nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 23:02:47

مەن ئامرىكىغا قانداق كەلدىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-24 03:06

تىمنىڭ ئەڭ بېشىدا ئامرىكىنىڭ Open Doors دىگەن ئورگىنىنىڭ 2010-2011 ئوقۇش يىلىدىكى ئامرىكىغا يېڭىدىن ئوقۇشقا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ۋە رايۇن بويىچە قىلغان سىتاستىكىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. جۇڭگۇ: 157558
2.ھىندىستان: 103895
3. كۇرىيە: 73351
4. كانادا: 27546
5. تەيۋەن: 24818
6. سەئۇدى ئەرەبىستان: 22704
7. ياپۇنيە: 21290
8. ۋېيتنام:14888
9. مىكسىكا: 13713
10.تۈركىيە: 12184
11. نىپال: 10301
بۇ 2010-يىلىدىكى سىتاستىكىكەن. بايا تەكشۈرۈپ كۆرۈشۈمچە 2014-يىلى ئامرىكىغا يېڭىدىن ئوقۇشقا كەلگەن جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 235مىڭدىن ئېشىپتۇ.ھازىر ھىندىستان، كۇرىيە، تەيۋەن، ياپۇنيەلەردىن ئوقۇشقا كىلىدىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ قاپتۇ. ئالدىنقى قېتىم ئايرۇپىلاندا كەلگۈچە سەئۇدىلىق بىر پىرافىسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھازىر ئامرىكىدىكى ھەرقايسى ئۈنۋىرستىلاردىكى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر يېرىم مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئامرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدىكەن.
بىزدە سەئۇدىدەك پۇلنىڭ كۈچى بىلەن مىليون ئوقۇغۇچىنى ئامرىكىدا ئوقۇتقۇدەك شارائىت يوق. ئەمما بىزدە، بىز تولا قاقشايدىغان بارلىق ئوبىكتىپ ئامىللارنى چىقىرىۋەتسەكمۇ، ئەسلى 235مىڭ دىگەن ساننىڭ ھىچ بولمىدى دىگەندىمۇ 1000 ئەتراپىدىكى سانىنى ئىگەللەش پۇرستىمىز بار ئىدى، بۇ پۇرسەتقۇ ھېلىھەم بار. شۇغىنىسى ھەريىلى ئامىرىكىغا ماگىستىر-دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا كىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تولىمۇ ئاز. بۇ تىمىدا نىمىشقا ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدىمۇ ئازراق تەھلىل قىلىپ توختىلىشىپ ئۆتىشىم مومكىن، ئەمما ئاساسلىقى ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ خىزمەت قىلىپ بىر نەچچە يىللاردىن كىيىن ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمنى ھىكايە قىلىپ ئۆتىمەن.
ھازىر ئالى مەكتەپكە يېڭى كىرگەن بىر ئوقۇغۇچى بار دەيلى. ئۇنىڭ ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئۇتۇقلۇق ئىلتىماس قىلىش سىنارىيىسى تۆۋەندىكىدەك بولىشى مومكىن.
1. تولۇق كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش. GPA سى 3.5 دىن يۇقىرى بولۇش، پەقەت بولمىدى دىگەندىمۇ 3.0 دىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىق. TOEFL، GRE ئىمتاھانلىرىدىن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىش. يۇقىرىقى شارائىتلار ئاساسىدا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى ياخشى تەييارلاپ ئىلتىماس قىلغاندا ئىلتىماسنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. جۇڭگۇدىن ھەر يىلى كىلىۋاتقان 200مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى مۇشۇ يول بىلەن كىلىدۇ ھەم كىلىۋاتىدۇ.
2. تولۇق كۇرستىكى GPA سى تۆۋەن چىقىپ قالغانلار، دۆلەت ئىچىدە ماگىستىرلىققا ئۆرلەپ ئوقۇپ،ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇيالىسا، ئەڭ موھىمى ماگىستىرلىقتا ئوقۇش جەريانىدا ئۆزى يالغۇز بولسۇن ياكى باشقا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ بولسۇن بىر نەچچە پارچە(ئاز دىگەندىمۇ بىرەر پارچە بىرىنجى ئاپتۇر) ماقالىسىنى خەلقئارالىق ئىلمىي جورنال ياكى خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا ئىلان قىلالىسا تولۇق كۇرستىكى نەتىجىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ.(ئەمما ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلغاندا يەنىلا تولۇق كۇرستىكى نەتىجە ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەمدە بۇ سىنارىيەدە تولۇق كۇرستىن بىۋاستە ئامرىكىغا بارغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا 2-3 يىل ئارتۇق ئوقۇپ كەتكىنى كەتكەن بولىدۇ.)
3.تولۇق كۇرس GPA بەكلا تۆۋەن، ماگىستىرلىقنى دۆلەت ئىچىدىكى خەنچە يادرولۇق ئىلمىي جۇرناللاردا ماقالە ئىلان قىلىپلا ئەپلەپ-سەپلەپ پۈتتۈرىۋالغان. خىزمەت قىلغىلى بىر-نەچچە يىل بولۇپ قالغان شارائىتتىمۇ يەنىلا ئامرىكىغا كىلىپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتۇرلۇققا كىرگىلى بولىدۇ. بۇ سىنارىيە دەل مىنىڭ ماڭغان يولۇم.
2012-يىلىىنىڭ بېشىدا بىردىنلا ئامرىكىغا چىقىپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى قارار قىلغاندىن كىيىن، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ بىر تەرەپتىن TOEFL، GRE ئىمتاھانلارغا تەييارلىق قىلىپتىمەن. 2012-يىلى 11-ئايدا GRE ۋە TOEFL ئىمتاھانلارنى ئوڭۇشلۇق بەرگەندە، دوسلىرىم مىنىڭ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىۋاتقان ھەم ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ بولغان تۇرۇقلۇقمۇ قانداق قىلىپ بۇ ئىمتاھانلارغا تەييارلىق قىلىپ ئوڭۇشلۇق بىرەلىگىنىمنى سوراشقانتى،مەن ئىلتىماس ئىشلىرىم ئوڭۇشلۇق بولغاندا بىراقلا تىما قىلىپ يازىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنتىم.
2012-يىلىنىڭ بېشىدا 2013-يىلى جەزمەن ئامرىكىدا ئۆزۈمنى كۆرىمەن دەپ ئىرادە باغلىۋىدىم. دىگەندەك 2013-يىلى دىكابىردا تۇنجى قېتىم ئامرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باستىم. شۇغىنىسى ئۇ قېتىم ئامرىكىغا كىلىشىم ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەتقىقات-تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ تەييارلىغان سەككىز بەتلىك ئىلمىي ماقالەم قۇبۇل قىلىنغان IEEE نىڭ لوس-ئانژىلىستىكى خەلقئارلىق ئىلمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بولدى. لوس-ئانژىلىستىكى بىلىمخۇمار، تاشپولات ئاكىلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈش، يەنە نۇرغۇن تەڭتۇش دوستلار بىلەن تونۇشۇش، سىردىشىش شەرىپىگە ئېرىشتىم. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن دوستلىرىم ماڭا ئامرىكا تەسىراتى يېزىشنى تەۋسىيە قىلدى. مەن يەنىلا بۇ ئىشلارنى ئىلتىماس ئىشلىرىم ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كىيىن قىلىشقا قويدۇم.   
2014-يىلى ئاپرىلنىڭ بېشىدا ھازىرقى مەكتىۋىم ماڭا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقىمنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىققان بولدى.ئەمما خىزمەتتىن چىكىنىش، ۋىزا بىجىرىش، ئائىلەمدىكىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چوڭلار، ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن خوشلىشىش دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بىر نەرسە يازالمايلا بۇ يىل 8-ئاينىڭ بېشىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن ئىككىنجى قېتىم ئامرىكىغا قەدەم باستىم. ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن بولسا ئوقۇش ئالدىراشچىلىقىدا بىردەمدىلا بىر مەۋسۇممۇ تۈگەپ، مانا ئەمدى قىشلىق تەتىلمۇ يېرىملىشاي دىگەندە بۇ تىمىنى باشلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەن مىنىڭ ھىكايىلىرىمنىڭ 'ئامرىكا چۈشى' نى كۆرۈۋاتقان ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بولسۇن، ياكى بۇرۇن شۇنداق چۈشلەرنى كۆرۈپ ھازىر ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالغانلارغا بولسۇن بەلگىلىك ئىلھام بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
   

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 23:21:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-13 03:54

بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈش(4)
ۋاقىتنى يەنە بىر-ئىككى ھەپتە كەينىگە قايتۇرۇپ تۇرايلى.
ئەمەلىيەتتە مەن ئىلتىماسنى رەسمىي باشلىغاندىن بۇيان مىنىڭ شىركەتتىكى ئورنۇمدا ناھايتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كەتكەن ئىدى. گەرچە ئىلتىماس ئىشلىرىمنى دەپ ھەرگىزمۇ خىزمەتكە دەخلى قىلمايمەن دىگىنىم بىلەن، ئەمەلىيەتتە 2013-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ مىنىڭ كۆپ قىسىم زىھنىم مەكتەپ تاللاش، پرافىسورلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تەييارلاش، ئىلتىماس قىلىش، ئامرىكىغا يىغىنغا چىقىش ۋىزىسى بىجىرىش، مەبلەغ ئىزدەپ ھەم تونۇشتۇرۇش خېتې يازدۇرىمەن دەپ كونا مەكتەپكە قاتراپ يۈرۈش دىگەن ئىشلار بىلەن ، 12-ئايدا يەنە ئىككى ھەپتىدە لوس-ئانجىلىستا بولۇپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن يىل ئاخىرىغىچە تۈگىتىش پىلانلانغان پروجېكتلەرنى تاماملىيالمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھەرقايسى مەكتەپلەر تەلەپ قىلغان ئۈچ پارچە تونۇشتۇرۇش خېتىنىڭ بىر پارچىسىنى شۇ شىركەتتىكى لىدىرىمىزغا ئەۋەتكۈزىۋاتقان بولغاچ، مىنىڭ قاچان، قايسى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىۋاتقىنىم، نىمە ئىشلارنى قېلىۋاتقىنىم خوجايىنغا ناھايتى ئايدىڭ ئىدى. بۇنىڭغا خىزمەت ئۈنۈمۈمدىكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش ھەم مىنىڭ بۇ شىركەتتىن ھامان ئايرىلىدىغانلىقىمدەك پاكىتلار قوشۇلۇپ مەن بۇرۇنقىدەك ئەتىۋارلىنىشلاردىن پۈتۈنلەي قالغان ئىدىم.12-ئاينىڭ ئاخىرى ئامرىكىدىن قايتىپ كەلگەندە بولسا بۇرۇن مەندىن 5 ئاي كىيىن شىركەتكە كىرگەن، مەن دەسلەپتە يىتەكلەپ يىتىشتۈرۈپ، كىيىن بىللە ھەمكارلىشىپ پروجېكتلەرنى ئىشلەپ يۈرگەن بىر خىزمەتدىشىمنى مىنىڭ باشلىقىم قىلىپ ئۆستۈرۈپ قويغان، يەنە مىنىڭ ئورنۇمغا يېڭىدىن ئىككى ئادەم قۇبۇل قىلماقچى بولۇپ نامزاتلارنى بىكىتىپ بولغان ئىكەن. مەنمۇ شىركەتنىڭ ئەڭ قىيىن، موھىم، ئۇزاق مۇددەتلىك پروجېكتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئىدىم. تۇيۇقسىزلا پرىنسىپچان بولىۋىلىپ، مىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى ئالدىن ئىشلىتىۋىلىشمنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى.
مەن ئەسلى ئىلتىماسنى تاماملاپ بولساملا يەنە بۇرۇنقىدەك نورمال خىزمەت قىلالەيمەنغۇ دەپ خاتا ئويلىۋالغان ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە ئىلتىماس جەدىۋىلىنى توشقۇزۇش، ماتىرىيال، نەتىجىلەرنى ئەۋەتىش ئەمەلىيەتتە ئاسانلا بولۇپ، ئادەمنى ئەڭ قىينايدىغىنى شۇ ئىلتىماسلارنى تاماملىغاندىن كىيىنكى نەچچە ئايلارغا سوزۇلىدىغان ئىلتىماس نەتىجىسىنى كۈتۈش جەريانى ئىكەن. 1-ئايدا خۇددى ئارزۇ قىلغان مەكتەپتىن جەزمەن چاقىرىق كىلىپ كىتىدىغاندەك تاتلىق خىياللار بىلەن ئۆتۈپ كىتەتتى.ئىككىنجى ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ باشقىلارغا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشلىرى كىلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىددىلىشىپ رەت قېلىش خېتى تاپشۇرۇۋالسام قانداق قىلارمەن دەپ دەككە-دۈككىدە بىر ئاي ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئاڭغىچە بىرەر ئىككى مەكتەپتىن ئۇنداق-مۇنداق خەۋەرلەر كىلىدۇ. نىمانداق باشقا مەكتەپلەردىن ھازىرغىچە خەۋەر كەلمەيدىغاندۇ، رەت قىلىنغان ئوخشىمامدىمەن دەپ ئىچ پۇشىقىدا ئۈچىنجى ئايمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ. تۆتىنجى ئايغا كەلگەندە رەت قىلىش خېتى بولسىمۇ ئىتتىكرەك چىقسا بولمامدۇ دەيدىغان بولۇپ، ئىلتىماس نەتىجىلىرىنىڭ قانداق بولۇپ چىقىشى بەرىبىردەك بولۇپ قالىدىغان گەپكەن. كۈندە يۈز قېتىملاپ ئىلخەت ساندۇقىنى مالتىلاش، مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس تور بەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈش، توختىماي جاۋابى كەلمەيدىغان ئىلخەتلەرنى پرافىسورلارغا يوللارش دىگەن ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، بۇ روھى بىسىملەر ئاستىدا مەن ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك خىزمەت قىلالمىغان ئىدىم. شۇڭا 3-ئاينىڭ ئاخىرى شىركەت خوجايىنى مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، يېڭىدىن قۇبۇل قىلغان ئىككى خادىمنىڭ ئاللىقاچان يىتىشىپ بولغىنىنى، ھامىنى كىتىدىغان بولغاندىن كىيىن بولسا مىنىڭ بالدۇرراق شىركەتتىن ئايرىلىشىمنى ئېيتقاندا مەن گەرچە خالىمىساممۇ كىيىنكى ئايدىن باشلاپ خىزمەتتىن ئايرىلىشقا قوشۇلدۇم.
