maymah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 16:22:39

تۇنجى قېتىم دەرستىن قېچش (بالىلار ھېكايىسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-23 16:40  

تۇنجى قېتىم دەرستىن قېچىش
ئاخىرى شەنبە يەكشەنبە تۈگەپ، تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن دۈشەنبە يېتىپ كەلدى. ئەتىگەندە چاينى ھاپىلا-شاپىلا ئۆزۈم تەييار قىلىپ ئىچىپلا تېخى كۈن يورىماستىلا سومكامنى ئېسىپ، مەكتەپكە مېڭىشقا تەمشەلدىم.
-بالام...نەگە ماڭدىڭ بۇنچە ئالدىراپ؟؟؟،-دىدى ئاپام ئۇيقىچان كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ سائەتكە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن.
-مەكتەپكە! ئاپا بۈگۈن مېنى مەكتەپ رادىئوسىدا تەغدىرلىمەكچى، يەنە تېخى ئۆگىنىش تەجىربىلىرىمنى نۇتۇق قىلىپ سۆزلەيمەن شۇڭا بالدۇرراق ماڭدىم.،-دىدىم ئايىغىمنى كىيگەچ ئاپامغا مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ.
- ھە...مۇنداقدە.....لىكىن ھازىر بارساڭمۇ سېنى تەغدىرلەيدىغان مۇئەللىملەر تېخى مەكتەپكە كەلمىگەندۇ؟،-دىدى ئانام ماڭا قاراپ مەسلىگى كەلگەندەك كۈلۈمسىرەپ.
-ھە..ھە....يەنە ئىشلەپ بولالمىغان تاپشۇرىقىممۇ بار ئىدى....،- دېدىم ئۆزەمدىكى تەنتەكلەرچە ئالدىراڭغۇلۇقنى ياپماقچى بولۇپ.
ھەي...كىچىك بالا بولماقمۇ تەستە.،...سەبى مىجەزىمىز تەنتەكلىك قىلمىساق يا يول قويمىسا. تەنتەكلىك قىلىپ بولۇپ، ئۇنى ياپمىساق تېخى....بولدىلا مىڭ قاخشىساممۇ مۇنبەرلەردە ئويناپ يۈرگۈدەك بولۇپ قالغان سىلەر بەرىبىر چۈشەنمەيسىلەر.
-ھە!!..مۇنداق دە....بىزنىڭ ئەزىمەتجاننىڭمۇ تاپشۇرۇقىنى ۋاقتىدا ئىشلىمەيدىغان چاغلىرى بولىدىكەن ئەمەسمۇ.....بوپتۇ بالام خۇدايىمغا ئامانەت. يولدا ماڭغىچە تۆت قۇلنى ئوقۇپ ماڭغىن، قەس يۈرىمەيدۇ........
-خۇدايىمغا ئامانەت.،- ئاپام بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرى ئۆيدىن چىقىۋېلىپ، ئۇچقاندەك مېڭىپ 15 مېنوتتىلا مەكتەپكە يەتتىم. قارىسام مەكتەپنىڭ تۆمۈر دەرۋازىسى دۈم تاقاقلىق بولۇپ، مەكتەپ ئەتراپىدا ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيتتى.  مانا-ئاچا، ئەنە ئاچا دەپ بىردەمدىلا 15 مىنۇتلارچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا، رادىئودا مېنى ماختايدۇ دېسە ھاياجانلىنىپ بالدۇر كېلىۋالغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم. قىشنىڭ سوغۇقى ئېڭىكىمدىن قاس چىقىرىۋېتىپ باراتتى. ھەي...يا ماۋۇ مەكتەپ ئىچىدە ئولتۇرىدىغان مۇئەللىملىرىمدىن بىرەرسى چىقمايدۇ دىسە......ئەگەر مۇئەللىملەر مەندەك بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدا مەكتەپ قوينىغا تەشنا بولۇپ، لاغىلداپ تۇرغانلىقىنى كۆرسە، چوقۇم مېنى ھاپاش قىلىپ ئەكىرىپ كېتەتتىدە.....لېكىن ئەپسۇس مەكتەپتىن ھېچكىم چىقىپ قويمىدى. ھەتتىڭەي....يەنە كۈتۈشكە مەجبۇر بولدۇم. يەنە بىر ئاز ئۆتەندىن كېيىن، يىراقتىن بىر بالا كىيىملىرى ئاۋارە، گالىستۇكىنىڭ يېرىمى يوق ھالەتتە، سومكىسىنى چالا ئاسقىنىچە مەكتەپ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. يېقىنلاشقانسىرى ئۇنىڭ سىماسىمۇ خېلى ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كەچۈرىسىلەر ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر. مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى مەن ئەمەس ھەممەيلەن تونۇيدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە ئۇنى بالا دەپ يېرىم تەسۋىرلىگەنلىكىمدىن ئەپۇ سورايمەن. ئەسلى ئۇنى بالا-قازا دەپ تەسۋىرلىسەم توغرا بولاتتى. توغرا ئۇ دەل سىلەرنىڭ خىيالىڭلارغا كەلگەن، قىزلار سەكرەپ ئوينىسا رېزىنگىسىنى كىسىۋېتىدىغان، ئوغۇللارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى تارتىۋالىدىغان، مەندەك ساپالىق، ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنى دائىم بوزەك قىلىپ ئوينايدىغان، مۇئەللىم، ئاتا-ئانىلارنى قىڭقىر قاخشىتىۋەتكەن، گەپ ئۆتمەس، بىزىرىپ كەتكەن، دائىم دەرىستىن قېچىپ ھەر يەرلەردە يۈرۈيدىغان يۈسۈپ سەرگەردان ناملىق ياغاچ قۇلاق دەل شۇ ئىدى. ھەي....مەكتەپ ئېچىلغىچە يەنە مېنى ئانى تېپىۋالىدىغان بولدى دە بۇ. خەپ ياخشى ئوقۇپ ساقچى بولۇپ مۇشۇ يۈسۈپنى بىر سولىتىۋەتمەيدىغان بولسام....،- شۇلارنى ئويلاپ بولغىچە يۈسۈپمۇ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ بولدى.
-ھەي.. ئاكتىپ، نىمە بۇ يەردە باۋئەندەك تۇرۇپ كەتتىڭ؟،- دىدى ئۇ بىردەمدىلا ماڭا نەشتىرىنى تىقىپ.
-ھە..ھە...يۈسۈپجان...سائەتكە خاتا قارىۋاپتىكەنمەن....،-دىدىم مەن ناھايىتى مۇلايىملىق بېلەن. مۇشتى قاتتىقلار بىلەن دادىسى قاتتىقلار مەكتەپ سورايدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدا، ساقچى بولۇپ بولغىچە بۇ نائەھلىگە سۈكۈت قىلماي نېمە ئىلاج دەيسىز.
-ھە...ياخشى قىپسەن، ئەمىسە بېكار تۇرغىچە مېنىڭ تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلىۋەت، بولە سەن ئاكتىپ بولغاندىكىن.
-يۇسۈپجان شۇنداق قىلسام بولاتتى، لېكىن مەنمۇ تېخى تاپشۇرىقىمنى ئىشلىمىگەنىدىم. ھېلى مەكتەپنى ئاچسا ، مەن ئىشلىگەندە مەندىن كۆچۈرىۋال بولامدا؟
-نېمە؟؟!!!!!  سەن تېخى ماڭا شەرت قويۇۋاتامسەن؟ ئىشلەمسەن ؟ ئىشلىمەمسەن؟؟؟؟؟؟،-دېدى يۇسۈپ ماڭا چەكچىيىپ. ياق دېسەملا ئۇنىڭ مېزىنى چىقىرىشى ئېنىقلا ئىدى.
-مەيلى ئەكىلە ئەمىسە تاپشۇرۇق دەپتىرىڭنى.
-مە تۇتە،-ئۇ شۇنداق دېگەچ سومكىسىنى ماڭا قارىتىپ ئاتتى. ئېچىپ قارىسام سومكا قۇپقۇرۇق ئىدى.
-بۇ...بۇ...
-ئۆزەڭنىڭ ئاق دەپتىرىدىن بىرنى ئېلىپ ئىشلىمەمسەن دۆت،-دىدى ئۇ زەردە بېلەن. ئاھ !!!...نادانلار تەرىپىدىن دۆت دەپ ھاقارەتلىنىش مەندەك كەلگۈسىنىڭ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولغان ياش نوتىغا قانچىلىك ھاقارەتلىك بىلىنگەنلىكىنى سىز پەرەز قىلالمايسىز. شۇنىڭ بېلەن دەپتىرىمدىن بىرنى ئېلىپ، ‹‹نادان›› نىڭ تاپشۇرىقىنى ئىشلەشكە باشلىدىم.
3 كەرە 3 = 6
7-2=4
ئىككى قۇر ئىشلەپلا سوغۇقتا قولۇم غالىلداپ تىترەپ، قولۇم قەلەمگە پەقەتلا قولاشماي توختاپ قالدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام،
يۈسۈپ سومكامدىكى گىمناستىكا ۋاقتىدا يەيدىغان شاكىلىتىمنى يەپ، سۈتۈمنى ئىچىپ بەخىرامان ئولتۇراتتى.
-يۈسۈپجان....بەك سوغۇقكەن، ھېلى سىنىپقا كىرىپ ئىشلەپ بېرەي ماقۇلمۇ؟
-نېمە، سىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە، ھېلى سىنىپقا كىرگەندە، ھېلىقى چاڭگا باش ( ئۇ بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىمىزنى شۇنداق دەپ ئاتايتتى)نى كۆرسەڭلا، تاۋىڭنىڭ ئېشىۋالدىغانلىقىنى مەن بىلمەمدىم.
-لېكىن راستلا يازالمىدىم. بەك سوغۇقكەن. ئىشەنمىسەڭ ئۆزەڭ يېزىپ باق.،- يۈسۈپ قەلەمنى ئېلىپ دەپتەرنىڭ ئاخرىقى بېتىگە بىر ئۆردەك سىزماقچى بولۇپ مىڭ ھەپىلىشىپمۇ قەتئى سىزالمىدى.
-ماڭە مەن ساڭا ئىسسىق يەر تېپىپ بېرىمەن.،- ئۇ شۇنداق دىگەچ مېنى سۆرەشتۈرگىنىچە مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئائىلىكلەر قوروسىدىكى بىر كورپۇسنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئالدىرىماي پەلەمپەيدە ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ‹‹ئىشلە ئاكتىپ!›› دېگەندىن كېيىن سومكامدىن يەنە نېمىلەر چىقىپ قالاركىن دەپ ئاختۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى. لىكىن مەن خېلى خاتىرجەم ئىدىم. چۈنكى ئۇ ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەردىن ئاللىقاچان بەھىرلىنىپ بولدى. سومكامدىكى بىباھا مەشىق ماتىرىياللىرىنىڭ، بالىلار ژورناللىرىنىڭ قەدرىنى بۇ ھاماقەت بەرىبىر بىلمەيتتى.

مايماق ئىجادىيىتى

داۋامى بار . ھىكايە بىزە ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن،  بۆلۈپ يوللىنىدۇ.









hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 19:52:31

سافا

5819 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 20:49:56

بالىلارغا بازارلىق ھېكايە بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 21:43:25

بىر دەم ئارام ئىلىۋالاي . . . .

romalim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:52:25

ھازىرقى دەرىستە ياخشى بالىلار ھەرگىز بوزەك بولمايدۇ دەيمە:o

maymah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 21:20:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-25 21:24  

داۋامى:
لىكىن مەن خېلى خاتىرجەم ئىدىم. چۈنكى ئۇ ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەردىن ئاللىقاچان بەھىرلىنىپ بولدى. سومكامدىكى بىباھا مەشىق ماتىرىياللىرىنىڭ، بالىلار ژورناللىرىنىڭ قەدرىنى بۇ ھاماقەت بەرىبىر بىلمەيتتى.
ئەس يادىم ئۇنىڭدىن تېزرەك قۇتۇلۇشلا ئىدى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قارىغاندا، چوقۇم ئۇنىڭ تاپشۇرىقىنى قانداقلا بولمىسۇن تۈگىتىش كېرەك. شۇنداق كۆڭۈلدە ئىشلەپ، ئەمدى تۈگەي دىۋىدى، ئويلىمىغان يەردىن يۈسۈپ، سومكامدىن ئاختۇرۇپ  بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغانلىرىمنى يېزىۋالغان قەغەزنى، كىتاپلىرىم ئارىسىدىن تېپىۋېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى:
-ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار.....مەن بۈگۈن بۇ يەردە سۆزلەش پۇرسىتىغا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خوشال...ھى..ھى...ھى...ئەسلى سەن مۇشۇنىڭغا ئالدىراپ كېلىۋاپتىكەنسەندە...... توختا ھە مەن ساڭا ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرەي،- دەپ بەتبەشرە ھىجايغىنىچە قەلەمنى قولىغا ئالدى.
2سائەتتە تەييار قىلغان ئورگىنالنى يۈسۈپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ماڭا بەكلا ئەلەم بولغانىدى.  ئەگەر بۇ ھاماقەت قالايمىقان جىجاپلا قويسا نۇتۇقتا ئېزىپ قالسام، مەندەك بىر مۇنەۋۋەر ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ شەنىگە داغ يىتىشى تۇرغانلا گەپ.
-يۈسۈپ تاپشۇرۇقۇڭنىمۇ ئىشلەپ بولاي دېدىم، قەغەزگە قالايمىقان جىجىما، خوش بوپ قالاي....،- دىدىم مەن ئامالسىز.
-ما ئاكتىپنى؟!!!!....مەن ساڭا ئۆزگەرتىپ بېرىمەن دېدىم، جىجايمەن دىدىمما؟....مېنى ئەخمەق قىلىۋاتامسەن يا؟،-
ئۇ شۇنداق دەو تۇرىۋېدى، بۆلۈنگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەرھال ئۇنىڭ قولىدىكى قەغەزگە ئېسىلدىم. لېكىن ئۇ چاققان كىلىپ قېلىپ، قولىنى شۇنداقلا قاچۇرىۋېدى، سۈيۈملۈك قەغىزىم ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، پەلەمپەي ئارىلىقىدىن، يەر ئاستى ئۆيىگە لەپىلدىگىنىچە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بېلەن داۋلىلىشىشتىن ۋاز كىچىپ، دەرھال يەر ئاستىنىڭ تۆمۈر ئىشىكىنى ئىتتەرسەملا، ئىشىك ‹‹غىچ..››قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئېچىلدى. تەلىيىمگە ئىشىك ئوچۇق ئىدى. دەرھال چۈشەي دىدىميۇ...قارىسام يەر ئاستى گۆردەك قاراڭغۇ بولغاچقا، بىر خىل مۇدھىش كۆرۈنەتتى. شۇنىڭ بېلەن ئىچىگە ئىنتىلگەن قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.
-ھە..ئاكتىپ..چۈشۈپ ئەسكى قەغىزىڭنى ئېلىپ چىقمامسەن؟ ھى..ھى..ھى...قاراڭغۇدىن قورقىمەن دېمە ھە..ھى..ھى..ھى...،- يۈسۈپ مېنىڭ يەر ئاسىغا چۈشەلمىگەنلىكىمنى كۆرۈپ مېنى مازاق قىلىشقا باشلىدى.
ئۇنىڭغا ھومىيىپ قويۇپ، نەچچە قېتىم يەر ئاستىغا تەمشەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا مەندىكى يۈرەك كاملىق قىلىۋاتاتتى.
-ھە...ئاكتىپ، ئەگەر 1 ئاي مېنىڭ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بەرسەڭ، مەن چۈشۈپ قەغىزىڭنى ئېلىپ چىقىپ بېرىمەن-قانداق؟،- دىدى يۈسۈپ ماڭا رەزىللىك بېلەن قاراپ. ئۇنى شۇنداق يوقال دەپ سەتلىگۈم كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇنىڭ بىلەن سۈلھىلەشمەي بولمايتتى. ئىچىمدە:‹‹ئاۋۋال سەن ھاماقەتكە ئىشنى بىر قىلدۇرىۋالاي، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مۇئەللىملەرگە بولغان ئىشلارنى دەپ ئۇنى چوقۇم توۋا قىلدۇرىۋەتمىسەم!..خەپ....بىر ئاي تاپشۇرۇقىنى ئىشلەرمىشمەن تېخى!..ھىم››دەپ ئويلىغاندىن كېيىن، تارتىشقاندەك بولۇپ ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم.  
-ھە....قارا مەن دەرستە ياخشى دەپ نوچىلىق قىلغىنىڭ بېلەن، مۇنداق يۈرەك كېتىدىغان يەرگە يەنىلا مەن ئەسقاتىمەن.،- دىدى ئۇ خۇددى مېنىڭ چوڭ ئىشىمنى ھەل قىلىپ بەرگەن تەلەپپۇزدا.
-توغرا..توغرا...يۈسۈپ سەن دېگەن بىزنىڭ يىللىقنىڭ ئاتامانى تۇرساڭ. يۈرەكتە كىم ساڭا يېتىشەلىسۇن،-دىدىم مەنمۇ تۈكنى يېتىشىغا سىلاپ.
خوشامەت خوش ياققان يۈسۈپ ‹‹ما گېپىڭ بولىدۇ. ماختاشنى ئاكتىپلىق قىلىپ سەنلا ئاڭلىما يەنە››،دېگىنىچە، يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدىيۇ ئومۇ ماڭا ئوخشاشلا ئىشىكنىڭ ئادىغا كېلىپ توختاپ قالدى.
-قانداق يۈسۈپ ئاداش ماڭمامسەن؟.....قورقمىغانسەن؟،-دىدىم ئىچىم تىتىلداپ ئۇنى دەيدەيگە سېلىپ.
-ھەي..ئاكتىپ!!كىم قورقۇپتۇ. لىكىن كىنولاردا مەندەك باتۇرلار دائىم كەينىدە ماڭىدۇ. سەن ئالدىمدا ماڭ...بىرەر ئىش بولسا كەينىڭدە مەن بار!!....،-دېدى يۈسۈپ قورققىنىنى قىلچە چاندۇرماي.
ئۇنىڭ دېگىنىگە كۆنمەي نەچارە....ئىشقىلىپ كەينىمدە ئۇنىڭ بولغىنى، يالغۇز كىرگىنىمدىن مىڭ ئەۋزەل ئىدى.
شۇنىڭ بېلەن بىلىدىغان ئايەتلىرىمنى ئوقۇپ يۈسۈپنى كەينىمگە سېلىپ، يەر ئاستىغا ئاستا قەدەم ئالدىم.



داۋامى بار.
-

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 08:33:36

داۋامى ......

maymah يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 18:29:52

ياخشى يېرى يۈسۈپنى كەينىمگە سېلىپ، يەرنى سىپاشتۇرسام قولۇمغا ھېچ قەغەز ئۇرۇنمىدى. ئۈمىدسىزلىنىپ ئالدىمغا قەدەم ئېلىشىمغىلا، پۇدۇمدىن قەغەزنىڭ پۇتۇمغا سۈركەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. دەرھال ئېڭىشىم تۇتسام بۇ راستىنلا بىر ۋاراق قەغەز ئىكەن. خوشاللىغىمدا، كەينىمگە تۇيۇقسىز بىر بۇرىلىۋېدىم يۈسۈپ شۇنچىلىك چۈچۈپ كەتتىككى، بىر دەمدە ئېسىگە كېلىپ:
-ھەي ئاكتىپ!...مېنى قورقۇتۇۋاتامسەن دەپ دېۋەيلەپ كېلىۋىدى. دەرھال ئۇنى بەزلەپ توختۇتۇۋالدىم دە دەرھال سىرتقا چىقىپ قارىسام، بۇ مېنىڭ نۇتۇق قەغىزىم بولماستىن، بىر پارچە قەدىمى مىسىر يېزىقى يېزىلغان قەغەز ئىدى. قەغەزنىڭ سۈپىتىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقىدىن قارىغاندا، بۇ مېنىڭچە ھەرگىزمۇ بىر قەدىمى بۇيۇم ئەمەس ئىدى. ئەس-يادىم نوتۇق قەغىزىمدە، يەنە قاپ-قاراڭغۇ يەر ئاستى ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم ‹‹باتۇرانىلىق›› بىلەن كىرىش قارارىغا كەلدىم. لېكىن مېنىڭ يالغۇز چۈشۈشكە قەتئى جۈرئىتىم بولمىغاچقا، يەنە يۈسۈپ دېگەن ھاماقەتكە
يېلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم. قارىسام ئۇ ئاباي مەن تېرىۋەتكەن ئەسكى قەغەزگە قىزىقىش بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئەمدى  ئۇنىڭغا يېلىناي دەپ تۇراتتىم، ئۇتۇيۇقسىزلا ئېغىز ئېچىپ قالدى.
-ھەي...ئاكتىپ ما قەغەزدىكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟،- دېدى ئۇ مەغرۇرانە، خۇددى ئۆزى ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بېلىدىغاندەك. لېكىن ئۇنىڭ قەدىمقى مىسىر يېزىقىنى بىلىدىغانلىقىمغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيتتىم. شۇڭا ئاۋۋال ئۇنى گەپكە سېلىپ:
-مەن بىلمىدىم. قارىغاندا سەن بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىكەنسەندە؟،-دەپ قويدۇم ھەۋەس قىلغان قىياپەتتە.
-بۇنى بەشىنچى سىنىپتا ئۆتىدۇ. شۇڭا سەن بۇنى بىلمەيسەن....بۇ دېگەن نوتا...،-دىدى ئۇ دېدى ئۇ ناھايىتى سالماقلىق بېلەن. ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، ھېلىلا يەنە يالۋۇرىدىغانلىقىم ئىسىمدە يوق...
-ماڭەۋە بۇ دېگەن نوتا ئەمەس، قەدىمقى مىسىر يېزىقى....بۇ يېزىق كۆپىنچە مىسىردىكى پىرامىدالارنىڭ ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدۇ،- دەپ تاشلىم.
-نېمە!!!..مىسىر يېزىقى؟؟؟ سەن مېنى تولا ئانى تاپىمەن دېمە. بۇ نپتا بولمىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم سەن دېگەندە مىسىر يېزىقى ئەمەس. ئەگەر سەن راستىنلا تونۇساڭ ئوقۇپ باق، مەن ئاندىن ساڭا ئىشىنىمەن،- دىدى ئۇ مىنى دەيدەيگە سېلىپ. قارىغاندا ئۇ  مىسىر يېزىقىدا نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىغا ئالاھىدە قىزىقىپ قالغانىدى.
-ئوقۇپ بەرسەم نۇتۇق قەغىزىمنى تاپقىلى بىللە كىرىشىپ بېرەمسەن ؟،- دىدىم نەقلا گەپنى قىلىپ.
-بولدى ئۆزەم ئەچىقىپ بېرەي.. ئوقە تېز قېنى،- دىدى يۇسۈپ تاقىتى تەق بولۇپ.
-ھىساپ!!...ئەمىسە ئۇقۇشقا باشلىدىم ھە..ياخشى ئاڭلا!!ا قايتا ئوقۇپ بەر دېسەڭ ئۇنىمايمەن جۇمۇ! دەپ قەغەزنى قولۇمغا ئېلىپ، ئوقۇشقا باشلىدىم.
‹‹باتۇرلارنىڭ ئويۇنى››
بۇ ئويۇن ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، 10 مۈشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان. پەقەت باتۇرلارلا بۇ ئويۇننى ئاخىرىغىچە ئوينىيالايدۇ. ئويۇن نامىنى ئۈنلۈك ئوقۇغاندىن كېيىن، ئويۇن باشلىنىدۇ.
1-مۈشكىلات: كاشىغەرگە سەپەر......،-ئوقۇپ شۇ يەرگە كېلىۋىدىم كۆزۈم تېخى تۆۋەنكى قۇرغا بارمايلا، قەغەزدىن ھەددى ھىساپسىز قارا چۆمۈلە تۆكۈلۈپ بىردەملا  يۈسۈپ ئىككىمىزنى يۇتۇپ كەتتى.

داۋامى بار.


jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 19:13:02

ئ‍اخىرى………………

maymah يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:46:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 13:51  

داۋامى:
1-مۈشكىلات: كاشىغەرگە سەپەر......،-ئوقۇپ شۇ يەرگە كېلىۋىدىم كۆزۈم تېخى تۆۋەنكى قۇرغا بارمايلا، قەغەزدىن ھەددى ھىساپسىز قارا چۆمۈلە تۆكۈلۈپ بىردەملا  يۈسۈپ ئىككىمىزنى يۇتۇپ كەتتى.  تۈگەشتۇق دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا،...تۇيۇقسىز چۆمۈلىلەر تارىلىپ، يۇرۇق دۇنيا كۆزئالدىمدا نامايەن بولدى.
-ئەششاپتۇل،!!!~~~بىر ياماققا بەش شاپتۇل!!!!....بۇرنى بار خېرىدار يېنىدىن ئۆتسە، مەجبۇرى يەپ سالىدىغان شاپتۇل.......!!!كەسىلە مېھمان كەسىلە!!!...،-دەپ تۇۋالاۋاتقان شاپتۇلچى بوۋاي. بۇرنۇمنى ئاللىبۇرۇن مەس قىلىپ تاشلىغان بىر ھارۋا شاپتۇل، ھارۋىنىڭ چۆرىسىدە بەس-بەس بىلەن شاپتۇل سېتىۋېلىپ، قولياغلىقىغا ئوراۋاتقان كىشىلەر.
-مانا...مانا...ئىسسىقدا يۈرەكنىڭ داۋاسى، بەدەننىڭ شىپاسى !!!..قەبىھ سوغاق دوغ خالايىق!!!..بىر ياماققا بىر تۇڭ~~قېنىۋېلىشىڭ بىر ياماق......تىنماي بىر كاسا ئىچىۋەتكەنلەرگە، بىر ياماقنى قايتۇرۇپ بېرىمەن..قېنى خالايىق نوچاڭ بولسا كەل!!1...،-دەپ تۇۋلاپ دوغاپ سېتىۋاتقان 9 ياشلار چامىسىدىكى بالا. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەسلىشىپ دوغاپ ئىچىۋاتقان، تەتۈر ئۇستىخان يىگىتلەر....شۇ خىياللار غەرق بولۇپ تۇرىۋاتاتتىم. يۈسۈپ يادىمغا كېلىپ يۈرۈگۈم بىر ئېغىپ، دەرھال قارىسام، ئۇ
چىۋىن قورۇپ ئولتۇرغان قاپىقىنىڭ بېزى بار شاپبۇرۇت ئۇستامنىڭ ئالدىدىكى سامسىغا قاراپ،شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.
-ھەي...يۈسۈپ!!!يۈسۈپ!!!...،-دەپ ئىرغىتتىم ئۇنى.
-ھە؟...ھە!.. ھەجەپ ياخشى سەن ئۆلمەپتىكەنسەندە...!!ئاكتىپ...!!قارا!!بۇ ئويۇن راستكەن...ھا..ھا..يۈر بىز ئاۋال سامسا يەۋېلىپ،ئاندىن بېرىپ دۈشمەننى ئىزدەپ تېپىپ، 2-قىسىمنى ئوينايلى!!ھەي راست كاشىغەر دېگىنى نە بولغىيتتى؟ ھە.......راست!!! كاشىغەر دىگىنى قاش ئېگەر دىگەن گەپ ئوخشايدۇ. بىز بۇ مەيداندىكى boosنى تېپىپ، ئۇنىڭ قېشىنى ئېگىۋەتسەكلا ئۇتىمىز چوقۇم -دىدى ئۇ ئويۇننىڭ قىززىقىدا توختىماي سۆزلەپ.
-ماڭە ۋاي....كاشىغەر دېگەن ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمى نامى. بىز ئەڭ ياخشىسى خەتەرگە دۇچ كېلىپ قالساق بۇ ئويۇندىن قانداق چىكىنىشنى بىلىۋالايلى،- دېگەچ قولۇمدىكى قەغەزنى ئېلىپ، تەپسىلى كۆز يۈگۈرتسەم،
ھەر قايسى ئويۇن بۆلەكلىرىنىڭ ئىسمىدىن باشقا، چېكىنىش دېگەندەك گەپلەر كۆرۈنمەيتتى. باشقا بۆلەكلىرىنىڭ نامىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ سىناپ باققان بولساممۇ، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىدى. قارىغاندا ئاۋۋال بۇ مۈشكىلاتتىن ئۆتمېسەك، بىزگە ھېچقانداق چىقىش يولى يوق ئىدى. بۇ گەپنى يۈسۈپكە دېسەم، يۈسۈپ قىرىغا ئېلىپ قويماي:
-مەن دېگەن ئويۇن ئويناشنىڭ پىرى!!!....مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ. ئاۋۋال بېرىپ سامسا سەيلى... سامسا چوقۇم قان تولۇقلايدۇ،- دىگىنىچە ئۇدۇل سامسىخانىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. شىرىسى ئېقىپ تۇرغان قىزىرىپ پىشقان، قىززىق سامسا ئاللىقاچان مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ بولغانىدى. شۇنىڭ بېلەن يۈسۈپكە ئازىراق ئارىلىق قالدۇرۇپ،
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. يۈسۈپ مەيدىسىنى كېرىپ، ئويۇننىڭ باش قەھرىمانلىرىغا خاس ھاكاۋۇرلۇق بېلەن شاپبۇرۇت خوجايىننىڭ ئالدىغا باردىدە، بۇيرۇق تەلەپپۇزدا:
-ھېي.....!!!!شاپبۇرۇت!!! سامسىنىڭ نوچىسىدىن 100 نى ئالە!،-دىۋىدى، باشتا يۈسۈپكە قاراپ چەكچىيىپ تۇرغان
خوجايىن دەرھال توڭ قاپىقىغا كۈلكە يۈگۈرتتىدە:
‹‹بولىدۇ غوجام بولىدۇ!!...مانا ھازىر قاچىلاپ بېرەي تاۋاق ئەكەلدىلىما....؟،- دىدى ئېڭىشىپ كۈلگىنىچە.
-نېمە تاۋاق!!!.. مەن مۇشۇ يەردە يەيمەن. تېز بول، تېز بول!،- دىدى يۈسۈپ سامسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي.
يۈسۈپنىڭ ئاچچىقىنى كۆرگەن دۇكاندار دەرھال بورا سېۋەتنىڭ ئاستىغا چىرايلىق قىلىپ قولياغلىقنى سالدىدە، پاكپاكىز قوللىرىدا قىززىق سامسىنى ماھىرلىق بېلەن سېۋەتكە سېلىشقا باشلىدى. بىردەمدە سېۋەت توشۇپ، دۇكاندار سامسىنى تونۇرنىڭ يېنىدىكى پارقىراپ تۇرىدىغان بورا سېلىنغان لاي سۇپىغا باشلىدى.
-يۈسۈپ سېۋەتكە بىر قاارىۋەتكەندىن كېيىن، دۇكاندارغا.. ماڭ چاي ئەكەل. دەپ دوق قىلىۋىدى..
-غوجام مانا ھازىر تۈمەن دەرياسىنىڭ مۇزدەك سۈيىدىن كەلتۈرىمەن. بۇ چاينى بايۋەتچىلە ئەرتىۋالاپ ئىچكەن بېلەن،
بىز گادايلار ئەركەك سۇنى ھەممە نەرسىدىن ئەتىۋار بىلىمىز دىسىلە...،-دېدى دۇكاندار تېخىمۇ تۆۋەنچىلىك بېلەن.
-ھە..بوپتۇ ئەكىلە....قانداق ناچار ئويۇن بۇ؟.....سامسىخانىسىدا چاي يوق. لازا-ئاچچىقسۇغۇ باردۇ؟
-ئاچچىقسۇ-لازىنىڭ نېمىلىكىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن غوجام،- دېدى خوجايىن مۇلايىملىق بېلەن.
-ھەي بولدىلا....بۇ سامسا يۈز چىقمايدىغاندۇ؟؟؟.. سەن مېنى دۆت چاغلاۋاتامسەن؟ ..،-دېدى يۈسۈپ بارغانسىرى ئەدەپ.
-غوجام سىۋەتكە پاتمىدى غوجام. كايمىسىلا يەپ بولغاندا قىززىق قىززىق قومۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېھمانلىرى تېخى كەلمىدى،- سەۋر قىلسىلا غوجام.
-مېنىڭ مېھمىنىم يوق مانا مۇشۇ ئىككىمىز ييمىز...،-دىدى يۈسۈپ دولۇمغا قولىنى ئارتىقىنىچە كۆرەڭلىك بېلەن.
-نېمە..يۈز سامسىنى ئىككلىرى يەمتىلە بارىكاللا غوجام....بارىكاللا....ئىشتىھالىرىغا دەرت كەلمىسۇن...سوراپ باقسام ئۆزلىرى قايسى غوجامنىڭ بايۋەتچىسى بولىدىلىكىن؟،-دىدى غوجىدار قىززىقسىنغان ئاھاڭدا.
-مەن دېگەن مۇشۇ ئويۇننىڭ باش قەھرىمانى. مېنىڭ بۇ قوشۇمچە پېرسۇناژ. چۈشەنگەنسەن؟؟..ئەمدى مېنى سامسا يېگىلى قوي!!! ،- دىدى يۈسۈپ بەخىرامان ھالدا.
-ئۆمەر باينىڭ پۈتۈن بىر قوينىڭ گۆشىنى يەۋېتىدىغان بىر قەھرىمان ئىسىملىك بەگزادىسى بار دەپ ئاڭلىۋېدىم. لېكىن سىلىنى تونۇماپتىمەن..ئالسىلا غوجام سامسىغا كەلسىلە،-دۇكاندار شۇنداق دېگىنىچە، ئارقىچىلاپ مېڭىپ تونۇر بېشىغا چىقتى. بۇ كەمگىچە ئالدىمىزغا سېۋەتكە بىر تىزىلغان سامسىنى كۆرگەن كىشىلەر ئەتراپىمىزغا ئولىشىشقا باشلىدى. كىشىلەر توپىدىن:
-ياۋ....بىر سامسا ئىككى ياماق بولسا بۇ بىر سېۋەت نەچچە ياماق بولۇپ كەتتى ھوي.
-ئاباي ئۇنى ھەسەن تەرسا، ئۆمەر باينىڭ قەھرىمان دېگەن ئوغلى دېگەندەك قىلدى، خەق دېگەن سەر خەجلەيدۇ سەر. ئاباي ئۇ تېخى يۈز سامسا يەيمەن دېدى. ئىككى سەر پۇل بىلدىڭما؟ ...
-ھەي...مەن قارىسام،ئۇنچە سامسىنى ھەرگىز يەپ بولالامايدۇ جۇمۇ....
-يەپ بولالمىسا، ئۆمەر باينىڭ ئارزۇلىقى بولغاندىكىن، بىز گادايلارغا بېرىۋېتەمدۇ تېخ..ھى..ھى..ھى
-ئۇخلىماي چۈش كۆرمە....ئۆمەر باينىڭ ئوغلى ئۇ....بولدىلا ئاغزىمدىن بالاغا قالماي. ئىشقىلىپ مېنىڭ تەمايىم يوق. ئەگەر ئۇلا 100 سامسىنى يەۋېتەلىسە، ئۇلارنى ھەقىقى ئەركەككەن دەپ قول قويىمەن،-دېگەندەك ھەر خىل كۇسۇرلاشلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-ھەي...يۈسۈپ بۇ سامسىنى يەپ بولالارمىزمۇ؟...،-دېدىم قىززىق سامسىنى چىشلەپ بولالماي، ئاۋارە بولىۋاتقان يۈسۈپكە قاراپ.
-سەن ئويۇن ئويناشنى بىلمەيسەندە ئاكتىپ، بىز سامسا يەيمىز دېسەك بۇلارنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىدىن قارىغاندا،
بۇ ئويۇننىڭ باشتىكى ئاسان يەرلىرىكەن. مېنىڭچە بىز سامسىنى قانچە جىق يېيەلىسەك، شۇنچىلىك جىق نۇمۇرغا ئېرىشىمىز. ئاباي ئاۋۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى سامسا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ دېدى. بىز ئۇلارغا سامسىنى ئۈلەشتۈرۈپ بەرسەكلا، ئۇلار بىزگە قايىل بولۇپ بىزنى boss نىڭ ئالدىغا باشلاپ بارىدۇ. دېگىنىچە سامسىنى يېيىشكە باشلىدى.
مەنمۇ ئولتۇرۇپ، شىرىسى ئېقىپ تۇرغان سامسىسنى مۇزدەك دەريا سۈيى بېلەن ھوزۇرلىنىپ مەززە قىلىشقا باشلىدىم. لىكىن ئىككىمىز سامسىنى  بەشتىن يە يېمەيلا، شۇنچىلىك جىق نومۇر ئالغىمىز بار بولسىمۇ، قورسىقىمىز تويۇپ، گېلىمىزدىن قەتئى ئۆتكۈزەلمىدۇق. پۇخادىن چىقىۋالغاندىن كېيىن يۈسۈپ قورسىقىنى سىلىغىنىچە ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ:
-ھە بولدى، ئەمدى سىلەر يەڭلار، يەپ بولساڭلار يەنە قومارتىپ بېرىمەن،-دىدى يۈسۈپ، بىزگەل ئولىشىپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ تۇرغان كىشىلەرگە قاراپ. كىشىلەر جۇددى دەل مۇشۇ گەپنى ساقلاپ تۇرغاندەك، بىردەمدىلا سامسىنى تالىشىپ يېيىشككە باشلىدى. يۈسۈپ ئىككىمىزمۇ ئۇلارنىڭ يۈزىدىكى جىلۋىلەنگەن خوغاللىق نۇرلىرىدىن تەسىرلىنىپ، يەنە دۇكاندارغا دەو نۇرغۇن سامسا ياقتۇردۇق. دۇكاندارمۇ بارغانسىر ئېچىلىپ، ئىككىمىزنى غۇجام غوجامغا سېلىپ، لاچىن شۇڭقارغا كۆتۈرۈپ ماختايتتى. بىر دەمدىن كېيىن دۇكاندارنىڭ سامسىسى تۈگىگەندە بىز خەلقنى خوش قىلىۋالغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلانغىنىمىزچە دۇكاندار بېلەن خوشلاشماقچى بولدۇق.
-ھە دۇكاندار. سامساڭغا رەھمەت. ئەمدى سەن بىزگە boss نىڭ نەدىلىكىنى دەپ بەر. مەن سىلەرنى قۇتقۇزغىلى بارىمەن....-،دېدى يۈسۈپ دۈكاندارنىڭ ئېگىلىپ تۇرغان مۆرىلىرىگە شاپىلاقلاپ.
-پېقىر قارا تۈرۈك ئادەممەن. ئۆزلىرى دېگەن نەرسىنى بىلمەيدىكەنمەن قەھرىمان غوجام،- دېدى خوجايىن مۆرىلىرىن قىسقىنىچە.
-ھە بولدى..بولدى..ئەمىسە ئۆزەم ئىزلەپ تاپاي...ماقۇلە...سامساڭنى لاھىيەلىگەن ئادەم. ھەقىقەتەن ياخشى لاھىيەلەپتۇ...ما بۇرۇتلىرىنىڭ كەپ-كەتكىنىچۇ تېخى..ئەمىسە خوش..بىز كەتتۇق،،،،،-يۈسۈپ شۇنداق دەپ سامسىپەز بېلەن خوشلىشىپ، مېنى كەينىگە سېلىپ، نەچچە قەدەم ئېلىۋېدى. دۇكاندار:
- غۇجام..غۇجام....ئاقچىنى بەرمىدىلەن..غوجام قارىسىلا ئۇنۇتقاقلىقلىرىنى. ،- دىدى چاققانلىق بېلەن ئالدىمىزنى توسۇ قولىنى سۇنۇپ.
-ماڭ..ماڭ...مەن دېگەن باش قەھرىمان. سەن تېخى ماڭا پۇل دەۋاتامسەن؟؟؟مەن دېگەن سىلەرنى ئازات قىلغىلى كەلگەن بېلەمسەن،- دېدى يۈسۈپ ئۇنىڭغا گۆشىيىپ.
-ماڭ قايلىسلا غوجام.،...ئۆزلىرىنى ئۆمەر باينىڭ بايۋەتچىسىكەن دەپ، چاكاردەك مۇلازىمەت قىلدۇق جۇما. .
ھەر ئىش چېكى بىلەن بولىغىنى ياخشى، 2سەر ئۆزلىرىگە ھېچ گەپ بولمىغان بېلەن، بىزلەرنىڭ چۆچۈرىدەك بەش بالىنى باقىدىغان دەسمايىمىز..ئاۋۇ....،-دېدى خوجايىن تۇيۇقسىزلا چىرايىنى مەن دەسلەپ كۆرگەن ۋاقتىدىكىدەك سۆرۈنلەشتۈرۈپ. ئىش ھەل بولماي تۇراتتى تۇيۇقىسىز كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن:
-مۇبارە ئۆمەرباي بۈزرۈك، مەقامى،ھىممەتلىك غۇجا مباي ھەزرەتلىرىنىڭ نامىنى قالايمىقان ئاغزىڭغا ئېلىشىۋاتقانلىرىڭ قايسىڭ؟......،-دېگىنىچە ئەپتى بەئاينى چاشقانغا ئوخشايدىغان  ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى بىرى ئىلدام قەدەملەر بېلەن چىقىپ.
-ھە توختى كىركەش قاراپ كەلگىنىڭ ياخشى بولدى. بۇ سىلەرنىڭ قەھرىمان بايۋەتچە بۇ يەردە مېنى ئانىي تاپىمەن دەيدۇ!!!،-دېدى خوجايىن ئاخىل دەرت ئېيتىدىغان ئادەمدىن بىرنى تېپىپ.
-نېمە؟!!!!بىزنىڭ قەھرىمان بېگىم....پۇتلىرى لىمدەك، بەللىرى تۇڭدەك، بوينى يۈزىدىكى سالپاڭ گۆشلەرنىڭ سايىسىدا تۇرسا، بۇ ئاۋاق ھەزىلكەش نەدىمۇ بىزنىڭ قەھرىمان خوجام بېلەن بەسلىشەلىسۇن. ئۇلار سېنى ئەخمەق قىپتۇ تەرسا!....ئادەتتە قۇشناچىمدىن سورىماي، ئۆزەڭمۇ بىر تال يېيەلمەيدىغان سامساڭنى ھەزىلكەشلەرگە يىگۈزۈپسەن...ھى...ھى...ھى...،-دەپ ھىجايدى توختى كۆنۈپ ەتكەن خوشامەت كۈلكىسى بېلەن.
-نېمە؟؟؟.....سەن بۇلارنى يالاڭتۆش دېمەكچىما!!!!!،-سامسىپەز شۇنداق سەپ ھۆركىرىگىنىچە، تۇيۇقسىز غەزەپ بېلەن ئۆرلۈپ بىزگە قاراپ تۇردى. ئۇنىڭ چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغان كۆزلىرى، لىكىلداپ تۇرىۋاتقان بۇرۇتى، يېنىغا ئېسىلغان يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەشقەر پىچىقى كىشىگە ئىنتايىن سۈرلۈك تەسىر بېرەتتى.
يۈسۈپكە قارىسام بۇ دېگەن ئويۇن دېگەندەك خيالى تۇراتتى.
-ھېي زادى ھەقاسىڭدائاقچا بارمۇ يوقمۇ؟!!!!!!!...سەندەك ھەزىلكەش قويمىچى گۇيلىنى شەمۇ شە قوغلاپ بېرىپ جاجىسىنى بەرگەن ئادەم جۇما مەن!!!!!!،-دەپ ھۆرپەيدى ئۇ يۈسۈپكە قاراپ.
-قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل، بىلىپ قوي مەن دېگەن باش قەھرىمان. يەنە ۋار-ۋۇر قىلىدىغان بولساڭ سېنى ئويۇندىكى ئەسكىلەرنىڭ ئورنىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىمەن!،-دېدى يۈسۈپ يەنە خىيالى.  سەۋر قاچىسى توشقان
دۇكاندار ئاچچىقىدا يۈسۈپنىڭ قۇلىقىدىن بىر پېرقىرىتىۋىدى. يۈسۈپ قىقاس چوقۇن قىلىپ بازارنى بىر ئېلىپ توۋلاپ يىغلاشقا باشلىدى.
-تولا كۆزەڭنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتما. پۇلۇڭ بولمىسا ھەقاسىڭ ما دۇكاندا 4 يىل تونۇرغا ئوت يېقىشىسەن ئۇقۇشتۇڭما........،-ئامالسىز يانچۇقلىرىمىزنى كولىۋېدۇق ئىككى يۈەن پۇل چىقتى. يۈسۈپ قورقۇمسىرىغىنىچە، پۇلنى دۇكاندارغا ئۇزارتىۋىدى، دۇكاندار ئۇنىڭ قولىدىكىنىڭ كۆمۈش ئەمەس قەغەز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا، پۇلغا قاراپمۇ قويماي ،پۇلنى يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە ئېتىۋېتىپ، يەنە يۈسۈپنىڭ قولىقىنى سوزۇشقا باشلىدى.  يۈسۈپكە قاراپ قانداق قىلىشنى ئويلاپ تۇرسام، دۇكاندار ‹‹سەنمۇ بار راس،-ھە›› دېگىنىچە بىر قولىدا مېنىڭ قۇلىقىمنى تۇتىۋالدى. قۇلىقىم شۇنچىلىك ئاغرىدىكى، بىردەمدىلا ئاباي يۈسۈپ قىلغان نالىلەرنىڭ تىگىگە يەتتىم.

داۋامى بار.



بەت: [1]
: تۇنجى قېتىم دەرستىن قېچش (بالىلار ھېكايىسى)