malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 09:47:44

بالىلىقتا سىز نېمە ئوغرىلاپ باققان؟ ھېچكىمگە دەپ قويمايمەن!

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى

بىزنىڭ ئۆينىڭ كەينىدە بىر سۇ چىقىرىدىغان قۇدۇق بار ئىدى. بىز شۇ قۇدۇققا بېرىش يولىدا بۆلجۈرگەن ئېتىزىدىن ئۆتەتتۇق. ئەسلى قىردىن مېڭىپ ئۆتسەكمۇ بولىدىغان ئىش، بىز قەستەن چىڭقى چۈشتە ئۆمىلەپ ئېتىزغا كىرىپ، شۇ بۆلجۈرگەننى ئوغرىلاپ يەيتتۇق. كىيىملىرىمىز ھەم توپا ھەم قىپقىزىل شىرنە بولۇپ كېتەتتى. ئېتىز ئىگىسى ئالدىمىزغا چىقىپ قالسا، قولىمىزنى كەينىمىزگە تىقىۋېلىپ:«ياق، مەن ئوغرىلىمىدىم، مەن ھېچنېمە يېمىدىم.» دەپ تىنىۋالاتتۇق. خۇددى ئۇ بىزنىڭ ئاغزىمىزنىڭ چۆرىسىدىكى شالتاقلاردىن بىلەلمەيدىغاندەك....



ھە، مانا، يامىنىدىن چۈشتۇقمۇ!؟ ئۆيگە مېھمان كەلگەندە سومكىسىنى ئاقتۇرغان سىزمۇ؟ يەنى كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويغان چاپىنىنىڭ يانجۇقىدىن پارچە پۇللارنى ئېلىۋالغان سىزمۇ؟ ھەي، ھەي! ئەمدى نومۇس قىلىۋاتامسىز؟ يۈزلىرىڭىز قىزاردىمۇ؟ ئەمسە ئۇكىڭىزنى ھەم پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيىلەڭ. ئىقتىسادتىن قىسىپ قويسىڭىز شۇنداق باشقىلارنىڭ قولىغا قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ.



شۇ قەدەر قىزىقاتتىمكى تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانىۋارلارغا، باغچىدا پىلنىڭ ھەيكىلى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئۇنى شۇنچىلىك كۆزەتتىم، ئانامدىن توختىماي سوئال سورايتتىم. ئەمما، مۇشۇ سوئاللىرىم بىلەن ئانامنى زېرىكتۈردۈممىكىنتاڭ، قاپىقىنى تۈرۈپ، باشقا نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ھەممە سوئاللىرىم جاۋابسىز قالدى.



ھېلىقى مۆكۈشمەك ئويۇنى ئېسىڭلاردىمۇ؟ مەن مۇشۇ مۆكۈشمەك ئويۇنى ئويناشقا ئامراق، چۈنكى مېنى ھېچكىم تاپالمايدۇ. بىر قىشلىق تەتىلدە مۆكۈشمەك ئويناپ قوشنىمىزنىڭ قوروسىدىكى تونۇرغا مۆكۈۋالدىم، باشتا قىززىقچىلىقتا چۈشۈۋاپتىمەن. كەينىدىن خېلى ساقلىسام مېنى ئىزدەپ كېلىدىغان ئادەم يوق، ئولتۇرە ئولتۇرە ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىركەملەردە ۋاراڭ چۇرۇڭ بولۇپ كەتتى. ھەم توڭلاپ ئويغىنىپ كەتتىم. راستىمنى ئېيتسام ئىشتانغا كىچىكىنى قويۇپ بېرىپتىمەن. تونۇردىكى كۈل ۋە شوردا پاچاقلىرىم ئېچىشىپ ئويغىنىپ كېتىپتىمەن. تونۇردىن چىقسام ئانام مېنىڭ كاسسامغا نەچچىنى ئۇرىۋەتكەنىدى. بىچارە دوستلىرىم مەن بىلەن ئوينىغانغا تويۇپ، قورقۇپ يىغلاپ ئۆز ئەمەس بولۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ!؟



