NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 10:17:58

24-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى

24-دىكابىر ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1175 دوللار ئەتراپىدا. تۈنۆگۈن ئامرىكىنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى مۆلچەردىن يۇقىرى چىقتى ھەمدە ئۆسۈش سۈرئىتىمۇ 11 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تىز سۈرئەت بولدى، ھەمدە بازارنىڭ ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشىدىكەن دىگەن مۆلچەرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوللار چوڭ ئۆسۈپ 9 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نوقتىنى ياراتتى، ئالتۇن باھاسىنىمۇ بېسىۋەتتى، تەلەيگە يارىشا نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئالتۇنغا ئازراق تېرەك پەيدا قىلىپ بەردى، بۈگۈن گىرمانىيە، ئىتالىيە، شىۋىتسارىيە روجىستىۋا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئالىدۇ.
بۈگۈن گىرمانىيە، ئىتالىيە، شىۋىتسارىيە دەم ئالدى، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامرىكىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئالىدۇ. بۈگۈن بازاردا ئۇچۇرلار ئاز. پەقەت ئامرىكىنىڭ ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىغا دىققەت قىلىڭ. ئۇچۇر ياخشى چىقىپ قالسا قىسقا ۋاقىتتا دوللارنى ئۆستۈرۈپ ئالتۇننى بېسىۋېتىدۇ.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  
تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1185 دىن  ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىش تەھلىلى توغرا چىقتى.
بۈگۈنكى تەھلىل
1185 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1190، نىشان 1180~1175
1160 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1155،نىشان 1165~1170
1200 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1205، نىشان 1195~1190
1140 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1135،نىشان 1145~1150
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  235   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.15  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 24-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى