بەك زىرىكتىم
بەك زىرىكتىمجانىم دىگەن ئامانەتلىك
پەقەت ئىمان قىيامەتلىك
ئامانەتكە خىياناتلىك
دوسلۇرۇمدىن بەك زىرىكتىم
ئۆمرى ھىلە مىكىردە ئۆتكەن
نەپ چىقمىسا ياندىن كەتكەن
مىكىر بىلەن مەقسەتكە يەتكەن
دوسلۇرۇمدىن بەك زىرىكتىم
دەرتنى تارتتىم دوسلار ئارا
شۇڭا بولدى باغرىم يار
دىلى كۆڭلى بەكمۇ قارا
دوسلۇرۇمدىن بەك زىرىكتىم
مىنىڭ قەدرىمنى ئۇ بىلمىدى
چىن سۆزىنى يا دىمىدى
ھالال رىسىق ئۇ يىمىدى
نامەرت دوستتىن بەك زىرىكتىم
ئاپتۇرى ھاجىئەكبەر ئەزىز مۆمىنجاننىڭمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداقراق بىر ناخشىسى بولىدىغان ....
ئۇنىمۇ سىز يېزىپ بەرمىگەنسىز ..؟ بەك ياخشى يېزىپسىز قولىڭىزغا دەرەت كەلمىسۇن تېخمۇ تىرىشىڭ دوست مۇ ،«ئاداش ،بۇرادەر،ئاغىنە»مۇ، مەنچە دوسىت دېگەن پەقەت بىرلا بولىدۇ . begir يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 20:25 static/image/common/back.gif
نىمە دىگەن ئامەتلىك، قەددى سەرۋى قامەتلىك، ھاجى ئەك ...
;P :lol مۆمىنجاننىڭ ناخشىسىنىڭ غەيرى نۇسخىسىكەن بۇ.:funk: مەن ئىسمىڭىزنى خاتا ئوقۇۋاپتىمەن ، ئاجاق بار دەپ ، كۆچۈرۈم سورايمەن . بىزنىڭ «جەسەت» تىن باشقا شائىرنىڭ ئىزدىنىشتا باش كۆتۆرمىكى تەسمۇ نېمە؟:lol
elipbe يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 17:58 static/image/common/back.gif
مۆمىنجاننىڭمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداقراق بىر ناخشىسى بولىد ...
سورھپ بېقىڭ مۆمىنجان كىمنى دوراپ ئوقۇپتۇ مىنىڭ بەش ئالتە ئاغىنەم بار بەك ئېسىل ، شۇڭا دەيمەنغۇ ،ساڭا بېقىپ مەن ،ئىشىككە بېقىپ دەم دەپ شئېر يازماق نىمە دېگەن تەس ھە! ئاسان ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويمىغان ئادەمگە
ئوتانچى ماقال تەمسىللىرى ياخشى يېزىپسىز .تۇرمۇشتىن خېلى ساۋاققا ئىگە بولغاندەك قىلىسىز . دوست بۇ بەك ياخشى نەرسە .ئىنساننىڭ ھەقىقى دوستى بەك كۆپ بولمايدۇ. بەزىلەرنى دوست دىمەيمىز تونۇش دەيمىز بەزىلەرنى خىزمەتداش دەيمىز ،بەزىلەرنى ... مۇشۇنداق . مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ،كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ دوست بىلەن تونۇش دۈشمەننى پەرقلەندۈرىۋالمىساق ، بەك ئەلەمدە قالىمىز. ھەقىقى دوست ئاللاھنىڭ بۈيۈك سوغاتلىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن . ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن دوست بولغانلار ، قىيامەتتە ئاللاھنىڭ ئەرشى سايىسىدا ياشايدىغان يەتتە خىىل كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر . ھەقىقى دوستلارنى تاپالىساق ، بىز ئۈچۈن بەخىت ،پەخىر ، ئامەت، يۆلەك ،مەنا دىمەكتۇر. ھۆرمەتلىك ھاجى ئەكبەر ئەپەندى› سىز ئەدەبىيات ۋە شېئىردىن يىراقراق تۇرغايسىز.
ئىملادا خاتالىق ئېغىر بۇ بىر شېئىر يازغۇچىغا نىسبەتەن !#@%$@#$!
تىنىش بەلگىلىرى قويۇلمىغان ، ناۋادا بۇ شېئىرىڭىزنى بىرەر ئادەم تىنىش بەلگىلىرىگە رىئايە قىلىپ ئوقۇسا ، شېئىرنى ئاخىرغا چۈشۈرۈپ ئوقۇپ بولغۇچە نەپەس يىتىشمەي ئۆلۈپ قالسا قالداق قىلىسىز.:funk:
باشقىسىنى دىمەيلا قوياي زېرىكسەڭ نېرى تۇرە ئاداش!:lol چىۋىن تاز بىلەن ئوينار دېگەندەكمۇ...:lol قىيىن ئىش يوق ئالەمدە
قىلالىغان ئادەمگە مىنىڭچە بۇ شائىر دوستىمىزنىڭ ئۇيغۇر گىرامماتىكىسىدىكى پەش بىلەن چىكىتكە قاتتىق ئاداۋىتى باركەن.
بەت:
[1]
2