nirvanem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:49:27

مۈشۈك ھەققىدە ھېكايە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nirvanem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-23 12:50  


مۈشۈك

(ھېكايە)

يېنىمدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان مۈشۈكۈمنى كۆرۈپ بەك خۇش بولۇپ كەتكەن بولساممۇ  ،بىراق ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالماي،يۈزۈمنى چىمداپ باقتىم ،چۈشۈم ئەمەس راست ئىدى .ھاۋا سوغۇق ئىدى .خۇشلىقىمدا سەل تىتىرەۋاتقان مۈشۈكۈمنى قوينۇمغا سېلىپ ،يۇمران تۈكىنى سىلىدىم .مۈشۈكۈم كۆزىنى ئېچىپ ماڭا مېھىرلىك باققىنىدا ،ئۇنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ ئۇنى پۇرىدىم .ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاقناۋاتقان كۈچلۈك نۇر قەلبىمنى تېشىپ ئۆتۈپ ،ئىچىمنى لەرزىگە كەلتۈردى.
دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم ،لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى .ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ ئالدىدا ئاچقۇچىنى ئىزدەۋاتقان بىرى تىتىرەك ئارلاش ئايالىنى ،بالىسىنى چاقىراتتى .بىنانىڭ كىرىش ئىشىكى قۇلۇپلىنىپ قالغاندەك تۇراتتى .ئۇ ئادەم قولىدىكى تىتىرەكنى ئاران بېسىپ  تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى .ئۇياق-بۇياققا ماڭاتتى .نىرىسىدىكى بىنا ئالدىغا بىر ماشىنا پەيدا بولدى .بىر ئائىلە كىشىلىرى ماشىنىدىن چۈشۈپ ،چاقچاق ئىچىدە بىناغا كىرىپ كەتتى .بىر-ئىككى ئىت سوغۇقتىن تىتىرەپ بىنانىڭ ئەتراپىدا سەرسان يۈرىشەتتى .
سائەتكە قارىدىم ،سائەت توختاپ قالغان ئىدى .بۇ سائەتنىڭ قاچانلاردا توختاپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن . ئانام-دادام ئاجرىشىپ كەتكەن شۇ چاغلاردا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن توختاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم .ئانامنىڭ قوينى بەك ئىسسىق ئىدى .ئانام بىلەن دادامنىڭ ئارىسىدا يېتىپ تاتلىق چۈشلەرنى كۆرەتتىم .قارا بېسىپ باققىنى ئېسىمدە يوق .بىراق قاچانلاردا بىر چۈش كۆردۈم ،شۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىم ئۆزگەردى .كارۋاتنىڭ ئەتراپى چوڭقۇر كولانغان ،مۈشۈكۈم نېمىلەرنىدۇ ئىزدەۋاتقان ،كارۋاتنىڭ چېتىدە قاپقاراڭغۇ بىر دۇنيا ،بۇ دۇنيا ئىچىدە مۇدھىش بىر پۇراق ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىپ ئۆتتى .شۇنىدىن كېيىن تاتلىق چۈشلەرنى كۆرەلمىدىم .كۈلكەمنىڭ رەڭگى ئۆچتى .مەشىق دەپتەرلىرىمدە داۋاملىق ئاشۇ رەسىملەر بولاتتى .رەسىم دەرىسىدە مۇئەللىم مېنى بالىلار ئالدىغا چىقىرىپ بىر مۇنچە ئەيىپلەپ كەتكىنى ئېسىمدە بار .بىرلا رەسىمنى سىزغانلىقىم ئۈچۈن جازالانغان ئىدىم .جازاغا ئۇچراپ كېلىۋاتاتتىم .نېمىشقا جازالانغانلىمىنى بىلمەيىتتىم .ئاشۇ قېتىمقى مۇدھىش چۈشنىڭ جازاسى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .دېرىزە تەكچىسىگە تېزىپ قويۇلغان گۈللەر بوش تەۋرىنىپ تۇراتتى .گۈللەرنىڭ رەڭگى ئۆچكەن .قىش پەسلىنىڭ ئالامىتىدۇر بەلكىم .ئېسىمگە بىر چاغلاردا ئانام-دادام ياساپ بەرگەن قار بوۋاي كەلدى .قار بوۋاينىڭ كۆزىنى كۆمۈر ئۇۋىقىدىن ياسىغانلىقىمىز ئېسىمدە،ئېغىزىنى ياغاچتىن ياسىغانلىقىمىز ئېسىمدە،بېشىغا كۈلرەك شىلەپەمنى كېيگۈزۈپ قويغان ئىدۇق .كېيىن بىر كۈنى ئەتتىگىنى قار بوۋاينىڭ كىملەرنىڭدۇر باللىرى تەرىپىدىن چېقىلغانلىقنى كۆردۈم .
سائەتكە قارىدىم .سائەت توختاپ قالغان ئىدى .تيۇقسىز بويۇمنى ئۆلچەپ باققۇم كەلدى .دادامنىڭ ئورۇقلاش ئەھۋالنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئېلىپ قويغان تارازىسىدا ئېغىرلىقىمنى ۋە بويۇمنى ئۆلچەپ باقتىم .ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى بىلەن ئوخشاش تۇراتتىم .دېمەك ،مەندە ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى .مەكتەپتە سەپكە تېزىلسام ئەڭ ئالدىغا تىزىلىدىغىنىم ئېسىمگە كەلدى .بىراق بۇنداق دېگىنىم مېنىڭ دەرىستە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۇرمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن .دەرس ۋاقتىدا ئالدىدىكى ئېگىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ،مۇئەللىگە قاراپ تۇرىمەن .مۇئەللىم دوسكىغا خەت يېزىۋاتقاندا،ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارغا دېققەت قىلمايدۇ .مەن شۇ ۋاقىتتىن پايدىلنىپ دېرىزىدىن سىرتقا قارايمەن ياكى بىردەم خىيال سۈرىۋالىمەن .مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەندە ،ئەتراپىمنى مىخلار قورشىۋالىدۇ .مۇئەللىمنىڭ ماڭا بىر نەرسە ئۈگىتەلەيدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن .ساۋاقداشلىرىمنىڭمۇ بىر نەرسە بىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن .دوسكىدىكى خەتلەر قۇرت-قوڭغۇزلاردەك ،ئۆمۈچۈكلەردەك قىمىرلايدۇ .دوسكىنىڭ ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاختىيى تۈرمىنى ئەسلىتىدۇ .ئەگەر مەن مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى بور بولسام مەڭگۈ ئۈچ مېتىرلىق تاختايدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم .
دېرىزە سىرتىدىكى ھىلىقى ئادەم يوق تۇراتتى .باللىرى ياكى قوشنىلىرى ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەن بولىشى مۇمكىن ۋە ياكى كەتكەن بولۇشى مۇمكىن .ئىتلارنىڭ ئاچچىق نالە ئارلاش تىتىرەك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم .بوينۇمنى دەرىزىدىن چىقىرىپ ئولتۇراق رايۇننىڭ يان ئىشىكىگە قارىدىم .بىر مەست دەلدەڭشىگىنىچە ،ئىشىكتىن كىرىش ئۈچۈن تىركىشىپ باققان بولسىمۇ ئىشىكنى تاپالمىدى .ئىشىك دەپ تامغا ئۈسسۈپ سالاتتى .مۇزدەك ھاۋا ئىچىمگە كىرىپ كېتىپ ،دېرىزىنى تاقاپ يوتقانغا چىڭ پۈركۈندۈم .مۈشۈكۈم تېخىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى .مەن ئۇنىڭغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ،كېيىم ئىشكابىمنىڭ ئۈستىدىكى ئالبومغا كۆزۈم چۈشتى .سەل چاڭ باسقان ئالبومنى ئېلىپ ۋاراقلىدىم :
ئانام-دادامنىڭ كىچىك ۋاقتى .بۇدۇرۇق قوللىرىنى ئاتا-ئانىسى تۇتۇۋالغان .چىرايىدىن شوخ كۈلكىلەر تامغان سۈرەت ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى .كېيىنكى بەتنى ئۆرۈدۈم .ئاتا-ئانامنىڭ ئوقۇش ۋاقىتىلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر ،شاد كۈلكىلەر ،سىنىپلاردىن قايىتقان خۇشال ئەكىس -سادالار قەلبىمنى تىترىتىپ ئۆتتى .دادامنىڭ مۈرىسىگە بىر قىز قولىنى قويۇۋالغان ،قىزنىڭ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتكەن ،لەۋلىرىدە بىلىنەر-بىلىنمەس شادلىق ئۇچقۇنلىرى يالتىرايىتتى .قارىغاندا بۇ رەسىمنىڭ كەينىدە نۇرغۇن ھېكايىلەر كۆمۈلۈپ ياتقاندەك قىلاتتى .كېيىنكى بەتنى ئۆرۈدۈم .ئانام قاتارلىق بىر قانچە قىزنى نۇرغۇن يىگىتلەر ئورىۋالغان ،ئانامنىڭ كۆزلىرىدە بىرخىل مەغرۇرلۇق قېتىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى .بۇ يىگىتلەرگە سىنچىلاپ قارىغاندا،كەينى قاتاردىن ساناپ ئىككىنچى يىگىتنىڭ چىرايى باشقىچە بىئارام كۆرۈنەتتى .ئانامنىڭ مەكتەپ گۈزىلى دەپ نامى بارلىقنى دادامدىن ئاڭلىغان ئىدىم .كەينىدىكى بەتنى ئۆرۈدۈم .دادام-بىلەن ئانامنىڭ يېڭى تونۇشقان سۈرەتلىرى ئىدى .ئانامنىڭ قولىدا قانداقتۇر بىر نەرسىنى تۇتۇۋالغان ،بەلكىم سوۋغات بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .كەينى بەتتە بوۋام-مومامنىڭ سۈرەتلىرى تۇراتتى .بوۋام ھاسىسىنى تايانغان پېتى مومامغا قاراپ تۇراتتى .بوۋامنىڭ چاقچاقچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم .موماممۇ بەك تىتىك ئايال ئىدى .
كەينىدىكى بەتتە دادامنىڭ دوستلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى تۇراتتى .سۈرەتكە قارىغاندا دادامنىڭ ئالاقە دائىرىسىنىڭ خىلى كەڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى .دېمىسىمۇ دادام بەك چىقىشقاق ئادەم .تۇيۇقسىز دادامنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ بېقىش ،ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىش ئويۇم تۇغۇلدى .سائەتكە قارىدىم .سائەت توختاپ قالغان ئىدى .سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلمەيىتتىم .بەلكىم يېرىم كېچە بولغاندۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا دادام بەلكىم ئۇخلاپ قالدى .دادامنىڭ كۈندۈزدىكى خىزمىتى ئالدىراش .ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن توختىماي قاترايدۇ .خىزمەتتىن چۈشۈپ سەي-كۆكتات،يەل-يېمىش ئالغىلى بارىدۇ .ئۆيگە كېلىپ ...يەنە سائەتكە قارىدىم .كىمنىدۇر كۈتۈۋاتقاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم .ئۇنىڭ كەتكەنلىكى ،ئەمدى كەلمەيدىغانلىقى ئېسىمگە كەلدى .داۋاملىق كېيىنكى بەتنى ۋاراقلىدىم .دادامنىڭ توي خاتىرە سۈرەتلىرى تۇراتتى .ئانام توزدەك چىرايلىق ياسىنۋالغان ،يانىلىرىدا دوستلىرى قاتىراپ يۈرەتتى .قارىغان ئادەمگە توي خىلى قىززىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى .كېيىنكى بەتكە ئۆتتۈم .سۈرەتكە قاراپ تۇرۇپ قالدىم .بۇنىڭدا مەن تۇراتتىم .ئانامنىڭ قۇچىقىدا ۋىلىقلاپ كۈلۈۋاتقان مەن تۇراتتىم .يېنىدىكى سۈرەتتە ،تېرىسى سەل قارا بىر بالا خۇشال ئۇسسۇلغا چۈشكەن ،دادام ماڭا قاراپ چاۋاك چېلىۋاتقان سۈرەتتىكى قىز مەن ئىدىم .ئەينەككە قاراپ باققۇم كەلدى .ئورۇقلاپ سۈرەتتىكىدىن تېخىمۇ قارىداپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تونۇيالمىغىلى تاسلا قالدىم .يەنە سىنچىلاپ قاراپ ،كۆزلىرى غەمكىن ،چاچلىرى چۇۋۇلغان،يۈز تېرىلىرى بۇزۇلۇشقا باشلىغان بىر بالىنى كۆردۈم .ئەجىبا ،بۇ مەن شۇمۇ ؟داۋاملىق قاراپ تۇرۇشتىن قورۇقتۇم .ئالبومنى داۋاملىق ۋاراقلىغۇممۇ كەلمىدى .ئالبومى كارۋاتقا تاشلىغىنىمدا، ئېچىلىپ قالغان سۈرەتكە قاراپ تۇرۇپ قالدىم .مۈشۈكۈممۇ ئالدى پۇتى بىلەن سۈرەتكە دەسسەپ تۇرۇپ سۈرەتكە تىكىلدى . سۈرەتتى ئاسلاننى ئۆزىگە ئوخشىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .قۇچىقىدا  ئاسلاننى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرغان رەسىم ئىدى.رەسىمدىكى قىز مەن ئىدىم .كۆزۈمگە ياش كەلدى .مۈشۈكۈمگە پىچاق سانجىلغان مەنزىرە مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ .ئۆگەي ئانام تاماق ئېتىۋاتاتتى .مۈشۈكۈم بىر مۇنچە دوستلىرى باشلاپ ئۆيىمىزگە كىردى .ئۇلار كېرسىلو،تېلېۋۇزۇر ،ئانامنىڭ يۇيۇپ قاتلاپ قويغان كېيىملىرى ئۈستىدە شاھانە تەخىتتە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇشاتتى .بەزى -بەزىدە ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ ئوينايىتتى .پىچاقنى كۆرسەم قان ھىدى بۇرنۇمغا ئۇرۇلىدۇ .ئانام كۆكتاپ ئاقلاۋاتقان پىچاقنى ئاتتى ...مۈشۈكلەر قىيا ئوچۇق ئىشىكتىن بىر-بىرىنى دەسسەشكۈدەك بولۇپ قېچىپ چىقىپ كەتتى .مەن ئانامنىڭ كۆزىگە قاراپ يىغلاشتىم قورۇقتۇم -دە،ئىشىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم .ئۇزاق ئۆتمەي كېيىملىرىم قان ھالدا ئىشىكتىن كىرگىنىمدە ،ئانام سىلكىشلەپ تۇرۇپ تىللاپ كەتتى .مۈشۈكنىڭ مەينەتلىكىنى ئەيىبلەپ ئۆزىنى ئاقلاۋاتاتتى .مەن ئۈنسىز ھالدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم .ھۇجرامنىڭ ئىشىكى شۇ يېپىلغانچە ئېچىلمىدى .دادام يالۋۇرۇپ ئاچقۇزغاندىن سىرت ھېچقاچان ئېچىلىپ باققان ئەمەس .دادام ئىزدەپ يۈرۈپ باشقا مۈشۈكلەرنى ئەكىلىپ بېرىپ باقتى ،بىراق ئەمدى مەن ھېچقانداق مۈشۈكنى قۇبۇل قىلالمايىتتىم .
سائەتكە قارىدىم .سائەت توختاپ قالغان ئىدى .مۈشۈكۈمگە قارىدىم .ئۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ دادامنىڭ ھۇجرىسى تەرەپنى كۆرسەتتى .دادام نېمىشقا تېخىچە ئىشتىن چۈشمەيدىغاندۇ  ياكى ئۇخلاپ بولدىمۇ ؟شۇ خىياللار بىلەن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىردىم .كارۋات قۇرۇق تۇراتتى .كارۋات كىرلىكىدىن مۈشۈكۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ،بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ ،كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى .مۈشۈكۈم ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرەيىتتى ...

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 17:49:02

ھەي ئىسىت بىچچارە مۇشۇك ئۆلۇپ قالدىمۇ .
مۇشۇكنىڭ قىساسى بەك يامان قانداق قولى بارغاندۇ؟

مىنىڭمۇ مۇشۇكۇم بار ئائىلدىكلەر مۇشۇك باقما دەپ توسۇپ بولالمىدى ئۆزىمۇ ئامراق بولۇپ قالدى.

5819 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 20:54:31

ھېكايىدەك ھېكايە بوپتۇ جۇمۇ.يەنىمۇ تىرىشقۇلۇق{:112:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 20:56:50

ھەي ئا قىز ئۆلۈپ كېتىپتۇ،روھىي ئۆيىدىن چىقىپ كەتمەپتۇ.{:136:}

nirvanem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 21:18:21

يەكشەنبە

(ھېكايە)


مەندەك جىمغۇر بىر بالا ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر سائادەت ھازىرنىڭ ئۆزىدە يېتىپ كەلمەكچى بولۇۋاتقان مۇشۇ زاماندا ،باغچىغا بېرىپ ئويناشتىن ،دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشتىن ،مۇھەببىتىم بىلەن بازار ئايلىنىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشۇم بىر ئاقىلانە تاللاش بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن .ئانام دوستلىرىغا تېلېفۇن قىلىپ ،ئۇلار بىلەن سىرتقا چىقىش توغۇرلۇق مەسلىھەتنى پۇشۇرۇپ بولدى .دادام بولسا ھەپتىنىڭ بېشىدىن باشلاپ تۈنۈگۈن كېچىگىچە ئىشلەپ ئەتتىگەندە تېنىنى ئېغىر سۆرىگەنچە كارۋاتقا ئۆزىنى ئېتىپ چۈش پەيزىنى سۈرىۋاتقاندۇ ياكى چۈش كۆرۈشمۇ نېسىپ بولمىغاندۇ .ئۇ ئادەتتە يەكشەنبە كۈنى ئەتتىگەندە ئۇخلىغانچە كەچلىك تاماق يېسە يەپ بولمىسا دۈشەنبە ئەتتىگىنى تۇرىدۇ .يەكشەنبە كۈنى ئۇنى ئۆيدە يوق دەپ ئويلىساممۇ بولىۋىرىدۇ .
ئانام ھىلىلا چىقىپ كەتتى .ئۇ بىر ھەپتە ئۆيدە بولۇپ زىرىكەمدۇ ،ئىشقىلىپ ،يەكشەنبە كۈنى دادام ئۆيگە كىرگەندە ئۇ دوستلىرى بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپ ،كەچ كىرگۈچە سىرتتا بولىدۇ .دوستلىرى بىلەن نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشقا ۋاقتىم يوق .ئايال كىشى دېگەن بازار ئايلىنىشتىن  ،ئۆزىنى ياساشتىن باشقا ئىشى يوق خەقمىكىن دەپ ئويلايىتتىم ،بەلكىم ئۇنداق ئەمەستۇر.ئۇ كەچتە قايتىپ كېلىپ ئايىغىنىڭ پاشنىسىدىن ئاغرىنىدۇ .ئاندىن سىرتتا نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ،دوستلىرىدىن ئاڭلىۋالغان گەپلىرىنى دەيدۇ .مەن گەرچە بۇنىڭغا دېققەت قىلمىساممۇ ،ئاڭلىغاندەك قىياپەتتە ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىمەن .ئاندىن بەك ھاردۇق باسقانلىقىنى ئېيتىپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ .مەن تازلىق ئۆيىگە مېڭىۋىتىپ ،قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىك يۇچۇقىدىن ئۇنىڭ كېيىملىرى بىلەنلا ئۇخلاپ قالغانلىقىغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىمەن .
دادامنىڭ خورىكى بوغۇلۇپ قالاي دېگەن ئادەمنىڭ تېنىقىدەك چىققاچقىمىكىن ،ئۇنى ئويغىنىپ كېتەرمىكى دەپ ئەنسىرىمەيمەن .ھەتتا ئۆرۈلگۈدەكمۇ ھالىمۇ قالمىغان ھالدا كارۋاتتا لايدەك ياتىدۇ .ئۇنى تىرىك دەپ ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيمەن .ئۇنىڭ ئالدىراشچىلىقتا ئالدۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن يىرىك ساقىلى  چىرايىنى بىر بەتبەشرە مەخلۇققا ئوخشىتىپ قويسا،  ئۆسكىلەڭ چاچلىرى چىرايىنى يېرىم يېپىپ ئۆلۈكنى ئەسلىتەتتى .پۈرلەشكەن كېيىملىرىدىن قويۇق تەرى پۇرىقى كېلىپ ئادەمنى سەسكەندۈرەتتى .ئۇنىڭ باغچىنىڭ ئىشىكىنى بىقىۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ كۈلكەم سىرتىغا چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى :يولدىن ئۆتكەنلەرگە بەئەينى بىر تىلەمچىدەك قاراپ تۇرغان كۆزلىرى ؛باغچا ئىشىكى يېنىدىكى قاراۋۇلخانا ئالدىدىكى پۇتلىرى لىڭشىپ قالغان ،دېققەت بىلەن ئولتۇرمىسا چۇۋۇلۇپ چۈشىدىغاندەك ،ھەر تۇرسا ئولتۇرسا جان-جەھلى بىلەن ئىڭىرايدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاپتاپ ئىسسىنىۋاتقان ھالىتى ،تۇرۇپ -تۇرۇپ بېشىغا قونۇۋالغان چېۋىنلەرنى ئىرەنچەكلىك بىلەن ھەيدەپ ،ئۆتكەن -كەچكەنلەرگە خيالى، رەسىمدىن ھېچقانداق زوق ئالالماي ئالدى-كەينىنى ئۆرۈپ تاشلاپ قويىدىغان ،قىلچە سەنئەت ھۆجەيرىسى يوق بىر ئادەمدەك قۇرۇق ئەسنەپ ئولتۇرىشى ،يېنىدا ئولتۇرغان خىزمەتدىشىنىڭ سارغىيىپ كەتكەن بىر گېزىتنى تەتۈرىسىگە تۇتۇۋېلىپ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن گەپ باشلىشىغا باش گىلدىڭلىتىش كېسىلى بار ئادەمدەك بېشىنى گىلدىڭشىتىپ ئولتۇرىشى ،ئاندا -ساندا بۇرنىنى قاشلاپ قويۇپ ،يېنىدىكى ئادەم موخۇركىسى ئورىغاندا لېۋىنى بوش مىدىرلىتىپ قويۇپ باغچىغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلارغا ساراڭ -قېتىشتەك قاراپ ئولتۇرغان رەسىمى كۆز ئالدىمغا يېيىلدى .
ئۆي ئىچىدە دادامنىڭ خورەك ئاۋازىنى بەزىدە ئائىلە سايمانلىرىنىڭ غوڭۇلدى بېسىپ كېتەتتى .شۇنداق ۋاقىتلاردا ،بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئۆز ئىشىمغا كىرىشىمەن .كارىدۇردا تۇرۇپ تۇرۇپ ئاياغ ئاڭلىنىدۇ .ئۇلار نېمىلەرنىدۇر دېيىشكىنىچە بىنادىن چۈشۈپ كېتىدۇ ياكى ئۈستىگە چىقىپ كېتىدۇ .بەزىلىرى توختاپ تامكىسىغا ئوت ياققاندا ياكى كېيىم -كېچىكىنى تۈزەشتۈرىۋاتقاندا،ۋەياكى بىر-بىرگە نەپرەتلىك قارىشىۋاتقاندا سەل دېققەت قىلىپ قويغىنىمنى ھىسابغا ئالمىغاندا ،كارىدوردا جىن-ئالۋاستى بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن .ئانامنىڭ«كەچلەردە ئۆيدە  يالغۇز قالغاندا، يىغلىغاندەك ئاۋاز كەلسە ياكى بىرەرسى ئىسمىڭنى مەن ياكى ئۇ ۋە ياكى باشقىنىڭ ئاۋازىدا چاقىرسا،ھە دېمە »دېگىننى ئاڭلىغان بىراق مەن بۇ كارىدوردا جىننىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن .مەن ھېچكىمدىن بوۋامنىڭ باشقىلارنىڭ بوۋىلىرىدەك ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ چېچىنى تاراۋاتقان جىننىڭ چېچىنى كېسىۋالغانلىقىنى ئاڭلىمغان .چېچىنى كېسىۋالسا ،يەتمىش پۇشتىغىچە چىقىمايىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساممۇ ،بۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق .مەن جىننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن .پەقەت چۆچەك،رىۋايەتلەردىكى بەتبەشرە ئوبرازدىن باشقا مېنىڭ ئۇ توغرىسىدا بىلدىغىنىم يوق .كەلسە قانداق كېلىدۇ ،قانداق ھالەتتە كېلىدۇ ،نېمىشقا كېلىدۇ دەپ بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇشقا چولام يوق .
مەن ئۈنئالغۇدا لىرىك ناخشا قويۇپ قويۇپ ،بوش غىڭشىغانچە ئۆز ئىشىمنى قىلىمەن .ئاۋازىم بەزىدە بۈركۈتتىن ئۈركىگەن توشقاننىڭ تىۋىشىدەك چىقسا ،بەزىدە قۇرۇق ئۈزۈمدەك چىقىدۇ ،قانداقلا بولمىسۇ ن،ناخشىنى ياخشى ئىيتالمايدىغانلىقىم مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ .لىكىن ناخشىغا ئامراقىلىقىمنى بىلىمەن .ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ،ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن .بۇنداق چاغلاردا ،ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىش بىلەن مەشخۇل بولىۋاتقىنىم مەستخۇشلۇقنىڭ سىرتىدا قالىدۇ .دادامغا باشقىلار بەرگەن ،ئەمما ئۆزى ئىچمەي ئەكىلىپلا ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويىدىغان ھارىقىدىن ئازراق ئوتلايمەن .لېۋىم گالۋاڭلىشىپ ،كۆزۈم خۇمارلىشىشىپ،پۇت-قولۇم ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان بولۇپ ،بېشىم ئېسىلگەندە ئۆي ئىچىدە بېلىقلاردەك ئۈزۈپ يۈرىمەن .ئۇسسۇل ئوينايمەن .ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان ھەرىكەتلەرنى چىقىرىم ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس .ئكي ئىچىدە بوراندەك چاپىمەن .ئۆي قالايمىقان بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن .بۇنداق قالايمىقانچىلىق دائىم  دائىم يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەچكە ،ئىشنىڭ قانداق يۇسۇندا روي بەرگەنلىكىنى سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئانام ۋە ئاۋۇ قۇرۇق كارۋات ئۇقمايدۇ .مەن بىلگىنىمنى ھەم بىلمىگىنىمنى قىلىپ باقىمەن .مەن يەكشەنبىدە ئۆيدە بولىمەن .
ئانام بايىلا كېلىپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى .ئۇلار قۇچاقلىشىپ ياتقان ھاياتىنى قوش كىشىلىك خورەك ئاۋازىدىن سېزىمەن .بەزىدە تەڭ خورەك تارتسا ،بەزىدە ئالدى-كەينى چىقىدۇ .بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ياش پەرقىنى بىلگىلى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن .بەلكىم بۇ پەرىزىم خاتادۇر .قانداقلا بولمىسۇن ،ئۇلار ئۇخلاۋاتىدۇ .
بۈگۈن يەكشەنبە .بارلىق ئىشلىرىمنى تۈگۈتىشىم كېرەك .ئەتتىگەن بولسىلا،ھەممە ئىشىم سۇغا چىلىشىدۇ .دادام ئىشلىگىلى ماڭىدۇ .مەن مەكتەپكە ماڭىمەن .ئانام ئويدە يالغۇز قېلىپ ،ئۆي يۇغۇشتۇرۇپ ئۆينىڭ پارچە-پۇچەك ئىشىنى قىلىدۇ .
ئەتتىگەندە ئانام تۇرغاندىن كېيىن ،بىر ھازا قاقشىغاندىن كېيىن ،ناشتىغا تۇتىنىدۇ ،ئاندىن دادامنى خىلى تەستە ئويغىتىپ ،چاي بەرگەندىن كېيىن ئىشقا يولغا سالىدۇ .مەن بولسام ،سەھەردە يېرىم بولكا ۋە بىر قۇتا سۈتنى كۆتۈرگىنىمچە مەكتەپكە بارغۇچە بولغان ئارلىقتا يەپ تۈگۈتۈپ دەرىسكە كىرىمەن .مۇئەللىمنىڭ دەرىسى قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ .دېرىزىگە ياندىشىپ ئۆسكەن سۆگەتكە قونۇۋالغان قۇشلارنىڭ ۋىچىرلىشىغا قۇلاق سالىمەن .بەزى ئوقۇتقۇچىلار ھۆرمىتىنى قىلىمىغىنىمدىن رەنجىپ كىتابنى پارتىغا چۆرۈپ مېنى تۇرغۇزۇپ قويىشىدۇ .ھۆرمىتىنى قىلىغۇدەك دەرىجىدە بولماسلىقى مۇمكىن ،لىكىن ئۇلار شۇنداق ئويلاۋىلشى مۇمكىن .مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت يەكشەنبىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈش .
چۈشلىكى ئۆيگە قايىتمايمەن .چۈشتە دادام تاماققا قايىتقاچ ئانامنىڭ ئۆي رەتلىشىگە ياردەملىشىدۇ .ئاندىن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ ،ئىشىغا كېتىدۇ .ئانام تاماقتىن كېيىن ئىرەنچەكلىك بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ .دادامنىڭ زىيادە چوڭ  ساپما كەشىنى كەيگىنىچە ئۆي ئىچىدە مېڭىپ يۈرىدۇ ...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 09:32:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 09:33  

دالىيەندە ياۋا بوپ كەتكەن مۈشۈكلەر بەك جىق. باغچىلارغا كىرىپ ئايلانسىڭىز يىمەكلىك  تاشلاپ بېرەمدىكىن دەپ نۇرغۇن مۈشۈكلەر كەينىڭىزدىن مۇياڭلاپ يۈرىدۇ. يولداشلار ئىت باقسا سويۇپ يەۋالىدىكەن مۈشۈكنى ئىتتىن بەكرەك ھۆرمەتلەپ سىرتلارغا تاشلىۋىتىكەن

romalim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 16:25:31

بىرىنجى ھىكايىنى بەكرەك ياقتۇردۇم

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 20:33:37

ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن.
ئامېرىكا كېنولىرىغا ئوخشاپ قالىدىكەن. مەلەك خانقىز يازغان بولسا، قورقۇنچۇلۇق ھېكايە بولۇپ چىقىدىكەندۇق. :lol

nirvanem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 18:50:20

رەسسام

(ھېكايە)


كىچىكىمدىن ھەر خىل رەڭگە ئامراق ئىدىم .بۇنداق دېيىشىم،بالىلىقىمدىكى رەسىملىك رومانلار ،كەشتىلىك رەسىملەر ،رەڭلىك قەلەملەر ،ئىنچىكە توقۇلغان گىلەملەر ،رەڭدار ئەتلەس رەخىتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن .دادام  بىر سودىگەر ئىدى .سودىسى ياخشى بولغان چاغلاردا ماڭا رەسىملىك رومانلارنى ،رەڭلىك قەلەملەرنى ئېلىپ كېلەتتى .ئۇ چاغدىكى رەڭلىك قەلەم سىياھلىرى باشقىچە بىر خۇشپۇراق تارقىتاتتى .بۇرنۇمغا يېقىن ئەكىلىپ چەكسىز ئىشتىياق بىلەن پۇراپ ،قەلبىمدە تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر لەززەتنى ھەم چىداش زادى مۇمكىن بولمايدىغان پۇراقنى سېزەتتىم .بۇ پۇراقنىڭ يۈرىكىمگە مىخ بىلەن قاققاندەك ئورناپ كېتىشىدىن ئۇنىڭ ماڭا تولىمۇ يىقىنلىقىنى تۇيۇپ چۆچۈپ كەتتىم .ئۇنىڭ ماڭا بوۋامدىن دادامغا ،ئاندىن ماڭا  قېنىم ئارقىلىق يۇقۇپ زەمبۇرۇغدەك ئىچىمىزدىن چىقمايىغانلىىقنى ،ئۇ پۇراقتىن قۇتۇلۇشنىڭ زادى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىمدا تولىمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم .ھەتتا ئۆلۈپمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى سەزگەندە ،ئۇنى «رۇدىپاي»دەپ ئاتىدىم .دادام بۇ قېتىم گېرماننىڭ پۇراقلىق قەغىزىدىن ئالغاچ كەلگەن ئىدى .سىياھ پۇرىقىغا زادى چىداپ تۇرالماي قەغەزگە قۇشنىڭ رەسىمىنى سىزدىم .قۇش پەيلىرىنى قاتتىق سىلكىپ ھۇجرامدىن بوران چىقىرۋەتتى ،ئاندىن دېرىزەمدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى  . ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالماي ئانامدىن سورىدىم :
ــ ئانا،قۇش نېمىشقا ئۇچۇپ كېتىدۇ ؟
ـــ ئۇ بەلكىم ئورمانغا قايتىپ كەتتى .
ـــ قۇش نېمىشقا ئورمانغا قاراپ ئۇچىدۇ ؟
ـــ ئورمان قۇشنىڭ ئولتۇراقى تۇرسا ،ئورمانغا قاراپ ئۇچماي ،ئەجىبا قەپەسكە قاراپ ئۇچسا بولامتى ؟!
ـــ قۇشقا ئۇ تەرەپتە نېمە بار ؟
ـــ ۋاي ،تاڭەي ! ئۇ تەرەپتە نېمە بارلىقىنى قۇشتىن سورا !
ـــ ھە ،بىلدىم .
مەن راستىنلا ئورمانغا ماڭغان ئىدىم .بەلكىم ئانام مېنىڭ ئورمانغا ماڭغىنىمنى بىلسە مېنى ساراڭغا چىقىرۋىتىشى مۇمىكىن .مېنىڭ ساق ياكى ساراڭ ئىكەنلكىم مەن ئۈچۈن بەرىبىر .مەن پەقەت ئۆزۈم سىزغان قۇشنى بۇنداق ئاسان قاچۇرۋەتكىم يوق .بەلكىم ئۇ قۇش ئورمانغا قايىتقۇچە يولدىن ئېزىپ قالار ياكى بىرەر يىرىتقۇچ قۇشلارغا يەم بولۇپ كېتەر .ئۇ قۇشنى ئۆزۈم ياراتقان ئىكەنمەن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك ئىدى  .مەن پەقەت قۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە قانداق ئورماندا ئولتۇراقلىشىدىغانلىقىغا قىزىقاتتىم .باشقىسى مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى .
مەن ئاخىرى ئورمانغا يېتىپ كەلدىم .بۇ يەردە خىلمۇ-خىل قۇشلار بار ئىدى .
بىراق مەن ئىزدىگەن قۇش بۇ قۇشلارنىڭ ئارىسىدا يوق ئىدى. مەن ئورمانغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتىم . ئورمان بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا ئىدى.مەن ئىچكىرلەپ كىرگەنسېرى بىر غەيرى پۇراقنى پۇراۋاتاتتىم .بۇ پۇراقلارنىڭ ئورماندىن تارقىلىۋاتقانلىقىنى ياكى يىل بويى قۇياش نۇرى چۈشمەيدىغان كۈنگەي يەرلەردە چىرىگەن يۇپۇرماق ،ئوت-چۆپ ،قۇش ماياقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلگەن تېنىدىن تاراۋاتقان پۇراق ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالمايىتتىم .مەن ئىچكىرلەپ كىرگەنسېرى بۇ پۇراق قويۇقلىشىۋاتاتتى .مەن تاكى مۇشۇ پۇراققا ئەگىشىپ ئورماندىن چىقىپ كېتەي دېگەندە قۇشنى ئۇچراتتىم .ئۇ بىر تالمۇ يۇپۇرمىقى قالمىغان ،ھەتتا شاخلىرىنىڭ ئۇچىغا قەدەر چاك -چاك يېرىلىپ كەتكەن بىر دەرەخنىڭ چوققىسىدا تەنھا ئولتۇراتتى .مەن دەرخكە قانداق چىقىشنى بىلمىدىم. ئۇنىڭ دەرەخ ئۈستىدىكى كۆيۈك ئوتىدەك مەغرۇر قىياپىتى مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۋاتاتتى.مەن قۇشقا ئۇزاق قاراپ تۇردۇم .قۇشمۇ ماڭا ئۇزاق قاراپ تۇردى ۋە پەيلىرىنى سىلكىپ قويدى .بەلكىم قۇش مۇشۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق مېنىڭ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلگەنلىكىمنى سوراۋاتقاندۇ ۋە ياكى يىراق بىر لاھىيەدىن دېرەك بېرىۋاتقاندۇ .مەن ئۇنىڭغا مەن بىلەن بىللە قايتىش توغۇرلۇق بىر نەرسە دېدىممۇ -دېمىدىممۇ ئېسىمدە يوق .پەقەت مەن ئۇنىڭ ماڭا ئوبدان بىر نەزەر سېلىپ قويۇپ دەرەختىن قاڭقىپ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىنىمدە ،ئۇنىڭغا مەن بىلەن قايتىش توغۇرلۇق بىر نەرسە دېگەن بولۇشۇم مۇمكىن دەپ ئويلىدىم .مانا ئەمدى ئۇ ئانام دېگەندەك ،ئورمانغا قاراپ ئۇچمىدى .پەقەت ئۇ دەرەختىن كۆتۈرۈلگەندە ،قىرى دەرخنىڭ ئازابلىق غىچىرلىغانلىىقنى ئاڭلىدىم .مەن ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ئۇزاق يۈگۈردۈم .ئۇ خۇددى بۈركۈتتەك قانىتىنى كەڭ ئېچىپ كۆك قەرىدە مەستخۇش لەيلەيىتتى.ئۇ ھە دېگەندە كۆرۈش دائىرەمدىن چىقىپ كېتەتتى ،تاكى ئۇ كىچىكلەپ -كىچىكلەپ بىر چىكىتكە ئايلىپ ،ئاندىن يوقاپ كەتتى .مەن ئاخىرى ئامالسىز ئۆيگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم .مەن قۇشنىڭ خىيالى بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم .قۇش نېمىشقا ئۇچۇپ كېتىدىغاندۇ ،ئاسمانغا چىقىپ كېتەمدىغاندۇ ،ئاسماندا ئۇ قونغىدەك بىر يەر بارمىدۇ ،ئۇ نېمىشقا ئۇچالايدۇ -يۇ،مەن ئۇچالمايمەن ،ئاسماننىڭ چېكى قەيەردۇ ،قۇشلار ئۇ يەردە ئەركىنلىكنىڭ پەيزىنى سۈرەلەمدىغاندۇ ،نېمىشقا بىۋاستە ئاسمانغا قاراپ ئۇچماي ،ئورمانلىققا كېلىدىغاندۇ ،مەن ئۇنى سىزدىممۇ ياكى ئۇ مېنى سىزىغانمىدۇ ،قەپەس سىزىپ سولىۋالسام يەنە قاچالارمۇ ،ئەگر سىزمىسامچۇ ،ئۇ چاغدا ئاسمانمۇ ،قۇشمۇ ،ئورمانمۇ،رەسساممۇ بولمامدىغاندۇ ياكى قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغاندۇ ،قۇشلارنىڭمۇ ئوي-خىيالى بولامدىغاندۇ ،بولسا نېمىنى خىيال قىلىدىغاندۇ ،بوۋامنىڭ ئۆيىدىكى قارلىغاچ نېمىشقا ئۇچۇپ كەتمەي ،مەن سىزغان قۇش ئۇچۇپ كېتىدۇ ،بۇنى قانداق چۈشنىش مۇمكىن ،ئادەم دېگەن نېمە،قۇش دېگەنچۇ ،ئۇلار نېمىشقا ياشايدۇ ،نېمىشقا ئۆلىدۇ ،ئۆلسە نەگە قايتىدۇ ،ئۇنىڭ ياشىشىدا نېمە سەۋەب بار ،قۇشلارنىڭ قىرىنداشلىرى بارمىدۇ ،بار بولسا قانداق مۇناسىۋەتتىدۇ ،قانداق ئالاقىلىشار ،ئۇلار ئىنسانلارنى بىلەمدىغاندۇ ،بىزنى كۆرەلەمدىغاندۇ ،بىزنى قانداق ئويلايدىغاندۇ ،ئۇلارمۇ مۇھەببەتلىشەرمۇ ،قۇشلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ،ئالىلملىرى بارمىدۇ ،قۇشلار باشقا قۇشلار بىلەن قانداق ئۆتىدىغاندۇ ،ئايرىم تىلى بارمىدۇ ،ئاغرىپ قالسا داۋالىغىلى دوختۇرلىرى بارمىدۇ ،دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى قۇشلار باردى-كەلدى قىلىشارمۇ ،ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى ،مەدەنىيىتى بارمىدۇ ؟ بىرمۇنچە خىياللارنى يۈدۈپ ئۆيگە كەلدىم .بۇ سۇئاللارنى بىر قۇش سىزىپ بولغاندىن كېيىن ،ئانامدىن سوراپ قۇش بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىگە كېلىپ ھۇجرامغا كىردىم .ھۇجرام سىياھ پۇرىقىغا تولغان ئىدى .يەنە شۇ مەست قىلغۇچ پۇراقنىڭ مېنى بىئارام قىلىشى بىلەن گېرمان قەغىزىگە بىر قۇش سىزدىم .قانىتىنى ئەمدى سىزىپ بولۇشىمغا ،قانات قېقىپ ئۇچۇپ كەتتى .كۆزۈم قىيمىغان ھالدا كەينىدىن قوغلىدىم ،ئۇمۇ ئاۋالقى قۇشتەكلا ئاس-ئاس-ئاستا كۆرۈش دائىرەمدىن چىقىپ كەتتى .بەكلا ئۈمۈدسىزلەنگەن ئىدىم .قايتا قۇش سىزمايمەن دەپ ئويلىدىم ،ئەپسۇس،ھۇجرامغا كىرىش بىلەنلا چىداپ تۇغىلى بولمايدىغان سىياھ پۇرىقى ماڭا جاسارەت ئاتا قىلاتتى .سىززاتتىم ،ئۇچۇپ كېتەتتى .كاللامدا خىلمۇ-خىل گۇمان ھۆكۈم سۈرەتتى.سۇئاللار دېڭىزىغا غەرق بولاتتىم .ئەڭ ئاخىرى مەنمۇ مەندىن باشقا بىرسىنىڭ سەنئەت ئەسىرى ئىكەنلىكىمنى تۇيۇپ قالدىم .ئۇ مېنى سېزىۋاتاتتى ،ئۇنىمۇ باشقا بىرسى سېزىۋاتىدۇ دېيىشكە تامامەن بولاتتى .شۇنداق بولغاندا ،ھەقىقىي ئۇلۇغ سەنئەتكارنىڭ ئوي بولىدىغانلىقىنى تۇيدۇم -دە ،كۆپۈنچە ھاللاردا سۈكۈت قىلىشنى ئۈگەندىم ،قۇشنىڭ ئۇچۇپ كېتىشى ئۇنىڭ ماھايىتى ئىدى .قۇشنىڭ ،دۇنيانىڭ ھەمدە مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم پەقەت ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت ،رەسساملىق بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىمدا ،قۇشنىڭ خىيالىغا ئايلاندىم .دۇنيانى تۇتۇپ تۇرغىننىڭ پەقەت مەڭگۈلۈك ھەرىكەت بولىغانلىقىنى ئاخىرى تۇيۇپ يەتتىم -دە ئاسماننىڭ ئاخىرىغا نەزەر تاشلىدىم .رەڭ-بوياقلارنىڭ ئارقىسىدا كۆزۈم ئۆچتى ،قىرىدىم ،ئادەتتىكى ئىنسانلىق ئېھتىياجىمدىن سىرت قۇشنىڭ خىيالىدىن قۇتۇلالمىدىم .تىلىمدىن قۇشلارغا ئۇۋا ياساپ بەردىم .قۇش چۈجىلىرى شاكاللىرىنى يېرىپ ئۇچقان پەيىتتە ،مەن  قۇشنىڭ ئەڭ يىراق خىيالىدا ئولتۇرۇپ رەسىم سېزىمەن .قۇش رەڭلىرىدىن ھاسىل بولغان شىلەپەمنى قولۇمغا ئېلىپ ،شەپەق دېڭىزىنى ھاسامغا ئويىمەن .

nirvanem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 18:55:15

چۈش كارۋىتى

( ھېكايە)

ئۆيدە ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇراتتىم .ھېچبىر سەۋەبسىزلا سىرتلارنى ئايلانغۇم كېلىپ قالدىمۇ ،ئەيتاۋۇر،قارا پەلتويۇمنى يېپىنچاقلاپ سىرتقا چىقتىم .تالادا قار يىغىۋاتاتتى .ئويلاپ باقسام ئۆيدىن چىقمىغىلى بىرەر ئايدەك بولۇپ قاپتۇ .شۇڭا سىرت ماڭا باشقىچە ناتونۇش تۇيۇلۇپ كەتتى .قوشنام خىلى كۈنلەر بۇرۇن  سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەن ،بىراق شۇدەم ئۇنىڭ ھويلىسىدا چىراق نۇرى يېنىپ تۇراتتى.يولنىڭ نىرىقى تەرىپىدە ئۇششاق بالىلارنىڭ ياساپ قويغان قار بوۋىيى ،گويا مونالىزانىڭ چىراي ئىپادىسىدەك كۈلۈمسىرەپ ،ئىچىمدىكى ياتسىراش تۇيغۇسىنى بىر ئاز پەسەيىتكەندەك بولدى .يوللار، دەرەخلەر ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن بولۇپ ،خۇددى ئاق قاغىدەك كۆرۈنەتتى .ھىلىلا مەن بىر قەدەم ئالسام ،ئۈركۈپ ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك قىيالماسلىق تۇيغۇسىدا ئورنۇمداجىم تۇرۇپ ،كۆزلىرىم ئارقىلىق مېڭىش قارارىغا كەلدىم ،بىراق كۆزۈم ئازراق مېڭىپلا تاملارغا ،ئەگمىلەرگە دۇچ كېلىپ قەدىمىنى ئامالسىز توختىتاتتى .قۇلىقىم ئارقىلىق مېڭىش قارارىغا كېلىپ ،قۇلاق ئېتىمنى چاپتۇردۇم.ئۇ ئۇزاققا بارمايلا تىزگىن سىيرىپ توختىدى .ئۇ جىمجىتلىققا ماكانلىشىشنى خالىمغاندەك قىلاتتى .شۇنڭ بىلەن كۆزۈمنى يېرىم يۇمۇپ خىيال قىلىشقا باشلىدىم ،چۈنكى بۇ يۇرت ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى . مەن كىچىكىمدىن تۇيغۇغا بايمۇ قانداق ،كۆز ئېتىش ئويۇنى ئوينىسام باشقىلارنى ئاسانلا تېپىۋالاتتىم ؛مۆكۈشمەك ئوينىسام ،تۇيغۇمغا تايىنىپ ئۇلارنىڭ مۆكۈش لاھىيىسىنى پەرەز قىلىپ ،ئۇلارنى قايسىدۇر بىر دەرەخنىڭ كەينىدىن ،نەگىدۇر بىر مۆكۈشكەن يېرىدىن تارتىپ چىقىراتتىم ...يۈرىكىم ئىتتىك سوقۇۋاتاتتى .ئىچىمدە بىر ئاق قاغا ماڭا قاراپ ئۇچقان بولاتتى .ئىچىمدە قانىتىنى كەينىگە تۇتۇپ مەغرۇر قەدەم تاشلايىتتى .مەن بولسام ئۇنىڭ قەدەم تىۋىشىنى ھىس قىلاتتىم .ئۇ ئاپئاق قار ئىچىدە ھەر تەرەپكە چېچىلغان ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ ،ئەس دەرىخىمنىڭ ئۇچىغا چىقىپ مۇڭلۇق قاقىلدايىتتى.تۇيۇقسىز قىلىنغان ماشىنا تورمۇزىدىن چۆچۈپ كەتكەن بولساممۇ ،كۆزۈمنى ئاچمايلا پەرەز قىلدىم «ھەقاچان ئۇ مېنى ئالغىلى كەلدى »ئۇنىڭ قارا رەڭلىك ماشىنا ئىكەنلىكىنى كۆزۈمنى ئاچماي تۇرۇپلا پەرەز قىلدىم .ئىشىكنى ئاچقان -ئاچمىغانلىقىم يادىمدا يوق ،شۇنداق ،مەن ئۇنىڭغا  خۇددى ئۆزۈمنى تېگى يوق چوڭقۇر ھاڭغا تاشلىغاندەك تاشلاپ ،ئىچىمگە تىتىرەك ئولاشتى .يۈرىكىمنى ئۆيدىكى كېيىم ئاسقۇچقا قارا پەلتويىمنى ئاسقاندەك ،قاراڭغۇ دېرىزىگە ئېسىپ قويۇپ ،پەرۋاسىز ئولتۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم .بىراق يەنىلا قورقۇنىچ دېڭىز سۈيىدەك مەۋىج ئۇرۇپ تۇراتتى .پىشانەمدىكى قارا تەرنى كۈلرەڭ پوپايكامغا سۈرەي دەپ ئويلىدىم ،ئەپسۇس،ئۆزۈمنى يالىڭاچ ھىس قىلدىم .تەشۋىشكە چۈشكەن كاللامدا ئەكىس ئەتكىنى شۇ بولدىكى،بۇ  قارا ماشىنا ،ئۇ مېنى زادى قانداق يەرگە ئېلىپ ماڭغاندۇ ؟ ئۆيدىن راستىنلا زىرىككەن ئىدىم .شۇڭلاشقا بۇ ئويۇم تېزلا «نەگە ئاپارسا ئاپارمامدۇ ؟! »دېگەن بىپەرۋا خىيالغا ئۆزگەردى .شۇنداق ،مەن تېخىچە كۆزۈمنى ئاچمىغان ئىدىم ،ماشىنىنى قانداق شوپۇر ھەيدىدى ،ئۇنىڭ نېمە ئويى بار؟ بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇشقا چولام يوق ئىدى .ئىشقىلىپ، ئۆيدىن قانچە يىراقلاپ كېتەلىسەم شۇنچە ياخشى ئىدى .چۈنكى ئۆيدىن زىرىكتىم ،ئۆيدەم مەن قىلغۇدەك ئىش يوق ،ئايالىم ھەممىنى قىلىپ تۈگىتىۋەتكەن .مېنىڭ ئۆيدىكى بىردىن -بىر خىزمىتىم ــ ئۇخلاش ،كىتاب ئوقۇش ،بەزىدە ئۇخلاشقىمۇ خوشياقماي قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا ئايالىم مېنى بوۋاقلارنى بەزلەپ ئۇخلاتقاندەك ،ئەللەي ناخشىسى ئوقۇپ مېنى ئۇخلاشقا دەۋەت قىلىدۇ .بىراق مەن زادى ئۇخلىيالمايمەن .ئۇخلاشمۇ ماڭا بەك مەنىسىز تۇيلامدۇ ،-تاڭ ؟ بۇنى بىلمىدىم .ئىشقىلىپ ،ئۇخلىسام ھەرگىز ئويغانمايمەن دەپ ئويلاپ قالدىم .چۈنكى شىرىن چۈشتىن كىممۇ ئويغۇنۇشنى خالايدۇ دەيسىز؟! ھەر قانچە قورقۇنۇچلۇق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ،ئويغانمىسام دەيمەن .ئويغانسام ،چۈشۈمدىكى رېئاللىقنىڭ ئوڭۇمغا ئۈستىمۇ-ئۈسىت چۈشىپ قېلىشىدىن،ياكى پاراللىل بولسىمۇ كېسىشىپ قېلىشىدىن قورقىمەن .ئۇنداق بولغاندا مەندە ئۈمۈدسىزلىكتىن باشقا نەرسىنىڭ قالمايدىغانلىقىنىمۇ ،سەھەردىكى مۇمكىنسىز ئوجىدىن قورقىمەن .
مەن ماشىنا ئىچىدىمۇ ياكى ماشىنا مېنىڭ ئىچىمدىمۇ بۇنى بىلىشنى خالىمايمەن .ماشىنىنىڭ بارىدىغان نىشانى توغرىسىدا گەپ ئېچىشتىن  خۇددى دېمەيدىغان گەپنى دەپ سېلىپ ،دادىسىدىن بولغۇچە تىل ئاڭلىغان بالىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاپ قىلىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن .بالىنىڭ كىرپىكلىرىگە ئېسىلغان ئۈزۈم ساپلىرىنى ئاچكۆز قۇشقاپلارنىڭ چوقۇپ كېتىشىدىن قورۇققاندەك قورقىمەن .ئۆيگە قاچان قايتىدىغانلىقىمنى بىلىپ كەتمەيمەن ھەم قايتىشنى ئويلاپ باقمىدىم .چۈنكى مەن ئۆيدىن زىرىكىپ قېچىپ چىققان تۇرۇپ ،ياق،ئۆي مېنى جانان يولىدا ئۇزاقلىشىشقا دەۋەت قىلدى .مەن ئەمدى ئۆيگە قايىتقان تەقدىردىمۇ ئۇ مېنى قارشى ئالمايدۇ ،ئۆيدە مېنى سىغدۇرغىدەك ئورۇن يوق .ئەمەلىيەتتىمۇ ئادەمنىڭ ئورنى بولماسلىق توغرىدەك قىلىدۇ .مەن ئەمدى ئىككىنچى ئۆيگە ئاياغ باسماسلىقىم ،ئايالىمنى ،باللىرىمنى خۇشال ،خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تىتىغىلى قويۇشۇم كېرەك .بۇنداق بولمىغاندا مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغ بىر شەخسىيەتچىدەك ھىس قىلىپ ،مەڭگۈ ئازابلىنىپ يۈرىشىم مۇمكىن .بۇنى دېسەم ،ئايالىم يېڭى بىر سۆيگۈگە ئىرىشتى .ئۆتكەندەك ئۇنىڭ بىر ئەر بىلەن تاشقارقى ئۆيدە قۇچاقلىشىپ ،قار پومزىكىدەك دومىلاپ زورىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدىمۇ ،مەن ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي تۇرغىنىمنى ئۇلار كۆرگەن  ھەم ئۇلاردا ھۇدىقىشتىن ئەسەر قالمىغانلىقىنى مەنمۇ كۆرۈپ ،خىيالى بىر رەسىمگە سەۋەپسىزلا قاراپ  قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەندەك ،بىخۇدلۇق بىلەن ئۆز ئېشىمغا راۋان بولغان .چۈنكى ئۇ ئەر ئۇنىڭ مەندىن بۇرۇنقى سۆيگۈنى .گەرچە ئايالىم مەن بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ ،ماشىنا ئادەمدەك مېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقىپ كەلگەن .مەنمۇ بىرسىدىن خاتا كېلىپ قالغان كونۋېرتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ يۈرگەندەك مۇئامىلەم سوغۇق ھەم پەرۋاسىز ئىدى .چۈنى مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان .رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئامالسىز توي قىلغان ئايالىم .بىزنىڭ يۇرتلاردا «ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلاقنى كەس »دېگەن قائىدە بويىچە ئىش بىجىرىدۇ .كىمكى بۇ رەسمىيەتلەرنى بۇزىمەن دەيدىكەن ،ئۇلارنىڭ مۇقەددەس «قانۇن»لىرى تۈپەيلىدىن «ئۆمۈرلۈك كېسىم»گە ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ .شۇڭا مەن بۇ ئايالنى ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىنى دەپ نىكاھىمغا ئالغان ...ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆي تۇتۇپ ،بىللە بولغان كۈنۈمنى سانىسام ناھايىتىمۇ ئاز .ئۇنىڭدىن زىرىكىمەن ،بىراق ئاجرىشىپ كېتىش دېگەننى تىلغا ئالالمايمەن .شۇڭا ئۇنىڭ يېڭى ئىرىنى خۇددى ئىززەتلىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندەك كۈتۈۋالىمەن .ئەڭ ئىسىل ھاراقلىرىمنى ئۇنىڭغا قۇيىمەن ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاراڭلىرى بىلەن بولىدۇ .مەن تاماكامنى قىڭغىر چىشلەپ سىرتلارنى ئايلىنىپ خالىسام ئۆيگە قايتىمەن ،خالىسام سىرتلاردا ،قايسى بىر مەيخانىدا مەيپۇرۇشلارنىڭ پاراڭلىرىغا ئاندا-ساندا قۇلاق سالغاچ ،مەي ئېچىمەن .مەسىتلىك بېشىمغا تېپىپ چىقىپ خۇدۇمنى بىلمىگۈدەك بولغاندا ،خالىغان بىر يەردە قانداق قونۇپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن .بەزىدە مېھمانسارايلاردىن ياتاق ئېچىپ ئېچىپ ئولتۇرىمەن .مۇلازىملارنىڭ يېرىم كېچىدە قىلىغان تېلېفۇنىنى ئالماي مەي ئېچىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن .ھەتتا كوچىدا يېتىپ قالغانلاردىن بىر ئىككىنى ياتىقىمغا چاقىرىپ ئۇلارغا مەي بېرىمەن .ئۇلاردەردىنى خۇددى ھەميانىدىكى پارچە پۇللارنى بىرنىمۇ قويماي تۆكۈپ «مانا ھال كۈن بىراق ئۆلۈپ قالمىدۇق ...»دېگەندەك قىلىپ ئىچ باغرىنى ماڭا ئېلىپ كۆرسىتىشىدۇ .ئۇلار نىڭ مېنىڭ ئاڭلاۋاتقان ياكى ئۇلارغا مەقسەتسىز قاراپ ئولتۇرغانلىقىم بىلەن كارى يوق ،مەنمۇ كۆنۈپ قالدىم ... مەن ئۆيگە قايىتقاندا ئايالىم ئىرى بىلەن كارۋاتتا يوتقان ئېچىلىپ قىلىپ ياپالمىغان پۇتلىرىنى ئىرەنچەكلىك بىلەن يوتقان ئىچىگە تىقىپ قايتىدىن ئۇخلاش ئۈچۈن مەشخۇل بولغان بولىدۇ .مەن تاشقىرىقى ئۆيدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ بۇنى كۆرىمەن ،مەن قەستەن قارىمايمەن ،شۇنچە مەقسەتسىزلا ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ كېتىمەن .ئاندىن ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ئېچىقلىق تۇرغان كىتابلاردىن بىرنى قولۇمغا ئېلىپ ئازراق ئوقۇپ قويۇپ ،«يازغۇچى نېمىشقا بۇ يېرىنى بۇنداق يازىدۇ ،قانداق يازىدىغاندۇ ؟»دېگەنلەرنى ئويلاپ خىيال سۈرىمەن .ئاندىن سىرتقا مەي ئېچىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىمەن .
ماشىنا ئېگىز-پەس يولدا تەۋرىنىپ ئەپچىل بىر بۆشۈككە ئايلاندىمۇ نېمە ،ئۇزاق ئۇخلاپتىمەن .ماشىنا كېتىۋاتىدۇ .ماشىنىنىڭ يېىندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ گۈركىرەك ماتۇر ئاۋازى ،دېرىزىگە ئېسىپ قويغان يۈرىكىمنى سەل تىتىرىتىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ .مەن ماشىنىنىڭ قاراڭغۇلىقمۇ ياكى مېنىڭ قاراڭغۇلىقىممۇ ئاقنچە پەرق ئېتەلمەي سەل جىلە بولۇپ قالىمەن .ماشىنىنىڭ ئۈن قويغۇسىدا چىقىۋاتقان مەلۇم بىر ناخشىنى غىڭشىپ باقىمەن ،بىراق ياخشى ئېيتالمايدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ تۇيۇپ تۇرىمەن .ئەگەر مەن بۇ ناخشىنى ياخشى ئېيتالىىغان بولسام ،ئۇ چاغدا مەن ناخشا ئىجاد قىلغان بولمامتىم . بۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭنىڭ ماڭا سەل تونۇش بولغىنىدىن باشقا ھەممە نېمىسىنى پۈتۈنلەي يېڭى دېيىشكە بولاتتى .شۇڭا ئۆزۈمچە غىڭشىپ كەلدىم .بۇ ناخشىنىڭ قاچان توختايدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم بولغىنىدەك ،بۇ يولۇچىلىقنىڭ چېكىنىڭ زادى قەيەرگە بېرىپ قەيەردە توختايدىغانلىقى توغرىسىدا كاللامدا قىلچىمۇ ھىساۋات يوق ئىدى .تۇيۇقسىز دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە يۈرىۋاتقان بۇ قاراڭغۇ ماشىنا توغرىسدا ئويلىغىم كېلىپ قالدى .بۇ ماشىنا ھەرىكەتتىن توختىسىلا ،پۈتۈن ئىنسانىيەت مۇشۇ كېچىگە چۈشۈپ قىلىشقا توغرا كەلگۈدەك،-ھە!؟ھازىرمۇ كېچىدە يۈرىۋاتقان بىلەن ئۇنىڭ ماتۇرىدا ئايلىنىۋاتقان قاندا بىر خىل ئۈمۈدۋارلىق ئېقىنلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ ئەمسمۇ ؟!سول قاپىقىم تارتىپ قالدى ،بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەستى .شۇنداق ئويلىغاچ رادىئونىڭ قۇلىقىنى خۇددى ئۇچار ئاتنىڭ قۇلىقىنى تولىغاندەك ناھايىتى ،سىپايىلىك بىلەن تولغىدىم ،نېمىشقا بۇنداق قىلىغىنىمنىمۇ ئۇقمايمەن .ھەممە قاناللارنى ئالماشتۇرۇپ ئاڭلاپ باقتىم بىراق يەنىلا كۆڭلۈم تىنچلانمىدى .ئۇرۇش ،شەرتنامە ،غەلىتە ئىشلار ،كەشپىيات، جازاغا ھۆكۈم قىلىش ،ئاپەت،ھۇزۇر تېز تاماقخانىسى ،قانۇن -ھۆججەتلەر ،تۇرمۇشنى ياخشىلاش ،ھاللىق جەمىئىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىدى بىراق مەن ئاڭلىماقچى بولغان ئىشلار ئاڭلىتىلمىدى .رادىئونىڭ قۇلىقىنى جىددىيلىكتە كۈچەپ تولغىغاچقىمىكىن سۇنۇپ كەتتى .ئەمدى ئۇ ئىشلارنىمۇ ئويلىماسلىق قارارىغا كەلدىم .ئويلىغان بىلەنمۇ ئەمدى ئاڭلىيالمايىتتىم ،ياكى رادىئونى قويۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى يا بولمىسا تېخى تارقاتماپتۇ دەپ ئويلىدىم .تولا ئويلاپ چارچاپ كەتكەن چىغىم ئۇخلاپ قاپتىمەن .ئويغانغىنىمدا ماشىنا بىر چۆلدە كېتىپ باراتتى .ماشىنا دەرۋىش سۈپەت كىشىلەردىن ئۆتتى .چاتقاللارقاپلىغان يوللاردىن پېتىپ-ئىتتىرىپ-پېتىپ دېگۈدەك تەس ئىلگىرلەيىتتى .ئۇزاق بىر سەپەردىن كېيىن بىر شەھەرگە كەلدى .ئۇ يەردە ئۇسسۇزلىقىمىزنى قاندۇرۇپ ،بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدۇق .شەھەر ئارىلىدۇق .گۈزەل قىزلار بىلەن قىززىق مەيلەرنى ئېچىشتۇق .سەنئەتكارلار بىلەن كۆرۈشتۇق .ئۇلار بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى .ئۇلار بىلەن كېچىلەپ پاراڭلاشتۇق .قىلغان پاراڭلىرىمىزدىن ئۇلار كۈلۈشتى .ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتى .يازغان كىتابلىرىنى كۆرسىتىشتى .بىز ئۇلارغا ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىپ يەنە ياتاققا قايتىشتۇق .مەي ئېچتۇق .تاماك چەكتۇق .كەچتە سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشتۇق .ئۇلار يېڭى پىلانلىرى ھەققىدە سۆزلىدى .ھەمدە بىزگە يول خىراجىتى دەپ بىرمۇنچە نەرسە تۇتقۇزۇشتى .بىز ئۇارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەپ قايىتىشتۇق.كەچلىك بازاردا نەرسە -كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرىۋاتقان پالچىلارغا پال سالغۇزدۇق .ياتاققا قايىتتۇق .قىزغىن مۇنازىرىلەردىن كېيىن مەي ئىچىشتۇق. ئەپسانىۋىي چاقچاقلارنى قىلىشتۇق .سەھەردە مەكتەپلەرگە باردۇق .ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق .يېڭىلىقلار ھەققىدە سۆزلىدۇق .ئوقۇتقۇچىلار بىزنى ئۇزۇتۇپ چىقىشتى .سەل-پەل خىيالغا پاتقان ئوقۇغىچىلارنى كۆرۈپ مەمنۇن بولدۇق .ئاندىن ئاۋانگارت بىلىيارتخانىسغا بىلىيارت ئوينىدۇق .سەككىزىنچى نومۇرلۇق تاشنىڭ خۇددى مودىللاردەك سىلىق مېڭىپ جەنۇپ تەپتىكى كامارغا كىرگىننى كۆرۈپ تاماششا قىلىدۇق .ئۆتەڭ تېز تاماقخانىسىدا ياخشى غىزالانغاندىن كېيىن كىتابخانىلارنى ئارلىدۇق .توپا بېسىپ كەتكەن كىتابلارنى قاقتۇق .قىنىق ئەتىرچېچىۋالغان جانانلارغا كۆز سالمىدۇق .بېرىلىپ كىتاپ كۆرىۋاتقان بىرنىڭ ھەميانىنى ئوغۇرلىغان بىردىن ھەمياننى قايتۇرۋالدۇق رەسىملىك كىتابلارنى كۆرىۋاتقان ئۆسمۈرلەرگە سالام بەردۇق .مەن ئىزدىگەن بىر-ئىككى كىتابنى سېتىۋالدىم .ئاندىن يېمەك-تۈلۈكنى تولۇقلاپ يولغا چىقتۇق .يەنىلا ئاۋالقىدەك كەچتە يولغا چىقتۇق .شەھەر ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ دەرىزىسىدىن بېشىنى سىرتقا چىقىرىپ دوستىنى چاقىرىۋاتقان بىر بالىنى كۆردۇق .ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بىر قىزنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتۇق ...
ماشىنا يولدىمۇ ياكى يول ماشىنىدا كېتىۋاتمامدۇ ؟ بۇنى ئۇقمايىتتىم .چۈنكى بايىلا كۆرگەن ئۇزۇن چۈشتىن كېيىن بېشىم سىقىراپ ئاغرىپ تۇرغاچقىمىكىن بىر نېمىنى سەزمەيىتتىم .يەنىلا بىر خىل ئوي بېشىمنىڭ ئاسمىنىدا بۈكۈت كەبى ئەگىيىتتى. ئۇ بۈكۈتنىڭ ئوجىسى قانداق نەرسىدۇ زادى ؟ بۇنىمۇ ئۇقمايىتتىم .بۇ ئويلار ماڭا بەكمۇ مەنىسىز تۇيۇلۇپ كەتتى .كاللامدا يالىت قىلىپ چاقنىغان شەمشەر بىلەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋېلىش ئويى تۇغۇلدى .بىراق بۇرۇنلاردا  قايسىدۇر بىر كىتابتائوقۇغان نەزىرىيىلەر مېنى بۇ ئويغا كەلگىنىمدىن قاتتىق يىرگەندۈرۋەتتى .ئىچىمدە توساتتىن كۆتۈرۈلگەن سىغىنىش ئوتى مېنى ئىختىيارسىز قىيالماسلىق ھىسياتى بىلەن ئارقامغا قاراتتى .ئارقامغا قاراپلا ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئېسىپ قويغان ،تومۇرىمدا ئاز-تولا ئېقىۋاتقان قۇم سائەتنىڭ س ە پ س ە ت ە دېگەن ھەرىپلىرىگە ئۈسسۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم .ئىچىمدىن بىر نەرسىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك بىر سېزىم بىلەن تەڭ ئىككى كۆزۈم قان ھالدا ئۆيۈمدىكى كارۋات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدىم .بېشىم لوقلىداپ ئاغرىپ تۇراتتى .تۇرۇشقا مادارىم يوق يەنە كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم .لېۋىمنى چىڭ چىشلەپ ،كۆزۈمنى يېرىم يۇمدۇم ...
بەت: [1]
: مۈشۈك ھەققىدە ھېكايە