ilim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 15:00:03

قانداق قىلغاندا ياخشى پروگراممىر بولغىلى بولىدۇ؟

بۇ تېمىا توغۇرلۇق قەلەم يۈگۈرتىشكىمۇ سالاھىتم توشمايدۇ ئەلۋەتتە،شۇنداق بولسىمۇ  ئۈزۈم بىلگەن ھەم ھىس قىلغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دىگەن ئويغا كىلىپ قالدىم.
21-ئەسىر دىگەن سۈزنى تىلغا ئېلىشىمىزغا ئۇچۇر دىگەن سۆز كاللىمىزغا كەپ بۇلىشى مۈمكىن،چۈنكى بۇ دەۋر ھەممە ئېتراپ قىلغان شۇ ئۇچۇر دەۋرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كومپىيۇتېر بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ باققان ھەممىز ھىس قىلدۇق ھەم چوڭقۇر ھىس قىلىۋاتىمىز،شۇڭا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كارخانلىرى مۇشۇ ساھەدە يېتىشىپ چىقتى،بۇ بىز ئۈچۈن پەخىرلەنگىدەك بىر نەتىجە.لىكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر مەسىلە كىلىپ چىقتى ،يەنى مۇشۇ ساھەدە ئىختىساسلىقلار كەمچىل  بولۇش مەسلىسى،بۇ بىزنىڭ رايۇنىمىز ئىچىدىلا ئەمەس  ،بەلكى دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسلە.ئەمدى قانداق  قىلىپ IT ساھەسىدە ئىختىساسلىق دەپ ئاتالغان پروگراممىر  بولغىلى بولىدۇ دىگەن تېمىدا ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ  ئۆتەي.
   ھەربىر ئادەم مەلۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئۆزگە چۇشلۇق سەۋەبى بولىدۇ،IT  ساھەسىگە  كىرگەنلەرمۇ ئوخشاش مەلۇم سەۋەپ  بىلەن كىرىسىز. مەسلەن ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلەردىن كومپىيۇتېرنىڭ پروگرامما تۈزۈشكە ئالاقىدار بېلىمگە قىزىقىش ياكى پروگراممىر بولسا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ دىگەنگە قىزىقىش ۋە ياكى ھەر ئىككىسىگە تەڭ قىزىقىش.ئالدى بىلەن پەقەت ۋە پەقەت پۇل ئۈچۈنلا كىرىشنى ئويلىغان بولسڭىز ئەڭ ياخشىسى ۋاز كىچىڭ ،سىز پروگراممىر بۇلالىشىڭىز مۈمكىن ،لىكىن ياخشى پروگراممىر بۇلالىشىڭىز ناتايىن ،ياخشى پروگراممىر بۇلالمىدڭىز دىگەن گەپ كۆپ پۇل تېپشڭىز ناتايىن دىگەن گەپ . نىمە ئۈچۈن دەپ ئويلاپ قالسىڭىز  داۋامنى تەخىر قېلىپ كۈرۈڭ. ھەممە ئادەم پروگرامما تۈزۈش بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ كەتمەيدۇ،شۇڭا ئۇچۇرۇشۇپ باقمىغانلار  مەن قىزىقامدىم  ياكى  قىزىقمامدىم دەپ ئۇيلاپ قالسىڭىز تۆۋەندە پروگرامما تۈزۈشنى قانداق ئۆگۈنۈش توغرىسىدا سۈزلەپ ئۈتەي.
1.كومپىيۇتېر دۇنياسىدا پروگرامما تىللىرى بەك كۆپكەن قايسى تىلنى ئۆگەنسەم ياخشى؟بۇ سۇئال يىڭى پروگرامما تىللى بىلەن ئۇچراشقان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولۇشى ھەم ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ قۇيۇشى مۈمكىن.ئەگەر بۇ سۇئال  كاللىڭىزدا پەيدا بولسا ئالدى بىلەن  سىز  نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ. ھەم  ئەڭ ياخشىسى شۇ ساھەدە مۇدا  بولۇۋاتقان تىلنى تاللاڭ ،ئۇ تىلنىڭ شۇ ساھەدە مۇدا بولۇشىدا ئۆزگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار.ئەگەر ئالدى بىلەن ئاساس سالاي دەپ ئويلىسىڭىز مەلۇم بىر تىلنى تۇتۇپ پىشىق ئۆگۈنىڭ ،مىنىڭ تەۋسىيە قىلدىغىنىم c تىل.لىكىن ھەرگىز قايسى تىل ئەڭ ياخشى دەپ سورىماڭ ،ئەمىلىيەتتە ھەممە تىلنىڭ ئۆزىگە لايىق ئەۋزەللىك تەرەپلىرى بار.
2. قانداق  ئۆگەنسەم  ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلارمەن؟ بۇ سۇئالمۇ بىر تىلنى تاللاپ بۇلغاندىن كىيىن ئۆگەنگۈچلەرنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولۇشى ئېنىق.بۇ  ئۆگەنگۈچلەرنىڭ ئۆزى يەكۈنلەپ چىقىنغا يەتمەيدۇ. مىنىڭ تەۋسىيە قىلدىغىنىم ۋاقىت بولسىلا ئەمەلىي مەشىق ئىلىپ بىرىش،يەنى ئەڭ دەسلەپ  مىسال كودىلارنى كۈچۈرۈپ يىزىش،تاكى قارىماي يازالىغىنغا قەدەر،بارا-بارا ئۇ مىسالنى ئۆزنىڭكىگە ئايلاندۇرۋىلىش.

   ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە  يازدىم،ئۇزۇن  مەزگىل ئانا يېزىقمىزدا بىر نەرسە يىزىپ باقمىغاچقا ئىملا خاتالىقلىرىدىن ساقلىنالماي قالدىم،كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئاخىرىدا  ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنكا ساھەسىدە تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قۇلغا  كەلتۈرۈشگە تىلەكداشلىق  بىلدۈرمەن.

  

oyghunush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 09:28:06

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تېمىنى ياخشى يىزىپسىز، ITساھەسى ھەقىقەتەنمۇ بىر دائىرىسى كەڭ بوشلۇق، بۇ ساھەدە ئانا-تېلىمىزدىكى يۇمتال ياكى ئەپلەر، توربېكەتلەر ۋە باشقا قوللىنىشچان دىتاللار كۆپلەپ بازارغا چىقىشى كىرەك.
مەنچە كىتاپلار ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈشمۇ بىر ياخشى ئۇسۇلدۇر. ئەمما مەن كىتاپخانىلارنى ئارلىدىم، بۇ ساھەدە ئانا تىلىمىزدا كىتاپلار يوق دىيەرلىك ئىكەن ياكى يىڭىلىنىشى بەك ئاستا ئىكەن، سىزنىڭچە بۇ ساھەدە تەرجىمە كىتاپلارنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا ئۆزىمىزگە ماس بولغان دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ چىقساق بۇنىڭغا بازار ئىھتىياج بارمىدۇ؟ مىنىڭ ئويلىغىنىم ئەلۋەتتە قوش ئۈنۈمدۇر...
بۇ ساھەدە پىكىرلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ باقساق ........:handshake

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 09:57:51

بۇ ھەقتە نەچچە يىللار ئ‍ىلگىرى بىلىكتە قىزغىن مۇنازىرىلەر بولغانىدى… بىزدىكى پروگراممىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان. نان تەگكۈدەك گەپلەر بولۇنغان. ئ‍ېسىل كىتابلار تەۋسىيە قىلىنغان. ھازىر بىلىك ئ‍ېچىلمايۋاتىدۇ…:(

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 10:44:22

oyghunush يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 09:28 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تېمىنى ياخشى يىزىپسىز، ITساھەسى ...

مەنمۇ شۇ قاراشتا يىڭى كىتاپ تۈزەلمىگەن تەقدىردىمۇ تەرجىمە قىلسا بولىدىغۇ .............

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 21:23:42

مەنمۇ شۇ قاراشتا يىڭى كىتاپ تۈزەلمىگەن تەقدىردىمۇ تەرجىمە قىلسا بولىدىغۇ .............
ئەمدى شۇ،مۇشۇ كىتاب نەشىر قىلدۇرۇش جەھەتتە نان تەگكۈدەك تېما بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار بوپتىكەن،كىتابنى مەيلى يازايلى،مەيلى تەرجىمە قىلايلى پۈتتۈرگەن بىلەن ئۇنى نەشىر قىلدۇرغىلى بولمىسا يەنىلا چوڭ جەھەتتىن ئەھمىيىتى بولمايدىكەن،كىتابتىن ئۈچنى تەييار قىلىپ،ئۆزۈم بېسىپ چىقىرىپ ساقلاپ قويغىنىمغا ئالدىغا 3-4يىل كەينىگە بىر يىل بولۇپ قالدى.مۇشۇ جەھەتتىمۇ ياردەم تېمىسى يوللىماقچى ئىدىم،ھازىر ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ تۇراي.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 23:04:09

بۇ تېمىدىكى گەپلەر چاشقاننىڭ گېپىگە ئوخشاپ تۇرىدىغۇ...

oyghunush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 17:58:29

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 23:04 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىدىكى گەپلەر چاشقاننىڭ گېپىگە ئوخشاپ تۇرىدىغۇ...

گىپىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم، ..................:o

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 20:36:31

چاشقان ناملىق پروگراممىرنىڭ دېمەكچى ئىدىم. ئۇ نى تونۇمايدىكەنسىز دە. شۇنىسى مەنمۇ تونۇمايدىكەنمەن. لېكىن يازمىسىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ بىلوگىدا.
بەت: [1]
: قانداق قىلغاندا ياخشى پروگراممىر بولغىلى بولىدۇ؟