peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 12:22:38

پەلەك: پېتېر خوپكېرك ۋە يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار

                                                        پېتېر خوپكېرك ۋە يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار
                                                                                           پەلەك
     بۇ تىما پېتېر خوپكېرىك ۋە ئۇنىڭ بىر كىتابى ‹ يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار›دىن بىر ئاز ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن چىقىرىلدى.
          19-ئەسرنىڭ ئاخىرى ۋە  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر تۈركۈم غەربلىكلەر (ياپونلۇقلارمۇ بار) تارىم ئويمانلىقنىڭ ئىشكىنى چەككەن بولۇپ،ئارخىئولوگىيلىك تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي ئىكىسپىدىتسىيە باھانىسىدە كۆپ مىقداردىكى بىباھا ئاسار-ئەتىقىلەرنى ئىلىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش ۋە قىدىرىش ھەركىتى شۇ كىشىلەرنىڭ بىر مۇنچىسىنى دۇنيا ئىلىم سەھنىسىدە ئالىملىق،ئۆلىمالىق مەرتىۋىسىگە ساھىب قىلغان بولۇپ،ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىگە يارىشا  توم-توم كىتابلارنى،قىممەتلىك ماقالىلەرنى يېزىپ،بىر قانچىسى تېخى ياۋروپادىكى بىر قانچە ئۇنۋىرىستىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىغا نائىل بولدى.
          ئەسلىدە دۇنيا ئەھلىنىڭ نەزىرىدە،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتنىڭ بۆشۈكى قەدىمكى يۇنان،ھىندىستان قاتارلىق رايونلار بولغانلىقتىن، پۈتكۈل مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ مەنبەسى شۇ يەردىنلا ئىزدىلىدىغان رەۋىشتە بولغان بولسا،كىيىنكى تاساددىبەن بايقاشتا ھىچكىمنىڭ تازا دىققىتىنى قوزغىيالمىغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭمۇ قەدىمدە بۇ يۈكسەك پەللىدىن نىسىۋىسى بارلىقى ئىنىقلىنىپ،ھەتتا بىر مەھەل گۈللەنگەن بۇددا دىنى سەنئىتى تەسىرىنىڭ قەدىمكى ھىندىستانغىچىلا ئەمەس،يىراق ئىچكى ئاسىيا،تارىم ۋادىسىغىچە سوزۇلغانلىقى مەلۇم بولۇپ قېلىپ،ئىلىم ساھەسىنى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا مىقياسىدا بۇ يىڭى بايقاشقا شىرىك بولۇش،بازار چاققاننىڭ بولۇش پىرىنسىپى بويىچە،ھەرقايسىسى ئۆز دۆلەت ھۆكۈمرانلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن، مۇبارەك بۇ زىمىنغا ئارقا-ئارقىدىن ئاياغ بېسىشتى.
          ئىلگىرى كەلگەنلىرى ھەرخىل مەقسەتلەر بىلەن جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي ئىكىسپىدىتسىيە نامى بىلەن كېلپ،ئۆلچەپ-سىزىش،خاتىرە قالدۇرۇش بىلەن كۇپايىلەنگەن  بولسا،سەل كىيىنرەك كەلگەنلىرى بۇنىڭغىمۇ شۈكرى قىلماي،ئىلىپ كىتەلىگەنلىرىنى ئىلىپ،ھەتتا تام رەسىملىرىنىمۇ تېمى بىلەن قوشۇپ كېسىپ،ئويۇپ ئىلىپ كەتتى.بۇ يەر ئاستى بايلىقلار شۇ كىشىلەرنىڭ جەڭ ئولجىسى كەبى خاتىرجەم ئىلىپ كېتىلىپ،ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇزىيلىرىغا ئاپىرىلىپ قويۇلدى.ھەتتا ئۇلار ئۆلگەندىن كىيىن بۇ ئولجىلار ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بىرىلمەستىن،شۇ مۇزىيلارغا ‹مەردلەرچە› ئىئانە قىلىندى. ئۇلارنىڭ ناملىرى غەرب ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۆچمەس يۇلتۇزدەك يادلاندى، بۇ مەدەنىيەت ئوغرىلىرى بولسا ‹تۆرەم›،‹ بىگىم ›دەپ ئەتىۋارلىنىپ ، بۇ مەدەنىيەتلەرنى ياراتقۇچىلارنىڭ ۋارىسلىرى بولسا،شۇلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ،شۇ بايقاشلارغا شاھىت بولغان بولسىمۇ، لىكىن كىيىنكى بۇ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەردىن تامامەن بىخەۋەر ئىدى.
         مەن بۇ يەردە ئاپتورنىڭ كىرىش سۆزىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئۆز پىتى كەلتۈرىمەن:   
    مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىدىم،مۇشۇ ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە(20ئەسىرنى دىمەكچى)،چەتئەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى يىراتىكى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا كىرىپ،ئۇزاق مۇددەت ئىلىپ بارغا ئارخىئولوگىيە جەھەتتىكى بۇلاڭچىلىقلىرى ئۈستىدە توختىلىشتىن ئىبارەت.بۇ كىتابتا ئاساسلىقى مۇشۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالتە ئادەم تىلغا ئىلىنىدۇ.ئۇلار: شىۋىتسىيىلىك سىۋىن ھىدىن،ئەنگىلىيەلىك ئاۋرىل سىتەيىن ئەپەندى، گىرمانىيىلىك فون لىكوك،فىرانسىيىلىك پائۇل پىللىئوت،ئامىرىكىلىق لاڭدۇن ۋارنىر ۋە ئنچە مۇنچە سىرلىق تۈس ئالغان ياپونىيلىك گراف ئوتانى.(2-بەتكە قاراڭ)            
زور مىقداردىكى بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بويۇملىرى تا ھازىرغىچىلىك ئاز دىگەندە دۇنيادىكى 13دۆلەتنىڭ مۇزىيلىرىدا ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىدا تارقىلىپ تۇرماقتا.ئۇنىڭ بەزىلىرى ئىھتىيات بىلەن ساقلىمىغانلىق ياكى راسخوت يىتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ،تونۇۋالغۇسىز ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ،ياكى ۋەيران بولۇپ كېتىپتۇ.ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ھەربىر بويۇمنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز،بىر قىتىملىق ئۇزۇن يوللۇق ساياھەتكە جابدۇنۇپ،ھىندىستانغا،ياپونىيەگە،رۇسىيەگە ،ئامىرىكىغا ،جەنۇبىي چاۋشيەنگە، شىۋىتسىيەگە، فىنلاندىيەگە، دىموكراتىك گىرمانىيەگە،فىدىراتىپ گىرمانىيگە(ئەسلى ئەسەر بويىچە ئىلىندى.) فىرانسىيەگە ۋە جۇڭگغا بېرىشىڭىزغا شۇنداقلا 30تىن ئارتۇق مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.(2-بەتكە قاراڭ)

ئاپتور ھەققىدە
         پېتېر خوپكېرك ئەنگىلىيەلىك ژۇرنالىست،بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسى،رۇسىيە ئىمپىرىيسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى ئالتە پارچە كىتابنىڭ ئاپتورى. ئوكىسفورد  ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇغان بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالتە پارچە كىتابىدا تىلغا ئالغان رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا،كاۋكازىيە، جۇڭگو، ھىندىستان،پاكىستان،ئىران،تۈركىيەلەرنى كېزىپ چىققان.
         پېتېر خوپكېرك 2014-يىلى 22-ئاۋغۇست 83يىشىدا ۋاپات بولدى.  


كىتابلىرىنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
Foreign Devils on the Silk Road: The Search for the Lost Cities and Treasures of Chinese Central Asia, 1980
on early European explorations of the Taklamakan Desert
Trespassers on the Roof of the World: The Secret Exploration of Tibet, 1982
Setting the East Ablaze: Lenin's Dream of an Empire in Asia, 1984
The Great Game: On Secret Service in High Asia, John Murray, 1990, ISBN 071954727X
The Great Game: The Struggle for Empire in Central Asia, Kodansha International, 1992, ISBN 1568360223


كىتابلىرىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتى






كىتابنىڭ ئىچىدىكى رەسىم:


ئۇزاق مەزگىل غايىب بولغان بىزەكلىكتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەسەرنىڭ بىرى،ئۇنىڭغا ئىبادەتخانىلاردىكى پارىس باقارمەنلەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بومباردىماندا يوقالغان.

ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى ۋە سۈرەتلەر ۋىكىپىدىيە قامۇسىدىن ئېلىندى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:00:29

ۇزاق مەزگىل غايىب بولغان بىزەكلىكتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەسەرنىڭ بىرى،ئۇنىڭغا ئىبادەتخانىلاردىكى پارىس باقارمەنلەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بومباردىماندا يوقالغان.
سۇغدىلارنى پارىسلار دەپ قويمىغاندۇ ھە ؟

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:54:49

  يۇقىرقى ئەجنەبىلەرگە خىزمەت قىلىپ ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزغا مۇناپىقلىق قىلغان غالچىلىرىمىزمۇ خېلى بارغۇ دەيمەن ئۆردەك ........دىگەندەك .
  ياخشى ساقلىنىپ ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا بىزگە قايتۇرۇپ بىرىش ئېھتىماللىقى بولغان بولسا بۇنداق دىمەيتتىم .

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:08:11

ئ‍ىزدىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكىنى ئ‍وغۇرلاپ كىتىلگىنىدىن كۆپ شۇنىمۇ تىللىيالامسىلەر

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:10:41

پەچەت ،ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى تىزراق كۆرۈشكە تەشنامەن پەلەك .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:23:39

قىممىتىنى بىلمەيدىغان ۋە قوغداشقا قادىر بولالمىغانلار ھەتتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلار ئالۋاستىلاردىنمۇ قورقۇنۇشلۇق .
ساقلىنىپ قالغان بولسا ياخشى بوپتۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى .

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:39:14

يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار
دىگەن كىتاپنى مۇشۇ كىشى يېزىپتىكەندە  {:112:}
ئاشۇ كىتاپنى بىر ئوقۇمىسام بولمىدى

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:48:47

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 14:00 static/image/common/back.gif
سۇغدىلارنى پارىسلار دەپ قويمىغاندۇ ھە ؟

ئەسلى كىتابتا شۇنداق ئىكەن.مەنمۇ بىلمىدىم.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 08:36:10

peleck يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 18:48 static/image/common/back.gif
ئەسلى كىتابتا شۇنداق ئىكەن.مەنمۇ بىلمىدىم.

بىزەكلىك تۇرپاندا بولغان ئىكەن، ئۇ قايغا پارىسلار كەلمىگەن، پەقەت ئەينى ۋاقىتتىقى يىپەك يولىنىڭ ئەركىسى- سوغدى كارۋانلىرى  ھەرقايسى يۇرتلارغا بېرىپ كېلىپ تۇراتتى، شۇڭا بۇ رەسىمدىكى كىشىلەر سوغدى بولۇشى ئېنىق .
بەت: [1]
: پەلەك: پېتېر خوپكېرك ۋە يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار