2014 - يىلى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-24 13:22ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !
مانا 2014-يىلى چىقىپ كېتىشكە يەنە نەچچە كۈنلا قالدى، تور-تورلاردا ، جاي-جايلاردا كېلەر يىلى ئۈچۈن يېڭى پىلانلار
تۈزۈلمەكتە ، كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈش ياخشى ئىش، ئەمما ئۆتمۈشنى ئەسلەپ تەجىرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەشمۇ مۇھىم ئىش بولغاچقا، تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان 2014 - يىلىنى ئەسلەپ ئۆتۈش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم .
2014 - يىلى سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز ؟
خالىس
سىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن سوراپ باقسام :
2014-يىلى 365 كۈن، 8760 سائەت، 525600 مېنۇت ۋاقىت ئىچىدە نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
سىز بەلكىم خىزمەت قىلدىم، تاماق يېدىم، ئوينىدىم ، ئۇخلىدىمدەيدىغانسىز ، ئەجەبا ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈشى پەقەت يەپ-ئىچىش ، ئويۇن-تاماششا قىلىش، ئۇخلاش، جان بېقىش ئۈچۈن زورىغا ئىشلەش ئۈچۈنمۇ ؟
مېنىڭ سىزدىن سوراۋاتقىنىم :
2014 -يىلىبۇ بىر يىل ئىچىدە، سىز 2013-يىلى قىلالمىغان ئىشلىرىڭىزدىن قانچىنى قىلالدىڭىز ؟
ئۆمۈر بويى ئەستىن چىقمىغۇدەك گۈزەل ئەسلىمىدىن قانچىنى قالدۇردىڭىز ؟
ھەربىر ئىنسان بولغۇچى قىلىشقا تېگىشلىك ئەھمىيەتلىك ئىشتىن نەچچىنى قىلدىڭىز ؟
كەلگۈسى ھاياتىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق تەجىربىدىن قانچىنى توپلىدىڭىز ؟
يېڭى بىلىملەردىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز ؟ياخشى كىتابتىن قانچىنى ئوقۇدىڭىز ؟
ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ چىقاردىڭىز ؟
قېنى ئويلاڭ ! ئويلاڭ دوستۇم ، سىز زادى بۇ بىر يىل ئىچىدە نېمىلەرنى قىلدىڭىز ؟
نېمە ! نېمە ئىش قىلغانلىقڭىزنىئەسلىيەلمەۋاتامسىز ؟
ئەجەبا شۇنچىلىك ئۇزۇن، شۇنچىلىك قىممەتلك بىر يىل ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۋەتتىڭىزمۇ ؟
تورداشلارنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە قىلغان ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى ، قىلالمىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ، گۈزەل ئەسلىمىللىرىنى مۇشۇ تېما ئاستىدا باشقا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ،تەجىرىبە-ساۋاقلارنى بىرلىكتە يەكۈنلىشىنى ، شۇ باھانىدە ئۆتكەن بىر يىل ئۆمرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
چامىمنىڭ يىتىشىچە ئۈزۈم ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلدىم بەك غايىۋى بۇلىۋالمىدىم ھەم بەك پىرىنسىپچىمۇ بۇلىۋالمىدىم . ئاللاغا شۈكرى قىلىپ ئۈزۈم ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلدىم ھەم كىيىنلىك ئۈچۈن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە چېپىپ يۈردۈم جاپا چەكتىم جاپا چەكتىم يەنىلا جاپا چەكتىم مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن اللاھنىڭ اسانقىلىشىبىلەنشوپورلۇقكىنىشكىسىېىلىۋالدىميەنە............................
.................
...............
............
......
。 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-24 20:18
بىر يىل جەريانىدا ھېيىت-بايرام دەم ئېلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا خىزمەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىركەتنىڭ بىر قانچە تۈرلىرىنى تاماملىدىم.
يىل ئاخىرغىچە چىكىنىپ ئۆز ئالدىمغا ئىش باشلايمەن دەپ ئويلىغان، يەنە داۋاملىق ئويلىنىۋاتىمەن {:92:}
بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تولۇق كۆردۈم
بىر قانچە داڭلىق فىلىملەرنى كىنوخاندا كۆرۋەتتىم، بەزىسىنى ئۆيدە
پاراۋانلىق ئىشلىرىدىن نوغاي مەسجىدكە ئازراق ئىئانە قىلدىم
كىتاب ئوقۇيالمىدىم لىكىن ئىزدىنىشقا كۈندە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇپ تۇردۇم
ھاياتىمدىكى زور ئىشلارنى قىلالمىغان بىلەن، دۇنيادىكى زور ۋەقەلەرنى بىلىپ تۇردۇم، مەسىلەن، ئوكرائىنا كىرزىسى، مالايسىيا ئايرۇپىلان ۋەقەسى، قاتارلىق ئويلاپ باقسام ، بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ ئىشىم ئوقۇپ شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىلىۋاپتىمەن، ئاللاھ خالىسا كىيىنكى يىلى تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىمەن........ 13پارچە كىتاب ئوقۇدۇم. مەن 2014 تە نەچچە كىلو سەمرىپ كەتتىم، كۆزگە چېلىققۇدەك ئىشىم مۇشۇ بولغان ئوخشايدۇ:lol تېما ئوبدان كېتىپ بارىدۇ،قېنى باشقا تورداشلارمۇ ئىشتىراك قىلغايسىلەر ......
ئۆزۈمگە كەلسەك 2014 - يىلىپىسخىكا جەھەتتىن كىرىپ قالغىلى نەچچە يىل بولغان رامكىدىن ئاخىر قۇتۇلدۇم ،
ئاندىن كەسىپ ئۆزگەرتىپ بېسىممىم يەڭگىللەپ6-7 كىلو سەمرىپمۇ قالدىم ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمنى تونۇپ يېتىپ كەلگۈسىم ئۈچۈن نىشان بەلگىلىۋالدىم ، 8-10 پارچە كىتاب ئوقۇدۇم ، ئەمدى قالدى ئىشلارنى 2015 - يىلى بىر-بىرلەپ قىلىۋالارمەن ئىنشائاللاھ ....... 2014ماڭا بەك چوڭ ئۆزگىرىش ۋە ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بىر يىل شۇنداقلا ئۆزەمنى قايتىدىن تېخىمۇ قايتىدىن تو نۇتقان بىر يىل.
بۇ بىر يىل شۇنى ھېس قىلدىمكى نۇرغۇن ئىشلارغا ئارتۇقچە ئۆزىنى ئۇپرىتىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق ئىكەن.ئۇنچىۋالا ئۇلۇغۋار ئادەم ئەمەسمەن،ئۇلۇغۋار غايىلىرىممۇ يوق،ئۆزەمگە يارىغۇدەك ئادەم بولسام ،قورساق ئاچسا تاماق يەپ،ئۇيقۇ كەلسە ئۇخلاپ،،كۆڭلۈم نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالىسام پەقەت ۋىجدانىمغا خىلاپ بولمىسىلا،ھېچنەرسىنى ئارتۇق ئويلىمىسام،ئاچ-توق قالساممۇ ئۆزەم ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىم بىلەن بىللە ياشىيالىسام،دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان چوڭ ئىشلاردىن تامايىم يوق.ئۆزەمنى ئۆزگەرتەلىسەم شۇ كۇپايە! مەن ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىپتىمەن....:P توي قىلدىم. مەن2013-يىلىھېچقانداقمۇنبەر ۋە توربەتنى بىلمەيتىم
2014-يىلىمەنبىلىدىغان،مەن ئەزا بولغان مۇنبەرلەر100دىنئېشىپ كەتتى
ئەڭ مۇھىمى ئىزدىنىشقائەزا بولىۋالدىم{:92:} kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى2014-12-24 20:06:56 static/image/common/back.gif
توي قىلدىم.
ۋاي ئەمدىما:lol salambay يوللىغان ۋاقتى2014-12-24 21:07 static/image/common/back.gif
ۋاي ئەمدىما
ھېلىمۇ تاس قالدىم 2015 كە ئېشىپ قالغىلى. SIRLIK يوللىغان ۋاقتى2014-12-24 21:04 static/image/common/back.gif
مەن2013-يىلىھېچقانداقمۇنبەر ۋە توربەتنى بىلمەيتىم
...
مەن ئەزا بولغان مۇنبەرلەر 100 دىن ئېشىپ كەتتى دەڭ! قانداقمۇ يېتىشىپ بولالايدىغانسىز؟
چاخچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز ھە؟ ئوقۇش پۈتتۈردۈم .
پىراۋا ئىنتاھانىنىڭ ئىككى تۈرىنى تۈگەتتىم ،
تۈرمۇشنىڭ ئىسسىق سوغۇقىدا چايقالدىم kuyzar بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تولۇق كۆردۈمدەپسىز ،قارىغاندا بىرازىلىيەگە بىرىپ مۇسابىقە كۆرگەن ئوخشىمامسىز ؟ياكى نەق مەيداندىن بىۋاستەتارقاتقىنىنى كۆرگىنىڭىزنى خاتا ئىپادىلەپ قويدىڭىزمۇ ؟ مىنىڭ قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشىم قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلانى تاشلىدىم .قىلىشقا تىگىشلىڭ ئىشلانى باشلىدىم . قىيىن ھەم ئۇزاق بولغان «مۇكەممەل ئادەم بولۇش» سەپىرىمدىكى مۇھىم ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپتىمەن،
بەت:
[1]
2