huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:32:13

دەپتەر ھاشىيىسدىكى پۈتۈكلەر

ئۆتكۈر ھاشىموف
ئەڭ ئەقىللىق جانىۋار
دۇنيادا ئەڭ ئەقىللىق جانىۋار-بېلىق! بىرىنچىدىن، گاچا، ئىككىنچىدىن قۇيرۇقىنى توختىماستىن لىكىلدىتىدۇ!
ھەقىقەت
شۈنچىلىك شېرىنكى، تېتىپ كۆرگۈڭ كېلىدۇ. شۇنچىلىك ئاچچىقكى ، تىلىكىڭنى كۆيدۈرىدۇ.
قارلىغاچ
ئېتىبار قىلغان بولغىيدىڭىز، قارلىغاچلار پەيزى يوق، نائەھلى ئائىلىلەرگە ھېچقاچان ئۇۋا سالمايدۇ. گاھىدا قارلىغاچ ئادەمدىن ئەقىللىقراقمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ئايال قەلبى
ئايال قەلبى تەتۈر ماگنىتقا ئوخشايدۇ: يېقىنلاشساڭ ئۇزاقلىشىدۇ، ئۇزاقلاشساڭ يېقىنلىشىدۇ.
ھۇشيار بۇلۇڭ
ئايال سىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرسە ، ھۇشيار بۇلۇڭ، يالقۇنلۇق مۇھەببەت كۈندەشلىككە، كۈندەشلىك شۈبھىگە، شۈبھە مەنمەنچىلىككە، مەنمەنچىلىك بولسا دۈشمەنلىككە ئايلىنىشى مۇمكىن.
گۆدەك ھىدى
ئايال گۆدەك ھىدىنى تۈنجى بالىسى تۇغۇلغاندىلا ھېس قىلىدۇ. ئەر بولسا گۆدەك ھىدىنىڭ نېمىلىكىنى نەۋرىلىك بولغاندىن كېيىن چۈشىنىدۇ... بىز ئەرلەر دائىم كىچىكىپ يۈرىمىز.
ئازغۇن بەندىلەرگە
ئادەملەرگە ھەيرانمەن. ئاتا-ئانىلىرى تىرىكلىكىدە ئىككى ئېغىز تاتلىق سۆزنى بىكارغا ئېيتمايدۇ يۇ، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن مىڭ-مىڭلاپ پۇل سەرپ قىلىپ، شۇ سۆزلەرنى قەبرە تىشىغا يازدۇرۇپ قويىدۇ.
كۈلكە ۋە يىغا
كۈلۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم-بەختسىز ئادەم.
يىغلاشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئىككى ھەسسە بەختسىز ئادەم!
ماھىيەت ئاينىماس
ساپال تاۋىقىڭ سۇنسا، داد سال: داڭگالغا ئايلىنىدۇ. ئالتۇن قايچاڭ سۇنسا، پەرۋا قىلما: باھاسى چۈشمەيدۇ.
يۈك كۆتۈرگەن...
«يۈك كۆتۈرگەن ئادەم تۆرگە چىقىدۇ» دېيشىدۇ...ھە، چىقىدۇ، ئەلۋەتتە چىقىدۇ! پەقەت يۈك كۆتۈرگەننى يۆلەپ قويدىغان قول بولسا، بەس!
زۇلۇم
ئادەملەرنى قورقۇپ ياشاشقا مەجبۇرلايدىغان جەمئىيەت-زاۋاللىققا ئەڭ يۈزلەنگەن جەمئىيەتتۇر.
مۇناپىق
ئانىسىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ئادەم قوشنا موماينى ھۆرمەتلەيمەن دىسە ئىشەنمەيمەن. ئۆز خەلقنىڭ تىلى، مەدەنيىتى، تارىخىنى ھۆرمەتلىمىگەن ئادەم باشقا خەلقلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيتىنى، تارىخىنى ھۆرمەتلەيمەن دىسە ئىشەنمەيمەن.
ئىنكارچى
مىللەتچىلىك بەكمۇ خەۋپلىك ئىللەت. مىللىي ئىنكارچىلىق بولسا ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك. مىللەتچى قوشنىسىنى يامان كۆرىدۇ. مىللى ئىنكارچى بولسا ئۆزىنىمۇ يامان كۆرىدۇ.
ئازچىلىق ۋە كۆپچىلىك
«ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنىدۇ» يېقىملىق شۇئار! بەلەن شۇئار!
پەقەت... خۇدا ھەققى ، بىر نەرسىنى ھېچ چۈشىنەلمەيمەن: دۇنيادا دانالارغا قارىغاندا نادانلار، قابىلىيەتلىكلەرگە قارىغاندا قابىلىيەتسىزلەر ھەمىشە كۆپرەك بولىدىكەن. دېمەك...كەچۈرۈڭ... ئۇ يېقىغا ئەقلىم يەتمىدى...
خام سۈت ئەمگەن
ئادەم ئۈچ نەرسىنىڭ قەدرىنى كېچىكىپ بىلىدۇ: ياشلىق، ساقلىق ، تىنچلىق.
ئارال ۋە قىتئە
ئىنسانىيەت ئارال ئەمەس، قىتئە بولۇپ ياشاشنى ئۆگىنۋالغىنىدا ئىدى، كۆپ بالالارنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولار ئىدى.
ياخشىغا كۈن يوق
خەلقىمىز:« ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم» دەيدۇ. ھەق گەپ! يامانلار ياخشىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئۆزلىرىنىڭكىگە قوشۇۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۇزاق ياشايدۇ.
چۈش
بېشىمغا تەشۋىش چۈشسە، بىر نەرسىدىن قاتتىق سىقىلسام ئانام چۈشۈمگە كىرىدۇ. خۇشال چاغلاردا بولسا ، خالىساممۇ نە ئانامنى، نە ئاتامنى چۈشۈمدە كۆرەلمەيمەن... قىزىق....
بۇرۇچ
بۇلبۇل چېغىدا بالا چىقارغىنىدىن كېيىن سايراشنى بەس قىلىپ، بالىلىرىغا يەم توشۇيدۇ.
سىناق
بىر ئىشنى كۆپ كۆزەتتىم ئانا غىزاغا ئولتۇرغان ھامان بوۋاق يىغلاشقا باشلايدۇ. ياشانغانلار بۇ چاغدا بالىنى شەيتان چىمدايدۇ، دىيىشىدۇ. بىلمىدىم...خۇدايىم كەچۈرگەيكى، مېنىڭچە گەپ شەيتاندا ئەمەس، بۇ تەڭرىنىڭ ئانا مېھرىنى سىناش ئۇسۇللىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك.
شام يانمىسا
ئەر بىلەن ئايال مۇناسىۋىتىدە ئەيىبنى نوقۇل ئەردىن ئىزدەش ئىنساپتىن ئەمەس. شام يانمىسا پەرۋانە يېقىن كەلمەيدۇ.
قىرىق جان
خوتۇن كىشنىڭ جېنى قىرىق بولىدۇ، دېسە ئەجەبلەنمەڭ. چۈنكى ئۇ بىر جاننى ئۆزىگە ئىلىپ قېلىپ ئوتتۇز توققۇزنى بالىلىرىغا بېرىدۇ...
يوقچىلىق ۋە توقچىلىق
بىر نەرسىنى ھېچ چۈشەنمەيمەن: كىتاب ئوقۇيدىغانلاردا پۇل يوق، پۇلى كۆپلەر كىتاب ئوقۇمايدۇ.

«شىنجاڭ مەدەنيىتى» 1999-يىلى 2-3-سان

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 10:14:13

ئارال ۋە قىتئە
ئىنسانىيەت ئارال ئەمەس، قىتئە بولۇپ ياشاشنى ئۆگىنۋالغىنىدا ئىدى، كۆپ بالالارنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولار ئىدى.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 11:25:25

ئادەملەرنى قورقۇپ ياشاشقا مەجبۇرلايدىغان جەمئىيەت-زاۋاللىققا ئەڭ يۈزلەنگەن جەمئىيەتتۇر.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 14:48:50

ئۆتكۈر ھاشىموفنىڭ ماڭا ئەڭ يارايدىغان بىرقانچە بايانى بار:
ئادەم بۇ ئۆمرىدە ھەممە نەرسىگە تويىدۇ: مال- دۇنياغا، ئاش- تاماق، كىيىم- كېچەككە... ھەتتاكى ھاياتقىمۇ ھەم. ھىچكىم بىر ئۆمۈر ياشاپمۇ تويمايدىغان بىرلا نەرسە باركى، ئۇ- مېھرىبانلىق. بىر ئېغىز تاتلىق سۆز، بىر دەقىقىلىك ئىللىق تەبەسسۇم، خەيرخاھلىق قىلغانغا ھىچكىمنىڭ بىرنىمىسى كەملەپ كەتمەيدۇ. لېكىن بىز مۇشۇنىڭغا كەلگەندە پىخسىقلىق قىلىمىز.

ئىلگىرى بلوگ ئويناپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا بىلوگىمغا تۇنجى بولۇپ مۇشۇ ئەسەرنى چىقارغانتىم.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 15:44:14

ئۆتكۈر ھاشىموف كىمۇ بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار؟
ئەسەرلىرىنى بولسا جىق يوللىساڭلار

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 21:58:53

ئىسىل يازمىلار ئىكەن. بۇلۇپمۇ بۇ پارچىسى ماڭا بەك ياقتى:
پەقەت... خۇدا ھەققى ، بىر نەرسىنى ھېچ چۈشىنەلمەيمەن: دۇنيادا دانالارغا قارىغاندا نادانلار، قابىلىيەتلىكلەرگە قارىغاندا قابىلىيەتسىزلەر ھەمىشە كۆپرەك بولىدىكەن. دېمەك...كەچۈرۈڭ... ئۇ يېقىغا ئەقلىم يەتمىدى...

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 07:07:21

بىر ئىشنى كۆپ كۆزەتتىم ئانا غىزاغا ئولتۇرغان ھامان بوۋاق يىغلاشقا باشلايدۇ. ياشانغانلار بۇ چاغدا بالىنى شەيتان چىمدايدۇ، دىيىشىدۇ. بىلمىدىم...خۇدايىم كەچۈرگەيكى، مېنىڭچە گەپ شەيتاندا ئەمەس، بۇ تەڭرىنىڭ ئانا مېھرىنى سىناش ئۇسۇللىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك
ئەپسۇس بىر قىسىم كىشىلەر بۇ سىناقتىن ئۇتەلمەيدۇ

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 07:53:02

ئادەملەرنى قورقۇپ ياشاشقا مەجبۇرلايدىغان جەمئىيەت-زاۋاللىققا ئەڭ يۈزلەنگەن جەمئىيەتتۇر.   
بەت: [1]
: دەپتەر ھاشىيىسدىكى پۈتۈكلەر