ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 10:24:18

مىجەز ۋە ئىر سىيەت

مىجەز ۋە ئىر سىيەت

  مىجەز ھەققىدىكى بىر خىل قاراشتا مىجەز تۇغما بۇلىدۇ، يەنى ئىرسىيەت ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ «مىجەز تۇغما بۇلىدۇ» ياكى «مىجەزنى ئىرسىيەت بەلگىلەيدۇ» دەيدىغانلارنىڭ قارىشىدىن ئىبارەت. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر ئادەم تۇغۇلغاندا  بىر ۋاراق ئاق قەغەزدەك پاك بۇلىدۇ، مىجەزى بولسا پۈتۈنلەي تۇغۇلغاندىن كىيىنكى تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ «مىجەز تۇغۇلغاندىن كىيىنكى تەجرىبىدىن شەكىللىنىدۇ» ياكى «مىجەزنى مۇھىت بەلگىلەيدۇ» دېگەن قاراشتۇر .
  ناۋادا مىجەز تۇغما بۇلىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ قارىشى توغرا بولسا، بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا بەزى ناچار مىجەز بىلەن تۇغۇلىدۇ-دە، ئۇنى ئۆمۈر بۇيى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇھالدا بارلىق تەربىيلەش تەدبىرلىرى كېرەكسىز ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ھەممە نەرسە بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا شەكىللىنىپ بولغان-دە.
  يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، «مىجەز تۇغۇلغاندىن كىيىن شەكىللىنىدىغان» بولسا، ئالاھىدە مۇھىتتىمۇ ئادەمنىڭ مىجەزى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ-دە، بىر بولسا ياخشى تەرەپكە، بىر بولسا يامان تەرەپكە ئۆزگىرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، مۇھىت ئارقىلىق شەكىللەنگەن مىجەزمۇ ھەمدە تەجرىبىلەرنى تاللاپ قۇبۇل قىلىىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن مىجەزمۇ ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەنبە:ئوكيان تورى

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:23:06

مېنىڭچە 2-خىل كۆز قاراشنىڭ ئاساسى بار.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 14:02:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-23 15:02  

بۇ توغرىسىدا مەن خېلىدىن بېرى ئىزدىنىۋاتىمەن ،  ئالدى بىلەن مىجەز(خاراكتېر) ۋە خۇلىق(ئادەت) ئىككىسىنىڭ باشقا-باشقا  نەرسە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك، يەنى مىجەز(خاراكتېر)دېگەن - ئىچى مىجەز ياكى تاش مىجەزلىكىنى كۆرسىتىدۇ، خۇلىق(ئادەت) بولسا -ئەخلاقلىق ياكى ئەخلاقسىز، بىلىمگە ھېرىسمەن ياكى ئويۇن قېپى دېگەندەك ئادەمنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن خاسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.     
ئادەمنىڭ مىجەز(خاراكتېر)نىڭ ئىرسىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كەلسەك ، مىجەز(خاراكتېر) تۇغما بولىدۇ ، ئۆزگەرتىكىلى بولمايدۇ ياكى تاللىغىلى بولمايدۇ، كۆزىتىشىمگە قارىغاندا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاتا-ئانا ھەرئىككىسىنىڭ مىجەز(خاراكتېر)ى ئوخشاش بولسا بالىسىنىڭ مىجەز(خاراكتېر)ىمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاپ قالىدىكەن، ئەگەر ئاتا-ئانا ئىككى خىل مىجەز(خاراكتېر)لىك بولسا بالىسىنىڭ مىجەز(خاراكتېر)ى ئۈچۈنچى بىرخىل مىجەز(خاراكتېر)لىك ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرسىگە ئوخشاش بولدىكەن ، (بۇنى ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلاشقا يەنىلا بىلگەجاندەك كەسىپ ئىگىسى لايىق بولسا كېرەك ).

ناۋادا مىجەز تۇغما بۇلىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ قارىشى توغرا بولسا، بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا بەزى ناچار مىجەز بىلەن تۇغۇلىدۇ-دە، ئۇنى ئۆمۈر بۇيى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇھالدا بارلىق تەربىيلەش تەدبىرلىرى كېرەكسىز ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ھەممە نەرسە بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا شەكىللىنىپ بولغان-دە.

بۇ سۆزىڭىزگە كەلسەك ، بۇ تۈپتىن خاتا كۆز-قاراش ، يەنى ئوخشىمايدىغان  مىجەز(خاراكتېر) بولىدۇ ، لېكىن ياخشى-ناچار  دەپ مىجەز(خاراكتېر) بولمايدۇ، ئوخشىمايدىغان مىجەز(خاراكتېر)نىڭ ئوخشىمايدىغان ئالاھىدلىك-كەمچىللىكى بولىدۇ، ئىچى مىجەز ئادەملەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش، تەسەۋۋۇر قىلىش، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرراق بولىدۇ، تاش مىجەز كىشىلەرنىڭ ئىپادىلەش، ئورۇنداش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارى يۇقىرراق بولىدۇ، مەيلى قايسى خىل مىجەز(خاراكتېر)دىكى ئادەم بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئالاھىدلىكىنى بايقاپ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللانسا ئوخشاشلا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ .

يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، «مىجەز تۇغۇلغاندىن كىيىن شەكىللىنىدىغان» بولسا، ئالاھىدە مۇھىتتىمۇ ئادەمنىڭ مىجەزى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ-دە، بىر بولسا ياخشى تەرەپكە، بىر بولسا يامان تەرەپكە ئۆزگىرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، مۇھىت ئارقىلىق شەكىللەنگەن مىجەزمۇ ھەمدە تەجرىبىلەرنى تاللاپ قۇبۇل قىلىىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن مىجەزمۇ ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۇغۇلغاندىن كېيىن شەكىللىندىغان ياكى ئۆزگىردىغىنى مىجەز(خاراكتېر) ئەمەس، بەلكى خۇلىق(ئادەت)تۇر ، خۇلىق(ئادەت)- ئادەمنىڭ ياشىغان مۇھىت، ياشىغان دەۋىر، ئائىلە تەربىيىسى، مائارىپ تەربىيسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، يېتۈلدۈرگىنى ھەم ئۆزگەرتكىنى بولىدۇ، ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدىغىنى دەل مۇشۇ خۇلىق(ئادەت)تۇر ، يەنى تاش مىجەز ئادەم ئوبدان تەربىيە ئېلىپ ياخشى ئەخلاق، ياخشى ئادەتلەرنى يېتۈلدۈرەلىسە داڭلىق سەنئەتكار، داڭلىق ناتىق، داڭلىق مال ساتقۇچى بولالايدۇ، ئەمما ئوبدان تەربىيەلەنمەي ناچار ئادەتلەرنى يېتۈلدۈرىۋالسا، ئويۇنقېپى ، شاللاق، تۇترۇقسىز بىر ئادەم بولۇپ قالىدۇ، ئىچى مىجەز ئادەم  ئوبدان تەربىيە ئېلىپ ياخشى ئەخلاق، ياخشى ئادەتلەرنى يېتۈلدۈرەلىسە داڭلىق يازغۇچى، تەتقىقاتچى، ئېنژنىر، داڭلىق دوختۇر بولالايدۇ، ئەمما ئوبدان تەربىيەلەنمەي ناچار ئادەتلەرنى يېتۈلدۈرىۋالسا خىيالپەرەس، قورقۇنچاق، يارىماس ئادەم بولۇپ قالىدۇ .      

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 19:10:17

بىز كىچىك چاغلاردا تولا ئاڭلايدىغان پۇتىنىڭ ئىككىنچى بارمىقى باش بارمىقىدىن ئۇزۇن بولسا ئېرىنى باشقۇرىدىغان بولىدۇ ، ئىككى قېشىنىڭ ئارلىقى كەڭرى بولسا يىراق يەرگە توي قىلىدۇ، ئەللەي چېغىدا بارماقلىرىنى چىڭ تۈگىۋالسا پىششىق بولىدۇ. كەڭرى ئېچىۋالسا قولىدا پۇل توختىمايدۇ....................دىگەندەك يۈزمىڭلىغان «بولىدۇ»لارنى. كېيىن ئويلاپ باقسام ھەممىسىنىڭ ئاساسى يوق گەپلەرگەن. بالىنىڭ ياشىغان مۇھىتى قانداق بولسا شۇنداق مىجەزنى شەكىللەندۈرىدىكەن. يەنە ئۇنىڭ كېيىنكى تەربىيەلىنىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان يىڭى ئىدىيەلەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىمكەن.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 19:19:50

خەنزۇلار بەك ئايرىيدۇغۇ ؟ 70-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار، 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار، 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار دەپ. بىزدەك 70-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار جاپانى جىق كۆرگەن. ئۆي ئىشلىرىنى جىق قىلغان، ساددە ، ئاقكۆڭۈل، چۆمۈلىدەك ئىشلەشنىلا بىلىمىز، ،پۇلنى بۇزۇپ چېچىشنى خالىمايمىز.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 19:28:01

ئادەمنىڭ مىجازى ، ساۋدا سەپرا بەلغەم خۇن بۇلىدۇ. تۇغما بۇلىدۇ. ئۆزگەرتىشكە قىيىشىمىز، بىردەم ئۆزگەرگەندەك قىلىدۇ. يەنە يەنە تەگ تۇغۇلما مىجازنى تارتىدۇ.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 20:09:32

ئىرسىيەتنىڭ خارەكتىرنى بەلگىلىشى 50 پىرسەنىت ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ بىر ماتىريالدا ئوقۇغۇنۇم ئىسىمدە.
پىسخۇلوگىيە پىروففىسورلىرى موھىتنىڭ خارەكتىرنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ موھىم فاكتۈرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
پىسخۇلوگىيە بەزى تۇغما خارەكتىرلەنى ئۆزگەرتىشنىڭ مومكىنلىكىنى رەت قىلمايدۇ.
بەت: [1]
: مىجەز ۋە ئىر سىيەت