taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 12:46:51

18خىل ئۇسۇل سىزگە پاكىزلىق بېغىشلايدۇ

خىل ئۇسۇل سىزگە پاكىزلىق بېغىشلايدۇ

1.        پەردىنى پاكىزە  قىلىشتىكى ئۇسۇل:
كۆپلىگەن ئائىلىلەردە ئۆي تازىلىغاندا ،پەردىنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ،پەردىنى ئىلۋىتىپ ، ئاندىن پاكىزە سۇ بىلەن يۇيىدۇ.سىزگە پەردىنى ئېلىۋەتمەي تۇرۇپ پاكىز قىلىدىغان ئۇسۇلدىن بىرنى دەپ بېرەي:
كونا گېزىتنى نەمدەپ،پەردىنىڭ ئارقا يۈزىگە چاپلاپ ،بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىۋەتكەندە ،نەملەنگەن گېزىتنىڭ پەردىدىكى بارلىق چاڭ-توزانلارنى سۈمۈرۋالغانلىقىنى بايقايسىز.
2.        كىيىمدىكى ماي دېغىنى چىقىرىش
كىيىمگە ئىھتىياتسىزلىقتىن ماي چاچراپ كەتسە،قانداق قىلغۇقلۇق ؟ مەن سىزگە بىر ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ قۇياي:ماي يۇقۇپ قالغان جاينىڭ ئىككى تەرىپىنى ماي سۈمۈرگۈچى قەغەز(تاللا بازىرىدا بار) قويىمىز ، ئاندىن دەزمالنى قىزدۇرۇپ ماي سۈمۈرىدىغان قەغەز ئۈستىگە قويىمىز  ، ماي پۈتۈنلەي ماي سۈمۈرىدىغان قەغەز تەرىپىدىن سۇمۇرۇلگەندە،كىيىم پاكىزە بولۇپ كىتىدۇ.خىمىيىلىك ماددىلارنى ئىشلىتىش كەتمەيدۇ.
3.        كىيىمگە سىياھ قەلەم سىزىلىپ كەتكەندە
كىيىمگە سىياھ قەلەم  سىزىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟قولىڭىزغا پەلكۈچنى ئېلىپ ، ئۇنى ئىسپىرتقا چىلاپ ،سىياھ قەلەم ئىزى بار يەردە نەچچە قېتىم سۇركىۋەتسىڭىزلا ،سىياھ قەلەم ئىزى چىقىپ كىتىدۇ.
4.        قىش پەسلىدە پولنى تازىلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل
قىش پەسلىدە ئۆي تازىلىغاندا ،پولغا ئازراق قار سۇرتۋەتسىڭىز،پاكىزە تازىلىغىلى بولىدۇ،چاڭ-توزان باسمايدۇ.
5.        باش پىيازنى دېرىزە سۈرتكەندە ئىشلەتسىڭىز كۈچىڭىزنى تېجەپ قالىدۇ
ئىشىك دېرىزىسىنى سۈرتكەندە ،باش پىيازنى تازىلاپ ئىككى پارچە قىلىپ،ئاشۇ پارچىلىغان تەرەپ بىلەن دېرىزىنى سۇرتىمىز،پىياز سۈيىنى قورۇتماي تېزلىكتە لاتا بىلەن سۇرتۋىتىمىز،بۇنداق سۈرتۈلگەن ئەينەك ھەم پاكىز ھەم يورۇق بولىدۇ.
6.        گۈرۈچ يۇيغان سۇ كىرئالغۇنى بېسىپ چۈشىدۇ
ئاق رەڭلىك دېرىزە پەردىسى،كارىۋات كىرلىكى قاتارلىقلار  بولسا گۈرۈچ يۇيغان سۇ بىلەن يۇيسا داغ چىقىرىش ۋە ئاقارتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
7.ئائىلە جابدۇقلىرى چاي ئىچسە تېخىمۇ پارقىرايدۇ.
بىر پارچە يۇمشاق لاتا تەييارلاپ ،ئۇنى دەملەنگەن سوغۇق چايدا ھۆل قىلىمىز،ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇستەل-ئورۇندۇقلارنى سۇرتسىڭىز يىڭى ئالغاندەك پارقىرايدۇ.
8.چىش پاستىسىنىڭ مەينەتنى يوقىتىش ئۈنۈمى ياخشى
يۈز يۇيىدىغان تەلەڭگىنىڭ ئەتراپىدىكى داغلارنى ئاززاق چىش پاستىسىنى سىم يۇغاچقا ئىلىپ سۈرتىۋەتسە چىقىپ كىتىدۇ.بۇ ئۇسۇلنى يەنە چەينەك ۋە ئىستاكان ئىچىدىكى چاي داغلىرىنى چىقىرىشقا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
9. گېزىت ۋە تۇزلۇق سۇ ئارقىلىق ماينى چىقىرىش
ھەر خىل ئىدىش ياكى قاچا ئىچىدىكى ماينى ئالدى بىلەن كونا گېزىت بىلەن سۇرتىمىز ، ئاندىن تۇزلۇق سۇ بىلەن چايقاپ يۇيىمىز،ئاخىرىدا پاكىز سۇ بىلەن چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ.
10.ئاق قەغەزنىڭ كۈلى بىلەن چېنە-تەخسىلەرنى سۈرتۈش
ئاق قەغەزنى كۆيدۈرۈپ كۈل ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن ،كۈلى بىلەن چېنە –تەخسە ،ئىستاكان قاتارلىق فار-فۇر بۇيۇملارنى سۈرتكەندە تازىلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.
11.يىمەكلىك ئاچچىقسۇسى (سىركە)ئاليۇمىن بۇيۇملارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
ئاليۇمىن قازان،ئاليۇمىن تەلەڭگە،ئاليۇمىن قوشۇق قاتارلىق ئاليۇمىن بويۇملارنى تازىلىغاندا يىمەكلىك ئاچچىقسۇسى ئارقىلىق سۇرتكەندە،ئاليۇمىن بويۇملارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ھېچقانداق تەسىر يەتمەيدۇ ،بەلكى ناھايىتى پارقىراق قىلىدۇ.
12. توخۇ يۇڭىنى لاتا ئورنىدا ئىشلىتىش.
ئاشخانىدىكى ئوچاق ئۇستىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى توخۇ يۇڭىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ ئېتىۋەتكەندە ،پاكىزە بولۇپ قالىدۇ.
13.چىش پاستىسىنىڭ يەنە بىر رولى
فار-فۇر بويۇملارنىڭ سىرتىدىكى دەز ئىزلىرى قارا بولۇپ قالىدۇ.بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردىكى چىش پاستىسىنى ئاشۇ دەز ئىزى بار ئورۇنغا سۇركىگەندە،دەز ئىزى چاپلىشىدۇ ، ئاندىن شامنى ئۇستىگە ئۇزۇنسىغا ۋە توغرىسىغا بىر قېتىمدىن سۇرتۋەتسەك(شام سۈركەلگەن ئورۇننىڭ  قېلىنلىقى ۋە فار-فۇر بويۇمنىڭ  ئەسلىدىكى قېلىنلىقى بىلەن ئوخشاش بولىشى كېرەك)
14. تاماكا قېپى ئىچىدىكى گۆھەر
چاي ئۈستىلى ئۈستىدىكى  لېكانورا.دائىم چاي ئۈستىلى ئۈستىدە چاي دەملىگەندەئۇزاق ئۆتمەي چاي ئۈستىلى ئۈستىدە كىچىك-كىچىك ئىزنالار پەيدا بولۇپ قالىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئۈستەل ئۈستىگە ئازراق سۇ چېچىپ،تاماكا قىپى ئىچىدىكى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ ئاندىن سۇ بىلەن سۇرتكەندە ، چاي دېغى چىقىپ كىتىدۇ.
15.كۆيۈككە ۋازېلىن ئىشلىتىڭ
ياغاچ ئائىلە سايمانلىرى ئۈستىگە ئىسسىق نەرسىلەرنى قويغاندا ناھايىتى ئاسانلا يۇمىلاق بىر چەمبەر ھاسىل بولۇپ قالىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ئازراق ئىسپىرىت ،گۈل سۈيى،يود تىنكتۇرىسى ياكى قىنىق دەملەنگەن چاي قاتارلىقلار بىلەن يۇمىلاق چەمبەر ئىزىنى يىنىك سۇرتۇڭ،ياكى كۆيۈك ئىزىگە بىر قەۋەت ۋازېلىن سۈرتۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن لاتا بىلەن سۈرتسىڭىز كۆيۈك ئىزى يوقايدۇ.
16.چىش كولىغۇچ بىلەن قاتتىق لاتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ.
ياغاچتىن ياسالغان ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ سىرتىدىكى كۆيۈك ئىزى .تاماكا قالدۇقى ، ئىس ياكى تېخى كۈيۈپ بولالمىغان سەرەڭگە قالدۇقى قاتارلىقلار بەزىدە ئائىلە جابدۇقلىرىدا كۈيۈك ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ.پەقەت رەڭ بەرگەن قىسمىلا كۆيگەن بولسا ، چىش كولىغۇچىنى بىر قەۋەت قاتتىق لاتا بىلان ئوراپ،كۆيۈك ئىزى بار يەرنى يىنىك سۈرتىمىز ، ئاندىن ئۇ يەرگە شام سۈركەپ قويساق ،كۆيۈك ئىزناسى يوقايدۇ.
17.چىش پاستىسىنىڭ يەنە بىر رولى
ئاق رەڭلىك ئائىلە جابدۇقلىرى ئۈستىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى لاتا بىلەن سۈرتۇپ چىقىرىش تەسكە توختايدۇ،شۇڭلاشقا لاتا ئۇستىگە ئازراق چىش پاستىسى سۇركەپ ، يىنىك قىلىپ ئېيتقاندا ئاق رەڭلىك ئائىلە جابدۇقلىرى ئۈستى پاكىزە بولۇپ كىتىدۇ.
18.گېزىت ئارقىلىق پول ئوڭشاش
پولدا ياكى ياغاچ ئائىلە جابدۇقلىرىدا دەز پەيدا بولۇپ قالسا،كوناگىزىتنى قايچا بىلەن قىيىپ ئازراق زەمچە(سۇمۇق)قوشۇپ ،سۈزۈك سۇ ياكى گۈرۈچ يۇيغان سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز ، ئاندىن ئارىلاشمىنى دەز بولغان جايغا  تەكشى ھالەتتە قويىمىز ، ئاخىرىدا تەڭلەشكەندىن كېيىن ئوخشاش سىر بىلەن سىرلاپ قويسىڭىزلا كۇپايە.


APSUN يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:22:14

رەھمەت ھەقىقەتەن ئەسقاتدىغان بىلىملەر ئىكەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:36:17

ياخشى ئاماللاركەن، بىلىۋالىدىغان ئىشكەن.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:59:09


قانداق توخۇدىن يۇڭ چىقىدۇ ؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:29:18

鸡خەتلىك توخىدىنغۇ 羽چىقىدىكەن
ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ توخۇسىدا پەي چىقىدۇ
ئ‍امىركىنىڭ توخۇسىدىن ژۇڭ چىقسا كىرەك

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 16:30:39

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 17:59 static/image/common/back.gif
قانداق توخۇدىن يۇڭ چىقىدۇ ؟

يۇڭلۇق توخۇدىن:lol

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 17:10:47

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 19:29 static/image/common/back.gif
鸡خەتلىك توخىدىنغۇ 羽چىقىدىكەن
ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ توخۇسىدا  ...

مەن تېخى موي چىقىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن
بەت: [1]
: 18خىل ئۇسۇل سىزگە پاكىزلىق بېغىشلايدۇ