مانا ئويۇننىڭ قىززىقى! قار ياغقاندىن كېيىنلا دادىمىزغا غەلۋە قىلاتتۇق، چانا ياساپبەر، دەپ. تازا قېلىن ياغقان چاغدا، مەھەللىدىكى بالىلار بىرگە ئامبار تەرەپكە بېرىۋالاتتۇق، قاتارىغا تىزىلىپ، بىرىمىزنىڭ پېشىنى بىرىمىز تۇتۇپ چانىغا ئولتۇراتتۇق. بىر كۈچلۈكرەك بالا بىزنى ئىتتىرىپ قوياتتى. ھۇۋۋۋۋ! شۇنداق پەيزى! يىقىلىپ كەتسەكمۇ يەنە كۈلۈپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، شۇ ئېغىر تۆمۈر چانىنى سۆرەپ دۆڭگە چىقاتتۇق. بۇرنىمىزنى يەڭگىلا ياكى پەلەيگە سۈرتىۋېتىپ، قەقەچ قاتتۇرۇپ يۈرۈپ كېتەتتۇق. ئىشتىنىمىزنىڭ پۇچقاقلىرى پايتىمىلىرىمىز قارغا لىق تولاتتى. ئاخشىمىسى شۇ پاختىلىق ئىشتىمىزنى مەشكە قاقلاپ قوياتتۇق، ئەتىسى يەنە ئىسسىق كىيىپلا ئويۇنغا ماڭاتتۇق.


دادام ئىشتىن چۈشۈپ كەلسىلا، مۇشۇنداق مۆكۈۋېلىشقا ئامراق ئىدىم. ئىشىكنى چېكىلدى، مەن يۈگرۈپلا ياتاق ئۆيۈمدىكى كارىۋات ئاستىغا مۆكۈۋالىمەن. ئانام بولسا ماڭا ماسلىشىپ:«قېنى ئوغلىڭىز يوققۇ؟ سىزنى ئالغىلى بارىمەن دەپ كەتكەنتىغۇ؟» دەيدۇ، داداممۇ چاندۇرماي:«ۋوي، مەن ئەجەب كۆرمىدىمغۇ، تالادىمۇ يوق! نېمە دەيدۇ ئەمدى، مەن ئوغلۇم يوق دەپ يىغلايمەندە ئەمدى!» ئانام دادامنى ئىزدەپ بېقىڭ ئەمسە دېيىشى بىلەنلا دادام كىرىپ مېنى تېپىۋالاتتى. ئەمما بىر كۈنى، دادام ئەمسە مەن ئىزدەپ باقاي دېيشىگىلا، ئىشىكنى ئاچقان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىچىمدە ئويلىدىمدە، ھىم، دادام مېنى ئىزدەيمەن دەپ سوغۇقتا سىرتتا يۈرمىسۇن، بولدى چىقايلا! ئۆزۈم يىغلىغان پېتى يۈگرەپ چىقتىم:«دادا، دادا، مانا مەن، مەن با!»



شۇ سەبىي چاغلاردا، بىر بىرىمىزگە بولغان ئامراقلىقنى مۇشۇنداق ئىپادىلەيتتۇق. سەت تىللار بىلەن تىللاشمايتتۇق، ساراڭ، ئەسكى دەپلا تىلىمىزنى چىقىرىپ، قولىمىزنى قۇلىقىمىزغا ئەكىلىپ، بەزىبىر ھايۋانلارنى دوراپ، قارشى تەرەپنى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ جىلە قىلاتتۇق. بەزى نازۇك ئايىم قىزلار بولىدىغان، مۇشۇنداق قىلسىلا يىغلايدىغان...



شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى تاپشۇرۇق ئىشلە دېسىمۇ ئۇنىماي، مۇشۇ ئويۇنچۇق تىزگىنىكىنى قولىمىزدىن چۈشۈرمەي، خوندولو، سەيموگولارنى ئوينىغىنىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟



قول بېرىشىپ دوست بولۇشىدىغان، ئىككەيلەن سىنچىلاق بارمىقىمىزنى كىرىشتۈرۈپ ۋەدىلىشىدىغان ۋاقىتلارنى ئەسلىدىڭىزمۇ؟ مەن بىر ساۋاقدىشىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندا، قولىغا بىر ئۇرۇپ قويۇپلا دوستلۇقدىن چىقىپ كەتكەنىدىم. ئەمما ئەتىسىلا يەنە قول بېرىشىپ يارىشىپ قالغان. ھازىرقى ئاتا-ئانىلارمۇ شۇنداق بولغان بولسا، بالىلار يېتىم قالمىغان بولاتتى-دە!



يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئەتتىگەندە چىقىۋالساق قوي كالىلارنى باقىمىز دەپ، چۈشمۇ قايرىلىپ كېتەتتى. چۈنكى بىز ئۈچۈن قوي كالىلارنى بېقىش ئەڭ زور خۇشاللىق. بىرىمىز بىردىن ئىگەللىۋېلىپ، مالچى بولۇپ، ئوينايتتۇق ھەم بىلىدىغان ناخشىلىرىمىزنى ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايتتۇق...

قونچاقلارغا گەپ قىلىش، ئۆز ئۆزىگە گەپ قىلىش دەل كىچىك بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك. مەن قونچاقلارغىلا ئەمەس، ھەتتا قوتاندىكى قويلارغىمۇ توختىماي گەپ قىلاتتىم. بىر يۇۋاش قويغا ئۈسسۈشنى مەشق قىلدۇرۇپ، ئاقىۋەت ئۆزۈمگە زىيان بولغان. بىر كۈنى دەرەخ شېخى ئەكىرىپ ئىنىمغا ئويۇنچۇق ياساپ بېرىمەن دەپ قوروغا چىقتىم، قارىسام قوي دەرەخ تۈۋىدە ئوتلاۋېتىپتۇ. قىززىقچىلىق بىلەنلا قويغا مىنىۋالدىم، ئۇ ئۈركۈپ كېتىپ مېنى يەرگە تاشلىدى-دە، قولۇمغا تازا ئۈسكىلى تۇردى. شۇ سەۋەبلىك قولۇم جەينىكىمدىن چىقىپ كەتكەنىدى. ئۆزۈمنىڭ شوخلۇقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق!


ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە دادىمىز شۇ قەدەر باتۇر قەھرىمان. ئۇنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق، مەيلى بىز قانداقلا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلەيلى، ئۇ ھامان بىزنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا بارلىق قىيىنچىلىق يوقايدۇ.


يېڭى قار ياغقاندا قار ئېتىشىپ ئوينىغان چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە، قارنى ئالىقانلىرىمىزدا پومزەك قىلىۋېلىپ، بىر بىرىمىزنى قارىغا ئالاتتۇق. قوللىرىمىز سوغۇقتا قىزىرىپ، يېرىلىپ چاك چاك بولۇپ كەتسىمۇ، ئويۇندىن يالتايمايتتۇق. مەڭزىمىز ۋە قولىمىز بۇرنىمىزنى سۈرتكەندىكى ئىزلار بىلەن بۇلغىنىپ خەرىتە شەكىللەندۈرەتتى. قەستەن تېيلىغاق ئاياغنى كىيىۋېلىپ، يولدا بىرىنىڭ كەينىگە ئېسىلىۋېلىپ تېيلىپ ئوينايتتۇق.


ھەممە ئاداشلىرىم ئويناۋاتىدۇ، مەنلا دەرس تەكرارلا دەپ سولاپ قويغان شۇ ئانامدىن قورقۇپ دەرۋازىدىن مارىلاپ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمەن. ئون مىنۇتلا ئوينىۋالايچۇ ئانا!

بالىلىقىمىزدىكى قارا بېسىش دەل مۇشۇ، بىر ئۇزۇن كەتكەن يول، قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاسمان. ئەتراپىمىزدا بىرمۇ ئادەم يوق، دادا، ئانا دەيسىز، ھېچ بىر سادا يوق. يالغۇز قەيەرگە بېرىشىڭىزنى بىلەلمەي يىغلاپ ئويغىنىپ كېتىسىز.

ئىشىكنى بىرى چەكتى، تېزدىن ئىشىكنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالاي! ئۇ كىرگەندىلا «بوھ!» دەپ چىقىپ ئۇنىڭ چۆچۈتىۋېتەي! مۆكۈۋالغىنىمنى دەپ قويما ھە!

قېنى ئەمسە، ھەممەيلەن بالىلىقىمىزدا ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا تۆكەيلى!

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 10:47:45

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:22:21


   مەن نامى چىققان قۇغۇن ‹‹ئوغىرسى ››10يىل بۇرۇنقى:lol:lol:lol
        
       ھەي شۇ چاغلار ! ھىچكىم بىزنى ئوغرى دەپ قارىمايتتى ، تۇتۇۋالسا راسا بىر تىللىۋىتىپ قولىمىزغا توڭ سويمىدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قوياتتى :lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:23:13

كىچىكىمدە ئ‍ۆيىمىز ماشىنا رېمونت قىلىدىغان زاۋۇتنىڭ ئىچىدە ئ‍ېدى ،سىخنىڭ ئ‍ەمەس جۇمۇ ،ئ‍وغۇرلىدى دەپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ ،يۈك ماشىننىڭ چاقىنىڭ تۆمۈرىنىئ‍ئ‍ېچىقىپ سېتىپ، باققانتىم بىر قېتىم ،ئ‍اندىن تۈمەن كۆلنىڭ ئ‍ىچىدىكى تانكىنىڭ رولىنى ،ئ‍اسان ئ‍اجرايدىغان تۆمۈرلىرىنى سېتپ خەجلەپتۇق باي باياشات خۇدى ئ‍ۇ تانكا ئ‍اتامنىكىدەك، كىيىن ئ‍ۇ تانكىنىڭ قولغا ئ‍اسان چىققىدەك تۆمۈرى قالماي قۇرۇق قېپى قېلىپ ئ‍اممىۋى ھاجەتخانىمىز بوپ قالغانتى ئۈرۈمچىدە ئ‍وقۇپ كىلىپ قارىسام يوق تۇرىدۇ ئ‍ۇ تانكا

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:26:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-23 11:27  

ئىنكاس تەستىقلىنىۋاتىدۇ دەيدۇيا
ئ‍ارىسىدا كىچىكىمدە تانكىنىڭ ئ‍ىچكى زاپچاسلىرىنى ئ‍وغۇرلىغانلىقىمنى يازغانتىم

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:28:58

   بىزنىڭ توپنىڭ ھۆنەرلىرى توغرۇلۇق گەپ قىززىپ كىتىپتىغۇ ؟ :lol:lol:lol
   ئۇ چاغلاردا مىنىڭ شىركىتىم بار ئىدى ، شىركىتىمدە ئاز دىگەندىمۇ 4-5خىزمەتچىم بارتى .{:90:}

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:34:41

faxist يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 11:22 static/image/common/back.gif
مەن نامى چىققان قۇغۇن ‹‹ئوغىرسى ››10يىل بۇرۇنقى:l ...

«كەسىپداش» ئىكەنمىز كىچىكىمىزدە!:handshake

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:45:01

مەھەللىدە تەڭقۇرداش بالىلار بەك كۆپ ئىدۇق ئېتىزلاردىن كۆكۋاش بىلەن تاۋۇز ئوغۇرلاپ ئۆستەڭ بۇيىدا كۆكۋاش پۇچىلاپ يەيتۇق .
بىزنىڭ دەردىمىزدە كىشىلەر تاۋۇزمۇ تېرىمايدىغان بۇلۇپ كەتكەن

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:47:12

بىزلەر نېمىدىگەن بەخىتلىك،ھە!  شۇ ۋاقىتلار دا  گەرچە زامانىۋى بولمىسىمۇ ،ساپ تەبىئەتنىڭ قوينىدا ئەركىن ئوينىۋاپتىكەنمىز، بىراق ھازىرقى باللارچۇ، ئويۇننىڭ ھەممىسى ئۆيدە،تالغا چىقسا ئوينايدىغان ئادەم يوق،شۇ بىر ھويلىدىن چىقالمىغان... مۇمكىن بولسا بالىلار نى يېزىلاردا تەربىيلىسەك ، ئەركىن ئوينىغىنى قويساق ...كەڭ تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرساق بالىغا ھەرجەھەتتىن پايدىسى تېگىدۇ.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:15:33

