taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 12:44:13

ئەرلەردىكى تۇغماسلىق

ئەرلەردىكى تۇغماسلىق
ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى ناھايتى كۆپ بولۇپ ئەرلەر كۆپىيش ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيسى ۋە فىزولوگىيەسى جخنسى ھورمۇنلار نىڭ سەۋىيسى ۋە نېرۋا سىستىمىسى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك.
خاراكتىرىنىڭ ئوخسشىماسلىقىغا ئاساسەن 3تۇرگە بۆلىنىدۇ.
1.ئۇرۇقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە پىشىپ يىتىلىشى توسقۇنللۇققا ئۇچراش(ئۇرۇقنىڭ سانى ،ھايات قىلىش نىسبىتى، ھاياتى كۇچى،شەكلى قاتارلىقلاردىكى نۇرمالسىزلىق) بۇ ئۇرۇقداننىڭ يىتىلىشى  ۋەھىپوپىز تەنچىسى ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
2. ئۇرۇقنىڭ چىقىرىش يوللىرى تۇسۇلۇش تۇغما ياكى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قىلىش (ئۇرۇقدان يالۇغى ،سىلى ،ئۆسمە)
3. ئۇرۇقنىڭ ئورۇنلىششى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ( مەنىى چىقىرالماسلىق، سىرىتقى جخنسى ئەزا غەيرىلىكى،جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ۋە بىرقىسىم روھى ئامىللار كەلتۇرۇپ چىقارغان جىنسى ئاجىزلىق )
4.قوشۇمچە جىنسى بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى نۇرمالسىزلىق مەزى بىزى ياللۇغى .
ئەرلەر جىنسى ئەزا كىسەللىكى
1. زەكەرنىڭ نۇرمالسىز قايىم بولىشى
2.جىنسى ئەزا،جىنسى بەز،ۋە قوشۇمچە جخنسى بەزلەرنىڭ ياللۇغى (مەزى بىزى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتا ياللۇغى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۆسمە
3.ئەرلىك جىنسى ئەزالارنىڭ تۇغما ۋە تۇغۇلغاندىن كىينكى ھەرخىل زەخمىلنىشلىرى...
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ يۇقارقى كىسەللىكلەرنى  تونۇش ۋە داۋالاشتىكى ئالاھىدىلكى ۋە ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇپ،  نەچچە ئەسىرداۋاملىشىپ كەلگەن بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن قەدىمى مىراسلار تا بۇگۇنگە قەدەر ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئەرلىك كۆپىيش ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيەلىك تۇزىلىشى :
ئەرلەر كۆپىيش سىستىما ئەزالىرى ئىچكى كۆپىيش ئەزالىرى ۋە سىرىتقى كۆپىيش ئەزالىرى(تاش خالتىسى ۋە زەكەر ) دەپ 2تۇرگە بولىنىدۇ.
ئىچكى كۆپىيش ئەزالىرى –ئۇرۇقدان، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە قوشۇمچە جىنسى بەز( ئۇرۇق خالتا بىزى، مەزى بىزى، سۇيدۇك يولى شارچە بىزى) قاتارلىقلاردىن تۇزۇلگەن.ئۇرۇقدان ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئەزا. ئۇرۇقدان ئىشلەپ چىقارغان ئۇرۇق ئالدى بىلەن قوشۇمچە ئۇرۇق بىزىدە ساقلىنىپ مەنى ئىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ۋە سۇيدۇك يولىدىن سىرىتقا چىقىرلىدۇ.ئۇرۇقدانغا ناھايتى كۆپ نېرۋىلار تارقالغان ،ئۇندىن باشقا مەركىزى نېرۋا سىستىمىسى تۆۋەنكى دوڭچە مىڭە قويۇپ بەرگەن مىڭە ھىپوپىز تەنچىسى ئاجىرتىپ چىقارغان جىنسى ھورمۇننىڭ ئاجىرلىشىنى ئىلگىر سۇرگۇچى ھورمۇننىڭ كونتىروللىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.    ئۇرۇق خالتا بىزى ،مەزى بىزى ۋە سۇيدۇك يولى شارچە بىزى ئاجىرتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقلار مەنى سۇيۇقلىقىنى شەكىللەندۇرۇشكە قاتنىشپ ئۇرۇقنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ ھاياتى كۇچىنى ئاشۇرىدۇ. . مەزى بىزى بولسا بەزتوقۇلمىسى ۋە مۇسكۇل توقۇلمىسىدىن تۇزۇلگەن مەنئى سۇيۇقلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان مەزى بىزى سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئەزا بولۇپ، دوۋسۇن ئاستغا جايلاشقان .سۇيدۇك يولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. نۇرمال ئەھۋالدا بىرقىتىمدا ئىتىپ چىقارغان مەنئى  سۇيۇقلىقى 2.5مىل بولۇپ ھەر 1 مىل مەنئى تەركىۋىدە 10مىلىيوندىن 200مىلىيون غىچە ئۇرۇق بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ چۆگۇن قوساق قىسمىغا يىتىپ بارالايدىغىنى 200دىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇ. ئۇرۇقنىڭ سانى 5مىلىيوندىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئاسانلىقچە ھامىلدار بولمايدۇ.2مىلىيوندىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئەرلىك تۇغماسلىق كىسىلى ئىپادىلىنىدۇ.

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:39:21

ئەرلەرمۇ تۇغامدۇ تاكى تۇغدۇرامدۇ؟ گەپ دېگەننى ئوڭلاپ قىلىلى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:50:02

yasharVB يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 13:39 static/image/common/back.gif
ئەرلەرمۇ تۇغامدۇ تاكى تۇغدۇرامدۇ؟ گەپ دېگەننى ئوڭلاپ  ...

女人不孕,男人不育
:lol مۇشۇ گەپنى ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىۋالغان گەپ .
ئەرلەردىكى بالىلىق بولالماسلىق دىسە بولا

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:13:44

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 13:50 static/image/common/back.gif
女人不孕,男人不育
مۇشۇ گەپنى ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىۋالغان گ ...

ھېچ بولمىسا پەرزەنتلىك بولالماسلىق ياكى  پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ۋە ياكى بالىلىق بولالماسلىق دېسىمۇ بولىدىغۇ؟ پەقەت بولمىسا ماۋۇ ئىزدىنىش مۇنبىرى بولغاندىكىن  تۇزلا قىلىپ بالا تاپالماسلىق دەۋەتسىمۇ بولىۋېرەتتى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:26:33

نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، ئىچكىردىكى بىر تىلىۋىيزىيە پىروگىراممىسىدا، ئەرلەرنىڭ تاش بۆرەك ساغلاملىقى توغرىسىدا بىز پىروگىرامما سۆزلەۋېتىپتىكەن، ھەيران قېلىپ كۆرۈپ باققان ئىدىم،  رىياسەتچىسى چوكان ئىكەن تېخى .:lol
بۇنىڭدا، ياش باللىلارنىڭ ( پەرزەنتلىك بولماقچى بولغان ) پادىچى ئىشتان كەيمەسلىكى، تېلىفۇننى ئىشتان يانجۇققا سالماسلىقى، تار تامبال كەيمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى .. قاتارلىق بىر قاتار ناچار ئىللەتلەرنى تەجرىبە ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن ئىدى .
ئۇرۇقنىڭ پۈچەك بولۇپ قېلىشىى بالىلىق بولالماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرىكەن .
ئاشۇ ناچار ئىللەتلەر ئىشلەپچىقارغان ئۇرۇقنى پەچەك قويۇپ قويۇش ئېھتىمالى بەك يۇقۇرى ئىكەن .

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:04:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yasharVB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 15:10  

   شۇڭا  ئاتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك كىيىم كېچەك، يېمەك ئىچمەكلىرى بولۇپمۇ ئاشۇ بۆك، بەلباغ، تامبال ،ئۆتۈكلەردە جىق ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇلار يالغۇز بۇ قەۋمنىڭ،مەرت مەردانىلىقنىڭ سىمۋولى بولماستىن يەنە ئۆز نۈۋىتىدە پەۋەس ئەرلىك ساقلىقىغا  ئەرلىك ھۆسن قوشقان ئىدى.  بىزنىڭ ئاتا ئەجدادلىرىمىز ئەنە ئاشۇنداق ئەردەك ئەرلەر ئىدى.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:14:37

توي قىلىپ نەچچە كۈندىن كىيىن ئاياللار ھامىلدار بۇلۇشقا باشلايدۇ؟

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:00:28

بۇيىدا قالغاندىن كىيىن

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:52:25

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 17:00 static/image/common/back.gif
بۇيىدا قالغاندىن كىيىن

ئىنكاستەكلا ئىنكاس  بوپتۇ:handshake

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:25:23

مۇشۇ ئۇرۇقنى پېرسەنىتلەشتۈردىكەن.ئا ب س د دەرىجىگە ئايرىيدىكەن.ئۇرۇق قانچە پېرسەنېت چىقسا نۇرمال بولىدۇ.

ئۇرۇق 60% دەيدۇ.ئۈچ قاپ دورا بەردى،ھەپتىدە ياخشىلنارمىش.غەرىپ كاپسوللۇق دۇرىسى.

ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىبابىتى دوسىرىدىن ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردىغان دورا تەۋسىيە قىلساڭلار بولاتتى.بوۋاق پۇرىغۇم بارتى.خۇدا ھەققى راسىت دىدىم.ئۆزۈم ئەر بولغىنىم بىلەن خەقنىڭ بالىسىغا بەك كۈيەك،ماۋۇ چال بولسا بالىنى ئەمەس ئۆزىنىمۇ باقالماسمىكىن زەئىپ تىنى بىلەن....ھەي خۇدايىم.{:136:}

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:02:25

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 15:14 static/image/common/back.gif
توي قىلىپ نەچچە كۈندىن كىيىن ئاياللار ھامىلدار بۇلۇشق ...

ئاز بولسا بىر ئاي ئىچىدە كۆپ بولسا 40يىلغىچە .................................................

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:09:27

yasharVB يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 15:04 static/image/common/back.gif
شۇڭا  ئاتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك كىيىم كېچەك، يېم ...

شۇنى دەڭە.بولۇپمۇ مۇشۇ ئۆتۈك كىيىشنىڭ بەك ئىلمىلىكى بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇرۇنلاردا بىز تۇرۇۋاتقان جاي ھازىرقىدىن بەتتەر ئىسسىق بولۇشى مۈمكىن. لىكىن ئەر ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈك كىيەتتىكەن. ئۆتۈك بەدەندىكى ھارارەتنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلىماي ، بىر مەزگىل تاۋلىنىپ تۇرغان بولغاچقا ، ئەر- ئاياللاردىكى پۇت بەلگە سوغۇق ئۆتۇپ كېتىش، پەيلەر بوشاپ كىتىشتىن ساقلانغىلى بولاتتكەنتۇق. بۇرۇن نەدە بۇرۇن ياللۇقى، رىماتىزىم، بەلگە بىر نىمە ئۆسۈپ قىلىش دىگەن كېسەل بار ئىدى. مانا ھازىر40ياشتىن ئاشمايلا ۋاي پۇتۇم ۋاي بېلىمغا تۇرۇپ بولمايدۇ.

xaharlik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:39:45

ناھايىتى ياخىشى ھەم بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت,بۇنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:53:46

ئەرلەردىكى پەرزەنت بولالماسلىق دەيلى مۇنداق...دەنشى ئىستانسى بىلەن رادىئو ئىستانسىدىكى كاسكىلارنى دورىمايلى.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:54:07

توۋا، توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزەمدىن گۇمانلىناتتىم،
خۇدانىڭ قۇدرىتى مانا ھازىر بىلەن دادا بۇلۇپ قالدىم،

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:59:33

توۋا، توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزەمدىن گۇمانلىناتتىم،
خۇدانىڭ قۇدرىتى مانا ھازىر بىلەن دادا بۇلۇپ قالدىم،

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 20:00:26

توۋا، توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزەمدىن گۇمانلىناتتىم،
خۇدانىڭ قۇدرىتى مانا ھازىر بىلەن دادا بۇلۇپ قالدىم،

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 20:01:23

ئەجداتلىرىمىز ئەرلەرنىڭ  باشنى، بەلنى ، پۇتنى ئىسسىق تۇتۇشنى بەك مۇھىم بىلگەن، تېخى يېقىنغىچە بوۋىلار ئاشۇنداق تەربىيە بېرەتتى.  مانا ھازىر بۇ جايلارنى ئىسسىق تۇتمايدۇ، بەدەن سوغۇق،  تەن ئاجىز، جىنسىي ئاجىزلىق قەدەمدە بىر . ئۇنى ئاز دەپ بەزى ئوغۇللار  تار كۆينەك، تار شىم كىيىپ بەدەنلىرىنى قىزلاردەك زىلۋا قىلىشقا تىرىشىدۇ، سىرتقى شەكىلدىكى ئەركەكلىكمۇ بارا بارا ئاجىزلاۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە  غىتمەك چىرايلار كۆپىيىپ ئەركەك چىرايلار ئازىيىپ قالامدۇ نېمە.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 20:03:14

ياخشى تېما ئىكەن،  ئىملاغا دىققەت قىلىنسا، مۈمكىن بولسا  ئىملاچىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈۋېتىپ يوللانسا.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 20:22:44

بىزنىڭ زەفىران قۇۋۋەت جەۋھىرى  ئۇرۇق پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتۈۈش ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
بەت: [1]
: ئەرلەردىكى تۇغماسلىق