شىرئەلىجان بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 22-دىكابىرخەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 00؛2 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى مىھمان مەيدانىدا، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىكى شىرئەلىجان ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقارغانلىقى ئۇچۇن مۇسابىقىدىن چەكلەندى. ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ جازالاش قاراردا مۇنداق دىيىلدى؛ « تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا يەنە 7 مىنۇت ۋاقىت قالغاندا، شەنشى كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسى ۋافىر شىنجاڭ كوماندىسى زاپاس ئەزالار ئورنى ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا، زاپاس ئەزالار ئورنىدا قولىدا ئىڭىكىنى يۈلەپ ئولتۇرىۋاتقان شىرئەلىجان ۋافىرغا قارىتا بىر ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقارغان، بۇ ھەركەت 5 سىكىنۇت داۋاملاشقان ». ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى شىرئەلىجانغا قارىتا ئۇمۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىتلەش، بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەشنى ئىلان قىلدى.
CBA بىرلەشمىسى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كۇلۇبى ۋە ئالاقىدار تەنھەركەتچىلەرنى جازالاش تۇغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
ھەر قايسى كۇلۇپ، مۇسابىقە رايۇنلىرىغا؛
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 21- كۈنى، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ( تۈۋەندە قىقارتىلىپ بىرلەشمىسى دەپ ئاتىلىدۇ ) يىگىرمە ئىككىنچى ئايلانمىسىنىڭ شەنشى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىسىدە، تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا يەنە 7 مىنۇت ۋاقىت قالغاندا، شەنشى كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسى ۋافىر شىنجاڭ كوماندىسى زاپاس ئەزالار ئورنى ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا، زاپاس ئەزالار ئورنىدا قولىدا ئىڭىكىنى يۈلەپ ئولتۇرىۋاتقان شىرئەلىجان ۋافىرغا قارىتا بىر ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقارغان، بۇ ھەركەت 5 سىكىنۇت داۋاملاشقان، بۇ مەدىنىيەتسىز قىلمىش بىرلەشمىنىڭ ئوبرازىنى زىيانغا ئۇچراتتى. تاراتقۇلار ئاشكارلىغاندىن كىيىن، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى.
بىرلەشىمىنىڭ ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش ئۈچۇن، « جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كەسپىي بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ئىنتىزام جازالاش بەلگۇلىمىسى » ئىككىنچى باپ تۆتىنچى ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىگە ئاساسەن ھاقارەتلەش خارەكتىرلىك قول ئىشارىسى قىلغان شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجانغا قارىتا ئۇمۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىتلەش، بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش ( 23-ئايلانما )، تەنھەركەتچى تۇرۇشلۇق كۇلۇپنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقە خىراجىتىدىن 20 مىڭ يۇەن قىسقارتىش جازاسى بىرىلدى.
ھەر قايسى كۇلۇپلارنىڭ تەنھەركەتچىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى چەكلەش ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كۇچەيتىشنى، ئىبرەت تەربىيىسى ئىلىپ بىرىپ، مەدىنىيەتسىز ھەركەتلەرنىڭ يۈز بىرىشىنى تۇسۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.
جۇڭگۇ ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
ھا ھا ھا ئاپلا ماۋۇ شىرنىڭ قىلغان ئىشىنى.....:lol چانماپتىكەنغۇ:lol بۇ قىلغىنىغۇ بولماپتۇ.ئەمما مۇشۇ قىلمىشنىڭمۇ سەۋەبى باردۇ مەنچە؟ئەينى ۋاقىتتا زىدانى ماتتىراچىنىڭ مەيدىسىگە ئۈسكەندىن كېيىن دەسلىپىدە ھەممىسى زىدانىينى ئەيىپلىگەن ئەمما ھەقىيقى سەۋەبى ماتتىراچى ئالدى بىلەن زىداننى تىللىغان ھەتتا ئۇنىڭ ئائىلىدىكىلىرىنى قوشۇپ ھاقارەتلىگەن،بۇ تارالغاندىن كېيىن كۆپچىلىك ھەممىسى ماتىراچىنى ئەيىپلىگەن،مەنچە ئاۋۇ نىگىرمۇ چوقۇم بىر نېمە دېگەن گەپ باشتا.ئەمما چاتاق يېرى كۆرەلمەسلەرگە بوپ بېرىدىغان بولدىدە ئەمدى نېمە ئاقسالىق بۇ بالىغا، ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى توسۇپ.
ناھايتى بىر قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپتا چىمپىيون بولدۇڭ سەن، يول تېخى ئۇزۇن دەيدىغان بىر ئادەم بولىشى كېرەك. مەن سىننى كۆرۈپ باقسام شىرئەلى بۇ ھەركەتنى چىقىرشتىن ئىلگىرى ۋېيفور گەرچە تىلكامىراغا كەينىنى قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭ شىرغا قارىتىپ بىرنىمە دىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم ، چۈنكى ئۇ قارشى تەرەپ زاپاس ئەزالار ئورنىنىڭ ئالدىدىن مۇنداقلا ئۆتۈپ شىرغا قارىغاندەك ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ ئىككىسى ئىلگىرى بىر كوماندىدا سەبداش بولۇپ بىرلىكتە جەڭ قىلىپ باققان ،بۇنى بەزىدە بىزمۇ ئۆزئارا قارشى بولۇپ توپ ئوينىغاندا ئاغىينىلەر ئارا چاقچاق ھىسابىدا چېقىشىپ قوياتتۇق ،مەن شۇنداقراق چۈشەندىم ،بىراق بىۋاستە كۆرسىتىش تىلكامىراسىغا چۈشۈپ قالغىنى چاتاق بوپتۇ... بىرچاغدىمۇ مۇشۇنداقراق بىر ئىش بولۇپ خەنسۇ مەستانىلار ئارىسىدا مۇنازىرە بولۇپ ئۆتكەن ئېسىمدە قىلىشىچە شۇ قېتىم مۇشۇنداق ھەركىتىنى بىر كارتۇن فىلىمدە تەكرارلايدىغان ھەركەت ئىكەنلىگىنى شىرئەلى ئۆزى چۈشەنچە بىرىپ ئەسكەرىتكەن ئۆتكەندە بىلىكىنى چىقارغان، ھازىر ناھايىتى شۇ بارمىقىنى چىقىرىپتىغۇ ...
بۇ تەنتەربىيە ساھەسىدە بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلار، بەزىدە قىزىق نۇقتا بولغۇسى كەلگەنلەرمۇ قىلىپ قويىدۇ. بەلكىم ئىۋۇدورداي كالپۇكمۇ بېرنېمە دەپ قويدى . ئۇخەق ئۇزۇندىن ئۇزۇن گەپلەر بىلە ئاغزىنى بۇزۇپ يۈرمەيدۇ، مەسىلەن «شېت» دەپ قويغاندۇ... لىكىن مالاغا بۇلاپ بېرىدۇدە... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakaniye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-24 09:15
مۇشۇنداق كامىراغا چۈشۈپ قالغىنى بولماپتۇ ئەمەسمۇ ھەي نىمە قىلغىنى ئەمدى.:funk::funk::funk: ھە ،ياخشى بوپتۇ ،نوچىكەن، بۇ دىگەن نام چىقىرىشنىڭ بىر ۋاستىسى ھىساپلىندۇ.
ن ب ئا دا بۇنداق توپچىلار نۇرغۇن دەننىس لودىمەن دىگەن بىرسى باتى بۇرۇن شۇمۇ شۇنداق شوخراقتى سەل قىممەت توختاپ قاپتۇ ، مۇشۇ قاتادا چاي ئىچكەنلەرنىڭ ئىچىدە چەتئەللىك بىرسى ئىككى ئاق پىشماقنى ئەكىلىگەنگە تويغۇزۇپ دەسسەپ، پېتىقداپ، قاڭشارلىرىنى تۈزەپ قويغىنىغا ئاران ئۈچ مەيدان، تاياق يېگىنى ئون مەيدان ئارام ئالدى…:lol ئالدىنقى قېتىم بارى، ئەمدى بۇ.
چىشىغا تەگكەن بولسا، بارمىقىنى ئىشلەتكىچە مۇشتىنى ئىشلەتسىچۇ. شۇنداق بىر سەۋەپلەر چوڭ ئىشلارغا سەۋەپچى بولۇپ قالمىسلا بولاتىغۇ ... دېمىسىمۇ مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى جاۋاب - قارشى تەرەپنى ئۇتۇش، ئۇنىڭدىن باشقىسى بىكار. ئەپسۇس شىنجاڭ كوماندىسى شۇ مەيدان مۇسابىقىدە سەت ئۇتتۇرۇۋەتتى، شىرئەلىمۇ تايىنلىق نومۇر ئالدى…ئەكسىچە ھېلىقى چەتئەللىك ئۇلارنىڭ كۆزىچىلا نۇرغۇن ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈردى… لىياۋنىڭدىكى خادىسونمۇ يەتكۈچە ئازاپلىماقتا گۇاڭخۈينى…
بەت:
[1]
2