生。如今苹果股价一路飙升,去年超越微软成为世界第一大科技公司,今年超越埃克森美孚成为全球最大市值企业。
乔布斯只是辞去CEO而尚未彻底离开苹果。李开复在中文版《乔布斯传》的序中称“乔布斯本身就是一个传奇,乔布斯的成功真的无法复制”。当乔爷真的转身离去时,我们无法避免对苹果和乔布斯的近乎神化的崇拜,还是会习惯性地从“结果”反向推导“原因”,希望窥探出这个仅念过一学期大学的肄业生成为全美最佳CEO的答案,希望在其行为中找到一些能经由理性总结并成可资借鉴的部分。
罗马不是一天建成的,苹果的成长亦点滴记录着乔布斯在创业历程中的个人努力,它们经过岁月的沉淀,历久弥新。
比如理念创新。乔布斯有句经典名言:领袖和跟风者的区别就在于是否创新。奇虎360董事长周鸿祎曾慨叹:在20年前技术驱动的年代,微软这类以技术为先导的公司把技术做得廉价,把技术做得很大众化,乔布斯的思想已经跨越到20年后的消费驱动时代。乔布斯率先在产品中置入美学因素,提出“科技要和人文、艺术融合,才能产生让我们的心为之歌唱的结果”,于是才有了多姿多彩的iMac和漂亮的iPad。其他零售商都没有给予苹果产品正确的定位,乔布斯却提出了新的解决方案——苹果商店,并让这样的商店遍布全球,被称为“电脑零售业的奇葩”。
比如追求完美。在对新产品质量的要求上,乔布斯是近乎追求完美的偏执狂。他追求每个步骤和细节的精确,无论是外观设计、用户体验、工业设计,还是系统设计,甚至主板如何摆放,所有的一切都必须尽可能美观。设计师们必须忍受他的吹毛求疵,一遍遍地修改产品,甚至被彻底否定。
再比如与竞争对手合作。当苹果与微软在1997年的Macworld展览会上宣布合作时,举世震惊。后来的事实验证了乔布斯的判断,“在我看来,苹果与微软之间的竞争时代已经一去不复返了。这将帮助苹果稳健发展,并让苹果能够对科技行业作出巨大贡献,并推动科技行业的繁荣与发展。”
以人为镜,可以明得失。乔布斯是一面镜子,照出我们的短处。“中国企业家队伍成长与发展十五年调查综合报告”显示,与发达国家的企业相比,中国企业创新的总体水平还比较低,不少方面的创新还处于初级阶段。当苹果的iPad风靡全球,各种山寨版的苹果产品充斥内地市场;当苹果为质量精益求精,我国某省小家电商品质量抽检显示七成不合格。当乔布斯和盖茨化干戈为玉帛,我们的某些产业的同行还在大打价格战,甚至不惜造谣中伤……
作为CEO的乔布斯完美谢幕,但江湖上将永远流传着他的名字。也许,乔布斯的不羁性情让我们难以望其项背,其传奇人生更是可遇而不可求,但我们还是希望,能够在本土企业家身上看到乔布斯的影子,见证属于我们自己的“苹果


tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:29:28

مىللى كارخانىلارمۇ بۇ بىرقانچە يىلدىن بېرى تېز تەرەققى قىلىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى،كىچىكلىكتىن زورايدى،بۇرۇنقى ئاددى ھالدىكى ئېىلپ-سېتىشتىن ئۆزلىرى ئىشلەچىقىرىش،سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت يوللرىغا قەدەم قويۇۋاتىدۇ.بۇ بىر خوشاللانارلىق باشلىنىشتۇر.خۇددى يېڭىدىن مېڭىشنى ئۇگەنگەن بوۋاق بالىدەك ھالەتتە ئۇزلىكسىز ئىلگىرلىمەكتە.شۇڭلاشقا ئۇ خەلقىمىزنىڭ ياردىمىگە ،يېتەكلىشىگە ،پەرۋىش قىلىشىغا مۇھتاج.
بىزنىڭ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن سىتۇدىنىتلىرىمىزمۇ ئشقا ئورۇنلۇشۇش،كەسىپ تاللاش قاتارلىق مەسىلىلەردە   كارخانىلارنىڭ ئەمىلىي كۇچى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئالدىن ئويلاش بىلەن بىرگە ،مەندە قانچىلىك بىلىم بار،مەن شۇ كارخانا تەرەققىيتى ئۇچۇن قانچىلىك كۇچ چىقىرالايمەن؟دىگەندەك مەسىلىلەرنىمۇ ئويلۇنۇپ كۆرۇشى كېرەك.

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:19:41

كىم تاپقان گەپ بۇ  مىللىي پالانى دېگەن

napalyun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:27:57

ھەي نىمىشقىكىن بىزلەرنىڭكى مىللى كارخانلارنىڭكى كۈپۈنچىسى ئالدامچىكەن ئالايلۇق بەزى كارخانچىلار بىز ئىستىمالچىلارنى ئالداپ مەھسۇلات چۈشەندۈرشىگە ئۇيغۇرچىسىغا بىر خىل خەنزۇچىسىغا بىر خىل چۈشەنچە بىردىكەن (ئىشلەپ چىقىرىلغان ئورون ۋە ئادىرسى ۋاكازا دىگەندەك) بۇ بىزلەرنىڭكى مىللى كارخانلارنىڭكى ئەڭ چوڭ خاتالىقى 、ئىچكىرى ئۆلكىدە ئىشلىتىپ كەلگەندىكىن ھەقىقى يازسا بولمامدۇ  ئەلۋەتتە نازارەتچىلىكنى قاتتىق قىلىپ 、ئۈزمىز نىڭكى 、ئۆرۈپ-ئادىتىمىزغا ماس ئىشلىتىپ ۋاتىمىز دەپ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرشى كىرەكتى  
2- بىزلەرنىڭكى مىللى كارخانلارنىڭكى مەھسۇلاتىنى سىتىۋىلىش قىزغىنلىقىمىز سۇس(ھەتتا مەنمۇ شۇنداقكەنمەن)سەۋەپنى نەدىن ئىزلەيمىز ئەلۋەتتە شۇخىلدىكى مەھۇسلاتنى ساتقۇچى ئۈزدىن ئىزدىشى كىرەك چۈنكى  خەلىقنىڭكى ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەمىمى بۇلشى كىرەك
3- مەن مۆمىنجان ئابلىكىم ئىلانغا چىققان مەلۇم بىر چاچ سۇپۇنىنى سىتىۋالدىم (ئەلۋەتتە مىنىڭكى زورىم بىلەن ئايالىم ئالغىلى ئۇنمىغانتى )بىراق ئىشلىتىپ  كۆرسەك چاچنى شۇنداق كىپەك قىلۋەتتى مەن ياساختىسىنى سىتىۋالدىممىكىن دىسەم مەلۇم نۇپۇزلۇق تاللا بازرىدىن سىتىۋالدىم  ئامالسىز تاشلىۋەتتۇق تىلفۇن قىلىپ ئەھۋال ئىمكاس قىلاي دىدىميۇ جۈرئەت قىلالمىدىم قارشى تەرەپ نىمىلەرنى دەر ياخشى چۈشەنچە بەرسىغۇ مەيلى قوپال چۈشەنچە بەرسە ساق كۈڭۈلنى ئاغرىتىۋالماي دىدىم قانداق قىلىشمىز كىرەك؟

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:17:07

يىمەكلىكتىن باشقىسىنى سېتىۋالغاندا مىللى بويۇملارنى سېتىۋىلىشتىن بەك ئىككىلىنىمەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:39:51

napalyun يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 15:27 static/image/common/back.gif
ھەي نىمىشقىكىن بىزلەرنىڭكى مىللى كارخانلارنىڭكى كۈپۈ ...

مەنمۇ چاچ سوپونىنى ئىشلىتىپ شۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان ،شۇنداق بولىۋەرسە مىللى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىتۋىلىشتىن ئىكىلىنىپ قالدىكەن كىشى ،
كەمچىل بولىۋاتقىنى سۇپەتنىڭ ناچارلىقى ،مەجبۇرىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل ھەرقانداق  مەسىلە بار بولغان  مەھسۇلاتقا سورالغان پىكىرلەر جاۋاپسىز قالىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:44:36

ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ساھە ئېغىزدىن كىرىدىغان بۇيۇملارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:03:20

