bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 11:02:10

بىلىمخۇمار: روژدېستۋا بايرىمىدىكى خوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرى

روژدېستۋا بايرىمىدىكى خوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

ھەر يىلى 25-دىكابىر كۈنى ئامېرىكىدا روژدېستۋا بايرىمى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنى كەم دېگەندە 2 كۈن بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدۇ.   بۇ بايرام كۈنىگە بىر قانچە ھەپتە قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ھەر خىل رەڭدىكى چىراغلارنى ئېسىپ، ھەمدە ئۆيلىرىنىڭ ئالدا ھويلىسىغا تۆمۈردىن ياسالغان ۋە چىراق ئېسىلغان جەرەنلەرنى قويۇپ، ئويىنىڭ ئالدىنى ناھايىتى چىرايلىق پەردازلايدۇ.چىراقنى ئەڭ كۆپ ئاسىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدە 3000 دىن 5000 غىچە چىراق ئاسىدىغانلارمۇ بار.  بىز تۇرىۋاتقان شەھەرنىڭ بىر كوچىسىدىكى ھەممە ئائىلىلەر ئاشۇنداق كۆپ چىراغلارنى ئېسىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەرنى چىراق بىلەن قالىق ياساپ تۇتاشتۇرۇپ، بىر ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.  نۇرغۇن كىشىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئاشۇ كوچىغا ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ، ھېلىقى چىراقلارنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ كېتىدۇ.  بىز ئۇ كوچىغا بۇ يىل تېخى بېرىپ بولالمىدۇق.  بەزى ئۆيلەر يالغۇز چىراق ئېسىپلا قالماستىن، ئۆيىنىڭ ئالدىغا بىر قانچە ئېلېكترونلۇق كانايلارنى ئېسىپ، ، روژدېستۋا بايرىمىنىڭ مۇزىكىلىرىنىمۇ قويۇپ قويىدۇ.  شۇڭا كوچىلاردا مۇزىكا ئاڭلاپ ماڭىسىز.  چوڭ-چوڭ سودا سارايلىرىمۇ بىنانىڭ كارىدورلىرىنىڭ ئىچىگە چىراق ئېسىلغان قارىغاي دەرەخلىرىنى ئورنىتىپ، ھەمدە رەڭگە-رەڭ چىراغلارنى ئېسىپ، بىر خىل گۈزەل مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا دىكابىر ئېيىدا ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرى بىر خىل بايرام تۈسىگە كىرىدۇ.

چىراق ئاسقان ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خرىستىئان بولۇشى ناتايىن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر پەقەت بايرام مۇناسىۋىتى بىلەنلا ئۆيلىرىگە چىراق ئاسىدۇ.

مەن ئۈلۈشكۈن، يەنى 22-دىكابىر كۈنى، ئايالىم بىلەن چېقىنىش ئۈچۈن مەھەللىمىزدىكى ئائىلىكلەر كوچىسىدا يول ماڭغىلى چىققاندا رەسىم ئاپاراتىمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆيلىرىنى چىراغلار بىلەن ناھايىتى چىرايلىق پەردازلىغان ئۆيلەرنى رەسىمگە تارتىۋالدىم.  تۆۋەندىكىسى ئاشۇ رەسىملەرنىڭ بىر قىسمى.  مېنىڭ بۇ رەسىملەرنى چىقىرىپ قويۇشىمدىكى مەقسىتىم پەقەت تورداشلارنى «دۇنيادا مۇنداق ئىشلارمۇ بار » دېگەن بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشتىنلا ئىبارەت.

مەن ئۆزەمنىڭ يېقىنقى بىر يازمىسىغا ئارقا ھويلىمىزدىكى گۈللەرنىڭ رەسىمىنى قوشۇپ قويغاندا، بەزى قېرىنداشلار مەندىن «ئامېرىكىدىكى ھەممە ئادەملەرنىڭ ئاشۇنداق ئۆيلىرى بارمۇ؟» دەپ سورىدى.  2014-يىلىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھازىر 67 پىرسەنت نوپۇسنىڭ شەخسىي ئۆيلىرى بار بولۇپ، قالغان 33 پىرسەنت نوپۇس ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن.  بۇلارنىڭ ئىچىدە 43 پىرسەنتى داچا ئۆيلەر بولۇپ، قالغانلىرى بىنا ئۆيلەر ۋە يۆتكەلمە ئۆيلەر (mobile houses) ئىكەن .

تۆۋەندىكىسى بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئاخشاملىق كۆرۈنىشلىرى.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

Quick Facts: Resident Demographics
http://www.nmhc.org/Content.aspx?id=4708

ezimet163 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 12:22:05

خىلى گۈزەلكەن.ئاۋۇ چۆپلەر ھەجەپ يېشىل تۇرۇپتۇ.مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ قىش بولمامدا؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 12:23:14

ھېلىقى پارپامۇ ياكى كۈركە توخسىمۇ يەيدىغان نىمە بايرىمى؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 12:41:08

بۇ لارنىڭ بايرىمىدا ئۆي ۋە ئۆينىڭ ئالدىنى بىزەيدىغان ئىشى ياخشى ئىشكەن.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 12:42:53

ھەجەپ گۈزەل قىلىۋېتىپتا!!!!!!!!

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:29:25

خاس ھېيت -بايراملىرىغا بىزدەك سۇس مۇئامىلە قىلىدىغان مىللەت ئاز بولسا كېرەك، بارغانسىرى شۇنداق بولۇۋاتىدۇ...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:05:21

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 12:23 static/image/common/back.gif
ھېلىقى پارپامۇ ياكى كۈركە توخسىمۇ يەيدىغان نىمە بايرى ...

مىننەردارلىق بايرىمى،

evrkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:05:55

{:112:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:47:49

خەقنىڭ ھويلىسىنى رەسىمگە تارتىپ تورغا چىقارسا قانۇنغا خىلاپ ئەمەسمۇ، كۆپ جاپا تارتىپسىز ئەركىن مۇئەللىم

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:03:41

بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىمۇ خىلى قىززىپتىكەن بولمىسا...

function يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:37:40

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 13:29 static/image/common/back.gif
خاس ھېيت -بايراملىرىغا بىزدەك سۇس مۇئامىلە قىلىدىغان م ...

ئۇيغۇرنى ھېيت-بايرامغا سۇس مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ نەدىن تاپتىڭىز؟ كىم شۇنداق دەيدۇ؟  دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئىككى ھېيتقا ئۇيغۇردەك كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتكۈزىدىغان، ئۇيغۇردەك چوڭ بىلىدىغان يەنە قايسى قەۋم باركەن؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:43:47

بۇ بايرامدا مەھەللە بويىچە كىچىكلەرگە كەمپۇت  سوۋغا قىلىدۇ ،
كەمپۇت بەرمىسىلا ئادەم ئۆلتۇرىدۇ دىگەن فىلىمدىن بىلىۋالغان ئىدىم.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:30:59

function يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 16:37 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرنى ھېيت-بايرامغا سۇس مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ نەدىن  ...

(1) ھېچنەدىن تاپمىدىم، ئۆزۇمنىڭ بىۋاستە تەسىراتى. (2) مەن سىزكۆرگەن ئىنكاسىمدا شۇنداق دېدىم. (2) دۇنيادىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەكەرەك ئەھمىيەت بېرىدىغىنىنى سىز قانداق چۈشەندۈرىسىز؟

Uyghar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:33:34

function يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 16:37 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرنى ھېيت-بايرامغا سۇس مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ نەدىن  ...

سالام ،
قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتنى بىزدىن ئالاھىدە  ئۆتكۈزىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ھېيت ئۆتكۈزىش ئەھۋالىنى بىزمۇ بىلىپ باقساق، بىلىدىغانلار بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرمەمسىلەر . ئالدىن رەھمەت .

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 19:58:04

بۈگۈن كېچىنى ئۇيغۇرچە نىمە دەيدۇ平安夜ئالدىنقى يىلى باشلىقىمىز 5يۇلتۇزلۇق مىھمان سارايغا ئاپىرىپ مىھمان قىلغان. نەچچە مىڭ كويغا  «كۆكات» يەپ كەلگەنتۇق. بۇ يىل شىجىنپىڭ يىغىۋەتتىغۇ مۇشۇنداق ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچكەنلىنىڭ شامىلىنى.  

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 20:05:40

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 16:43 static/image/common/back.gif
بۇ بايرامدا مەھەللە بويىچە كىچىكلەرگە كەمپۇت  سوۋغا قى ...

بالىلارغا كەمپۈت سوۋغا قىلىدىغىنى Halloween، ئالۋاستىدەك ياسىنىدىغان بايرام .

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 20:29:37

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 20:05 static/image/common/back.gif
بالىلارغا كەمپۈت سوۋغا قىلىدىغىنى Halloween، ئالۋاستىدەك ...

مەن تىخى بىر ئوخشايدۇ دەپتىمەن شۇنىڭدىمۇ ھويلا ئارامنى زىننەتلەيدىغان .

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 21:05:43

بۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ  قورۇق تاملىرى، قاشالىرى يوقكەن، ئۆيىنىڭ ئالدىنى چىرايلىق زىننەتلەيدىكەن، سەنئەتلىك بېزەلگەن ئۆيلەرنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدىكەن.
بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيلەرنىڭ ئالدى بىكار تۇرسىمۇ چىم ، گۈل گىيا تېرىپ گۈزەللەشتۈرمەيدۇ، ھەتتا سۇمۇ چېچىپ قويمايدۇ، توپا ئۆرلەپ تۇرغان، ھەييييييي

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 21:28:20

ئامېرىكىدا ئۆي سېلىپ ساتىدىغان چوڭ شىركەتلەردىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، ئۇلار ھەر قېتىم بىر پارچە كەڭرى يەرنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇ يەرگە ئۆي سېلىپ ساتىدۇ.  ھەر بىر يەرگە سېلىنىدىغان ئۆيلەرنىڭ 8 تەك نۇسخىسى بار بولۇپ، يانداش ئۆيلەرنى چوقۇم بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ سالىدۇ.

مۇشۇ رەسىملەردىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى تەخمىنەن 450 مىڭ دوللاردىن 800 مىڭ دوللارغىچە. ئامېرىكىدا ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئوخشىمىغان شتاتلاردا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، كالىفورنىيە ئۆي باھاسى ئەڭ قىممەت شتاتلارنىڭ بىرى.  تېكساس شتاتىدا مۇشۇنداق ئۆيلەرنى 150 -300 مىڭ دوللارغا ئالغىلى بولىدۇ.
بەت: [1] 2
: بىلىمخۇمار: روژدېستۋا بايرىمىدىكى خوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرى