ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 12-23
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-23 17:36ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.5 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1224.4 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1183.81 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1196.1 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1179 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى 1203.37 دوللارغا ئۆرلەپ كەچتە ئامىرىكا بازىرىدا 1170 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1179-1173 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، ئاسىيا بازىرىدا ئاۋاپ كۈزىتىپ 1180-1185 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1178-1173 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا يەنىلا يۇقرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز ، ئەگەر 1185 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1190-1195 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1130 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ئەگەر 1185 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە شۇ ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
3. بىر كۈن ئىچىدە 1170 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە باسقۇچلۇق ھالدا 1166-1150 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىلىرىغا دىققەت قىلىشىمىز كىرەك .
ئامىرىكىنىڭ روۋىستىۋا بايرىمىدىن بۇرۇن دوللارنىڭ قىممتى يۇقىرى باھانى ساقلاپ قالىدۇ ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ دىگەن بۇ ئەسكەرتىشنى بىر ئايدىن ئاشتى دەپ كىلىۋاتىمەن ، بۇ روۋىستىۋا بايرىمىغمۇ ئاز قالدى ، چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ خەلىقئارادىكى سودا بازىرى دەم ئىلىشقا باشلايدۇ شۇڭا بۇ ھەپتنى بۇ يىللقى ئەڭ ئاخىرقى سودا ھەپتىسى دىيىشكىمۇ بولىدۇ ، شۇڭا سودا قىلغاندا ئىھتىيات قىلىشىمىز زۆرۈر .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190 1185
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1170 ،1166
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1165-1190
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1170
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1185
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 89.75 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1175 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 233.15 يۈەن ئەتىراپىدا بولۋاتىدۇ ؛ دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ھەمدە دوللارنىڭ كۈچلۈك بولىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدىن بىراقلا 30 دوللار تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ 1170 دوللاردىكى نۇقتىنى كۆرسەتكەن . تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرى ھەممىسى تۆۋەنلىگەن ، خام نېفىت باھاسى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەپ 2009 - يىلىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ، ئالتۇن باھاسى 2% كە يېقىن تۆۋەنلەپ 3 ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ، كۈمۈش باھاسى 3% تۆۋەنلىگەن . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە GDP سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇقېتىم ئېلان قىلىدىغان GDP سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقمىسا دوللار كۆرسەتكۈچكە پايدىلىق بولۇپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا تەرەپ 8 تۈرلۈك مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ياخشى يامان بولىشى دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ چوڭ ئاساستا تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 233.15 يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.15 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
ئالتۇن بازىرىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى سودا ھالىتى كەسكىن بولماقتا !
خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئازراق يۇقىرى ئۆرلەپ 1175 دوللار ئەتراپىدا يۇقىرى ئۆرلىگەن . دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ھەمدە دوللارنىڭ كۈچلۈك بولىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدىن بىراقلا 30 دوللار تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ 1170 دوللاردىكى نۇقتىنى كۆرسەتكەن . روژدېستۋو بايرىمى كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن ئامېرىكا مۇھىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ ئېلان قىلىدۇ ، بۇ ئەھۋال بۇ يىلدىكى ئالتۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەپ قوغدىنىش ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ .
تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى 2% تۆۋەنلىگەن ، Comex قەرەللىك ئالتۇن سودا مىقدارى تۆۋەنلىگەن ، سودا ھالىتى تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا زاكاز بۆسۈپ كىرىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ چوڭ ئاساستا تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
گوللاندىيە بانكىسى (ABN Amro) نىڭ تەھلىلچىسى Georgette Boele كۆرسەتمە بەرگىنىدە : مەن يەنىلا 2015 - يىلى ئالتۇن باھاسىنى چۈشىدۇ دەپ قارايمەن ، ئەگەر بىر تەرەپتىن بازارنىڭ خېيىم-خەتەر قىزىقىش چوڭ بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن دوللار يۇقىرى ئۆرلىسە ناۋادا ئۆسۈم قوشسا ئۇھالدا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىيەممەسلىكى مۇمكىن دەپ قارىغان .
Dundee Capital Markets نىڭ باش ئىقتىسادشۇناس Martin Murenbeeld مۆلچەرلىشىچە 2015 - يىلى 1 - پەسىلدە ئالتۇن ئوتتۇرىچە باھاسى 1202 دوللار بولىشى مۇمكىن ، 4 - پەسىلدە ئالتۇن ئوتتۇرىچە باھاسى 1277 دوللارغا يېتىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .
iiTrader نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بازار تاكتىكىچى Bill Baruch نىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئامېرىكا كېلەر يىلى سىياسىتىنى تارايتىشى مۇمكىن ، لېكىن باشقا دۆلەت مەركىزى بانكىلىرى كەڭ سىياسەتنى يولغا قويۇشى مۇمكىن ، بۇ دوللارنى كۈچلەندۈرۈپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن .
ياۋروپا مەركىزى بانكا پۇل سىياسىتى تەسىرىدە ياۋرو بېسىمغا ئۇچرىدى
12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، ياۋرونى دوللارغا ئالماشتۇرۇش تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نۆۋەتتىكى بازار باھاسى 1.2227 گە يېقىنلاشتى ؛ ئاخشام ياۋرونى دوللارغا ئالماشتۇرۇش گەرچە كىچىك ئاساستا ئۆرلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ياۋروپا مەركىزى بانكا پۇل سىياسىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ، ياۋرو يەنە بېسىمغا ئۇچرىدى ؛
بۈگۈن بۇ ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش سودا كۈنى بولۇپ ، ياۋروپانىڭ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسى بولغان ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتىنى ئىلان قىلىدۇ ؛ كەچتە ، ئامېرىكا 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى ، 3 - پەسىللىك شەخسى ئىستېمال چىقىم مال باھا كۆرسەتكۈچى (PEC) ئاخىرقى قىممىتى ۋە ئامېرىكا 11 - ئايلىق يېڭى ئۆي پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئىلان قىلىدۇ ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار روژدېستۋو بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنىدىن بۇرۇن تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى بەلگىلەيدۇ ؛
دوللار كۆرسەتكۈچى كۈچىيىپ خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى
12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى كۈچىيىپ ، ياۋرو / دوللار يەنە يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى كىچىك ئاساستا ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا GDP قاتارلىق مۇھىم ئقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى ؛
بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، دوللار كۆرسەتكۈچى 8 يىرىم يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ ، نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ؛
12 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1230 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.5055 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1161 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78940 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5664 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9857 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7464 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6526 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.2630 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56878 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 9.0061 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6863 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3723 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .
مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]