NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 08:54:31

23-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى

23-دىكابىر ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1177 دوللار ئەتراپىدا. دۈشەنبە كۈنى خەلقارا نىفىت يەنىلا پەسكە قاراپ ماڭدى، ئەكسىچە دوللار يەنىلا كۈچلۈك ھالەتنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئالتۇن بولسا 1200 دوللاردىن بىراقلا 30 دوللار چۈشۈپ كەتتى. روجىستىۋا بايرىمى يىتىپ كىلىش ئالدىدا ئامرىكىنىڭ بىرقاتار مۇھىم ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، بۇ ھەمدە ئالتۇننىڭ بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق قۇغدىنىش جېڭى.
بۈگۈن بازار نۇرغۇن مۇھىم ئۇچۇرلارنى كۈتىۋالىدۇ، روجىستىۋا بايرىمى ھەپتىسىدىكى پەسكويغا چۈشكەن  بازاردا بۈگۈن ئەنگىلىيە، ئامرىكا ۋە فىرانسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى ۋە ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرى- مال-باھا كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنىدۇ. چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ياۋرۇپا ئامرىكا بازىرى بايراملىق دەم ئېلىشقا كىرىدۇ. بۈگۈن ئامرىكىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدىن مەبلەق سالغۇچىلار كىلەر يىلى ئۆسۈم قوشامدۇ يوق دىگەن مۆلچەرگە ئائىت ئۇچۇرغا ئىگە بۇلالايدۇ. ئەگەر ئامرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرش ئومومىى قىممىتى ياخشى چىقسا دوللار يەنە ئۆسۈپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنى بېسىۋېتىدۇ.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  

تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1186 دىن ئۆسۈشكە ئېلىش تەھلىلى خاتا چىقتى.
بۈگۈنكى تەھلىل
1185 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1190، نىشان 1180~1175
1155 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1150،نىشان 1160~1165
1200 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1205، نىشان 1195~1190
1140 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1135،نىشان 1145~1150
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  235   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.14  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 23-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى