attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 08:12:26

2014-يىلى تاللاپ چىقىلغان20ناچار فىلىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-23 08:19  

2014-يىلى فىلىملەر ئۇچۇن چوڭ بىر يىل بولدى،چەتئەلدىكى The Playlistيىل ئاخىرىدا  20ناچار فىلىمنى تاللاپ رەتكە تۇرغۇزدى .
20.تەڭرىنىڭ بالىسى Child of God


19.دەرىجىدىن تاشقىرى خاكىر Transcendence

دىپنىڭ بۇ يىلقى مەغلۇپ بولغان فىلىمى ئەگەر يەنە كۇچىمىسە نىكولاسقا ئوخشاش ناچار فىلىم پادىشاھى دىگەن قالاقنى كىيىپ قىلىشى مۇمكىن.

18.ئۆزگىرىشچان ۋاجرا Transformers: Age of Extinction

165مىنۇتلۇق فىلىم بەلكىم ئۇزۇن بولغانلىقى ئۇچۇن كۆرۇرمەنلەرگە زىركىشلىك تۇيۇلغان بولىشى كىرەك،  لىكىن پۇلنىمۇ ئاز تاپمىدى  يەنىلا ناچار فىلىم قاتارىدىن قالمىدى.

17.ۋەيران قىلغۇچى Sabotage

ياقتۇرۇشقا ئىرىشەلمەسلىكىنى 阿诺德دىن كۆرۇشكە بولمايدۇ بەلكىم ئۇ بەك قېرىپ قالغانلىقىدىن بولسا كىرەك.

16.مەن فىرانكىستىيىن  I, Frankenstein

فىلىم يامان ئەمەس لىكىن مونتاژى قالايمىغان بولغانلىقتىن كۆرۇرمەنلەرگە ئانچە ياقمىغان بولسا كىرەك.
15.زەھەر ساقچىسى كەنىك McCanick


14.رەقىپلەرنىڭ قىساس جىڭى The Other Woman


13.جىنايەت شەھىرى 2 Sin City A Dame To Kill For

2005يىلى جىنايەت شەھىرى دىگەن فىلىم قويۇلۇپ نۇرغۇنلىغان كۆرۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى يەنە 9يىلدىن كىيىن 2جى بۆلىمىنى كۆرگەن بولساقمۇ لىكىن نۇرغۇنلىغان داڭلىق فىلىملەر قاتارىدا  بۇ فىلىم ئانچە جەلىپ قىلالمىدى.

12.توكارىۋ Tokarev

2014يىلدىكى ئەڭ ناچار فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىدىكى سەۋەپ بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن كۆرۇرمەنلەر ۋاقتىنىڭ زايا بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىكەن ،بەلكىم نىكولاس ناچار فىلىم پادىشاھى دىگەن قالپاقنى تىخى تاشلىغۇسى يوقتەك قىلىدۇ.

11.ئۇزۇن چىش Tusk

فىلىمدە باش رولچىغا ئۇزۇن چىش ئۆسۇپ قالدىغان بولۇپ فىلىم ۋەقەلىكى ھەم ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى كىشىنى سەسكەندۇردۇ.

10.جۆرىسىزلەرنىڭ ئارامگاھى Blended


9.قىش پەسلىدىكى ئاجايىپ تەقدىر Winter's Tale


8.جاھاننى زىلزىلگە سالغان قوغلاپ تۇتۇش  Drive Har

2012 ئەر باش رولچىنىڭ كۆرۇرمەنلەرنى ئەپسۇسلاندۇرغان بىر زىرىكىشلىك فىلىمى.

7.Atlas Shrugged Part III Who is John Galt

دۇنيادىكى ئەڭ غەلبە قىلالمىغان ھۆججەتلىك فىلىم

6.غەرىپتىكى يۇزمىڭ تۇرلۇك ئۆلىۋېلش ئۇسۇلى


5.ئەگەر ئامىرېكا مەۋجۇت بولمىسا America: Imagine the World Without Her


4.ئۆمۇچۇك پالۋان2


3.بەخىت ئىزدۇگۇچى ھىكتور


2.قىساسكار مۇڭگۇز باش

خارى پوتىرنىڭ كۆرۇرمەنلەرنى ئەپسۇسلاندۇرغان فىلىمى.ۋەقەلىكى چىچىلاڭغۇ فىلىم كۆرنىشى ياخشى لىكىن سىنارىس ناچار .

1.قىيامەتتىكى  يولدىن ئىزىقىش.

بۇ يىلقى كۆرۇرمەنلەرنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغان فىلىم ،بەلكىم نىكولاس ناچار فىلىم پادىشاھى دىگەن سۆزگە ئەپسۇنلانغان ئوخشايدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:05:13

بىردىن-بىردىن ئىزدەپ تېپىپ كۆرىپ باقاي !{:92:}

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:21:30

مەن بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلغان «قىيامەت كۈنىدىكى ئېزىش» فىلىمىنى كۆرۈپ شۇنداق ئەپسۇسلانغان ئىدىم .
يېقىندا، ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى( bbc) 2014-يىللىق نادىر فىلىملەرنى تىزىپ چىقىپتىكەن، بىر نەچچىسىنى كۆرۈپ باقتىم، بولىدىكەن .
http://www.bbc.com/culture/story/20141219-the-10-best-films-of-2014
«بۇداپىشت مىھمانخانىسى»نى كۆرۈپ چۈشىنەلمىدىم . {:90:} ئاقلىم تايىنلىق ئوخشايدۇ .. :lol

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 11:30:28

خېلى ياخشى فىلەملەرمۇ ناچار بوپ قاپتىغۇ بۇنى نىمىگە ئاساسەن تىزىپ چىققاندۇ؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:20:11

نگۇلاس كەيجى ناچار فىلىم شاھى ما
؟:lol

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 12:29:35

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 11:21 static/image/common/back.gif
مەن بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلغان «قىيامەت كۈنىدىكى ئېزىش» ...


     چۇشەنمىگەن ئادەم ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆسىڭىز بومامتا قالاڭ،،ئۆزىڭىزنى كەمسىتىپ ئولتاماي:lol

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 13:07:37

نىگۇلاسنىڭ فىلىملىرى خېلى ياخشى ئالقىشقا ئىرىشكەن دەپ ئويلايمەن ، قانداق بۇلۇپ ناچار فىلىم شاھى بۇلۇپ  باھالاندىكىن،

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 13:40:43

ئاۋۇ ئۆزگىرىشچان ۋاجىرا دىگەن فىلىمنى ئالدىنقى قېتىم مۇنەۋۋەر 10 فىلىم ئىچىدە كۆرگەندەك قىلغان ئىدىمغۇ

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 14:06:32

ئىۋۇ 1-گە  تىزىلغان كىنونى چىداپ ئوتۇرۇپ كۆرىۋەتتىم،كاساپەت 1-بولۇشقا مۇناسىپ كىنوكەن ئۆزى

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 14:07:51

جۆرىسىزلەر ئارامگاھى ياخشى كىنو ھېي.
يۈز مىڭ خىل ئۆلۈش ئۇسۇلىمۇ پەيزىغۇ.
جىنايەت شەھىرىمۇ يامان ئەمەس،بىرىنچىسىگە يەتمىسىمۇ.

بېلەت كىرىمىگە ئاساسەن تىزغانمىدۇ بۇنى.
ئىشقىلىپ نىكولاس تۈگەشتى. «ئاخىرقى جەڭ»دەپ ما خەق بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن بىر كىنوسىنى قايسى كۈنى كۆرگەن، خۇدىژنىكلىقى ئالامەتكەن. بىراق فىلىم يەنىلا پاخپاخ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 15:34:23

perwazqil يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 13:07 static/image/common/back.gif
نىگۇلاسنىڭ فىلىملىرى خېلى ياخشى ئالقىشقا ئىرىشكەن دەپ ...

ئۇ ئىككى قىتىم ناچار فىلىم ئارتىسى بولۇپ مۇكاپاتلىنىپتىكەن شۇڭا ھەممە ئۇنى ناچار فىلىم پادىشاھى 烂片之王دەپ چاقىردىكەن.
ئەگەر شۇ خەتنى كىرگۇزسىڭىز بەيدۇ دەرھاللا نىكولاسنى چىقىرىپ بىرىدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 15:36:13

yiltizim يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 14:07 static/image/common/back.gif
جۆرىسىزلەر ئارامگاھى ياخشى كىنو ھېي.
يۈز مىڭ خىل ئۆلۈش ...

شۇنى دەڭە بۇ خەخ بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمنىڭ بىرسى بىر ئالقىشقا ئىرىشكىننى كۆرۇپ باقمىدىم بولمىسا خىلى داڭدار ئارتىسلار مۇ ئىشلەپ باقتى.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 15:39:48

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 11:21 static/image/common/back.gif
مەن بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلغان «قىيامەت كۈنىدىكى ئېزىش» ...

داڭلاپ كەتسە مەنمۇ كۆرۇپتىمەن لىكىن قىلچە چۇشەنمەي ئۆچۇرۋەتتىم يىرىمىگە كەلگەندە.

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 15:48:31

نىكولاسقا بەك ئۇۋال بوپتۇغۇ.......راس گەپ قىلسام مەن ئۇنىڭ خىلى كۆپ فىلىملىرنى ياختۇرمەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 15:48:52

نىگۇلاس كەيج ھەقىقەتەن تۈگەشتى . ئىلگىرى  ھوللىيۋودنىڭ  ناچار كىنو باھالاش پائالىيەتلىرىدە سىتاللونمۇ ئېرىشكەن بۇنداق شەرەپكە...
ئىسىمدە قىلىشىچە مەخسۇش شۇنداق بىر كىنوباھالاش ھەيئىتى بار  ھوللىيۋودتا ، ئوسكارنىڭ ئۆكتىچىسى . ئۇلارنىڭمۇ ئۆزئالدىغا ئۆلچەم - قاراشلىرى بارئىكەن، شۇڭا بۇ تېزىملىكتىكى بارچە كىنو بىزنىڭ نورمال ئۆلچىمىمىز بويىچە ئۇنچە ناچار ئەمەس، بەلكى بەزىلىرى خىلىلا نوچى كىنولار

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 17:22:24

2015يىلى مىنىڭچە زىيارەت دىگەن فىلىم ناچار فىلىم بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .
فىلىم ۋەقەلىكىنى بەكلا ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىپتۇ،
خۇددىي كىم بودەكنى ئۆلتۇرۇپ چاۋشەننى يۇتۋالغۇس باردەكلا ئامرىكىنىڭ .
ھىچ بولمىسا چاۋشىيەن ئامرىكىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۇشەنگەن ئۆز ئارا ئىتپاقلاشقان دوستانە كەيپىياتتا ئىشلىگەن بولسىمۇ ھىچنىمە بولماس ئىدى.

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 17:57:55

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 17:22 static/image/common/back.gif
2015يىلى مىنىڭچە زىيارەت دىگەن فىلىم ناچار فىلىم بولۇپ ق ...

سىز دېگەن بۇ فىلىمنى قويۇشقا نارازىلىق بىلدۈردى دەۋاتاتتى يەنىلا قويىۋەرگەنمىدۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 18:22:29

ئۆلچەمنى بەك يۇقىرى قويغان ئەھۋالدىكى ناچار فىلىملەركەندە بۇلار.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 18:23:14

arkan2011 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 17:57 static/image/common/back.gif
سىز دېگەن بۇ فىلىمنى قويۇشقا نارازىلىق بىلدۈردى دەۋا ...

ھازىر قويغان توغرۇلۇق خەۋەر يوق بەلكىم يۇشۇرۇن قويىۋاتقاندۇ،
لىكىن فىلىمنىڭ قوللىغۇچىلىرى بەك كۆپ imdb دەرجىسى ئورگان بىتىدە 9.9 جۇڭگۇدا 9.8كەن .
بەلكىم مۇشۇنداق مەدەت بىرىپ فىلىمنى قوللاۋاتقان بولىشى مۇمكىن.باشقىلارنىڭ باھاسىنى كۆرۇپ ھىس قىلدىم.
كىم بودەكنىڭ رەقىپلىرى ئاز ئەمەسكەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 18:25:02

دىمەك 20 كىنو ياخشى فىلىم بولسا 20 كىنو ناچار فىلىم بولسا  قالغانلىرى ناچارمۇ بولالمىغان بولامدۇ
بەت: [1] 2 3
: 2014-يىلى تاللاپ چىقىلغان20ناچار فىلىم