NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:52:37

22-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى


22-دىكابىر ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا ھەر ئونسىيەسى 1198 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ، ئالدىنقى ھەپتىدە ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ بۈركۈت تەرەپتىكىلەرگە مايىل بولغان يىغىن قارارى ۋە روسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن 1180-1220 ئەتراپىدا چوڭ تەۋرەندى. روجىستىۋا بايرىمىنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن بازاردىكى تەۋرىنىش پەسىيىشكە باشلىدى، لېكىن ھەپتە بېشىدا ئامرىكىنىڭ بىر قاتار ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىپ ئالتۇن بازىرىغا تەسىر ئېلىپ كىلىشىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ.
بۈگۈن گىرىتسىيە ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ سايلامنى كۈتىۋالىدۇ، بۇ ئىشنىڭ نامەلۇملىقى ياۋرۇ رايۇنىنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا بىۋاستە تەسرى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا ھۆكۈمەت قوللىغان نامزات ستەۋرىس دىماس 160 قۇللاش بېلىتىگە ئېرىشتى، لېكىن ئۇ 200 بېلەتكە ئېرىشكەندىلا بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا زوڭتۇڭ بۇلالايدۇ. ئەگەر بۇ قېتىملىق سايلامدىمۇ "ئوڭۇشسىزلىق" قا ئۇچۇرسا ئالتۇن بازىرى خەتەرلىق ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدا ئۆسۈشكە ئېرىشىشى مومكىن. كەچتە ئامرىكىنىڭ سېلىنىپ بولغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆرسەتكۈچىگە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر ئۇچۇر ياخشى چىقسا ئالتۇن باھاسىنى قىسقا مۇددەتلىك بىسىمغا ئۇچۇرىتىدۇ.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  

بۈگۈنكى تەھلىل
1207 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1212، نىشان 1202~1197
1186 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1181،نىشان 1191~1196
1217 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1222، نىشان 1212~1207
1160 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1155،نىشان 1165~1170
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  239   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.21  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 22-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى