ئوباما قىرىمغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-22 12:02ئوباما قىرىمغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلىدى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 22-12-2014
12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما قىرىمغا نىسبەتەن مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا رۇسىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان يېرىم ئارال رايونىغا جازا تەدبىرى قوللاندى.
ئوباما 12-ئاينىڭ 19-كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويغان بولۇپ، قىرىمغا نىسبەتەن ياۋروپانىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ئىقتىساد چەكلەش ۋاسىتىسىغا ئوخشىغان تەدبىرنى قوللاندى. بۇيرۇقتا ئامېرىكا كارخانىلىرى ياكى شەخسلىرىنىڭ قىرىمدا مەبلەغ سېلىشى چەكلەنگەن؛ ئامېرىكىلىقلار ياكى كارخانىلار قىرىمدا ئۆي ياكى كارخانا سېتىۋالسا بولمايدۇ، شۇنداقلا قىرىم رايونىدىكى كارخانىلارغا مەبلەغ ئۇيۇشتۇرسا بولمايدۇ.
ئوباما 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يەنە بىر پارچە قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، رۇسىيەگە نىسبەتەن يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىگە ھوقۇق بەرگەن، لېكىن ئۇ يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ماسلاشمىغان ئەھۋالدا، ۋاقتىنچە قانۇن لايىھەسىدە ھوقۇق بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلمەيدۇ، دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم بولغانلىقى سەۋەبىدىن، قىرىمنى جازالاش تەدبىرلىرى ناھايىتى تېزلا ئەمەلىيلىشىدۇ.
ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
تور بەت ۋە ئەپتىكى بارلىق ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر ئاۋازلىق ئوقۇلىدۇ!
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(سىغىمى: ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB ):
ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز، بار كەلگۈلۈك شۇ يەردىكى يەرلىك خەلققە بولىدۇ. قىرىمدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى رۇسلار ياكى رۇسپەرەسلەركەن
دونتېسىك ۋە لۇگانسېك ئاھالىلىرى رۇسىيەگە ئامراق بولغاندىن ئاكىسىنىڭ دەردىنى تارتىشىپ بەرسە بولىدۇ ئەمدى ما تىمىدا ھەققانىۋىچ يوق قىزماپتۇ :lol9 خەپشۇك !! كۇرمىگەن گەپ :lol بۈگۈنكى خەۋەردە دىيىلىشىچە قىرىمدىكى بىر قىسىم ئامما قىرىمدىن كېتىشكە باشلاپتۇ. سەۋەبى مال باھاسى يۇقۇرى، توك ۋە گاز (ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان) دائىم توختاپ قالىدىكەن، ئۆينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپتۇ.....دىگەندەك بىر قاتار سەۋەبلەر بارمىش.
ئەسلى مەنبە:
http://mil.news.sina.com.cn/2014-12-22/1136815787.html ئاپلا، چاتاق بوپتۇغۇ قىرىم روسىيەگە.ئوڭچە قالارمۇ ئەمدى ........ apla يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 18:52 static/image/common/back.gif
بۈگۈنكى خەۋەردە دىيىلىشىچە قىرىمدىكى بىر قىسىم ئامما ...
ئەلدىن كەچكەن ئەر ئەمەس دىگەن ئۈگۈت نەسىھەتلىرى يوقكەندە بۇ قىرىملىقلارنىڭ.
بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھىسىياتى بىلەن بىر ئەل-يۆرتنى پارچىلاش ياخشى ئىش ئەمەستى ئەسلى.ھەققانىيىۋىچنىڭ دوستى پۇتىنجان ئەل باشىلىق مەرتىۋىسىدىن پايدىلىنىپ يۆرت پارچىلىدى، بۇ قىلمىشى شۇ يۆرتتىكلى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنسانچىلىق ئىشلىرى ۋە قىرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە كوپ قۇلايسىزلىقلارنى ئىلىپ كەلدى. ئەمىلىيەتتە قىرىمدىن كىتىۋاتقانلار يەرلىك قىرىمقىلار ئەمەس ، كۆپىنىچىسى رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ، سىتالىن شۇنچە كۆپ تاتارلارنى قىرىمدىن باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلغان ، لىكىن تاتارلار ئۇ يەردىن ۋاز كەچكەن ئەمەس ، ئوكرائىنانىڭ شەرقىدىمۇ ئەھۋال شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىكەن ، ب.د.ت نىڭ دوكىلاتىدا شەرقىي ئوكرائىنادىن ھازىرغىچە 800مىڭ كىشى مۇساپىر بولۇپ سىرتلارغا چىقىپ كەتكەن ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بولۇپ بىر قىسىمى قىرىمغا كەتكەن (ئەمدى ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇلارنى كېتىشكە مەجبۇر قىلىشى مۈمكىن ) ، كۆپ قىسىمى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يېراقلىقتىكى ئاھالىسى شالاڭ روسىيە يىراق شەرق رايۇنىغا ، ئۆي ، پۇل بېرىدىكەن دەپ كۆچۈپ كەتكەن . hutantawakkul يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 20:44 static/image/common/back.gif
ئاپلا، چاتاق بوپتۇغۇ قىرىم روسىيەگە.ئوڭچە قالارمۇ ئەم ...
قىرىمدىن كىتىۋاتقانلار رۇسلار.
تاتارلار كەتمەيدۇ قېرىندىشىم . راست،ھەققانىۋىچ پۇتىنىۋا يوققۇ. asad يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 21:15 static/image/common/back.gif
راست،ھەققانىۋىچ پۇتىنىۋا يوققۇ.
、ئالدىراش باشقا تىمىدا پۇتىن ئۇچۇن سۇزلەپ كالىدىن كەتكىلى تۇردى.:lol uzakyul يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 21:25 static/image/common/back.gif
、ئالدىراش باشقا تىمىدا پۇتىن ئۇچۇن سۇزلەپ كالىدىن كە ...
شۇنداق . ئۇ باشقا بىر تىمىدا ئۆزىدەك كاللىسىدىن كەتكەن بىرسىنى تېپىۋېلىپ خوش بولۇپ يۈرىيدۇ .;P بىراق ئۇنىڭ دوستى ھەش -پەش دىگۈچە مۇنبەر تۈرمىسىدە موما يەۋاتىدۇ ...
بەت:
[1]