ئۇيغۇرلار قۇرغان كارخانىلار تەرەققىيات جاريانىدا ئۇچىرايدىغان قىيىنچىلىقلارنى بىر ئىككى ماقالە بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ كەتكىلى بولمايدۇ . چوڭىراق سەۋەپلەرنى ئوچۇق دىگىلىمۇ ھەم بولمايدۇ .  
بەزى ئەھۋاللاردا سامان ئارلاشمىسا لاي بولمايدۇ دىگەندەك تىزراق پۇل تاپاي دەپ  كەمچىللىك سادىر قىلدىغان ئەھۋالارمۇ ئۇچىرايدۇ . بەلكىم بەزىدە بىر ئېغىز سۆزىنىڭ ئارتۇق -كەم بولۇشى  ، بىر ئادەمنىڭ توپقا قوشۇلۇشى ياكى بىر ئادەمنىڭ توپتىن چىقىپ كىتىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ  بىر كارخانىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشى ياكى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن .
تەرققىياتنىڭ تىز بولىشغا قارىغاندا قەدەمنىڭ پۇختا بولۇشى مۇھىم . يىلتىزنى چوڭقۇر تارتسا شامالدا ئاسان ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ .
يەنە بىر نۇقتىدىن چىقىش قىلساق جوبىسنى مىسالغا ئېلىپ ئۆزىمىزگە ئۈلگە تىكلىمىسەكمۇ  ۋاقتى كەلسە كونسۇل كوچىسنىڭ دوقمىشىدا ئاياق مايلاپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ئىچىدىن  كەلگۈسىدە داھى چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ . (بۇ گىپىم ئۈستىدىكى گەپلىرىمنى ئىنكار قىلغاندەك چىقىپ قالدىيا )

bedir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:24:25

مەھسۇلاتلىرىنى دىيارىمىزدا ئۆزلىرى بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىچىلار بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە باشقا زاۋۇتلاردا ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقارغۇزۇپ دىيارىمىزدا ساتىدىغان تىجارەتچىلەرنى پەرىقلەندۈرۈپ  باھا بەرمىسەك  ، دىيارىمىزدىكى شۇ جاپاكەش كارخانىچىلىرىمىزغا ئۇۋال قىلىپ قويىشىمىز مۇمكىن ...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:30:54

سۆيۈش ئۈچۈن باھانە كەتمەيدۇ. باھانە ئىزدىگەن ئىكەنمىز سۆيمەيمىز دىگەن گەپ.

خېرىدارلاردا ئاڭ -سەۋىيە ئېشىۋاتىدۇ، ئەمما تىجارەتچىلەردە 'ئۆزەمدىن سېتىۋالاي' دىگەن ئاڭ سۇس. ئەمەلىيەتتە تىجارەتچىلەرنىڭ رولى بەك چوڭ ئىدى.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:50:57

مىللى  دىگەن ؟؟؟؟؟؟{:101:}

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:51:02

مىللى  دىگەن ؟؟؟؟؟؟{:101:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:55:50

رايونىمىز جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىك، مال مەنبە جەھەتلەردە تۇلۇق ئەۋزەللىككە ئىگە، ئاخىرىدا يەنىلا تېخنىكا بىلەن مەبلەغ، تۇڭلاتقۇ، كىر ئالغۇ دىگەندەك يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى بەك تۈۋەن، ئەمما سىتىپ چىقىرلىشى يۇقىرى ، پايدىسى كۆپ ھەم كۈلەملىك بازىرى بار. نىفىتنى بىر پىششىقلاپ ئىشلىسە تۇرمۇش بۇيۇملېرىدىن گىرىم بۇيۇملېرىغىچە پۈتۈن خام ئەششىيا چىقىدۇ.
   تۇڭلاتقۇغا ئىشلىتىدىغاننىڭ كومپىسسوردىن باشقىسى مۇشۇ يەردىن تىپىلىدۇ. مەبلەغ كۆپ بولسىلا شۇ نەچچە يۈز يۈەندىن سىتىلىۋاتقان ئىتالىيە كومپىسسورلېرىنى مىليونلاپ بىۋاستە كىرگۈزسە يۈز يۈەندىنلا تۇختايدۇ. قالغىنىغا تۈمۈرچى بىلەن قەلەيچى كەم بۇپ قالماس...
كىر ئالغۇغا ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ دىگەننى نىفىتتىن چىقىدۇ دەپ كىچىك بالىلارمۇ بىلىدىغۇ...
  ھازىر بۇ نەرسىلەرنىڭ كونتۇرول توك يوللېرىنى قىلالايدىغان ياشلارمۇ خېلى كۆپ. ئەما قىزىقىدىغانلار سۇنى كۆيدۈرمەن، مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل ياسايمەن دەيدىغان دۇنياۋى چوڭ گەپ قىلىدىغانلارغىلا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىۋالغان.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:13:50

ئەمەتجان نامەت ۋە «ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ»ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ پەن-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ




بۇنىڭدىن 18 يىل مۇقەددەم ئەمدىلا 19 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر يىگىت ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئەل-جامائەت بىلەن رازىلىق ئېلىشقاندىن كېيىن، ئاتىسى بەرگەن بارى-يوق 250يۈەن پۇلنى قوينىغا مەھكەم سېلىپ، ئاجايىپ بىر ھاياجان، قىزىقىش، يەنە قانداقتۇر بىر خىل جىددىيلىك ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى يوپۇرغا ناھىيىسىدىن ئۆزىگە تولىمۇ ناتونۇش بىر شەھەرگە – ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى، چۈنكى ئۇچۇرما بولغان قۇش ئۆز ئۇۋىسىدىن ئايرىلغىنىدەك، ئۇمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى مۇستەقىل كۈنىنى ئالىدىغان ياشقا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى. ئۇ يۇرتىدىن بېيجىڭغا كەلگىچە بولغان پۈتكۈل مۇساپىدە 100 يۈەننى كىرا، 40 يۈەننى خىراجەت قىلىپ، قالغان 110 يۈەننى دەسمايە سېلىپ، ئىشنى ئاۋۋال ئۇششاق تىجارەتتىن باشلىدى.
خۇشخۇي، ئايىغى چاققان، تەۋەككۈلچى ۋە سەمىمىي بۇ يىگىت خاراكتېرىدىكى شۇ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن نەگىلا بارسا يۇرتداشلىرى ھەم باشقىلارنىڭ يار-يۆلەك بولۇشىغا مۇيەسسەر بولدى ھەمدە تېز كۆكلىدى. بۇ يىگىت دەل كېيىنكى كۈنلەردىكى «ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى، ياش كارخانىچى ئەمەتجان نامەت ئىدى. ئەمەتجان ئىچكى ئۆلكىلەردە بىرقانچە يىل تىجارەت قىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تىجارىتى ۋە تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللاندى. 2002-يىلى بازارنى ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، تەۋەككۈل دەرياسىغا قېيىق تاشلاپ، «ئامىنە» شىركىتىگە پاي قوشۇپ كىردى. ئۇچۇرما ھالەتتىن تازا قىرانلىق دەۋرىگە كىرگەن بۇ يىگىت ئون نەچچە يىللىق تىجارەت ھاياتىدا گەرچە نۇرغۇن ئىشنى كۆرگەن، بىلگەن، سودا-تىجارەتكە ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بولسىمۇ، ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدىكىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن تامامەن باشقىچە يول ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى ئەنئەنىۋىي يەككە، پارچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسا، ئەمدى قىلىدىغىنى ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش قائىدە-قانۇنىيىتى بار بولغان شىركەتنىڭ ئىشى ئىدى.

«ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2000-يىلى ئۈچ ئادەم شېرىكلىشىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ، دەسلەپتە شىركەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان نوقۇت تالقىنى يوشۇرۇن بازارغا ئىگە بولغاچقا، شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالى قارىماققا ياخشىدەك قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۈچ پايچىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر بولغاچقا، ئۇلاردا زامانىۋىي كارخانىچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئىقتىدار ۋە بىلىملەر كەمچىل ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، مەبلەغ يېتىشمىگەچكە، شىركەتنىڭ ئىقتىسادى قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، ئەمەتجان نامەت شىركەتنىڭ 79 پىرسەنت پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، شىركەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئون نەچچە يىل ئەنئەنىۋىي شەكىلدىكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بىر يەككە تىجارەتچىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا قالپىقىنى كىيگەن بىر شىركەتنى چۆرىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ شىركەت ۋە ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىپ، شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم ئىختىساسلىق خادىملارغا تايىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئالدى بىلەن ئىختىساسلىق خادىملارنى خىزمەتكە تەيىنلەشنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى مائاش بىلەن ھەر بىر بۆلۈمگە ماس كېلىدىغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى، نەتىجىدە شىركەتنىڭ مالىيە، ئادەم باشقۇرۇش ئىشلىرى قېلىپلاشتى، مال سېتىش يوللىرى بارغانسېرى كېڭەيدى. ئۇ بازارنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتى بولغان قۇۋۋەت تالقانلىرىنى داۋاملىق ئىشلەپ بازارغا سېلىشنى دادىللىق بىلەن توختىتىپ، شىركەتنىڭ يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە تەييار چۆپ تۈرى بىلەن ئىچىملىك تۈرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. «ئامىنە» شىركىتىنىڭ تەييار چۆپلىرى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىستېمالچىلارنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، سېتىلىش مىقدارىنىڭ يىلسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ بازىرى بارغانسېرى كېڭەيدى. بۇ «ئامىنە» شىركىتىنىڭ مىللىي كارخانىلار بويىچە تۇنجى بولۇپ تەييار چۆپ زاۋۇتى قۇرۇش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەتنىڭ 2005-يىلى10-ئايدا قەشقەر ئايروپورت سانائەت رايونىدا 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەنئەنىۋىي مىللىي خاسلىقنى ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى – قەشقەر «ئامىنە» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ شىركەتنىڭ كۆلىمى 3500 كۇۋادرات مېتىر، يىللىق ئۇن سەرپىياتى 7500 توننا، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 120 مىليون قاپقا يەتتى. شىركەتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، پۈتۈن ئاپتوماتلاشقان ئىدى. ھازىر شىركەت ئىشلەپچىقىرىۋاتقان تەييار چۆپلەرنىڭ تۈرى 23 خىلغا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بازارلىرىنى تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى ئۆلكىلەر، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بازار تېپىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ بەلگىلىك تۆھپە قوشتى.

قەشقەر «ئامىنە»مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى خام ئەشيا باھاسى كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈۋاتقان، رىقابەت بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ھازىرقىدەك پەيتتىمۇ قىلچە تەۋرەنمەي، مەھسۇلات سۈپىتىنى كارخانىنىڭ جېنى دەپ بىلىپ، خام ماتېرىيال كىرگۈزۈشتىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغانغا قەدەر ھەرقايسى ھالقىلاردىكى سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى، تەييار چۆپكە چىرىشتىن ساقلىغۇچى خۇرۇچ، سۈنئىي تېتىتقۇ قوشماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىشەنچلىك ۋە سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشى نۇرغۇن كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى ئۆزلىرى تېرىغان مەھسۇلاتلارنى تېزدىن قولدىن چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشتى.

«ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يەنە ئىستېمال ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان زەپە ھەم قارىقاتنى ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى رېتسېپ بىلەن ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، «ئامىنە» ماركىلىق «زەپە خۇشرۇھ ئىچىملىكى»، قارىقات شەربىتى، قىزىل چاي، يېشىل چاي، شاپتۇل شەربىتى، ئانار شەربىتى ھەم گىلاس شەربىتى قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ بازار تاپتى. شىركەت ۋە مەھسۇلاتلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 2000-، 2001- ۋە 2002-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «داڭلىق ماركا» مۇكاپاتىغا، 2001-يىلدىكى 21-ئەسر جۇڭگو غەربىي رايون داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىدە «ئالتۇن مۇكاپات»قا؛ 2000-يىلى شىركەتنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى 4-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلار پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى؛ شىركەتنىڭ زەپە خۇشرۇھ ئىچىملىكى 2001-يىلى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن «كۈچەيتكۈچى ئىچىملىك» دەپ تەستىقلاندى، 2002-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WTO)نىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ فدا گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى؛ شىركەت 2003-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «داڭلىق كارخانا» مۇكاپاتىغا، 2004-، 2005-يىللىرى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «كۈمۈش تاۋار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 2005-يىلى يەنە شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى شەرىپىگە، 2006-يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «ئالتۇن تاۋار» مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىستېمالچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئاپتونوم رايوندىكى 50 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.

ياش كارخانىچى ئەمەتجان نامەت دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي كارخانىلار بويىچە تۇنجى بولۇپ سانائەتلىشىش، كۆلەملىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ پۇل تاپقاندا مۇھتاجلىقتا قالغانلارنى ئۇنتۇمىدى. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ قۇياشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ھەم ئۆز ئىشلىرىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ خاسىيىتىنى ئوبدان كۆرگەن ئەمەتجان نامەت ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ ساخاۋەتلىك ۋە سائادەتلىك ئىشلىرىغا ھەمنەپەس بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسىلىپ قالغان بىر تۈركۈم يېتىم بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنى مەرىپەت بېغىدا خاتىرجەم شىرنە يىغىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «ئامىنە» شىركىتى يەنە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندى. شىركەت 2005-يىلى «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى» بولۇپ باھالاندى، كۆپ قېتىم تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.



kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:15:56

تەرەققىيات جەريانىدا ئۇنداق  مۇنداق ياخشى يامان ئىشلارنىڭ بۇلۇشى تەبئىي ئەھۋال

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:32:34

ئىشنى كىچىكتىن باشلاش ئەۋزەل.بىراق ئىشنى قىلۋالغۇچە دەسلەپكى قىيىنچىلىق بەك يامان.بىر ئىشنى باشلاپ يولغا كىرگۈزگۈچە يالتىيىپمۇ قالىدىغان گەپكەن.بىراق ياردەمسىز بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالىسا بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش دەپ ئويلايمەن.

ئۇيغۇر شېركەتلەردە بەزى سەۋەبلىك بار.شوڭا خىرىدارلار كۆپ ئىككىلىنىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:50:57

izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 18:32 static/image/common/back.gif
ئىشنى كىچىكتىن باشلاش ئەۋزەل.بىراق ئىشنى قىلۋالغۇچە د ...

  مۇنوپوللۇقمۇ بار، ھۈكىمەت ئورگانلېرىدىكىلەر ، ماۋۇ ئىشنى قىلىشقا مانچىلىك بەرمىسەڭ بولمايدۇ دەپ ئۈلۈك ئۆلچەم قىلىۋالىدىغان، كەسىپلەردە دەسمايە ئۆلچىمى بىكىتىدىغان، ۋە راسىتلا باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن بايلار كەسىپلەرنى ئىگەللىۋالىدىغان ئىشلار بار. ئەگەردە رايون ئايتلاش بىجى بولغان بولسا ئەرزان مالنىڭ رىقابىتىگە يۇلۇقمىسىمۇ كەسىپلەر تەرەققى قىلالايدۇ.
  بولمىسا شۇنداق گۆل تۇرسا خەلقىمىز، ساختا ياكى ئەرزان تەننەرىخ بىلەن مەبلەغ يىغىۋىلىپ كىيىن سۈپەتنى يۇقىرى كۈتىرۋالسىمۇ يەنىلا تەرەققى قىلغىلى بۇلىدۇ...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:23:03

مۆمىنجان ئېلانىغا چىقىدىغان چاچ سۇپۇن خېلى ياخشى چىقىدىغۇ، چېچىڭىزغا ماس كەلمەيدىغىنىنى ئىشلەتتىڭىزمۇ نىمە

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 20:06:08

ھەر قىتىم چوڭ تاللا بازارلېرىنى ئارلىغىنىمدا ئۆزىمىزنىڭ كارخانىلېرىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسولاتلارنىڭ ئازلىقىدىن خۇرسىنىپ قالىمەن.ئۇيغۇرچە خەت يىزىلغان مەھسولاتلارنىڭ نۇرغۇنلېرى غەلىتىلا. بەركەت دەيدۇ توڭيى شىركىتى ئىشلەيدىكەن، ئىخلاس فىرىماغا ئوخشاش ياساپتۇ لېكىن ئىخلاس ئەمەسكەن. مەھسولاتلارنىڭ  تۈرىمۇ بەكلا ئاز.  شۇڭا دائىم لازىملىق نەرسىلەرنى يىراق بولسىمۇ ئارمان، ئىخلاس دىگەندەك ئۆزىمىزنىڭ دۇكانلېرىدىن سېتىۋالىمەن.

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 21:39:26

كارخانچىلىرىمىز ئىستىمالچىلارنىڭ ئىنكاسىغا دېققەت قىلىشى ھەم شۇ ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىككە قاراپ ئىلگىرلىشى كېرەك . بىراق بۇ سۇئالنى مەن«كارخانچىلىرىمىز نېمىشقا چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلىمەيدۇ؟»دەپ چۈشەندىم.
بەت: [1] 2 3
: مىللي كارخانلىرىمىز نىمە ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالمايدۇ؟