يو،،،بىزنىڭلا تىمىكەنغۇ بۇ
مەنمۇ ئۆرۈك، قوغۇنتاۋۇزنى بەك ئوغۇرلايتتىم.
ئىسىمدە قېلشىچە ھەر يىلى باللا بايرىمىدىن بۇرۇن پىشىپ بولىدىغان بالدۇر ئۆرۈك بار ئىدى مەھەللىدىكى چوڭ باغدا، باللا بىلەن ھەر يىلى شورىدىن كىرىپ غورىنى تويغىچە يەپ چىقاتتۇق.
خامسولارنىڭ تاۋۇز تەرخەمەكلىرىنى ئوغىرلاپ ئۆستەڭگە تاشلاپ ،قوينى تۆۋەن ئېقىمغا ھەيدەپ بېرىپ ئۆستەڭدىن سۈزۈپ يەيتتۇق،،توڭ پىششىق ھەممىسى پەيزى تەم بېرەتتى
باشلانغۇچنى پۈتتۈردىغان يىلى، نەۋرى ئىنىم بىلەن يول بويىدىكى باغدىن ئىككى قوغۇن ئۈزۈپ چىقساق، ئىگىسى چىقىپ قېلىپ، ئىنىمنى تۇتۇۋاپتۇ، مەن قېچىپ يېرىم كۈن شاللىقتا ئۆمىلەپ تىزىمنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ كىتىپتىكەن،
ئۆيگە بارسام ئىنىم تۇرۇپتۇ، قوغۇننىڭ بىر ئۇرۇقىغا بىر كۈن قويۇمنى باقىسەن دەپ تۇرۇۋالدى، يالۋۇرۇپ ئاران چىقتىم دەپ،كىيىن ئۇقسام بۇكىشى ئاكامنىڭ دوستىكەن، ئۇكاڭلا لىكىن ئالامەت قېچىپ قويىدىكەن دەپتىكەنمىش

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:20:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-23 12:25  

بالا ئاغىينىلىرىم بىلەن قىزىقچلىقتا  تاكى تولۇق 3- يىللىققچە باغ ،ئېتىز ئارلاشنى تاشلىمىغان {:92:} ، تولۇق ئىككىنچى يىللىقتىغۇ دەيمەن تىگى قەشقەردىن بىر ساۋاقدېشىم بار ئىدى ،دادىسى ئاپىسى بىر يەرگە كەتكەن بىركۈنى  شۇنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ  ئۆيىدە بىللە ئۆگىنىش قىلدۇق، ئۆيلىرىمۇ شۇ ۋاقىتتا بىز تەرەپلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە ياسىداق، قەشقەر ھۈنەرۋەنلىرىنى ئاتايىن قەشقەردىن ئەكەلدۈرۈپ نەقىش، ياغاچچىلىقىنى قىلدۇرغان چوڭ باغ ھويلىلىق قورو ئىدى، بىردەم ئۆگىنىش قىلىپ خۇشياقماي تاۋۇز يىمەكچى بولدۇق ، قارىساق ئۆينىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىز كانتۇلىغىدەك تاۋۇزلۇق يوقكەن، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ساۋاقدېشىم بىزنىڭ باغدا تاۋۇز بار شۇنىڭغىلا چۈشمەيمىزمۇ دىدى :lol ، كۈلە كۈل بولۇشۇپ باغنىڭ ئوچۇق  ئىشىگىدىن بەش مىتىر نېرىدىن تازا قوڭىمىزدىن يۆلەشتۈرۈپ تامغا  چىقىۋاتساق  باغنىڭ ئىچىدىن ساۋاقدېشىمنىڭ چوڭ ئاپىسى چىقىپ قالسا بولىدۇ (رەھمىتى بەك پاكىز قېرىغان قىزىقچى مومايتى)  :
- يارمۇھەممەت بالام ، نىمىش قىلىۋاتىسىلەر ؟
-ھى - ھى -ھىچنىمە - ئۇمۇ بىزمۇ ئۇدۇق بۇدۇق بۇ كەتتۇق - شۇ شۇ  باغقا كىرىپ تاۋۇز يەيلى دىگەن....
موماي بۇنى ئاڭلاپ   ئىچىگە  تازا بىر تارتىپ ئۇ....دەۋەتكەندىن كېيىن كۈلۈپ قېقىلىپ كەتتى .
- ماۋۇ باللىنىڭ ئىشىنى ، باغنىڭ ئىشىكى يېنىڭلىدىلا ئۇچۇق تۇرسا تامدىن ئارتىلىپ كىرگۈلۈكما بالىلىرىم ؟ھە ھە ي ھەي ھەي .....
ئىشقىلىپ ئۆمرۈمدە ئېسىمدىن چىقمايدىغان خىجىلچىلىقلىرىمنىڭ بىرسى مۇشۇ ....
ئۇنىڭدىن سىرت  سەككىزىمىز دەرستىن قېچىپ  باغدا ئۆرۈك ئوغىرلاپ قولغا چۈشۈپ قالغان ئاغىينىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېرىم كۈن  كۆتەك قۇمۇرغىنىمىز . ئاندىن بازاردىن يېرىم خالتا پۇچۇلايدىغان قوناق ئېلىپ ئاتايىن ساينىڭ يېنىدىكى قوناقلىقنىڭ يېنىدا ئوت قالاپ پۇچۇلاپ يەۋاتقاندا قوناقنىڭ ئېگىسىگە گەپ چۈشەندۈرۈپ بولالماي چىققان يۇمۇرلۇق ئىشلار.....تولا جۇمۇ...:lol

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:21:04

:lolكىچىك چاغلاردا ھىشكىمنىڭكىنى ئوغۇرلىماي خامسولارنىڭ قوناقلىرىنى ئوغۇرلاپ نەخ مەيداندا پۇشۇرۇپ يەپ ئىگىسى چىقىپ قوغلاپ كەتسە قىچىپ كىرىپ كەتسە يەنە بىرىپ ئاجايىپ قىلىن چاغلار ئىكەنتۇق

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:25:00

قوغۇن بىلەن تاۋۇزنىڭ خەق بىكارغا بەرگىنى بىلەن ئۆز ئېتىزدىكىسىمۇ ئوغۇرلاپ يىگىندەك تەملىك تىتىمايىتتى...{:92:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:39:13

قۇرتلۇق پەمىدۇر بىلەن قۇرتلۇق ئۆرۈكنى كىچىسى ئۇغىرلاپ يىسە بەك تەملىكمىش...

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:44:58

كۆكباش بىلەن قوغۇن تاۋۇز ئوغرىلىماقچى بولساق ئاجىز نامراتلارنىڭ ئېتىزىغا كىرمەيتتۇق
ئالمىنى مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ بېغىدىن، نەشپۈتنى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ بېغىدىن ئوغرىلاپ يەيتتۇق

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:54:21

كىچىك چېغىمىزدا بىر بالىنىڭ شۇنداق ئوماق بىر يۈرۈش سۇلياۋدىن ياسالغان قازان-قۇمۇچلىرى باركەنتۇق، ئوغىرىلىۋالسام ئاپام ئاپارغۇزىۋەتكەن ئىدى....:(

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 13:31:17

مېنىڭ ئوغۇرلىغىنىم ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمامدۇ نېمە ؟

مەن كاۋاب ئوغۇرلىغان، بۇ بىر ۋەھىمىلىك جەريان..ئەينى ۋاقىتتا بىر توپ  بالىلارنىڭ ئارقىسىدىن مەنمۇ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق دەرستىن قېچىشنى غەلبىلىك تاماملاپ، قوشكۆرۈك دېگەن جايدىكى چارشەنبە بازارغا ئاتلاندىم. مەن ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئاستا-ئاستا  ۋەھشىلەرچە ئۈچەي-بېغىر يەۋاتقان بىر توپ كىشلەرنىڭ قورشاۋىدىكى كاۋابدانغا يېقىنلاشتىم....قولۇمنى ئاستا بىرقانچە ئادەمنىڭ ئارسىدىن ئىچىگە تىقىۋىدىم، ئۈچ زىخ كاۋاب تۇتقۇزۇلدى...ئالما-تالمان يېدىمدە، يەنە شۇ كۆرسەتمە بويىچە زىخنى يەرگە تاشلىۋەتتىم...

ئېھ ...10 تېيىنلىق كاۋاب شۇنچە مەزىلىك ئىدىكى ...بىراق ،،،:'(

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 13:38:05

دېمەك ھەممىمىز كىچىكىمىزدە «كەسپىي خادىم» كەنمىز:lol
توخۇ-كەپتەر ئوغرىلاپ باقمىغان، تولىراق شۇ قوغۇن-تاۋۇز، ئۈرۈك-ئالما ئوغرىلايتۇق.:P

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 13:47:33

قوشنىمىزنىڭكىدىن توغاچ ئوغۇرلىغان ، بوۋاي چىقىپ قىلىپ ۋارقىرىغىلى تۇرۇپتى شۇنچە ئىگىز تامدىن غاچچىدە چىقىپ قىچىپ كەتكەن ، خىلى ۋاقىتقىچە شۇ بوۋايدىن قىچىپ يۈرگەنتۇق .

    كۆلگە سۇغا چۈشكىلى بىرىپ يانغۇچە ئۈرۈك ئوغۇرلايىتتۇق  .
   
    كۆلدىن كىچىك كىچىك بارماقچىلىك بىلىقلارنى تۇتىۋىلىپ پۇشۇرۇپ يەيمىز دەپ ئاتايىن ئۆيدىن تۇز ، دورا دەرمەك ئەكىلىپ كاۋاب قىلاتتۇق .

        ئادەم تۇرمايدىغان كوينا  ئۆيلەرنىڭ بۇلىڭىغا كىرىۋىلىپ موخرەك چىكەتتۇق ، موخرەك ئىلىشقا پۇل تاپالمىساق قوناقنىڭ قۇرۇپ كەتكەن  يوپۇرمىقىنى ئۇگاپ  شۇنى قەغەرگە يۆگەپ چىكەتتۇق . بەزى باللا چىكىپ تاشلىۋەتكەن  تاماكا كۆتىكىنى چىكەتتى، باشلانغۇچتىكى  چاغلار ئىدى .
خىلى ئىشلار ئۇنتۇلدى ئەمما شۇ سەبى چاغلار ئۇنتۇلمىدى

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 14:18:40

ئويلاپ باقسام كىچىگىمدە كىتاپ ئوغرىلايتىم، خەقنىڭكىن ئەمەس، ئاپامنىڭكىنى ئوغرىلايتىم، ئۇ چاغلاردا چوڭلار چەتئەلنىڭ رومانلىرىنى ، چەتئەل ئەدەبىياتى دەپ بىر ژورنال بولىدىغان شۇنى بىزگە ‹قېلىن بوپ قالىسىلەر ئوقۇساڭلار› دەپ ئوقۇتماي تىقىپ قوياتتى، تاپشۇرۇق ئىشلىدىم دەپ يالغاندىن ئاپامنىڭ شۇ كىتاپلىرنى دەرس كىتاپ ئىچىگە تىقىپ ئوغرىلايپ ئوقۇيدۇم، ئاندىن چاندۇرماي جايىغا قوپ قويۇپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرەتتىم، ھازىر ئويلىسام كىتاپلارنى ئوغرىلىقچە شۇنداق تېز ئوقۇغاچقىمۇ مەزمۇنلىرىنى تۈزۈكمۇ ئەسلىيەلمەن، بوممىسىغۇ بەك جىق كىتاپنى ئوغرىلاپ ئوقىۋەتكەن مەن شۇ چاغلاردا....
بەت: [1] 2 3 4 5
: بالىلىقتا سىز نېمە ئوغرىلاپ باققان؟ ھېچكىمگە دەپ قويمايمەن!