appmahiri يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 10:43:56

ئۇيغۇرچە javascript ئۆگىنىش ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   appmahiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-22 10:46  

javascript بولسا ئىنتىرنىتتا ئەڭ مودا بولغان بىر قوليازما تىلى بولۇپ،بۇ ئاساسلىق توركۆرگۈچلەردە خىزمەت قىلىدۇ ،جۈملىدىن Ie ,Firefox.Safair chrome قاتارلىقلار,ئەلۋەتتە بۇيەردە بەك مۇرەككەپلەشۈرۋەتمەسلىك ئۈچۈن توركۆرگۈچتە قوللىنلىدۇ دەپ يازدىم ئەمما، بۇنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى تور كۆرگۈچ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ،بۇ تىل يەنە مۇلازىمىتىر تەرەپ پىروگىراممىسى ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدىغان بولۇپ ھەر تۈردىكى سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ،جۈملىدىن mysql,mongodb ،بۇ تىل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائى ئوچۇق كود سۇپىسى بولغان github دىمۇ ھەرئايلىق داڭلىق تىللارنى باھالاشتا ئالدىنقى 10 تىلنىڭ ئىچىدىكى ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپلا قالماي يەنە داۋاملىق ئەڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ،بۇ تىل بىلەن بىز ھەرخىل مۇرەككەپ ھىسابلاش مەشغۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايمىز،جۈملىدىن نېرۋا سىستىمىسى ۋە ماشىنا تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىز بۇ تىل بىلەن پروگىرامما يېزىشنى باشلاشدىن بۇرۇن چوقۇم HTML / XHTML نى بىلىشىڭىز كېرەك ،js بەتتىكى ھەربىر ئىلىمىنتى باشقۇرۇش خۇسۇسىيتىغا ئىگە،دېمەكچىمەنكى javascript ئارقىلىق بەتتىكى ھەربىر dom ئېلىمىنىتنى خالىغانچە كونتىرول قىلالايسىز،dom دىمەكلىك document object model نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ سىز توركۆرگۈدە ئاچقان پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر بىكەت دەل مۇشۇ dom بىلەن تۈزۈلگەن ئېلىمىنتلاردىن ئىبارەت،شۇنداقلا بۇ تىل يانفۇن ۋە كومپيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىغا كىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ،جۈملىدىن كامىرا،مىكروفون،قاتتىق دىسكىدىكى ھۆججەت قاتارلىقلار.



مەقسەتكە كەلسەك بۇ قوللانمىنى يېزىشتىكى مەقسەت قانداقتۇر javascript نى يېڭىدىن باشلىغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش ئەمەس،بەلكى javascript دىكى دائىملىق خاتا چۈشەنچىلەر ۋە بىر قسىم مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى يېشىپ بىرىش،شۇڭلاشقا ئەگەر سىز javascript دىن ئاز تولا خەۋرىڭىز بولماي تۇرۇپ ،بۇ قوللانمىدىن پايدىلانماقچى بولسىڭىز كۆزلىگەن مەقستىڭىزگە ئىرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن،چۈنكى بۇ قوللانما javascript دىن ئوتتۇرھال سەۋىيەگە ئىگە بولغانلارغا ماس كىلىدۇ،بىشىدىن باشلىماقچى بولسىڭىز ئىنتىرنىتتىكى باشقا قوللانملارنى بىرقاتار كۆرۈڭ ۋە ئەمەلى سىناپ يىزىپ ئاساسى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭ،ئاندىن بۇ قوللانما سىزگە ،سىزJavascript دا ئۇچىرىغان بىشىڭىزنى قايدۇرغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا زور ياردىمى تىگىدۇ، iOS نۇسخىسىدىكى ئەپ دېتالى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن Android نۇسخىسىدىكى ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ:
ئۇيغۇرچە  javascript ئۆگىنىش ئەپ دېتالى

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 15:15:54

سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە غەيرىتىڭىزگە ئىنتايىن قايىلمەن، بىزگە سۇنغان ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت!{:112:}

appmahiri يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 19:13:48

President يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 15:15 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە غەيرىتىڭىزگە ئىنتايىن قايى ...

رەھمەت
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچە javascript ئۆگىنىش ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى