ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 09:59:59

تەۋەككۈلچىلىك

تەۋەككۈلچىلىك
سەۋرى موسا
مورگان مالىيە گۇرۇھى ئامېرىكىدىكى 10 چوڭ مالىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرى. ئۇنى 1861-يىلى 24 ياشقا كىرگەن ئامېرىكىلىق جون پيرپونت مورگان نيۇيوركتا قۇرغان، ئاساسلىق بانكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئەينى چاغدا فىرانسىيە بىلەن پرۇسسىيە سوقۇشۇۋاتاتتى، پرۇسسىيە ئارمىيەسى فرانسىيەنى مەغلۇپ قىلغاچقا، فرانسىيە ھۆكۈمىتى لوندونغا ئادەم ئەۋەتىپ قوراق-ياراغ سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ، بىراق نۇرغۇن بانكىر خېيىم-خەتەردىن قورقۇپ فرانسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ، ئەمما مورگان شىركىتى تەۋەككۇل قىلىپ، فرانسىيەگە 10 مىليون فوندستېرلىڭ قەرز بېرىدۇ. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فرانسىيە قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن باھادا قايتۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى قەرز بېرىشتىن كېيىن، JP مورگان شىركىتى 1.5 مىليون فوندستېرلىڭ ساپ پايدىغا ئېرىشىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ. كېيىنكى 100 نەچچە يىلدا مورگان جەمەتى ئەجدادلىرىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاخىرىدا ئەمەلىي كۈچى زور، تەڭداشسىز مورگان ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
كارخانا باشقۇرۇش تاسادىپىيلىققا تولغان، ئۇ دادىللىق ۋە تەۋەككۈلچىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، بۈگۈنكى ئۆزگىرىشچان سودا سورۇنى خىيىم-خەتەرگە تولغان. ئەگەر ھەرقانداق بىر كارخانا سودا پۇرسىتى كەلگەندە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىل گايتىس مۇنداق دېگەن:«پۇرسەت دېگەنلىك ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىش دېگەنلىك». ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىشنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، تەۋەككۈلچىلىك روھى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى
بەت: [1]
: تەۋەككۈلچىلىك