ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 12-22
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-22 17:48ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1222.5 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1224.4 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1183.81 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1196.1 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 89.65 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1199 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 2% تۆۋەنلەپ 1200 دوللاردىكى ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىغان ، كۈمۈش باھاسى 6% تۆۋەنلىگەن . ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى قوزغاتقان . ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرى مەيدانغا چىقىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىلى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پارلامېنت ھەپتىلىكى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، بۇ ھەپتە روژدېستۋو بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ ، بازاردا مۇھىم بولغان ئىقتىساد خەۋەرلەر ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن ئاز ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تىنىچ بولىشى مۇمكىن . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان چىكاگو فېدېراتسىيە مەملىكەتلىك پائالىيەت كۆرسەتكۈچى ۋە پۈتكەن ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . بۇندىن باشقا ياۋرو رايونىنىڭ 12 - ئايلىق ئىستېمال ئىشەنچ كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ، بۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى تار ئاساستا تەۋرىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1199-1193.86 دوللار ئارىقىدا بۇلۇپ تەۋرىنىشى ئاجىز بولىدى ، ئاسىيا بازىرىدا ئاۋاپ كۈزىتىپ 1205 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1195-1193 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
2. چۈشلۈك ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1200-1205 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ئەگەر 1205 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1210-1208 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
3. بىر كۈن ئىچىدە 1210 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ ، ئەگەر بۇ ھەپتە ئىچىدە 1210 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1215-1225 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . بىر كۈن ئىچىدە 1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1185-1178 دوللارغىچە چۈشۈدۇ .
4.ئامىرىكا روۋىستىۋا بايرىمىدىن بۇرۇن دوللارنىڭ قىممتى يۇقىرى باھاسىنى ساقلاپ قالىدۇ ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ دىگەن بۇ ئەسكەرتىشنى دەپ كىلىۋاتلىقى بىر ئايدىن ئاشتى ، بۇ روۋىستىۋا بايرىمىغمۇ ئاز قالدى ، چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ خەلىقئارادىكى سودا بازىرى دەم ئىلىشقا باشلايدۇ شۇڭا بۇ ھەپتنى بۇ يىللقى ئەڭ ئاخىرقى سودا ھەپتىسى دىيىشكىمۇ بولىدۇ ، شۇڭا سودا قىلغاندا ئىھتىيات قىلىشىمىز زۆرۈر .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1205 ،1210
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190 ،1180
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1185-1210
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1210
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 89.60 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1195 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى . ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە قارارى ۋە رۇسىيە ئىقتىساد ئەنسىزلىكى تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى 1180-1220 دوللار ئەتراپىدا چوڭ ئاساستا تەۋرەنگەن . 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پارلامېنت ھەپتىلىكى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، بۇ ھەپتە روژدېستۋو بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ ، بازاردا مۇھىم بولغان ئىقتىساد خەۋەرلەر ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن ئاز ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تىنىچ بولىشى مۇمكىن . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان چىكاگو فېدېراتسىيە مەملىكەتلىك پائالىيەت كۆرسەتكۈچى ۋە پۈتكەن ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . بۇندىن باشقا ياۋرو رايونىنىڭ 12 - ئايلىق ئىستېمال ئىشەنچ كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ . بۇ سانلىق مەلۇمات ياۋرونىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا ۋاسىتىلىك ھالدا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
پۇل قىسلىقى كرىزىسى ئەھۋالىدا ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش
ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتە يەنىلا تۆۋەن ھالەتنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ، دوللار ھالىتىنىڭ كۈچلۈك بولىشى ئالتۇنغا تەبىئىيلا بېسىم ئېلىپ كەلدى ، ئالتۇن بىلەن دوللار تەتۈر تاناسىپ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ . باشقىچە ئيېتقاندا ، ئەگەردە دوللار ئىپادىسى ئاجىز بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن . بۇندىن باشقا ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلھ بولسا پۇل پاخاللىشىش ئەھۋالى .
پۇل قىسلىقى كۆرۈلسە ، كىشىلەر پۇلغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، پۇل قىسلىقى يۈز بەرسە ئىقتىسادنىڭ كونتروللۇقنى يوقاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن پۇلغا بولغان ئىشەنچ تەبىئىيلا يوقىلىدۇ . بۇخىل ئەھۋالدا ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ .
ئالتۇن بازىرىدىكى بىر ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر
12 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە غەرب ئەللىرى روژدېستۋو بايرىمى دەم ئېلىش كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ ، بازار سودا ئەھۋالى سۇس بولىدۇ دەپ مۆلچەرلەندى ، بىراق سانلىق مەلۇمات جەھەتتە يەنىلا ئامېرىكا ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، بۇندىن باشقا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى پۇل پاخاللىشىش كۆرسەتكۈچ —— PCE مال باھا كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ . ئاساسلىق بانكىلار دەم ئالىدۇ ، پەقەت ياپونىيە مەركىزى بانكا (BOJ) 11 - ئايلىق سىياسى يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ . 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گرېتسىيە 2 - ئايلانما زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ .
دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاساسلىق ئۇچۇر : گرېتسىيىنىڭ 2 - ئايلانما زۇڭتۇڭ سايلىمى .
سەيشەنبە كۈنىدىكى ئاساسلىق ئۇچۇر : ئامېرىكا GDP ئاخىرقى قىممەت ۋە ئامېرىكا PCE كۆرسەتكۈچ .
چارشەنبە كۈنىدىكى ئاساسلىق ئۇچۇر : ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى .
پەيشەنبە كۈنىدىكى ئاساسلىق ئۇچۇر : ياپونىيە مەركىزى بانكا يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ .
جۈمە كۈنىدىكى ئاساسلىق ئۇچۇر : يوق
خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىدى
12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى 2009 - يىلى 3 - ئايدىكى يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى ، ياۋرو تۆۋەنلەپ يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى تەكشى ھالەتتە بولدى ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا ئۆرلەش تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى ؛ بۇ سودا كۈندە ئۆي - مۈلۈك بازىرى سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا پاي چېكى ۋە دوللار كۆرسەتكۈچى تەڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى تەكشى ھالەتتە بولدى ؛
سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى بازارنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلغان بولۇپ ، شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىدى .
دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى
12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 89.65 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 89.3715 ، ئوتتۇرچە باھاسى 89.50 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى -0.014% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 89.6105 بولۇپ ، 89.50 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 89.4713 ، سېتىلىش باھاسى 89.4809 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى89.5932 بولدى .
روژدېستۋو ھەپتىلىكىدە ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى قانداق بولىدۇ
خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا 1195 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى . ئالدىن ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە قارارى ۋە رۇسىيە ئىقتىساد ئەنسىزلىكى تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى 1180-1220 دوللار ئەتراپىدا چوڭ ئاساستا تەۋرەنگەن . 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پارلامېنت ھەپتىلىكى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، بۇ ھەپتە روژدېستۋو بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ ، بازاردا مۇھىم بولغان ئىقتىساد خەۋەرلەر ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن ئاز ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تىنىچ بولىشى مۇمكىن .
MC Markets نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بازار تەھلىلچى Colin Cieszynski كۆرسەتمە بېرىپ ، ئالتۇن بازىرىغا قارىغاندا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدا مۇقىم تۇرغان بۇ سەۋىيىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن ، بەلكىم يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن ئىككى ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن .
ElliotWavTrader.net نىڭ مۇستەقىل سودا ئەزاسى Avi Gilburt كۆرسەتمە بەرگىنىدە ، ئۇ سودا بازار بايرام مەزگىلىدە سۇس بولىشى ناتايىن دەپ قارىغان ھەمدە ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە ، 12 - ئاي كىرىپ ھازىرغىچە ھىندىستاننىڭ ئومۇمىي ئالتۇن ئىمپورتى 15 توننا ئەتراپىدا بولغان ، بولۇپمۇ بىرىنچى ھەپتىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتى 80:20 دىكى قائىدىسىنى بىكار قىلغان شۇھەپتە ، ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورتى تامامەن توختاپ قالغان .
SPDR ئالتۇن ETF ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى 2.99 توننا كۆپەيگەن ، ئومۇمىي زاپىسى 724.55 توننا بولغان .
مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
نىفىت باھاسىنىڭ تۈۋەنلىشىدىن خۇشال بۇلىۋاتساق يەنە ئۆسەپتۇدە.
بەت:
[1]