خالىماسلىقىمدىكى سەۋەب، بۇ ۋاقىتتا مەن تېخى ھىچقايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى ئۇقتۇرۇشىنى ئالمىغان، ئۆز خىراجىتىم بىلەن بىرىنجى يىلىنىڭ چىقىمنى كۆتۈرۈپ ئوقۇيدىغان ئىش بولۇپ قالسا مەن كۆپرەك پۇل يىغمىسام بولمايتى. ئەسلى پىلانىمدا 7-ئايغىچەئىشلىمەكچى ئىدىم. بىراق بۇ شىركەتنىڭ بۇرۇن تىل ئىمتاھانى بەرگۈچە نەچچە ئاي خىزمەت ئورنۇمنى ساقلاپ قويغىنىنى، بۇرۇنقى ئەتىۋارلىغانلىرىنىنى ئويلاپ، مەنمۇ كۆپ تالاشمايلا ئىستىپانەمنى تاپشۇردۇم. ئەمەلىيەتتىمۇ تونۇشتۇرۇش خېتىنى بۇ شىركەتتىكى خوجايىنغا ئەۋەتكۈزگىنىمدىلا بۇ خىل نەتىجىگە تەييارلىق قىلىپ قويۇشۇم كىرەك ئىدى.
شۇنداق قىلىپ3-ئاينىڭ 29-كۈنى يەنە بىر قېتىم خىزمەتتىن ئايرىلغان بولدۇم. بۇرۇنقى ئىككى قېتىمغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇرۇن مەن ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستىپا سورىغان بولسام، بۇ قېتىم ماھىيەت جەھەتتىن شىركەتتىن ھەيدەلگەن ئىدىم. شۇغىنىسى خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كىيىن بىردىنلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. ئەمدى نىشان ۋە ۋەزىپە پەقەت بىر، مەيلى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش. مىنىڭ بۇ نىشان ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىم دەل مەن خىزمەتتىن تولۇق ئايرىلغاندىن كىيىن باشلاندى.
شاڭخەي بىلەن ئامرىكىدىكى كۆپ قىسىم جايلار بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى 12 سائەتتىن 9 سائەتكىچە بولۇپ، شاڭخەيدە كىچە بولسا، ئامرىكىدا كۈندۈز ئىدى. مەن ئالدىنقى بىر نەچچە ئايدىكى ئىلخەت بىلەن ئالاقىلىشىش تەجرىبەمنى خۇلاسىلەپ، يازغان خەتلەرنى ئامرىكىدىكى كۈندۈزلۈك خىزمەت ۋاقتىغا توغرىلاپ ئەۋەتىشنى توغرا تاپتىم. جاۋاب كىلىش نىسبىتى يوقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم كىچىدە جاۋاب كەلسە دەرھال قايتۇرۇپ جاۋاب يازغىلى بولاتتى.شۇ ۋاقىتلاردا كىچە سائەت 12 گىچە مەكتەپلەرنىڭ تور بېتىنى، ئىلخەت ساندۇقىنى ئارىلاش، ماۋزۇنى كۆزگە چىلىققۇدەك قىلىپ قويۇپ ئىلخەتلەرنى يوللاش، يېرىم كىچىلەردە ھەر ئىككى سائەتتە دىگۈدەك بىر ئويغىنىپ كەلگەن خەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئۇدۇللۇق جاۋاپ يېزىش مىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمغا ئايلىنىپ قالايلا دىگەن ئىدى. بۇرۇنقىدەك ئەتىگەندە بىر ئىلخەت قۇبۇل قىلىپ دەرھال جاۋاب يازسام(چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ بولغان بولىدۇ)، قايتۇرما جاۋاب ئۈچۈن يەنە بىر كۈن ساقلايدىغان ئىشلاردىن خالى بولغانتىم. خىزمەتتىن ئايرىلغاننىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى- مەن پۈتۈنلەي ئامرىكا ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئامرىكىنىڭ ھەرقايسى ۋاقىت رايۇنلىرىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بولدى.
4-ئاي كىرگەندىن كىيىن، مەن تېخى چاقىرىق كەلمىگەن 6 مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا يەنە داۋاملىق خەت يېزىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، موھىم نوقتىنى شۇ ۋاقىتتا يۈز تۇرانە ئىمتاھانسىزلا دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىش چاقىرىقى ئەۋەتكەن ئامرىكىدىكى ئىككى مەكتەپكە يۆتكىدىم. بۇرۇن تەجرىبىخانا مەسئۇلى بولغان ئوقۇتقۇچىلارغىلا خەت يازغان بولسام، بۇ قېتىم مەن كىرمەكچى بولغان ئىنىستوتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ، تەتقىقات جەھەتتىن مەن بىلەن ئازراق ئورتاقلىق بولسىلا ھەممىسىگە دىگۈدەك خەت يازدىم. خەتتە ئاساسلىقى مىنىڭ ئاللىقاچان دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنىپ بولغانلىقىمنى، ئەمما شۇ ۋاقىتقىچە Fellowship (تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بىر تۈرى ھەم ئەڭ ياخشىسى، بۇ مۇكاپاتنى ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇللىرى تولۇق كەچۈرۈم بولغاننىڭ ئۈستىگە ھىچ ئىش قىلمىسىمۇ ئايلىق مۇئاش ئېلىپ خاتىرجەم ئوقۇيتى، ئالدىدا تونۇشتۇرغان ياردەمچى تەتقىقاتچى ۋە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى دىگەنلەردە ھەپتىدە 20 سائەت خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ.) ئالالمىغانلىقىمنى، شۇڭا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى بولۇش ئارزۇسىدا بۇ خەتنى يازغانلىقىنى ئېيتاتتىم. بۇ ئۇسۇل ناھايتى تىزلا ئۈنۈم بەردى. بەزى ئوقۇتقۇچىلار قولىدا مەبلەغنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى(ياردەمچى تەتقىقاتچىنىڭ مۇئاشىنى پرافىسور ئۆزى چىقىرىدۇ) يېڭى دوكتۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى دىسە، بەزىلىرى ئۆزلىرى ئىلتىماس قىلغان مەبلەغ ھەل بولسىلا مىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى دىيىشەتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ دەرسىنى تاللاپ ئاڭلاپ، دەرسىتىكى ئىپادىسى مۇنەۋۋەر بولغانلارنىلا ياردەمچى تەتقىقاتچىلىققا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىشاتتى.
4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخشام سائەت 10 لار ئەتراپىدا، مەن بۇرۇن ئالاقىلىشىپ باقمىغان، تېخى ئالدىنقى كۈنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىدىن تېپىپ يېڭىدىن خەت يازغان پىرافىسوردىن خەت كەلدى. ئۇ خېتىدە مىنىڭ ئىلتىماس خېتىمدىن ناھايتى تەسىرلەنگەنلىكىنى، مىنىڭ تىرىشچان، ياخشى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمگە ئىشەنگەنلىكىنى ئەمما مىنىڭ شاڭخەيدىكى تولۇق كۇرس نەتىجىلىرىم بىلەن ياردەمچى تەتقىقاتچى ياكى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن بىر ھەركەت قىلىپ باقىدىغانقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەنمۇ دەرھال مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ جاۋاب يېزىۋىتىپ بىر ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىگەن سائەت 4 لەر بىلەن ئايپەددە يېڭى ئىلخەت كەلگەندە چىقىدىغان ئەنسىز ئاۋاز بىلەن دەرھال ئەندىكىپ ئويغىنىپلا دەررۇ ئىلخەتنى ئاچتىم. خەت سالام سائەتتىن كىيىن، Mubarak Bolsun دەپ باشلانغان ئېدى. ۋوي دەپ خەتنىڭ داۋامىغا قارىسام، شۇ ئوقۇتقۇچى ئىنىستوتنىڭ ماڭا ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىقنى بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. خۇشاللىقتىن ۋاقىرىۋەتكىلى قىل قالدىم. (كىيىن سورىسام ئۇ ئوقۇتقۇچى مىنىڭ ئىلتىماس خېتىمدىن يۇرتۇمنى بىلىپ، توردىن سۈرۈشتەقىلىپ يۈرۈپ،مۇبارەك بولسۇن دىگەن گەپنى تاپقان ئىكەن. )
بۇ خەت بىلەن بېشىم ئاسمانغا تاقاشقۇدەك شادلىققا تولدۇم. ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق تىرىشچانلىقلىرىم، بەدەللىرىم ئاخىرى مانا مۇشۇنداق بىردىنلا مىۋە بەرگەن ئىدى.دەرھال ئايالىم ۋە بالام ياتقان ئۆيگە كىرىپ ئايالىمنى تۈرتۈپ ئويغىتىپ بۇ خوش خەۋەردىن ئۇنىمۇ بەھرىمان قىلدىم. ئۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقتىن قاق سەھەردە داققا-دۇمباق چېلىپ، بىر-بىرىمىزگە ئېسىلىپ ئۇسۇل ئوينىغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. ئانامنىڭ بامدات ئوقۇپ بولىدىغان ۋاقتىغا توغرىلاپلا تىلفۇن قىلىپ ئۇنى بۇ خوش خەۋەردىن خەۋەردار قىلدىم. تېخى ئالدىنقى كۈنىلا پۇلدىن خاتىرجەم بولۇشنى، ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇيدىغان ئىش بولسىمۇ، بىر ئامال قىلىدىغانلىقنى ئېيتىپ ماڭا مەدەت بەرگەن ئاناممۇ بۇ خەۋەردىن سۆيۈنگەن ئىدى.
مانا مۇشۇنداق خىزمەتتىن ئايرىلىپ بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا مىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۈچۈن بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈشلىرىم بىردىنلا ئاياغلاشقان بولدى. ھازىرمۇ تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن،ئەگەر مەن شۇ ۋاقىتتىكى خىزمەتتىن تولۇق ئايرىلىپ پۈتۈن ۋاقتىمنى ۋەزىھنى كۈچۈمنى ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرمىگەن بولسام، ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرەلەر بولغىيمىدىم.
ئۇ ۋاقىتتا گەرچە يەنە نۇرغۇن ئەندىشىلىرىم بولسىمۇ،ئەمدى رەسمى چاقىرىقنى، ئوقۇش مۇكاپاتنى قۇبۇل قىلسام، مەكتەپتىن ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا ئائىت جەدىۋەللەرنى ئەۋەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئامرىكىغا مېڭىپ كەتسەملا بولاتتى.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 04:56:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-24 08:17

ئۈستىدىكى قەۋەتتە تونۇشتۇرغان ئۈچ خىل سىنارىيەنى كۆرۈپ بەلكىم ھىس قىلغانسىلەر. ئامرىكىغا كىلىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشتىكى ئەڭ ئاسان ھەم قولاي يول دەل تولۇق كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاش ئالدىنقى شەرت ئاستىدا تىل ئىمتاھانلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتسىلا بولىدۇ. تىل ئىمتاھانلىرى بىرەر يىل كىچىكىپ كەتسىمۇ ھىچقىسى يوق، چۈنكى ئۇ ئىمتاھانلارنى قايتا-قايتىلاپ بېرىپ نۇمۇرنى يۇقىرىلىتىپ يېڭىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما تولۇق كۇرسنى قايتا ئوقىۋالغىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئەڭ موھىمى بارلىق تىرىشچانلىق بىلەن تولۇق كۇرسنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈش كىرەك.
ئىككىنجى سىنارىيە قارىماققا ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسبىتى يۇقىرىدەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئورۇنداش بىرىنجى سىنارىيەگە قارىغاندا تەسرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-3 يىل ئارتۇق ئوقۇپ كەتكەننى ھىسابقا ئالمىغاندىمۇ، ئىلتىماس قىلغاندا يەنىلا تولۇق كۇرستىكى نەتىجىلەر ئاساس قىلىنغاچقا جەزمەن ئۇتۇقلۇق بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا يەنىلا ئېنىق گەپ قىلغىلى بولمايدۇ.
ئۈچىنجى سىنارىيە ھەممىدىن قىيىن، مەكتەپ شارائىتىدىن ئايرىلىپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ تىل ئىمتاھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش، تەجرىبىخانا يوق (مىنىڭ كەسپىمگىغۇ بىر كومپيوتىر بولسىلا تەجرىبىخانا پۈتكەن بولىدۇ.:lol ) ، ئەڭ موھىمى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى يوق، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىدىغان باشقا ئاسپىرانتلار يوق شارائىتتا خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئىلمىي ماقالە تەييارلاشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكى ئېنىق.
ئەمما مىنىڭ بۇ ئۈچ سىنارىيە ئارقىلىق دەۋالماقچى بولغىنىم، ھەر قانداق ئادەم سەۋەنلىكتىن خالى بولالمايدۇ. مۇۋاپىقيەت قازىنىشتىكى ئەڭ موھىم نوقتا قەتئىي سەۋەنلىك سادىر قىلماسلىقتا ئەمەس، بەلكى سەۋەنلىكنى قانداق تونۇشتا ۋە ئۇنى كىيىن قانداق تولۇقلاشتا. تولۇق كۇرستا ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇيالماي قالدىڭىز،سىزنىڭ 'ئامرىكا چۈشى' ڭىز شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتىمۇ؟ ياق. ئەگەر تولۇق كۇرس نەتىجىلىرى بىلەن ئىلتىماس قىلالىشىڭىزغا كۆزىڭىز يەتمىسە،دۆلەت ئىچىدە ماگىستىرلىق ئوقۇڭ. ماگىستىرلىقىنى ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇڭ، خەلقئارا سەۋىيىدە ماقالە ئىلان قىلىڭ، سىزگە پۇرسەت يەنىلا بار. ماگىستىرلىقنىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇيالماي قالدىڭىز، سىزنىڭ ئامرىكىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتىڭىز ئۆلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ياق. تەسرەك بولسىمۇ سىزگە سەۋەنلىكلەرنى تولۇقلاش پۇرسەت يەنىلا بار. ھەرگىزمۇ ئۆز ئارزۇيىڭىزدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ. ھاياتىڭىزدا'ھەي، ئەسلى مۇنداق قىلسام بوپتىكەن' دىگەندەك ئەپسۇسلۇق قالمىسۇن. ئۆزىڭىز چىن دىلىڭىزدىن ئارزۇ قىلغان نىشانىڭىز ئۈچۈن، باشقا بارلىق ئارتۇق ئەندىشە-قورقۇنچلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن تىرىشىپ بېقىڭ. ئىشىنىمەنكى ھەرگىزمۇ ھوسۇلسىز قالمايسىز.   
بىر شەيئىنىڭ ھەممە تەرىپى مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق يامان بولمىغىنىدەك، جۇڭگۇدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ ئامرىكىغا ئوقۇشقا كىلىشتە ئاكتىپ ئامىللىرىمۇ بار. ئامرىكىدىكى ئۇنۋىرسىتلار 235مىڭ جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىنى بىكاردىن-بىكار قۇبۇل قىلمايدۇ. ئاز بىر قىسىم پۇلنىڭ كۈچى بىلەن كەلگەنلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئامرىكا ئۇنۋىرسىتلىرىنىڭ جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنى بۇنداق كۆپ قۇبۇل قىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ جۇڭگۇدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇ خىل ئىشەنچ بىز جۇڭگۇلۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىدىمۇ ئوخشاش چوڭ رول ئوينايدۇ.
ئۆتكەندە Jeck بۇ يىل ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىدىغانلارنى 500 دوللارلىق ئىلتىماس پۇلى بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ئوقتۇردى. بۇنىڭدىن بۇ يىل قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغىنىنى پەرەز قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ.(مەنچە كۆپ بولسا 10 دىن 20 كىچە ئادەم ئىلتىماس قىلدىغۇ دەيمەن. ) بولسا كىلەر يىلى ئاز دىگەندىمۇ 100 ئوقۇغۇچى ھەممە شەرتلەرنى ھازىرلاپ تەڭلا ئىلتىماس قىلىپ، مەيدىسىگە مۇشلىغان Jeck نى قاق-سەنەم قىلىپ قويۇڭلار دەيمەن.:lol
ھىكايەمنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:
1. نىشان -ئامرىكا
2. ئېنگىلىز تىل ئۆتكىلىدىن ھالقىش
3. IEEE دا ماقالە ئىلان قىلىش
4. لوس-ئانژىلىستىكى ھىكايىلەر
5. ئىستانبۇل تېخنولوگىيە ئۈنۋىرسىتىغا قۇبۇل قىلىنىپتىكەنمەن
6. بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈش
7. ئامرىكا مائارىپى ۋە جۇڭگۇ مائارىپىدىن دەسلەپكى سېلىشتۇرما
8. خاتىمە

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 04:56:26

ئورۇن......

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-25 00:18):
ئەپ قويغان ئورۇننى تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن. تىمىنىڭ داۋامىنى يېڭى ئىنكاس سۈپىتىدە ئاخىرىدا يوللىدىم.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 06:16:55

ئورۇن.....

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-25 00:18):
ئەپ قويغان ئورۇننى تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن. تىمىنىڭ داۋامىنى يېڭى ئىنكاس سۈپىتىدە ئاخىرىدا يوللىدىم.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:05:52

ئامرىكا چۈشى ...بىر ئوت بار، يا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلالمىدى، يا ئۈچۈپلا تۈگىمىدى.يازمىڭىزدىن جىق نەپ ئالىدىغاندەك تۇرىمەن. ئالدىنئالا رەھمەت ئىيتىۋالاي.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:39:02


قارىغاندا ئىستانبۇل تېخنىكقا قوبۇل قىلىنىپ بولۇپ تاللىمىغان ئوخشايسىز، تۈركىيەدە ئوقۇمىغىنىڭىز بەك ياخشى بولۇپتۇ. يازمىڭىزنىڭ كۆپ نەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، يارايسىز{:112:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:44:21

مەخسۇس كۇرۇستا ئوقۇغانلارچەتكە ئامرىكىغا ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىپ ياكى چوڭلار مائارىپى بويىچە ئوقۇپ تولۇق كۇرۇس بولسىمۇ بولىۋىرەمدۇ ؟ ياكى مەخسۇس كۈرۈسئوقۇپمۇ تولۇق كۇرۇسنى چەتئەلدە ئوقۇغىلى بولامدۇ ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 13:59:23

يەنە بىر ئ‍ېسىل تېما… تېما ئ‍ىگىسىنى تۈركىيەدە دەپ بىلەتتىم… خەتكۈچ:handshake

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:35:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hechkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-24 14:44

تولۇقنى پۈتتۈرۈپلا ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى قاتلاپ قويۇپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان پروگراممېرلىققا كىرىشىپ كەتكەن، ئىككى يىل پروگرامما تۈزۈش تەجرىبىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىدىن باشقا دەسمىيسى يوق، ئىنگىلىز تىلىدا قىينالمايدىغان بىرەيلەننىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش (ۋە ئىشلەش) ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ سېنارىيە قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ مەزكۇر بىرەيلەنتېما ئىگىسى، @bilgejan بۇرادەر ۋە باشقىلاردىن ياردەم سورايدۇ.

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 14:55:22

ياخشى تېما. داۋامىنى كۈتىمىز…

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:02:04


      ما تىما مەندەك تۆت كوچا ئىغىزدا تۇرۋاتقدانلارغاتازا باپ كىتكەن . شۇڭا تۆت كۆزەم بىلەن كۇتىۋاتىمەن داۋامنى

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:02:32

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-12-24 13:44 static/image/common/back.gif
مەخسۇس كۇرۇستا ئوقۇغانلارچەتكە ئامرىكىغا ئوقۇشقا چى ...

مۇشۇ سوئالغا بىر جاۋاپ بەرساڭلار بولاتتى.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:05:16

ناسىن ئەپەندى تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىقنى قەيەراە نېمە كەسىپتە ئوقۇدىڭىز؟
سىز بەكلا مۇزىكا خۇماركەنسىز؟بۇلۇپمۇ ياپۇن مۇزىكىلىرىنى بەك ياقتۇرىدىكەنسىز،تىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق
تەسراتقا كەلدىم.
قىشلىق تەتىل دەيسىز،قاچاندىن قاچانغىچە تەتىل ئامېرىكىدا؟

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:19:38

يەنە بىر ئېسىل تېما، مەنمۇ دەل ئىككىنجى سىنارىيەدە رول ئېلىۋاتىمەن دېسە...:funk:

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 15:26:49

Hechkim يوللىغان ۋاقتى2014-12-24 14:35 static/image/common/back.gif
تولۇقنى پۈتتۈرۈپلا ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى قاتلاپ قوي ...

بۇ ئادەم مەنغۇ:D

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:15:08

دوكتۇرلۇقنىڭ تەجرىبە قىسمىنى ئامرىكىدا ئىشلىگۈم بار ئىدى، ئەمما شەرت-شارائىت يار بەرمىدى، دوكتۇرلۇق تەجرىبەمنى بۇ يەردە داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم، ئەمما دوكتۇر ئاشتىلىقنى ئامرىكىدا قىلغۇم بار، ئىنشائاللا.
ھەم كۆپنى كۆرۈش، ھەم تېىنىكا ئىگىلەش، ھەم باشقا سەۋەپلىرىم بار.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:34:34

akida525 يوللىغان ۋاقتى2014-12-24 16:15 static/image/common/back.gif
دوكتۇرلۇقنىڭ تەجرىبە قىسمىنى ئامرىكىدا ئىشلىگۈم بار ئ ...

ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئامېركا ئەڭ ياخشى يەر ئىكەنتۇق.مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئېدى، ئەپسۇسلىنىدىغان يەرلىرىم بەك كۆپ...
خۇدايىم سىزنىڭ تىلىكىڭىزگە يەتكۈزسۇن!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 17:42:33

مۇبارەك بولسۇن {:112:}
中国梦 نى 'جۇڭگۇ ئارزۇسى' دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىمىز، 美国梦 نىمۇ بولسا 'ئامرىكا ئارزۇسى' دەپ ئاتايلى.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:29:08

Hechkim يوللىغان ۋاقتى2014-12-24 14:35 static/image/common/back.gif
تولۇقنى پۈتتۈرۈپلا ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىنى قاتلاپ قوي ...

ئەلۋەتتە تولۇق ئوتتۇرىدىن بىۋاستە ئامرىكا ئۈنۋىرستىلىرىغا ئوقۇشقا كىلىش تامامەن مومكىن، ئەمما ئامرىكىدا تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا بىرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يوق دىيەرلىك. تولۇق كۇرسقا ئوقۇشقا كىردىمۇ دەيلى(تولۇق ئوتتۇرا نەتىجىسى مۇنەۋۋەر بولۇش، ئېنگىلىزچە TOEFL ياكى SAT ئىمتاھانلىرىدىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ)،ئامرىكىدا نورمال بىر ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلى قوشۇلۇپ 35 مىڭ دوللاردىن كەم بولمايدۇ. كالىفورنىيە، نيويوركلاردىكى ئالى مەكتەپلەر بولسايىللىق چىقىم 5 تۈمەندىن ئېشىپ كىتىشى مومكىن.شۇڭا مېنىڭچە ئەڭ ياخشى يول، ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدە بىرەر ئالى مەكتەپنىڭ كومپيوتىر كەسپىنى ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇسۇن. TOEFL، GREلاردىنمۇ ياخشى نەتىجە ئالالىسا بۇ ئىنمىزنىڭ ئامرىكىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن كىلىش ئىھتىمالىمۇ چوڭ بولىدۇ.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 18:32:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-24 18:33

tagh يوللىغان ۋاقتى2014-12-24 15:05 static/image/common/back.gif
ناسىن ئەپەندى تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىقنى قەيەراە نې ...

مەن تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىقنى شاڭخەيدە ئوقۇغان.بۇرۇن ئوقۇغان كەسپىم ئىلىكتىر ئېنژىنىرلىقى، ھازىر كومپيوتىر كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىمەن. ئامرىكىدا قىشلىق تەتىل 12-ئاينىڭ بېشىدىن 1-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدىكەن.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: مەن ئامرىكىغا قانداق كەلدىم